توي قىلغان كۈنۈم ئازادجان ئىبراھىم
كۆرەلمەس دۈشمەنلىرىم ئوسال بولۇپ، ئەزىز دوستلار ئاجايىپ خوشال بولۇپ، ياخشىلىقتىن كۆپچىلىك خۇرسەن بولۇپ، قىزغىن ساما سالغان ئىدى توي قىلغان كۈنۈم. مۇبارەكلەپ قۇتلۇق كۈننى قارشى ئېلىپ، ناخشا ئېيىتىپ ئۇسۇل ئويناپ سازلار چېلىپ، كۆڭۈل ئىزدەپ ئۇزۇن-ئۇزۇن يوللار مېڭىپ، دوستلىرىم كەلگەن ئىدى توي قىلغان كۈنۈم. ئاتا-ئانام،ئۇرۇقتۇققان قېرىنداشلىرىم، ئەل- جامائەت، قۇلۇم- قوشنا يۇرتداشلىرىم، ئەل-ئاغىنەم، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرىم، نەغمە –ناۋا قىلغان ئىدى توي قىلغان كۈنۈم. ھۆسۈن قوشۇپ مېنىڭ شۇ قۇتلۇق كۈنۈمگە، جۆر بولۇپ مۇڭلار قېتىپ شادلىق كۈيۈمگە، ھەر تەرەپتىن يىغىلىپ ئاۋام ئۆيۈمگە، ئىخلاسىنى بەرگەن ئىدى توي قىلغان كۈنۈم.
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17كۈنى ئۈرۈمچى |