تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1394|ئىنكاس: 5

مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئال...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

ئەگەشكۈچى

276

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
117
مۇنبەر پۇلى
134
ئىشەنىچ
117
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 13:06:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ؟

  ھەمىمىزگە مەلۇم،ھەر يىلىنىڭ 5-ئېيى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى پۇخرالارغا قارىتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىى يادىرو قىلىنىپ،مىللەت نەزىريەسىنى ئۈگۈنىش،مىللىي سىياسەتنى ئىگىلەش،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا دائېر ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغداش جاۋاپكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەربىيەنى كۆرسىتىدۇ.
  مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىن مەقسەت- مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغداش،ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش،باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغان،ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈنىدىغان،ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ،«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى»نىڭ 23-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1)ماركىسىزملىق دۆلەت قارىشى،مىللەت قارىشى،دىن قارىشى،تارىخىي قارىشى،مەدىنىيەت قارىشى تەربىيەسى؛
(2)دۆلەت ئېڭى،پۇقرالىق ئېڭى،قانۇن ئېڭى ۋە جوڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭى تەربىيەسى؛
(3)ۋەتەنپەرۋەرلىك،كوللېكتىۋىزم،سوتسىيالىزم تەربىيەسى؛
(4)پارتىيەنىڭ مىللەت نەزىرىيەسى،مىللىي سىياسىتى،دىن سىياسىتى،دۆلەتنىڭ مىللىي تېرتۇرىيەلىك ئاپتۇنۇمىيە تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا دائىر تەربىيە؛
(5)ئۇلۇغ ۋەتەننى،جوڭخۇا مىللەتلىرىنى،جوڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جوڭگوچە سوتسىيالىزم يۇلىنى تونۇش تەربىيەسى؛
(6)مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى،ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا دائىر تەربىيە؛
(7)شىنجاڭ تارىخى،مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى،دىننىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش تارىخىغا دائىر تەربىيە؛
(8)ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش،مىللىي بۆلگۈنچىلىككە،دىن ئەسەبىيلىرىگە،زوراۋان تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى؛
(9)مىللەتلەرنىڭ ئۆرۇپ-ئادىتىگە  ھۆرمەت قىلىش تەربىيەسى؛
(10)مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلار.
  مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا،ئۈنۈمگە ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىپ،ئەمىلىيەتكە،تۇمۇشقا،ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇپ،ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش بىلەن ئىلغار روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان ماقالە يېزىش،زېھنى سىناش مۇسابىقىسى،دوكلات يىغىنى،نوتۇق يىغىنى،سۆھبەت يىغىنى،سۈرەت كۆرگەزمىسى،تام گېزىتى،ئەدەبىيات-سەنئەت نومىرى،مەخسۇس كونسۇلتاتسىيە قاتارلىق شەكىللەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە،رادىئو-تىلىۋىزىيە،ئالاقە تورى،يىراقتىن ئوقۇتۇش،ئېلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ،تەبىيەنىڭ جەلىپ قىلىش،تەسىرلەندۈرۈش ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
   خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مەمەتئېيسا سۇلايمان

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
22
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 16:22:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن.
مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىن مەقسەت- مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغداش،ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش،باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغان،ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈنىدىغان،ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت

14

تېما

2

ئەگەشكۈچى

276

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
117
مۇنبەر پۇلى
134
ئىشەنىچ
117
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 12:34:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
weliyop يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 16:22
ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن.
مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەرب ...

سىزگە كۆپ رەخمەت،مۇ مەزمۇندا يەنە بىر تىمىنى بۈگۈن يوللۇدۇم،ئەگەر تەسدىقلىنىپ قالسا كۈرۈپ بېقىپ،قىممەتلىك تەكلىۋىڭىزنى بىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن

باھا سۆز

sertlan شىنجاڭ گىزىتىگە ئەۋىتىپ بىرىڭ  يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 15:03

14

تېما

2

ئەگەشكۈچى

276

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
117
مۇنبەر پۇلى
134
ئىشەنىچ
117
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 16:38:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1989514637 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 12:34
سىزگە كۆپ رەخمەت،مۇ مەزمۇندا يەنە بىر تىمىنى بۈگۈن يو ...

مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى،ئىتىپاقلىق ئارقىلىق مۇقۇملۇقنى،مۇقۇملۇق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى!

14

تېما

2

ئەگەشكۈچى

276

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
117
مۇنبەر پۇلى
134
ئىشەنىچ
117
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 18:36:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1989514637 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 16:38
مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى،ئىتىپا ...

«ئۇيغۇر» نىڭ مەناسى _ ئۇيۇشماق، ئىتىپاقلاشماق،ئۆز-ئارا ئىتىپاق بولماي تۇرۇپ،باشقىلار بىلەن ئىتىپاقلاشماق تېخىمۇ تەس!!!

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

659

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
270
مۇنبەر پۇلى
389
ئىشەنىچ
270
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 20:53:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش  كىرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 14:34, Processed in 0.108024 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش