«دۇنيا ئىسسىز كۈنى»نىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟
بۇ يىل5-ئانىڭ31-كۈنى 27-قېتىملىق«دۇنيا ئىسسىز كۈنى».كۆك تاماكا جەنۇبىي ئامرىكا قىتئەسىدە ئۈسىدىغان بىر خىل ياۋا ئۈسۈملۈك بولۇپ،ئەڭ دەسلەپتە ئىدىيانلار تاماكا غازىڭىنى چاينىغان ياكى يۆگەپ كۆيدۈرۈپ چەككەن. كۆك تاماكا پۈتكۈل يەرشارىغا كەڭ تارقالغىلى 200يىلدىن ئاشقان بولۇپ،20-ئەسىرگە كەلگەندە،ئىنسانىيەت ئاندىن تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى تۇنۇپ يەتكەن بولسىمۇ،ئەمما نامراتلىق كۈپىيىشى،ئوت ئاپىتى ۋە موھىت بۇلغاش قاتارلىق ئىزتىمائىي ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان تەرىپىنى تاھازىرغىچە تولۇق تۇنۇپ يەتكىنى يوق. 20 -ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇيان يەر شارى مىقياسىدا كۆپ كۈرۈلىۋاتقان كېسەللىكلەر تەتقىقاتى تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىلى ئىكەلىكىنى ئىسپاتلىدى. 1977-يىلى ئامرىكا ئۆسمە كېسەللىكلەر جەمئيىتى ئەڭ ئاۋال تاماكا چېكىشنى چەكلەشنىڭ بىر خىل تەشۋىقات تەربىيە ئۇسۇلى ـ« ئىسسىز كۈن»نى ئوتۇرۇغا قويغان.بۇ كۈنى پۈتكۈل ئامرىكا تەۋەسىدە «تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق»دىگەننى تەشۋىق قىلىپ،بەڭگىلەرنى شۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكە،ماگزىنلارنىڭ تاماكا مەسۇلارلىرىنى سېتىشنى توختۇتۇشقا نەسىھەت قېلغان.شۇنىڭ بىلەن ئامرىكا ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 3-ھەپتىسىنىڭ تۆتىنچى كۈنى( پەيشەنبە) نى مەزكۇر دۆلەتنىڭ«ئىسسىز كۈن»نى قىلىپ بېكىتكەن.ئارقىدىنلا ئەنگىلىيە،مالايشىيا،شاڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلارمۇ ئوخشاشلا شۇ كۈننى«ئىسسىز كۈن» قېلىپ بىكىتكەن. خەلقارا جەميەتنىڭ تاماكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە كەلتۈرۈدىغان زىيىنىغا بولغان دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن،دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى 1987-يىلى11-ئايدا ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىنى«دۇنيا ئىسسىز كۈنى» قىلىپ بىكىتىشكە تەكلىپ بەردى ھەم1988-يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىندى.بىراق بۇ كۈنى دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى قۇرۇلغان خاتىرە كۈن بولۇپ،ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى سالامەتلىكنى ئاسراشقا ئائىت بىر تۈرلۈك ئاساسىي تېمىنى ئوتۇرۇغا قويۇشى كېرەك بولغاچقا 1989-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 5-ئانىڭ31-كۈنىنى«دۇنيا ئىسسىز كۈنى»قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى، جوڭگۇمۇ بۇ كۈننى جوڭگۇنىڭ«ئىسسىز كۈن»نى قىلىپ بېكىتتى. 2003-يىلنغا كەلگەندە تاماكا مەسىلىسى يەنىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايۇننىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، شۇ يىلى5-ئاينىڭ 21-كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان دۇنيا سەھيە يىغىنىدا، دۇنيا سەھيە تەشكىلاتىغا ئەزا 192دۆلەت بىردەك 1-قېتىم پۈتۈن يەرشارى خارەكتىرلىك تاماكا چەكلەش ئەھدىنامىسىنى ماقۇللىدى. ماتىرياللارغا ئاساسلاغاندا، دۇنيادا تاماكا چېكىدىغانلار بىر مىليارت 100مىليۇندىن كۆپرەك بولۇپ،بۇلارنىڭ%75تى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىكەن،جوڭگودا بولسا 350مىليوندىن ئوشۇق كىشى تاماكا چېكىدىكەن،بەڭگىلەرنىڭ تاماكا سېتىۋېلىشقا سەرىپ قىلغان چىقىمى ئوزۇقلۇق ۋە مائارىپ(تەربىيەلەش)قا سەرىپ قىلغان چىقىمىدىن يوقىرى بولۇپ،ئائىيلىنىڭ چەكلىك ئىختىزادى بايلىقىنى ئىستىراپ قىلىۋېتىدىكەن. تاماكا چېكىدىغانلار بارغانچە ئاياللىشىش ۋە ياشلىشىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ،2025-يىلىغا بارغاندا دۇنيا بويىچە 1 مىليارت 300مىليوندىن 1 مىليارت 700مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھازىر يىلىغا 5مىليوندەك كىشى تاماكا چىكىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەل بىلەن ئۈلۈپ كېتىدىكەن،بىر تال تاماكىدىن ئايرىۋېلىنغان نىكوتىن بىر چاشقاننى ئۆلتۈرەلەيدىكەن.ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش نىسپنىتى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 10~ 20ھەسسە، كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بۇلۇش نىسپنىتى6~ 10ھەسسە،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسپنىتى2~ 3ھەسسە،قان ئايلىنىش سېستىمىسى كېسىلىگە گېرىپتار بۇلۇش نىسپنىتى 3ھەسسە،كاناي كېسەللىرىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسپنىتى2~8 ھەسسە يوقىرى بولۇپ،تاماكىنىڭ تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈدىغان ئىككىلەمچى تاماكا چەككۈچىلەرگە بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ،نۇرمال ئادەملەردىن6ھەسسە يوقىرى بولۇدىكەن.ئۇندىن باشقا،تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا ئۆسۈملۈكى تۇپراقنىڭ ئوزۇقلىقىنى خورۇتۇپ،ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن خېمىيەۋىي ئوغۇت ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورۇلىرى تۇپراق ۋە مۇھىيتنى ئېغىر دەرىيجىدە بۇلغايدىكەن،كېسىلگەن ئورمانىڭ%5 تى تاماكا ئۈسۈملىكىنى تېرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ھەر يىلى سەرىپ قېلىنغان داۋالاش راسخۇدى ۋە ئىختىزادىي زىيان200مىليون ئامرىكا دونلىرىدىن ئاشىدىكەن. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ%80تىن كۆپرەگى15~25ياشتا تاماكا چېكىشنى ئۈگەنگەن بولۇپ،دۇنيادا 700مىليۇندىن ئوشۇق بالا تاماكا ئىسىدىن بولغانغان موھىيتتا ياشايدىكەن،ياماكا چېكىدىغانلار ئېچىدە ياش-ئۆسمۈر بەڭگىلەر قوشۇنى تىز سۈرئەتتە زورايماقتا، بالىلار،ياشلار ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى،تاماكا چەكلەش پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.شوڭا بارلىق ئورۇن ۋە شەخىسلەر دۇنيا سەھيە تەشكىلاتى ۋە ئېلىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىشنى ئۈزىمىزدىن باشلاپ،بارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەي، « ئىس-تۈتەكسىز» مەكتەپ، « ئىس-تۈتەكسىز » دوختۇرخانا،« ئىس-تۈتەكسىز » ئورون، « ئىس-تۈتەكسىز » يېمەك-ئىچمەك سورۇنى، « ئىس-تۈتەكسىز» ئائىيلە بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى! جەمىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۈسۈپ-يېتىلىشىگە ھەقىيقى كۈڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ياخشى موھىيت يارىتىپ،ئۇلارنى تاماكىدىن تېخىمۇ يېراقلاشتۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن! خۇتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن : مەمەتئېيسا سۇلايمان تەييارلىغان |