قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنىڭ ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭغا بىرىلدىغان جازا توغرىسىدا قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى –جۆرىسى بار تۇرۇپ قوش نىكاھلىنىش ياكى باشقىلارنىڭ جۆرىسى بارلىغىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى تەرۇز قىلىش ئوبىكتى –دۆلىتىمىز نىڭ بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بۇلۇشتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك يېڭىچە نىكاھ تۈزۈمى .«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى نىكاھ قانۇنى»دا «دۆلىتىمىزدە بىر ئەر –بىر خوتۇنلۇق نىكاھلىنىش تۈزىمى يولغا قۇيۇلىدۇ،قوش نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ »دەپ ئىنىق بەلگۈلەنگەن .بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدۇكى،بىر ئەر-بىر خوتۇنلۇق بۇلۇش –دۆلىتىمىز نىكاھ قانۇنىنىڭ مۇھىم بىر ئاساسى پىرىنسىپى بۇلۇپ ،ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ جۆرىسىنىڭ بۇلۇشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.بۇ يەردە ئېيتلىۋاتقان نىكاھلىنىش –ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ،نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتۈنىشىنى كۆرسىتىدۇ ؛باشقىلار بىلەن زىنا قىلىش ،قانۇنسىز بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلار بولسا –سوتسىيالىستىك گۈزەل ئەخلاققا زىت قىلمىش بۇلۇپ ،نىكاھلانغانلىق ھىسابلانمايدۇ .جۆرىسى بار بولۇش –بىرىنچىدىن قانۇنلۇق جۆرىسى ئۆلمىگەن ياكى ئۆلگەنلىكى قانۇن بۇيىچە جاكارلانمىغان ؛ئىككىنچىدىن نىكاھ مۇناسىۋىتى قانۇندا بەلگۈلەنگەن تەرتىپ بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغان ،يەنى ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خەلىق ئشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ كىلىشىم بىلەن نىكاھتىن ئاجراشمىغان ياكى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ۋە ياكى ھۆكۈمى بىلەن نىكاھتىن ئاجراشمىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ .«تالاق»قىلىش ئارقىلىق –نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىغىلى شۇنداقلا نىكاھ ئۇقۇش ئارقىلىق قانۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئورناتقىلى بولمايدۇ.قوش نىكاھلىنىش مۇناسىۋىتى قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ،يەنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق جۆرىسى بار تۇرۇپ ياكى قارشى تەرەپنىڭ جۆرىسى بارلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ ،قارشى تەرەپ بىلەن نىكاھلانغان بۇلۇشى شەرت.ئەگەر بىر تەرەپنىڭ جۆرىسى يوق بۇلۇپ ،جۆرىسى بار تەرەپنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن ئالدىنىپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسا ،ئالدانغۇچى تەرەپنىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ ،ئۇنداق بولمىسا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قىلمىشىدىن قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى شەكىللىنىۋېرىدۇ .«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 258-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ،قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئىككى يىلدىن تۈۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدۇ، قانۇنسىز نىكاھ مۇناسىۋىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدۇ.دىىققەت قىلىشقا تىگىشلىق مەسىلە شۇكى،ئايال(قىز)نىڭ 14 ياشقا توشمىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا ياكى نىكاھ ئۇقۇتۇپ قانۇنسىز بىىرگە تۇرۇپ،ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكەزسە باسقۇنچىلىق جىنايىتى بۇيىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.مۇشۇ ئىشقا ئالاقىدارلار،يەنى نارىسىدە قىزلارنى توي قىلىشقا زورلىغان،ئالدىغان،توي خېتى بەرگەن،نىكاھ ئوقۇغانلارمۇ ئورتاق جاۋاپكار قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
خوتەن شەھەرلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مەمەتئېيسا سۇلايمان
|