- تىزىملاتقان
- 2014-6-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-4
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 9
- نادىر
- 0
- يازما
- 0

- تۆھپە
- 0
- مۇنبەر پۇلى
- 9
- ئىشەنىچ
- 0
| مەن بۇيىل 40 ياشقا يېقىنلىشىپ قالدىم، بىز ئۈرۈمچى نوپۇس، بۇندىن 28 يىل بۇرۇن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تاسادىپى قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ ئاچا-سىڭىل ئىككىمىز مېيىپ بولۇپ ئوقۇشتىن قالدۇق، كېيىن چوڭ بولۇپ توي قىلدۇق، ‹ئاچامنىڭ ئىككى بالىسى بار، يولدىشى ئىشسىز ، ئۆزى تازلىقتا ئىشلەيدۇ، مەن تېخىچە ئىشسىز،› تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە يۈرۈپ مېنىڭ ئىككى تىزىم‹لىپەك سۆڭەك›جەمئىي 9 قېتىم چىقىپ كەتتى. تولا داۋالىنىش سەۋەپلىك بىر بالامنىڭ دادىسىمۇ بالىنى ماڭا تاشلاپ بېرىپ كىتىپ قالدى. سۈرۈشتۈرۈپ بىلسەم ئەينى ۋاقىتتا ۋەقە چىقارغان ئورۇن، ‹ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-يىنىك سانائەت ئىدارىسى›چىتەي يولىدىن بىراقلا چىماسەنگە كۆچۈپ كىتىپتۇ،بۇ ئىشنى دەۋا قېرىماس دەپ ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپ بالامنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىتىم.بۇ يىل ئوغلۇم تولۇق ئوتتۇرنى تاماملىدى.يېقىندا ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ،مېنىڭ خىزمىتىم يوق،بۇرۇن كىچىك تىجارەت قىلاتتىم،ئاشخانىلاردا ئىشلەيتىم،ھازىر يىشىم چوڭايغانسىرى سالامەتلىگىم بۇنىڭغا يەر بەرمىدى.مىنىڭ يەنە قارايدىغان ياشىنىپ قالغان ئاپام بار،قولۇمدا مېيىپلىق كىنىشكىسى بار تۇرۇقلۇق،ھىچقانداق ئىتىبار سىياسەتتىن بەھرىمان بولالمىدىم،نەچچە قېتىم ئولتۇراق رايۇن ‹نوپۇس تەۋەلىگىمىزدە›ئىش بىجىرىش ئورنىغا كىرسەم مىنىڭ ساۋاتسىزلىقىم،مىيىپلىغىم خىزمەت قىلىشىمغا توسالغۇ بولدى،بۇرۇن ھادىسە چىقارغان ئۇرۇنمۇ بىزگە ئىگە بولمىدى.ئىزلەپمۇ كەلمىدى.ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ ئەرز قىلاي دىسەم بۇنىڭغا ئىختىسادىم ياربەرمەيدۇ،بالامنى ئوقۇشتىن توختۇتۇپ قويغۇم يوق،ئەمما ئىختىسادى قىيىنچىلىقىم ھەقىقەتەن ئېغىر،بىزدەك ئازراق بولسىمۇ خىزمەت قىلالايدىغان،ئىشلەش ئارزۇسى بار مېيىپلارنىڭ ئۈمۈدى يەردە قالمىسا،بىزمۇ پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ ئىتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ مېيىپ بولساقمۇ جەمئيەتكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشساق،بالىلىرىمىز ئوقۇشسىز قالمىسا،رەھبەرلەربىزگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويسا،قاتناش ھادىسىسى توغۇرلۇق قولۇمدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسپاتلار بار،مۇمكىن بولسا ھەر قايسى رەھبەرلەر،قانۇن ئورۇنلىرى.ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇشۇ ئىشلاردا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئالاقىلىشش تېلفۇن نۇمۇرى:13999401529.مۇڭداشقۇ 332929231،پاتىگۈل مەمەت، |
|