تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1028|ئىنكاس: 3

زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئالاقىدارلار ق...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 12:07:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئالاقىدارلار قايسى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؟

    ھەممىمىزگە مەلۇم،ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى خەلقارا زەھەر چەكلەش كۈنى بولۇپ، زەھەر - ئىجتىمائىي زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر تۈرلۈك ئاپەت! نامراتلىق،ئەيدىز ۋە تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ ئانىسى،ئائىلە ئېناقسىزلىقى،زوراۋانلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى.ئۇ ئەپيۇن،خروئىن، مېتىلامفېتامىن(كىرىستال زەھەر)، مورفىن،نەشە ،كوكائىن ھەمدە دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كۆرسىتىدۇ.ئېلىمىز «جىنائىي ئىشلار قانۇنى»نىدا زەھەرگە ئائىت زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش،ئېلىپ-سېتىش،توشۇش ۋە ياساش جىنايىتى؛ زەھەرنى ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇش جىنايىتى؛ زەھەر جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى؛ زەھەرنى، زەھەر جىنايىتىدىن كەلگەن ھارام پۇلنى ساقلاپ بېرىش،يۆتكىۋېتىش ۋە يوشۇرۇپ بېرىش جىنايىتى؛ زەھەر ياساشقا كېرەكلىك نەرسىلەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى ؛ زەھەر ياساشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى؛ زەھەر ياساش جىنايىتى؛زەھەر چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىش  جىنايىتى ؛ زەھەر چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە مايسىلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، توشۇش،ئېلىپ يۈرۈش ۋە ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى؛ باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ،كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرۈش جىنايىتى؛ باشقىلارنى زورلاپ  زەھەر چەكتۈرۈش جىنايىتى؛ باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى ؛ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قانۇنسىز بېرىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەت ناملىرى بىكىتىلگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا،مەملىكەت بويىچە شىنجاڭ،ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئۈرۈمچى،غولجا ۋە خۇتەن قاتارلىق جايلار ئېغىر ئاپەت رايۇنى ھىساپلىنىدىكەن. زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش،ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تېرىشنى، ياساشنى، ئېلىپ-سېتىشنى ۋە چېكىشنى چەكلەشتىن ئىبارەت «تۆتنى چەكلەش» فاڭجىنى يولغا قويۇلىدۇ.
زەھەر چەكلەش پۈتكۈل جەمىئەتيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى،ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار،كارخانىلار،كەسپى ئورۇنلار شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ۋە پوقرالار«جوڭخۇا خەلق جۇمھىريىتىنىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگۈلىمىلەر بويىچە زەھەر چەكلەش مەسئۇلىيىتى ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا كىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:
(1)دۆلەت ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيەسىنى خىلمۇ-خىل ئۇسۇلدا قانات يايدۇرۇپ،زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ،پوقرالارنىڭ زەھەر چەكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ،ئاڭلىق ھالدا زەھەر توسۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ ھەم پوقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ  زەھەر چەكلەش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى خارەكتېرىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئىلھام بېرىدۇ؛
(2)ھەر دەرىيجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زەھەر چەكلەشكە ئائىت كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى دائىم ئۇيۇشتۇرىشى كېرەك؛
(3)ئىشچىلار ئويۇشمىسى،كومۇنىستىك ياشلار ئىتىپاقى،ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمەت ئوبىيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ،زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىييىسىنى تەشكىللىشى كېرەك؛
(4)مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا دائىم زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىييىسى ئېلىپ بېرىشى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى، ئەدىلىيە، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەك؛
(5) ئاخبارات،نەشىريات،مەدەنىيەت،رادىئو ,كىنو،تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار جەمىئىيەتتە قاراتمىقى بولغان ھالدا زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىييىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛
(6)ئايرۇدروم،ۋوگزال،گاراژ،پرېستان،شۇنىڭدەك مېھمانساراي، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى، تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىسى شۇ ئورۇن ۋە سورۇننىڭ زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىييىسىگە مەسئۇل بولۇپ، زەھەر چەكلەش مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىلەشتۈرىشى، شۇ سورۇندا زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىشى كېرەك؛
(7) دۆلەت ئورگانلىرى،ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار،كارخانىلار،كەسپى ئورۇنلار شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكىلەرگە بولغان زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىييىسى ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك؛
(8)شەھەر ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق تارماقلارغا ماسلىشىپ، زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىييىسىنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش،ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىلەشتۈرىشى كېرەك؛
(9)قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىييلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زەھەرنىڭ زىيىنى ھەققىدە تەربىيە بېرىپ،ئۇلارنىڭ زەھەرنى چېكىشى،ئوكۇل قىلىپ سېلىشى ياكى زەھەرگە دائىىر جىنايى ھەركەت بىلەن شۇۈۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛
(10)داۋالاپ زەھەر تاشلىتىشتا پايدا كۆزلەشكە،داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش دورىلىرى،داۋالاش ئەسۋاپلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ.
خۇتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مەمەتئېيسا سۇلايمان

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 16:53:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتكۈل جەمىيەت زەھەردىن يىراق تۇرايلى! ئۇنىڭغا قارشى تۇرايلى!كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا كۈڭۈل بۈلەيلى!!!!

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 18:18:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1989514637 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 16:53
پۈتكۈل جەمىيەت زەھەردىن يىراق تۇرايلى! ئۇنىڭغا قارشى ت ...

زەھەرنىڭ زىيىنىنى - ئائلە،مەكتەپ ۋە جەمىيەت  ھەمكارلىشىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەشۋىقاتنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 09:57:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1989514637 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 16:53
پۈتكۈل جەمىيەت زەھەردىن يىراق تۇرايلى! ئۇنىڭغا قارشى ت ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 20:34, Processed in 0.102031 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش