ئۇچۇر تورىدىن پايدىلنىپ قانداق قىلمىشلارنى سادىر قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؟ 2009-يىلى12-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تىزلىتىش نىزامى» نىڭ40-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسلاغاندا،ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلنىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ: (1)دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش،دۆلەت مەنپەئەتى ۋە جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش؛ (2)مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش،مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش،ئىجتىمائىي مۇقىملۇققا خەۋىپ يەتكۈزۈش؛ (3)ئۇچۇر تورى بىخەتىرلىكى ۋە ئۇچۇر سىستىمىسى بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزۈش؛ (4)بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى،سودا مەخپىيىتى،شەخسىي سىر،شۇنىڭدەك پۇقرالار،قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە چېقىلىش؛ (5)ساختا،زىيانلىق ئۇچۇرلارنى بېرىش،تەييارلاش،ئېلان قىلىش ياكى تارقىتىش؛ (6)شەھۋانىيلىق،ئىشقىۋازلىق،زوراۋانلىق،تېرورلۇق،قاتىللىق تەرغىپ قىلىنغان ئۇچۇر ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتىدىغان ئۇچۇرلارنى تەييارلاش،تارقىتىش؛ (7)قانۇن-نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار. خۇتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مەمەتئېيسا سۇلايمان (خۇتەن شەھرى خەلق يولى2-نومۇر،13999055777،84800)
|