تېررورلۇق جىنايىتىنى بېكىتىشتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بۇ جىنايەت - 1997-يىلى3-ئايدا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن يېڭى قوشۇلغان جىنايەت نامى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە جامائەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىدە،بەزى يېڭى ئەھۋاللار كۈرۈلۈشكە باشلىدى،يەنى دىنىي ئەسەبىلىك، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇتراقۇلىغى، زوراۋانلىق،تېررورلۇق ۋە پارتىلاتقۇچ ياساشقا ئائىت قانۇنسىز ئۈن-سىن نەشر بويۇملىرىنىڭ «غازات»ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللا يۇيۇش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ماھارىتىنى ئۈگۈتۈش،قايمۇقتۇرۇش ۋە قوزغۇتۇشتىكى ئۆلگە كۆرسۈتۈش رولىنىڭ تەسىرىدە،تەشكىللىك جىنايى ھەركەتلەر ۋە ئېغىر تېررورلۇق،زوراۋانلىق،پارتىلىتىش جىنايەت دېلولىرى باش كۈتۈرۈپ،كۆپىيىشكە باشلىدى.بۇ دېلولارنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ،چېتىشلىق كىشىلەر كۆپ،بۇ خىل جىنايىەتلەتنىڭ بۇزغۇنچىلىق سېلىش كۈچى ئىنتايىن زور بولۇپ،خەلقنىڭ ھاياتى،مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدى،جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا،مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە،ئىجتىمائىي مۇقۇملۇققا ۋە خەلق تورمۇشغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.بۇ خىل جىنايى ھەركەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ،خەلقنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى،دۆلەتنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش،جوڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،بۇ خىل جىنايەتنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى ئىگەنلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك: 1.تېررورلۇق جىنايىتى ۋە تەشكىلاتىنىڭ دائىرىسىنى توغرا بېكىتىپ،تېررورلۇق تەشكىلاتى جىنايىتى بىلەن زوراۋانلىق قىلىدىغان باشقا گورۇھ جىنايىتى،شايكا جىنايىتىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش لازىم.« تېررورلۇق تەشكىلاتى»ـ جەمئىيەتتە تېررورلۇق پەيدا قىلىشنى ئاساسىي جىنايى مەقسەت قىلغان، تېررورلۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان، تېررورلۇقنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قورالى، ئۇسۇلى ۋە ئاساسىي ۋاستىسى قىلغان،تەشكىلىي قۇرۇلمىسى بىر قەدەر پوختا، بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچى زور بولغان ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى تەشكىلاتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە: (1) جەمئىيەتتە تېررورلۇق پەيدا قىلىشنى ئاساسىي جىنايى مەقسەت قىلىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى جىنايىتى كۆپ ھاللاردا مۇئەييەن بولمىغان كۆپ ئادەمنىڭ ھاياتىنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ نىشانى قىلىدۇ،ئەمما بۇنىڭ جىنايى مەقسىتى ئاددىي ھالدا ياكى بىيۋاستە مەلۇم كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش بولماستىن،بەلكى بۇ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ئارقىلىق ۋەھىمىسى چوڭ بولغان تېررورلۇق ئەۋج ئالغان ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قوغلۇشۇدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى مال-مۈلۈكنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ نىشانى قىلىغاندىمۇ ئاددىي ياكى نوقۇل ھالدا بۇ مال-مۈلۈكنى ۋەيران قىلىش ياكى ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلماي،بەلكى بۇ مال-مۈلۈكنى ۋەيران قىلىشتىن كېلىپ چىققان جەمئىيەتتىكى زىلزىلە ئارقىلىق،جەمئىيەتتىە تېررورلۇق كەيپىياتى ،كىشىلەردە كۈچلۈك ئەنسىزلىك تۇيغۇسى ياكى قورقۇش روھىي ھالىتى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.مانا بۇ تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ باشقا جىنايەتلەر بىلەن بولغان ئەڭ ماھىيەتلىك پەرقى. (2) تېررورلۇق ئۈنۈمنى تەرغىپ قىلىدىغان جىنايەت قورالى ۋە ئۇسۇلىنى ئاساسلىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاستىسى قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قورالىدىن قارىغاندا،كۆپىنچىسى ئۆلتۈرۈش،بۇزغۇنچىلىق سېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك قوراللار ياكى بۇيۇملار.ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاستىسىنىڭ قەبھلىكى،زىيانلىق ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى باشقا جىنايەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. (3) تەشكىلىي قۇرۇلمىسى پوختا.ئۇلارنىڭ ئەزاسى ئاساسەن مۇقىم،تەشكىلىي ئىنتىزامى بىر قەدەر قاتتىق،ئىچكى ئىش تەقسىماتى ئېنىق،ئۆز-ئارا ماسلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2. تېررورلۇق تەشكىلاتى جىنايىتى ئوبىكتىپ جەھەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئويۇشتۇرۇش،ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئاكتىپ قاتنىشىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.بۇ ئۈچ خىل قىلمىش ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق ھەم پەرىقلىق بولۇپ،ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈچ خىل جىنايەت نامىغا چېتىلىدۇ.يەنى: (1) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئويۇشتۇرۇش جىنايىتى - جەمئىيەتتە تېررورلۇق پەيدا قىلىشنى جىنايى مەقسدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،كۆپ ئادەمنى تەشكىللەپ،مۇقىم تەشكىلىي ئاپىرات قۇرۇپ، تېررورلۇق جىنايى ھەركىتىنى مەخپىي،پىلانلىق،تەشكىللىك ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. (2)تېررورلۇق تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى - تېررورلۇق تەشكىلاتىدا باشلىقلىق ئورۇندا تۇرۇپ،شۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تېررورلۇق جىنايى ھەركىتى ئېلىپ بېرىشىغا تەشكىلاتچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. (3) تېررورلۇق ھەركىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش جىنايىتى - شۇ تەشكىلاتنىڭ خارەكتىرى ۋە جىنايى مەقسىتىنى بىلىپ تۇرۇپ،تەشكىلاتقا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قانىشىش ھەمدە تېررورلۇق جىنايى ھەركىتىنى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 3 . تېررورلۇق جىنايىتىنى بېكىتىش ۋە جازا بېرىشتە،چوقۇم مۇناسىۋەتلىق «قارار»،«ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»،ئەدىلىيىلىك ئىزاھەت، سىياسەت، مەركەز- ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تۈرلۈك ئۇرۇنلاشتۇمىللىرى ۋە تەلىۋىنى ياخشى ئۈگۈنۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمىلىلەشتۈرۈش، دىلو بىجىرىشتە موھىم نوتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 4 .قاتتىق زەربە بېرىش،يۇقۇرى بېسىملىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاش،باش كۈتەرگەن ھامان زەربە بېرىش،ھەركەت قىلىشتىن ئاۋال زەربە بېرىشتىن ئىبارەت خىزمەت فاڭجىنى ۋە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش،مۇقۇملوقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمىلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 5 .قانۇنى ئۈنۈم بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش،ۋەتەننىڭ بىرلىكى،مىللەتلەت ئىتىپاقلىقى ۋە مۇقۇملوقنى قوغداشنى خىزمەتلەرنىڭ موھىم چىقىش نوقتىسى قىلىش،ئومۇمىيلىققا ئەھمىيەت بېرىش،ئاخىردا ئەبىدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،مىللەتلەر ئىناق،ئىتىپاق،خاتىرجەم ياشايدىغان ئىجتىمائىي مۇھت يارىتىش كېرەك. خۇتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مەمەتئېيسا سۇلايمان
|