- تىزىملاتقان
- 2012-11-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-18
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 279
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
 
- تۆھپە
- 20
- مۇنبەر پۇلى
- 245
- ئىشەنىچ
- 20
| دورا ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۆپ خىل دورىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بىرقانچە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۆپ خىل دورىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچكەندە دورىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، بەلكى دورا بىلەن زەھەرلىنىشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، مەيلى غەربچە ياكى جوڭيى دورىلىرى ۋە ياكى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بولسۇن بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك، زۆرۈرىيەت بولسا دورا ئىچىش ئارىلىقى بىر سائەتتىن كەم بولماسلىقى لازىم. شۇنداق بولغاندا دورىلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ۋە دورىنى بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ. دورىلارنى دەملەنگەن چاي بىلەن ئىچىشكە بولمايدۇ. چاي دورىلىرى بىلەن دورىلار ئۆزئارا رېئاكسىيەلىشىپ، دورىلارنىڭ ئۈنىمىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە دورا بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا مەيلى قانداقلا دورا بولمىسۇن دەملەنگەن چاي بىلەن ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. سۈت بىلەن تۇخۇمنى مىكرۇپقا قارشى دورىلار بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، بىرلىكتە ئىستىمال قىلغاندا، دورىنىڭ ئۈنىمىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ.
|
|