تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1325|ئىنكاس: 3

[قانۇن]سىزمۇ شۇنداق ئادەم بولالايسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 00:25:05
سىزمۇ شۇنداق ئادەم بولالايسىز!

ئەگەر كىرىمىڭىزنى 2000يۇەن دىسەك،سىزمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتەلەيسىز.مەن بۇ 2000يۇەن پۇلنى سىزگە بەشكە بۆلۈپ بىرەي .بىرىنجى بۆلىگى 600يۇەن、ئىككىنجىسى 400يۇەن、ئۈچىنجىسى 300يۇەن、تۆتىنجىسى 200يۇەن、بەشىنجىسى 500يۇەن.
بىرىنجى بۆلىگىنى تۇرمۇشقا ئىشلىتىڭ.بۇنداق ئاز پۇل،ھەركۈنى 20يۇەندىن توغرا كىلىدۇ.ئەتىگەندە ھەسەل بىلەن نان-چاي بىلەن ناشتا قىلىسىز.چۈشتە تىز تاماقخانىدا بىر قاچا ئۆي تامىقى يەيسىز.كەچتە ئۆزىنىڭ خام سەي،سۈتلەر بىلەن غىزالىنىسىز.مۇشۇنداق قىلسىڭىز ھەر ئايلىق تاماق چىقىمىڭىز ئوتتۇرىچە ھىساپ بىلەن 500—600يۇەنگىچە بولىدۇ.ئەگەر سىز تېخى ياش بولسىڭىز ،سالامەتلىكىڭىزدە ۋاقتىنچە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەسلىگى مۇمكىن.لىكىن بۇنداق ئۇزۇقلىنىش بىلەن،نەچچە يىلغىچىمۇ ھىچقانداق سالامەتلىك مەسىلىسى چىقمايدۇ.
ئىككىنجى بۆلىگىنى دوست تۇتۇشقا،مۇناسىۋەت تورىنى كىڭەيتىشكە ئىشلىتىڭ.تىلفۇن پۇلىڭىزغا 100يۇەن كەتسە.ھەرئايدا ئىككى قېتىم مىھمان چاقىرسىڭىز،ھەر قېتىمدا 150يۇەن.كىمنى چاقىرىسىز؟ئىسىڭىزدە بولسۇن،ئۆزىڭىزدىن ئىددىيىسى ئىلغار،سىزدىن پۇلىسى چىق ۋە سىز رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك بولغان كىشىلەر بولسۇن.ھەر ئايدا مىھمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز،بىر يىل ئىچىدە دوستلۇق چەمبىرىكىڭىز سىز ئۈچۈن قىممەت يارىتىشقا باشلايدۇ،سىزنىڭ نامىڭىز、تەسىر كۈچىڭىز、قوشۇمچە قىممىتىڭىز يۇقۇرى كۆتىرىلىشكە باشلايدۇ، ياخشى ھەم مەرت دىگەن ئوبرازىڭىز يارىتىلىشقا باشلايدۇ.
3-بۆلىگىنى ئۈگىنىش قىلىشقا ئىشلىتىڭ.ھەر ئايدا 50-100يۇەنگىچە كىتاپ سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىڭ.پۇل كۆپ ئەمەس،شۇڭا ئالغان كىتاۋىڭىزنى ئەستايىدىل كۆرىشىڭىز كىرەك،ئۈگىنىش قىلىشنى بىلىۋالغاندىن كىيىن روھىڭىزغا ئىشلىتەلەيسىز.ھەر بىركىتاپنى كۆرۈپ بولغاندا،ئۇنى ئۆز-سۆزىڭىزگە ئايلاندۇرۇپ باشقىلارغا سۆزلەپ بىرىڭ،بىلىمىڭىزنى بارشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنسىڭىز ئىناۋىتىڭىزنى ئۆسۈدۇ،ھەم باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان يېقىنلىغىنى ئاشۇرىدۇ.قېپقالغان 200يۇەننى ساقلاپ قويۇپ،ھەر يىلى بىر قېتىم كۇرسقا قاتنىشىپ تۇرۇڭ،ھەرگىز ئۈزۈپ قويماڭ.كىرىمىڭىز ئاۋۇغاندا ياكى باشقا جىقراق پۇل كىرىپ قالسا،تېخىمۇ يۇقۇرىراق تەربىلەش سىنىپلىرىغا كىرىپ ئوقۇڭ.شۇنداق قىلسىڭىز،بىر يولدىكىلەر بىلەن تونىشالايسىز،ھەم بىلمىگەننى  بىلىۋالسىز.
4-بۆلىگىنى،ساياھەت قىلىشقا ئىشلىتىڭ،ھەر يىلى ئوزىڭىزنى بىر قىتىم ھاياھەت قىلىش بىلەن مۇكاپاتلاپ تۇرۇڭ.ھايات ئۈزلىكسىز ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشقا باغلىق بولىدۇ.خالىغان يەرگە بارالايدىغان ئەركىن ساياھەت قىلىپ تۇرۇڭ.يەر شارى ئەمىلىيەتتە ئانچە چوڭمۇ ئەمەس،ھەر يىلى سىرتقا چىقىپ تۇرسىڭىز ،بىر نەچچە يىلغا بارمايلا بارمىغان يېرىڭىز قالمايدۇ.ساياھەت جەريانىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر،ھاياتىڭىزنىڭ ئىنىرگيىسى بولۇپ،تېخىمۇ قىزغىنلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن خىزمەتكە كىرىشىشىڭىزنىڭ كاپالىتى.
5-بۆلىگىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىڭ.ئاۋال ئۇنى يىغىپ قويۇپ،كىيىنچە ئۇنى پايچەك بازىرىغا سالسىڭىزمۇ،ياكى مال كىرگۈزىدىغان دەسمى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.كىچىك تىجارەت بەك بىخەتەر،توردا توپ تارقىتىش ئورنىدىن ئازتولا بىرنىمە ئەكىلىپ ساتسىڭىزمۇبولىدۇ.زىيان چىقىپ قالسا ئانچە قوسىقىڭىز ئاغرىپ كەتمەيدۇ.ئەگەر پايدا ئالدىڭىزمۇ بولدى، ئىشەنچىڭىز بىلەن جۇرئىتىڭىز ئاشىدۇ.يەنە تېخى بىر ئىش قىلىش تەجىربىڭىز كۆپىيىدۇ.پۇلنى كۆپ تاپقانسىرى،تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەغلەغ سېلىش پىلانى تۈزۈڭ، بۇ ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ كاپالىتى بولىدۇ.
مۇشۇنداق بىر يىل تىرىشىپ،ئىككىنجى يىلى يەنىلا 2000يۇەن كىرىم ئۆزگەرمىسە،بۇ سىزنىڭ سەۋەنلىگىڭىزدىن بولىدۇ.بۇنداق ئىلگىرى باسمىسىڭىز ،قايسى يۈزىڭىز بىلەن ياشايسىز.
ئايلىق كىرىمىڭىز 3000يۇەندىن تۆۋەن بولسا،چوقۇم قوشۇمچە كىرىم قىلىڭ.ئۆز خاسلىغىڭىز بولسۇن،ئۇنى بۇنى تاللاپ ئولتۇرسىڭىز،بۇنى قىلغىڭىز بولمىسا،ئۇنىڭغا قىزىقمىسىڭىز.ئەگەر كىرىمىڭىز تۆۋەن بولسا، چوقۇم تىرىشمىسىڭىز بولمايدۇ.ئامال بار تىجارەت قىلىڭ يەنى ساتىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىڭ،مەسىلەن ئۆي سېتىش ۋاستىچىلىغى دىگەندەك، بۇ بىرخىل يامان ئەمەس قوشۇمچە خىزمەت،نۇرغۇن كىرەكلىك ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقىلى بولىدۇ،ئۇچۇر يىغالايسىز،سېتىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرەلەيسىز.
بۇ بىر يىلدا كىيىم كىچەكنى ئازراق كىيىڭ.ئەڭ ياخشىسى قوشۇمچە كىرىمىڭىز دىن كەلگەن پۇلغا ئېلىڭ،بۇ ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلىغانلىق بولۇپ قالسۇن.كۆپرەك پۇل تاپقان ۋاختىڭىزدا،ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىڭىزگە سوغا بىرىشنى ئۇنتۇماڭ،ئۇلارنىڭ مالىيە پىلانىڭىزنى قوللىغانلىغىغا رەخمەت ئېيتىڭ.ئۇلارغا بۇندىن كىيىنكى پىلانىڭىزنى سۆزلەپ بىرىڭ.
ھەممىلا يەردە ياردەمگە مۇھتاج تىجارەتچىلەر بار ،قوشۇمچە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىڭ، ئىرادىڭىزنى ،سۆز قابىلىيىتىڭىزنى ئاشۇرۇۋالىسىز.ئىككىنجى يىلى كىرىمىڭىز 5000يۇەندىن ئاشىدۇ،بۇنداق بولمىسا زاماننىڭ كەينىدە قالغان بولىسىز.
مەيلى كىرىمىڭىز قانچىلىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر،ئۇنى بەشكە بۆلۈشنى ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ.بەدىنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،بەدىنىڭىزنىڭ دائىم زەبەردەس تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.ئۈگىنىشكە مەبلەغ سېلىپ،ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.كىشىلىك مۇناسىۋەتكە مەبلەغ سېلىپ،مۇناسىۋەت تورىڭىزنى كۈچەيتىڭ.ساياھەت قىلىشقا مەبلەغ سېلىپ، نەزەر دائىرىڭىزنى كىڭەيتىڭ.كەلگۈسىڭىزگە مەبلەغ سېلىپ،كىرىمىڭىزنى كۆپەيتىڭ!
بۇ بىر ياخشىلنىش دەۋرىلىگى بولغان كىشىلىك ھايات پىلانى،ھاياتنى پىلانلىغىلى بولىدۇ،ھازىردىن باشلاڭ!نامرات ۋاختىڭىزدا،ئۆيدە ئازراق ،تالادا كۆپرەك تۇرۇڭ.بېيىغان ۋاختىڭىزدا ئۆيدە كۆپرەك،تالادا ئازراق تۇرۇڭ! مانا بۇ تۇرمۇش سەنئىتى ھىساپلىنىدۇ.نامرات ۋاختىڭىزدا پۇلنى باشقىلارغا خەجلەپ بىرىڭ،بېيىغان ۋاختىڭىزدا پۇلنى ئۆزىڭىزگە خەشلەڭ.كۆپىنچە ئادەملەر بۇنىڭ تەتۈرىسىنى قىلىدۇ.
نامرات ۋاختىڭىزدا،بەك زىغىرلاپ كەتمەڭ،باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.باي بولغاندا ،باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلدۇرىشىنى ئۈگىنىۋېلىڭ.كەمبەغەل ۋاختىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تەغدىم قىلىۋىتىڭ،باشقىلار سىزدىن پايدىلانسۇن.باي بولغاندا ئۆزىڭىزنى ياخشى ساقلاڭ، باشقىلار سىزدى  پايدىلنىپ كەتمىسۇن.بۇ سىرلىق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ئاز ئادەملەرلا بىلىدۇ.
نامراتلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،تىجەيدىغان يەرگە كەلسە تىجەشلىك بولۇڭ،كىيىم-كىچەكنى ئازراق كىيىڭ،لىكىن نوچىراقتىن بىرنەچچىنى تەييارلاپ قويۇڭ.سىرتتا تاماق يەپ قالسىڭىز، چوقۇم باشقىلارنى سىز مىھمان قىلىڭ.مىھمان قىلسىڭىز،ئۆزىڭىزدىن بەكرەك تىرىشچان،غايىلىك ،ئىددىيىسى ئىلغار ئادەمنى مىھمان قىلىڭ.ياخشىغا يولۇقساڭ يالىسى ،قازانغا يولۇقساڭ قارىسى دىگەن گەپ بارغۇ؟

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1352

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
621
مۇنبەر پۇلى
722
ئىشەنىچ
621
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 20:52:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللىغىنىڭىزغا  ئاپىرىن

36

تېما

53

ئەگەشكۈچى

5680

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2732
مۇنبەر پۇلى
2780
ئىشەنىچ
2732
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 21:10:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  جىقى كىتەر ئىزى يىتەر يۇقارقى تېما  بىر بۇلاققەن مۇشۇ بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن ئەقىل ئىگىسى كۆكلەيدۇ !!! سەن نىمىنى بىلىتىڭ دىگەن كىشى خاخا بىر ئۆمۈر كۈلمەيدۇ

39

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3665

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1561
مۇنبەر پۇلى
1815
ئىشەنىچ
1561
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 10:49:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېگەن ئىچىكە ھېسابات-بۇ؟؟؟؟؟؟!!!!
ئاغىينىلەر ئىچىدە مۇشۇنداق ھېسابات قىلىدىغاندىن بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپلا قالسام، شۇ كۈنىدىن باشلاپ مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىمەن جۇمۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 15:05, Processed in 0.110958 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش