- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-9
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 264
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
 
- تۆھپە
- 29
- مۇنبەر پۇلى
- 168
- ئىشەنىچ
- 29
| ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلار تۆۋەندە مەن ئىككى پارچە تېخى ئېلان قىلنغان{گېزىت-ژۇرنالغا ئەۋەتمىگەن}ئەسەرنى ھوزۇرڭلارغا سۇندۇم.ئاراڭلاردا ئەسەرلەردىن بەدىئى زوق ئالالايدىغان،تىلغا پېشىق،بەدىئى دىتى بار،ئەسەر باھالاشقا ئېپى بار تورداش ياكى ئوقۇرمەن بولسا ئەسەرلىرىمنى ئوقۇپ كۆرۈپ تەكلىپ -پىكىر بەرسەڭلار ياكى تۈزۈتۈپ ئىنكاس شەكلىدە تېما ئاستىغا يوللىساڭلار.تورداشلار ئەڭ ياخشى تەھىرىرلەنگەن ئەسەرنى كۆرستىپ بەرسە گېزىت-ژۇرنالغا ئەۋەتىپ بەرسەم.ناۋادا شۇ تەھرىرنىڭ تەھرىرلىكى ئاساسەن ئۆزگەرمەي ئىلان قىلنسا مەن مۇشۇ توربەتتە قايسى گېزىت-ژۇرنالدا ئېلان قىلغانلىقنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويسام،ياخشى تەھرىرلەر مەيدانغا چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،دەپ ئويلايمەن.قوشۇلمايدىغانلار ئارتۇق ئىنكاس يېزىپ كشى قەلىبنى لال قىلمسىاڭلار! تەھرىرلەشكە قويۇلىدىغان ئاساسى تەلەپلەر: 1.ئەسەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى تەھرىرلىك.يەنى مەزمۇننىڭ ساغلام،ئابزاس-بۆلەكلەر ماسلاشقان،ئشلەتكەن تىل گىرامماتىكىغا ئۇيغۇن،مەنتىقە جايدا بولۇش جەھەتتە تەھرىرلەش. 2.ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى تەھرىرلىك:يەنى ئەسەر ۋەقەللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش،ئىپادىلەش ۋاستلىرى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ توغرا،مۇۋاپىق بولۇش جەھەتتە تەھرىرلەش. 3.ئىملا قائىدسىگە ئويغۇن بولۇش جەھەتتە تەھرىرلەش. قېنى تورداشلار ئىزدىنىپ باقايلى!مۇۋاپقيەت تىرشقانلارغا ئەمەس،ئىزدەنگەنلەرگە مەنسۇپ.
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت تىلەمچى موماي ھېكايە قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى.كاينات ئاقلىباستىن تون كېيىپ،قىشقا تەنتەنە قېلۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن خىزمەتكە ئالدىراپ كېتىپ باراتتىم.توساتتىن يولىنىڭ يان تەرىپىدە جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقتا تىلەمچلىك قېلۋاتقان بىر موماينىڭ زەئىپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى،تىلەمچى موماينىڭ چىرايىدىن تولمۇ بىچارىلىك چېقىپ تۇراتتى.تارشىتەك بولۇپ كەتكەن قوللىرى ئاچچىق سوغۇقتىن تىترەيتى،ئۈمىدلىك كۆزلىرى جانىسز پىللدايتى. تىلەمچى موماي ئالدىغا سېلىۋالغان كونراپ كەتكەن سولياۋ خالتىغا يۇكۇنۇپ گۇناھكارلادەك ئولتۇرۇپ،ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن سەدىغە تىلەپ ئولتۇراتتى. قار ئۇنىڭ سوغۇقتىن تاتىرىپ كەتكەن يۈزى، كونا يىلىڭ چاپىنى ۋە ئالدىدىكى موچەنلىك رەتىسز تاشلىنىپ تۇرغان پۇللار ئۈستىگە توختىماي چۈشەتتى. مەن مەزلۇم مومايغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئازىراق سەدىغە-ئېسان قىلىش نىيىتىدە يېنىغا كەلدىم. - ئاللاھ ھەممە ئشلىرىڭىزنى جايدا قىلار،ماڭا بەرگىنىڭىز مىڭ بولۇپ يانار،ماڭغان يولىڭىزدىن قىزىل گۈل ئۇنەر ئىلايىم!!! ئۇنىڭ ئالدىغا كېلشىمىگلا تىلەمچى موماي كۆزلىرىگە سوغۇق ياش ئېلىپ سۆزلەۋاتاتتى.مەن خىلى بىر ھازاغىچە ئالتە-يەتتە يانچۇقلىرىمنى ئاختۇرۇپ پارچە-پۇرات قەغەزدىن باشقا نەرىسە تاپالمىدىم. ‹‹ئاھ خۇدا،نەچچە ئون يانچۇق بەرگۈچە ئازىراق پۇل بەرگەن بولساڭچۇ؟››دېدىم ئىچىمدە ئاچچىق ئەلەم بىلەن. - ئىش-ئوقەتلىرڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي خۇدايىم،ئائىلىڭىزدىكلەرنى سالامەت قىلا ئىلاھىم!!! تىلەمچى موماينىڭ ئاۋازلىرى بارغانچە تىتىرەپ چىقىۋاتاتتى.بەلكىم سوغۇقتىن ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ كېتۋاتقان بولسا كېرەك. قانچە ئاختۇرۇپمۇ يانچۇقۇمدىن مىس موچەن تاپالمغاندىم. تۇيۇقىسز كاللامغا:‹‹پورتىمالىنى ئەتىگەن كېيىم ئالماشتۇرغاندا ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ئەمەسىمۇ؟›› دېگەنلەركەلدى-دە،قانداق قىلىشمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.ئالدىراش كېتىپ بارغانلار كەينىمىدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى. تىلەمچى موماي قوللىرىنى تېخمۇ بەكرەك سوزۇپ: -ئاللاھ بارلىق گۇناھلىرلىڭىزىنى مەخىپرەت قىلا،ئالتۇن بويلىرىنى ئامان قىلغاي بالام !!!-دەپ ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تىكىكنچە تۇراتتى. ئۇنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سۇغۇقتا توڭۇپ قولاشمايۋاتقان قوللىرى تېخمۇ تىترەپ كېتۋاتاتتى. مەن يانچۇقلىرىمىنى يەنە ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.قويۇن يانچۇقۇم،ئشتان يانچۇقۇم،مەيدە يانچقۇم...ھەممە يانچۇقۇملىرىمنى ئالا قويماي ئاختۇرۇپ چېقتىم.لېكىن پۇلىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى.تۇيۇقىسز كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى-دە: -موما،قورساقلىرى ئاچمۇ؟ – دەپ سوردۇم.كۆڭلۈمدە: ‹‹ مەن دائىم كېرىدىغان ئاشخانغا باشلاپ بېرىپ بىر ۋاخ نېسىگە تاماق ئېلىپ بېرەيچۇ ›› دەپ ئويلغان ئىدىم.تىلەمچى موماي مېنىڭ سەدىغە بېرىشنىڭ ئورنىغا تاماق ئېلىپ بېرىشنى دېگەنلىكىمنى ئاڭلاپ،بىردەم ئويلىنىپ: - قورسقىم توق ئاپئاق بالام،ئازىراق بىر نەرسە بەرسىڭىز،خۇدايىمىنىڭ ھىممىتى بىلەن كېسەل ياتقان ئېرىمنى داۋالتىۋالسام بولدى،-دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ ،تۈرۈم-تۈرۈم قورۇقلار قورشاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا سېنچلاپ بىر قۇر قاراپ قويدى.مەن تىلەمچى موماينىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ،نېمە دېيشمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. تىلەمچى موماينىڭ قاداق باسقان قوللىرى توختىماي تىترەيتتى. روشەنكى، بۇ قوللار تالاي جاپا-مۇشەقەتنىڭ ،تۇرمۇشنىڭ قاتتىچىلىقنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى. ئىچىمدە ئۇنىڭ غەيرىتىگە بىر تەرەپتىن ئاپىرىن ئوقۇسام،يەنە بىر تەرەپتىن،تەقدىرنىڭ بۇ قاباھەتلىك قسىمەتلىرىگە ئاچچىق ئېچىندىم. -بالىلىرىڭىز يوقمۇ؟ -دېدىم مەن تىلەمچى موماينىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن. -ئۈچ ئوغلۇم بار ئىدى، بىزنى تاشلاپ ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگە كېتىپ قالدى. بالىلارنىڭ ئاتىسى بالىلارنىڭ خاپاچلىقىدىن كېسلى تېخمۇ ئېغىرلاپ كەتتى... تىلەمچى موماي مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن يېڭى بىلەن مۇنچاق-مۇنچاق كۆز يېشىنى سۈرتۈشكە باشلدى... -ھەي قېرى، دەرھال بۇ يەردىن يوقال،سەندەك گادايلارنىڭ سەۋەبدىن شەھىرىمىزنىڭ ئوبرازى كۈندىن-كۈنگە خۇنۇكشلىپ كېتۋاتىدۇ؟ ! – دېگەن قوپال ئاۋاز تىلەمچى موماي بىلەن ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈۋەتتى. - ھە مانا، مەن ھازىرلا كېتەي باشلىق بالام...، – تىلەمچى موماي شۇنداق دەپ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەرنى تىرەپ ئورۇندىن ئاستا تۇردى. شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسنىڭ خىزمەت فورمىسنى كېيۋالغان ياش يىگىت تىلەمچى موماينىڭ گەجگىسىدىن تۇتۇپ: - بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە تىلەمچلىك قىلماي، ئاشخاندا يۇندا تۆك،قوسقىڭ ئاچ قالمايدۇ، – دەپلا ئىتترىپ ئېلىپ ماڭدى. - ئاللا رەھىمەت قىلسۇن بالام، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇ يەردە ئولتۇرۋالمايمەن،خۇدايىم بەختىڭىزنى ... تىلەمچى موماينىڭ چىرايى تېخىمۇ تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى غەلىتە قىسىلغانىدى،سولياۋ خالتىنى تۇتۇپ تۇرغان قولى سوغۇقتىن تېخمۇ تىترەپ كېتىۋاتاتتى. تىلەمچى موماينىڭ گېپنى ئاڭلاپ فورمىلىق يىگىتنىڭ تازا ئاچچىقى كەلدى بولغاي: -تولا سۆزلمەي ماڭە ئۆلمەي قالغان قېرى،-دېگنچە تىلەمچى موماينى سۆرۈپ دېگۈدەك ئېلىپ كېتىپ باراتتى. مەن تىلەمچى موماينىڭ كەينىدىن خىلى بىر ھازاغىچە قاراپ قالدىم.تىلەمچى موماي فورمىلىق يىگىتىكە ھەدەپ يالۋۇرۇپ كېتىپ باراتتى. قار تۇيۇقىسز شىۋىرغانغا ئايىلىنىپ قەھرى بىلەن زېىمىنغا چۈشمەكتە ئىدى. ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت قايتا ئۇچرشىش ھېكايە تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرلىشپ يۇرتقا يېنىپ كەلدىم.ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىم چۈش قوينىغا كىرگەن بىر مەزگىللەردە بىر قىز توردا تونۇشۇپ قالدىم.قىز بىلەن ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە QQدا پاراڭلىشىپ چىقاتتىم.قانچە ئۇزۇن پاراڭلاشساقمۇ گېپىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىر كۈنى قىز تۇيۇقىسز: - مەن ھاياتىم بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرغان بەختسىز قىزمەن، يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، تەلەيلىك قىزمەن. چۈنكى، سزدەك بىر ياخشى يىگىتنىڭ مۇھەببىتگە ئېرىشتىم ، – دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يوللىدى. مەن قىزنىڭ قاباھەتكە تولغان خەتلىرىنى ئوقۇپ، يۈرىكىم ‹‹جىغىدە›› قىلىپ قالدى.كاللامدا تۈمەنمىڭلغان خىياللار ئەگىپ يۇرەتتى. -نېمە؟قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپسىز؟-دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم كاللامدىكى يامان خىياللارنىڭ ئسكەنجسىدىن تېزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن. قىز ئۇچۇر يازماي بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: -مەن ھازىر بىر خىل مىكروب بىلەن كۆرەش قىلىۋاتمەن،ھايات قىلىشىم ياكى ئۆلۈپ كېتىشمنى بىلمەيمەن،-دەپ ئۇچۇر يوللىدى. قىزنىڭ گەپلىرىدىن بىر خىل ھاياتقا بولغان قىيالماسلىق ھەم ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.مەن قىزنىڭ ئېنىق كېسلىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە يەنە ئۇچۇر يازدىم: -سىز زادى قانداق كېسەلگە مۇپىتلا بولۇپ قاپىسز؟ ئۆتۈنۈپ قالاي،ماڭا بىر دەپ بەرگەن بولىسڭىز؟سىزدىن خۇش بولۇپ قالاي؟! بۇ گەپتىن پاراڭىمىز بىر ھازاغىچە ئۈزۈلۈپ قالدى.مەن ئاللىقانداق خىياللار بىلەن ئۇچۇر ساقلاپ ئولتۇراتتىم.تۇيۇقىسز QQ سايراپ كەتتى.قىزدىن ئۇچۇر كەلگەنىدى. -مېنى كەچۈرۈڭ،مەن سىز بىلەن تونۇشۇپ،ھاياتقا بولغان ئشەنچىم ھەسىلەپ ئاشقانىدى.ئەپسۇس،ساقايماس بۇ كېسەل كۈندىن-كۈنگە مېنى ئەجەل گىردابىغا سۆرەپ كەلمەكتە. ھازىر ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنىم سىز بىلەن بىر قېتىم يۇز-تۇرانە كۆرۈشۇش. -ئۇنداق بولسا مەن ھازىرلا سىزنىڭ يېنىڭىزغا بارىمەن. مەن قىزنىڭ يۇرتى-تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئۆتكۈزگەن ئەزىزانە قەشقەرگە قاراپ يول ئالدىم. پويىزنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتىم.كاللام:‹‹ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە نېمە دەرمەن؟نېمە دەپ تەسەللىي بېرەرمەن؟قىز زادى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندۇ؟›› دېگەندەك خىياللار بىلەن بەنت ئىدى. ئىزتىراپلىق خىياللار بىلەن پويىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگە كېلىپ قالغانلىقىنمۇ تۇيماي قاپتمەن.مانا ماڭا بەش قولدەك تونۇش شەھەر ، تالاي ماڭغان كوچىلار. ئېغىر پۇتلىرىمنى سۆرەپ خەلق مەيدانغا كەلدىم. خەلق مەيداننىڭ ئۆزى بىر دۇنيا.ئۇيەر-بۇيەردە ئولتۇرغان جۇپ-جۇپ قىز-يىگىتلەر،ئۆز مەنزىلىرىگە ئالدىراش كېتىپ بارغان ئادەملەر،ھاياتتىن خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۈۋاتقان كشلەر،ئاھ،ھايات نەقەدەر گۈزەل-ھە!ھەممە ئۆز بەختنى،گۈزەلىكىنى،خۇشاللىقنى ئىزدەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. مەن ئورۇندۇقتا شىرىن ۋە ئازابلىق خىياللارنىڭ دىلىنى مەستخۇش قىلىدىغان ھىدىنى پۇراپ ئولتۇرماقتىمەن.كۆز قارچۇقۇم پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىكى كىچىككنە بىر نۇقتىغا ئۆزنىڭ ئاچچىق نۇرىلىرىنى چاچماقتا ئىدى. تۇيۇقىسز بىر قىزنىڭ: -خۇش كەپىسز،-دېگەن گېپى خىيال يىپلىرىمنى ئۇزۇپ تاشلدى.بېشمنى كۆتۈرۈپ قىزغا قارىدىم-دە،ھەيرانلىقتىن قاققان قوزقتەك تۇرۇپلا قالدىم. قىزمۇ ھەيرانلىقىتىن تۇرۇپ قالغانىدى. قىز بىلەن مەن بىر-بىرىمىزگە نېمە دېيىشمىزنى بىلەلمەي بىر ھازاغىچە تۇرۇپ كەتتۇق.چۈنكى،بۈگۈن مەن كۆرۈشمەكچى بولغان قىز دەل ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل ئارىلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەن قىز دوستۇم مەريەم ئىدى. ئاھ،ھايات!سەن نەقەدەر گۈزەل ۋە رەھىمىسز-ھە!
|
|