ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىسى ( 2 )
توققۇز بۇلاق مەنزىرىسى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى مۆلجەر تاغ ئېتىكىدە زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك سۆيى توختىماي بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرىدىغان تەبىئىي بۇلاقتىن توققۇزى بار، شۇڭا بۇ جاينىڭ نامى " توققۇز بۇلاق " دەپ ئاتالغان. بۇ بۇلاقلاردىن چىققان سۇ بىر كۆلگە قۇيىلىدۇ، كۆل ئوتتۇرىسىدىكى كېمە شەكىللىك شىپاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تەبىئىي ئۆسكەن دەل-دەرەخلەر مۆلجەر تاغ ئېتىكىدىكى بۇ جاينى مەنزىرىسى ئۈزگىچە گۈزەل بولغان بىر تەبىئىي سەيلىگاھقا ئايلاندۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەبىئىي سەيلىگاھ ئەتراپقا كېڭەيتىلىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈلۈپتۇ. يىقىلىپ چۈشكەن بولسىمۇ يەنىلا كۆكىرىپ تۇرغان كونا دەل-دەرەخلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن شاخلىرى، دەرەخ ئاستىدىكى ياپيېشىل چىملىقلار، ئوت-چۆپلەر، پاكىزە يوللار، كۆككە تاقىشىپ تۇرغان مۆلجەر تاغ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى راۋاق بۇ سەيلىگاھقا كىرگەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ روھىنى كۆتىرىدىكەن. بىز بۇيىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۇ سەيلىگاھنى ئارىلاپ، ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىدىن قانغىچە ھۇزۇرلاندۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بەزى ئىشلارنىمۇ ئۇچراتتۇق. ئەسلىدىكى تەبىئىي بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان توققۇز بۇلاقتىن ھازىر پەقەت بىرسىلا قاپتۇ، قالغان سەككىز بۇلاقنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كېتىپتۇ. ئەسلىدىكى سۈپسۈزۈك كۆل سۈيىنىڭ يۈزىنى بىر قەۋەت سېسىق لەش بېسىپ كېتىپ، سۇنىڭ سۈزۈكلىكى كۆرۈنمەي قاپتۇ. بۇ بەلكىم تەبىئىيلىكنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. تۆۋەندە بۇ سەيلىگاھتا تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندۇم.
* * * * * |