- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-9
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 264
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
 
- تۆھپە
- 29
- مۇنبەر پۇلى
- 168
- ئىشەنىچ
- 29
| ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت ئەسەرلىرىدىن تاللانما توزاق ھېكايە رەنا ئوغلىنى شەھەر مەركىزدە يېڭىدىن ئېچلغان تەربىلەش مەركىزگە ئاپىرىپ قويۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە،ئېرى سەمەت تېلېۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتى. سەمەت: -بالىنى ئاپىرىپ قويىدىڭلىمۇ خوتۇن؟-دەپ سورىدى. -ھە،تۇنۇگۈن ئوقۇشۇپ قويغان تەربيلەش مەركىزگە ئاپىرىپ قويۇپ كەلدىم،-دېدى رەنا ئايىغىنى سالغاچ. -ياخشى بوپتۇ،بالا كەلگۈچە ئوخشتىپ تاماق ئېتىڭلا،-دېدى سەمەت . رەنا بېشنى لىڭشتىپ قويۇپ،ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ئۇ ئوچاق بېشنى بىر قۇر تازلاپ بولغاندىن كېيىن كۆكتات ئادالاپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. -خوتۇن نېمە تاماق ئېتىسلەر؟-سورىدى سەمەت قورۇما ھىدىنى پۇراپ.رەنا سەيگە بىر چىمىدىم تۇز سېلۋىتىپ: - لەغمەن ئېتىۋاتىمەن،-دېدى.خوتۇننىڭ دەم ئالغان كۈنلىردە دائىم ئامراق تاماقنى ئېتىدىغان مۇشۇنداق ئادىتىدىن مەمنۇن سەمەت يەنە تېلېۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇرىدى. تۇيۇقىسز ئشكىنىڭ قوڭغۇرقى جىرىڭلدى. رەنا قېلىۋاتقان ئشنى توختىپ قويۇپ،ئشكنى ئاچتى. -سىز رەنا بولامىسز؟ئوغلىڭىز تەربىيلەش مەركىزىمىز جايلاشقان بىنانىڭ پەلەمپيىدىن دوملاپ كېتىپتۇ،ھازىر دوختۇرخاندا جىددىي قۇتقۇزلۋاتىدۇ،-دېدى ئېگىز بويلۇق بىر ئەر جىددىي تەلەپپۇزدا.بۇ گەپنى ئاڭلغان رەنا يىقىلىپ چۈشكلى تاس قالدى. سەمەت بولسا ئورۇندىن چاچراپ تۇرۇپ چاپېننىمۇ كەيمەستىن ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. رەنا بىلەن سەمەت دوختۇرخانىغا كەلدى،بىراق كېسەلخانى ئىزدەپمۇ ئوغلىنى تاپالمىدى. بۇ چۈشتىن كېيىن سائەت 6دىن ئاشقان چاغ ئىدى. تۇيۇقىسز سەمەتنىڭ يانفۇنى سايرىدى. -ۋەي،سىز سەمەتمۇ؟ -شۇنداق، -دېدى سەمەت جىددىيلەشكەن ھالدا. -ئوغلىڭىزنى ئالغلى مەركىزىمىزگە كەلمدىڭىزغۇ؟ -نېمە؟ - سىزنى ساقلاۋاتقىنىمىزغا بىر سائەتتىن ئاشتى... سەمەت ئايالى بىلەن تەربىيلەش مەركىزىگە باردى. سەمەت بالسىنىڭ مۇئەللىمى بىلەن تۇرغانلقنى كۆرۈپ: -مۇئەللىم بىرىسى،بالامنى پەلەمپەيىدىن يېقىلىپ چۈشتى دەۋاتاتتى،بۇ زادى نېمە گەپ بولۇپ كەتتى؟-دېدى. - كىم سىزگە شۇنداق دېدى؟-دېدى مۇئەللىم بالىنىڭ بېشنى مېھىر بىلەن سىلاپ. سەمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ئشنى سەزگەدەك بولىدى-دە،ئايالى بىلەن ئوغلىنى ئېلىپ مۇئەللىمگە خۇش دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆيگە ماڭدى. ئۇلار ئۆيگە كەلگەندە ئشك ئوچۇق تۇراتتى. سەمەت ئۆيگە كىرىپ دەرھال ئشكاپقا قارىدى. دەرۋەقە،ئالدىنقى ھەپتە بالسىنىڭ سۇننەت تويدا چۈشكەن20 مىڭ يۈەن بىلەن ئايالىنىڭ زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى يوق تۇراتتى.ئۇ شۇندىلا ئەتىگەنكى خەۋەرنىڭ توزاق ئىكەنلكىنى ھېس قىلدى. (مەزكۇر ئەسەر ‹‹قانۇنچلىق گېزىتى››نىڭ 2012-يىلى 16-مارت سانىدا ئېلان قىلنغان) مەخپيى تارتمىنىڭ ئاچقۇچى ھېكايە سۇلتان بىلەن گۈزەلئاي ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچلۇق قىلاتتى.ئۇلار خىزمەت قىلىش جەرياندا ئارلشىپ توي قىلشقا پۈتۈشتى.ئىككەيلەن توي قىلشتىن ئاۋۇال كېلشىم تۈزىشىپ،ئىككى تەرەپنىڭ مائاش ۋە ھەر خىل مۇكاپات پۇلغا ئورتاق ئېگدارلىق قىلىدىغان،ئشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ تاپقان قەلەم ھەققى ۋە ئائىلە ئوقۇتقۇچلىق كىرىملىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدىغان بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەر_خوتۇن ئىككەيلەن ئۆز ئالدىغا مەخپي تارتما ۋە ئاچقۇچلارنى تۇتۇپ،بىر_بىرىنىڭ تارتمىلىرىغا قارىماسلىق توغرسىدا قايتا-قايتا ئۆز ئارا ئەسىكەرتىشتى. سۇلتان بىلەن گۈزەلئاي بىر مەزگىل قوشۇمچە تاپقان پۇللىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەخپيى تارىتملىرىغا سېلىپ،تۈزگەن كېلشىمگە قاتتىق ئەمەل قىلشتى. ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتۈپ ئۈچ يىل بولغاندا سۇلتان تۇرۇپلا ئايالىمنىڭ مەخپي تارتمىسىدا پۇلدىن باشقا يەنە قانداق نەرىسلەر باردۇر دېگەن ئويغا كېلىپ قالدى_دە،پۇرسەت تېپىپ بىر كۆرۈپ بېقىش قارارغا كەلدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈزەلئاي خىزمەتكە ئالدىراپ مېڭىپ،سومكسنى گېرىم ئۈستىلىدە ئۇنتۇلۇپ قالدى. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن سۇلتان دەرھال سومكنى ئېچپ ئايالىنىڭ مەخپي تارتمىسنىڭ ئاچقۇچنى تاپتى_دە،شۇئان بىنا ئالدىدىكى ئاچقۇچ ياسايدىغان خەنزۇ بوۋاينىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ،ئوخشاش ئاچقۇچ ياساتقۇزۋالدى. سۇلتان ئاچقۇچ ياستىپ بولۇپ ئۆيگە كىرىپ تۇرشىغا گۈزەلئاي ھۇدۇققان ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى.بۇ چاغدا سۇلتان ئاچقۇچنى ئايالنىڭ سومكسىغا سېلىپ قويۇپ، ھېچ ئش بولمغاندەك ئولتۇراتتى. گۈزەلئاي سومكسىنىڭ ئىز جايىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، چۇڭقۇر بىر تېندى_دە، سومكسنى ئېلىپ،سۇلتانغا تاتلىقنە كۈلۈپ قويۇپ، مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى. سۇلتان ئايالى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن خاتىرجەم ھالدا ئايالىنىڭ مەخپيى تارتمسىنى ئاچتى ھەمدە ھەيرانلقتىن قاققان قوزۇقتەك ئۆز جايدا داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. مەخپي تارتمىنىڭ ئىچىدە رەتلىك تىزىلغان پۇللاردىن باشقا يەنە بىر تال ئاچقۇچ،يەنى سۇلتاننىڭ مەخپي تارتمسىنىڭ ئاچقۇچى يۇراتتى. (مەزكۇر ھېكايە ‹‹شىنجاڭ مائارىپ ژۇزنلى››نىڭ 2010-يىلى 1-2- قوشما سانىدا ئېلان قىلنغان) نوچى پەشۋا ھېكايە مەھەللىمىزدىكى قاسىم توخۇۋازنى سورسىڭىز،يېزا تەۋەسىدىكى توخۇۋازلار ئىچىدە تونۇمايدىغان چوڭ_ كىچىك يوق.كىم دېسىە،ھەممسى چىرايى قارامتۇل،ئىگىز بوي،شاپ بۇرۇت قويغان كشى دەپ جاۋاب بېرىدۇ.‹‹ھازىر قەيەردە ؟››دەپ سورسىڭىز،‹‹توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيداندا››دېيشىدۇ. راسىت،قاسىم توخۇۋاز چىرايى قارامتۇل،بويى ئىگىز،شاپ بۇرۇتنى ئىككى يانغا قىلىۋالغان كشى ئىدى.ئۇ يۇرت_يۇرتلاردا بولۇپ تۇرىدىغان توخۇ سوقۇشتۇرۇش مۇسابلقىرىدە سۈر_ھەيۋە بىلەن مەيداندا پەيدا بولاتتى.ھەممە خورازلارنى بىر پەشۋا بىلەن پاخشى قېلىۋىتىدىغان داڭدار خورىزى بىلەن شان قۇچۇپ قايتاتتى.شۇڭا يېراق_يېقندا خورىزنىڭمۇ ‹‹نوچى پەشۋا››دەپ نامى بارئىدى.قاسىم توخۇۋازدىكى شۇنداق سۈر_ھەيۋە،گىگانىت قامەتنى ‹‹نوچى پەشۋا››دىن ئايرىپ قاراشقا بولمايتى.بەلكىم سىز ‹‹نوچى پەشۋا››قانداق كارامەتكە ئىگە خورازدۇر،دەپ ئويلاپ قالغانسىز. ‹‹نوچى پەشۋا››پەيلىرىنىڭ رەڭگى قىزىلغا مايىل،قاناتلىرى ئۇزۇن،بىخلىرى ئۆتكۈر،ئۇزۇن تاجىلىق پەشۋاچى خورازدۇر.يۇرت تەۋەسىدە ‹‹نوچى پەشۋا››نى تونۇمايدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك.قاسىم توخۇۋازنىڭ قانچلىك داڭقى بولسا ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭمۇ داڭقى شۇنداق كاتتا.شۇڭا،قاسىم توخۇۋاز داڭقنىڭ سمۋولى ‹‹نوچى پەشۋا››دەيدۇ يۇرتتكى چوڭلار پەخىرلنىش ئىلكىدە. بەلكىم سىز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ بەزى مىجەزنى بىلمەسلكىڭىز مۇمىكىن.دىققەت قىلمسىڭىز سىزگىمۇ ئاۋارچلىق تېپىپ بېرىشى مۇمكىن.قانداق ئاۋارچلىق ئىكەنلكنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ تۆۋەندىكى مىجەز_خۇلقىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ! يانتاق يېزسىدا توخۇ سوقۇستۇرۇش چوڭ مەيدانى بار بولۇپ،ھەر شەنبە كۈنى مەيداندا توخۇ سوقۇشتۇرۇش مۇسابقسى ئالاھىدە قىزىپ كېتەتتى.چۈنكى شەنبە كۈنى يۇرت_يۇرتلاردىن كەلگەن دوكا قىمارۋازلار ئۆزنىڭ داڭدار خورازلىرى بىلەن بىڭسنى نامايەن قىلاتتى.بۇ چاغدا مەيدان جەڭگاھقا ئوخشاش ھەم جىددىي ھەم تولمۇ قىزىق بولاتتى.كشلەر گوياھ دۇنيادىكى بارلىق ئشلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندەك پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېلشۋاتقان خورازلار ئارسىغا سېڭىپ كتەتتى. بۇنداق چاغلاردا قادىم توخۇۋازمۇ قارا قالپىقنى سىڭايەن كېيىپ،چاپىننىڭئالدىنى ئېچىپ قويۇپ،مەيدانغا ھەيۋە بىلەن كېرىپ كېلەتتى.ئەلۋەتتە،ئۇنىڭ داڭقىغا سمۋول بولغان ‹‹نوچى پەشۋا››مۇ ئىگىسنىڭ قولتۇقىدىن ئورۇن ئىلىپ،ئۇزۇن تاجىلىرىنى دىڭگايتقنىچە ئەتراپتىكى ئولجىلىرىغا مەنستمەسلىك نەزىردە قاراپ كىرەتتى.باشقا خورازلار بۇنداق چاغدا ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ كەلگەنلكنى كۆرۈپ،كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنچە غەزەپ بىلەن قارىشاتتى.يۈرىكىدە بولىسا گوياھ ‹‹نوچى پەشۋا››بىردىنلا ئىگىسىنىڭ قولتۇقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ،ئۆزلىرىنى بىر پەشۋا بىلەن جەھەننەمگە يولغا سېلىپ قويدىغاندەك تۇيغۇدا بولىشاتتى. ئىشنىڭ قىزىقى ‹‹نوچى پەشۋا››مەيدانغا چۈشكەندە چىقاتتى.ئۇنىڭ سوقۇشقا چۈشكەن خوراز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ ھەرىكەتلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالغاندەك ھاڭۋىقىپ قاراپ قالاتتى.مۇشۇ پۇرسەتنى كۆتۈپ تۇرغان ‹‹نوچى پەشۋا››بىرلا ھۇجۇم بىلەن رەقىبنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئۇ دۇنياغا يولغا سالاتتى. بەلكىم سىز ‹‹نوچى پەشۋا››دا قانداق سىرلىق گۇمپا باردۇر،دەپ ئويلاۋاتقانسىز!؟ راسىت،ئۇنىڭدا رەقىبى بىلەن جەڭگە چۈشكەندە ئشلتلىدىغان ‹‹مەس››گۇمپسى بار.رەقىبى بىلەن جەڭ باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ‹‹نوچى پەشۋا››رەقىبنىڭ قانچلىك بىڭسى بارلقنى بىلىپ بولىدۇ_دە،ئاندىن سىرلىق ‹‹مەس››گومپسنى ئشلتىپ،ماھارەت كۆرستىدۇ.بۇ خىل ماھارەتنى كۆرسىڭسىز ھەيران قالسىز.ئۇ خۇددى ھاراق ئېچۋالغان كشىدەك دەلدەڭشىپ،رەقىبى ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ.رەقىبنىڭ دۇمبسىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ،كەينىگە بىر مۇللاق ئېتىپ ھەممىنىڭ كۆزىنى ئالا_چەكمەن قىلىدۇ.ھاۋاغا بىر قانچە پەشۋا ئېتىپ،يەردە بىرنى يۇملاپ قويىدۇ.رەقىبنىڭ بىخۇد ھالەتكە چۈشكەنلكنى جەزملەشتۈرۈپ،بىرلا ھۇجۇم بىلەن جېنىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭغا بۇ ،ماھارەتنى قاسىم توخۇۋاز ئۆزى بىر قوللۇق ئۆگەتكەن،ئۇنىڭغا قارشى تەرەپنىڭ قانداق ۋاقىتتا بىخۇد ھالەتكە چۇشىدىغانلقى،قانداق ماھارەتنى كۆرسەتسە بولدىغانلقى قاتارلىق تەرەپلەردە خىلى يۇقىرى تېخىنكا ئۈگەتكەن ئىدى.بۇنداق ماھارەتنى يۇقىرى سەۋھيدە ئورۇنلاش ئۈچۈن ‹‹نوچى پەشۋا››نەشە چەكمسە بولمايتى.قاسىم توخۇۋازمۇ ئۇنى مەيدانغا تاشلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ نەشە خۇمارنى چىقىرىپ قويۇپئاندىن مەيدانغا قويۇپ بېرەتتى.سىرلىق گومپنىمۇ ‹‹نوچى پەشۋا››غا نەشە بىلەن كۆندۇرۇپ ئاندىن ئۆگەتكەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ‹‹نوچى پەشۋا››مەيداندىكى ھەر قانداق خورازنىڭ جېنىنى ئالاتتى.يېزا تەۋەسىدە ‹‹نوچى پەشۋا››بىلەن ئېلىشالايدىغان خورازلار يوق دېيەرلىك ئىدى.‹‹نوچى پەشۋا››رەقىبلىرىنى بىر_بىرلەپ يەر چىشلەتكەندىن كېيىن مەغرۇر تۇرغان قاسىم توخۇۋازنىڭ ئالدىغا كېلىپ ‹‹ھۈنىرىم قالتسمكىن››دېگەندەك غادىيىپ تۇراتتى.قاسىم توخۇۋازمۇ ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ ھۈنىرىدىن رازى بولغاندەك ئۇنى قولغا ئىلىپ،بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ،قىزىل تاجىسىغا سۆيۈپ قويۇپ،ئەتراپتىكلەرنى مەنستمەسلىك نەزەرى بىلەن قاراپ قويۇپ مەيداندىن ئايرىلاتتى. بۈگۈن شەھەردىن بىر قانچە توخۇۋاز قىمارۋازلار يېزىمىزغا توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن چىققان ئىدى.ئۇلار خورازلىرىنى مەيدانغا قويۇپ بەرگەندە چوڭ تىكىپ،يەرلىك توخۇۋازلارنىڭ يېنىنى قۇرغداپ قويدى.قاق_سەنەم بولغان يەرلىك تىكەرمەنلەرنىڭ ئىچى ئېچىشىپ،يۈرىكى مۇجۇلۇپ كېتۋاتاتتى.ئەتراپقا ئىلتىجا بىلەن قاراپ قاسىم توخۇۋازنى ئىزدەۋاتاتتى.ئۆيدە ئازىراق ئىش بىلەن ھايال بولۇپ قالغان قاسىم توخۇۋاز كېچكىپ مەيدانغا كەلدى. قاسىم توخۇۋازنىڭ مەيدانغا كېلشى يەرلىك توخۇۋازلارنىڭ نوخۇلسنى ئۆستۈرۈپ قويدى بولغاي،شەھەرلىك توخۇۋازلارغا ئاليىپ قاراشتى.قاسىم توخۇۋاز بىلەن ئۆچ_ئاداۋەتى بار توخۇۋازلارمۇ بۈگۈن ئادەۋەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،ئۇنىڭ يېنىغا ھازىر بولۇشتى-دە،بەس_بەستە سۆزلەشكە باشلىدى. _قاسماخۇن ئەجەپ ھايال بولۇپ كەتتىڭلار،‹‹نوچى پەشۋا››مۇنچىغا چۇشۇپ بولالماي قالغان ئوخشمامدۇ؟ _‹‹نوچى پەشۋا››غا ئېلىپ بەرگەن خوتۇنى قويۇپ بەرگىلى ئۇنىمدىمۇ_يا!؟ _باياتىن بېرى سىلە يوق.مۇنۇ شەھەردىن چىققان بىر قانچە نوچىلار بىزگە كۈن مەرمىدى.بىر ئامال قىلىپ بۇ كۈن كۆرمىگەن ئاقپشماقلارنى قاق سەنەم قىلىپ،كەلگەن ماكانىغا يالىڭاچلاپ يولغا سېلىۋەتسەك ئوبدان بولاتتى. قاسىم توخۇۋاز ئۇلارنىڭ گېپنى ئاڭلاپ،ئۆزنىڭ كىچىكىپ كەلگەنلكىدىن سەل خىجىل بولدى.ئىگىسنىڭ كۆڭلنى چۈشەنگەن ‹‹نوچى پەشۋا››قانات قچقىپ،ئىگىسنىڭ قولدىن يۇلقۇنۇپ،باشقا خورازلارغا ئېتلماقچى بولۇۋاتاتتى. شەھەردىن چىققان قىمارۋازلار قاسىم توخۇۋازنىڭ نامنى خىلى بۇرۇن ئاڭلغان ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى قاسىم توخۇۋازنى توىۇيتى._ئەسسالامۇئەلەيكۇم قاسىماخۇن،ئەھۋالىڭلار قانداقراق؟ يېقىندىن بۇيان ياخشى تۇرۋاتقانسىلەر؟ شەھەرلىك بۇ توخۇۋازنىڭ ئسىمى مامۇت يەكچەشمە بولۇپ بىر كۆزى خوراز سوقۇشتۇرۇش مەيداندا خورازنى ئاجىرتمەن،دەپ خورازنىڭ پەشۋاسىنى يەپ،كۆزى خورازنىڭ ئۇزۇن بىخىلىرىغا يەم بولۇپ كەتكەن ئىدى.شەھەردە خىلى ئىناۋەت تاپقان مامۇت يەكچەشمە شۇ ئشتىن كېيىن بىر مەزگىل توخۇنىڭ يېنىغا يېقىن كەلمدى.لېكىن ‹‹ئۈگەنگەن خۇي ئۆلگىچە››دېگەندەك توخۇدىن مېھىرىنى ئۈزەلمەي،يەنە توخۇنىڭ ئشقى كۈچلۈك كېلىپ،توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانلىرىدا قايتا پەيدا بولۇشقا باشلغانىدى.ئۇ شەھەرلىك بولسىمۇ قاسىم توخۇۋازنىڭ داڭقنى خىلى بۇرۇنلار ئاڭلغاچقا بۈگۈن يانتاق يېزسىغا بىر قانچە ھەمسورۇن توخۇۋاز دوستلىرىنى باشلاپ كەلگەن ئىدى.قاسىم توخۇۋازمۇ ئۇنى تونۇيتى.لېكىن ئۆز ئارا توخۇ سوقۇشتۇرۇپ باقمىغان بولغاچقا بىر_بىرنىڭ خۇي_پەيلىنى تازا بىلىپ كەتمەيتى. _ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام،خۇداغا شۈكىرى،سالامەت تۇرۋاتىمىز.ئۆزىڭلارمۇ ياخشى تۇرۋاتقانسىلەر؟ بۇ ياقلارغا قەدىمڭلار يېتىپ قاپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!_دېدى قاسىم توخۇۋاز مامۇت يەكچەشمنىڭقولنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ. مامۇت يەكچەشمىنىڭ قولى قاسىم توخۇۋازنىڭ قاتتىق كەتمەن سېپنى تولا تۇتۇپ يېىكلشىپ كەكتەن قوللىرى ئارسىدا چىڭ مۇجۇلۇپ كەتكەن بولسا قوللىرى ئارسىدا چىڭ مۇجۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك،ساق كۆزى ئاغرىقتىن قېسلىپ ،پۈتۈن بەدىنى تولغۇنۇپ كەتتى. _ھەرھالدا خۇداغا شۈكىرى،ئاڭلسىام خورىزىڭلارنى ئۆيلەيمەن دەپ،قىز ئىزدەپ يۈرىدۇ دەيدىغۇ،قانداق توي چىيى بىرىپ،مھىمان قىلاسىلەر. مامۇت يەكچەشمە ئاغرىقنى مەسخىرلىك چاقچاق بىلەن چىقىرىشنى ئويلاپ،قاسىم توخۇۋازغا چاقچاق ئاتتى. _شۇنداق توي ئشى بىلەن نەچچە قېتىم شەھەرگە كىرىپ سېلىنى ئىزدىگەن ئىدىم.ئۇزۇندىن بېرى سىلىنى ياخشى قىز تېپشقا كارامتى بار دەپ ئاڭلىغان،لېكىن سىلىنى خورازدىن قىز تالشىپ،پەشۋا يەپ،دوختۇرخانىدا ئاسىمىغا چۆشۈپ يېتىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ،خورازغا ياخشى قىز تاپالماي ئاۋارە بولۇپ قالدىم.بۈگۈنمۇ ئاشۇ ئىش بىلەن سەل ھايال بولۇپ كىچىكىپ قالغان ئىدىم.قانداق ياخشى قىزلاردىن بىر قانچىنى ئالغاچ كەلگەنسىلەر؟ بۇ گەپنى ئاڭلاپ مامۇت يەكچەشمنىڭ چىرايى ھاكلانغان تامدەك ئاقىرىپ كەتتى. _قىزلار سلىدىن ئايلانسۇن!ئاڭلسام بۇ تەرەپلەردە ياخشى قىزلار كۆپ دەپ ئاڭلاپ،ئاتايتەن ماشىنا بىلەن كەلگەن،مۇنۇ جانۋار قىز تېپىپ بەر دەپ بەك خاپا قىلىپ تۇرۋاتىدۇ،ئەتراپتا مىكيانلار بولۇپ قالسا يىراقرق تۇرۇپ تۇرسۇن،بولمسا خاپا قىلىپ،كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ كەتسىە،مەن ئاۋارە بولۇپ قالماي يەنە! مامۇت يەكچەشمە شۇنداق دېگەچ ‹‹جاھان سورار››دەپ ئاتىۋالغان بىر خورازنى مەيدانغا تاشلىدى. _ئۇنداق بولسا خورازلارنى بىر قويۇپ بېرىپ،قايسى بەكرەك ئويۇنچى كۆرۈپ باقايلى،قايسى يىڭۋالسا يىولىغۇچى تەرەپ يېڭۋالىغۇچى تەرەپكە بىر قىز تېپىپ بەرسۇن،قانداق؟ قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نى مەيدانغا قويۇپ،مامۇت يەكچەشمىگە قارىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مامۇت يەكچەشمىنىڭ ئاچچىقى تازا كەلدى بولغاي،ئارتۇق گگپ قىلشنىڭ ئورۇنغا ‹‹جاھان سورا››نىڭ يېنىغا بەش مىڭ يۈەننى قويۇپ قويدى.قاسىم توخۇۋاز مامۇت يەكچەشىمنىڭ ئاچچىقى كەلگەنلكنى بىلدى.لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق چوڭ تىكىدىغانلقنى ئويلاپ باقمىغان بولغاچقا،ھەيران قالدى. قاسىم توخۇۋازمۇ بەش مىڭ يۈەننى ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ يېنىغا قويۇپ،مامۇت يەكچەشىمىگە قول تەڭلەپ رازى بولۇشتى.ئىككى خورازنىڭ مەيدانغا چۈشۈشى مەيداننى جانلاندۇرۇپ قويدى.ياندىن دو تىكىدىغانلارنىڭ ئاۋازى جاھاننى قاپلىدى. شۇنداق قىلىپ ‹‹نوچى پەشۋا››بىلەن ‹‹جاھان سورا››بىر مەيدان ھايات_ماماتلىق جەڭگە چۈشتى. مامۇت يەكچەشىمنىڭ ‹‹جاھان سورا››ى ھەيۋە ۋە خىرىس بىلەن ‹‹نوچى پەشۋا››غا ئېتلىدى. ھەر ئىككلسى بىر_بىردىن پوكانچى خورازلاردىن بولۇپ بىر_بىرنىڭ پوكىنغا ئۆتكۈر بىخلىرى بىلەن تىپىپ ئارام بەرمەيتى.خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ‹‹نوچى پەشۋا››ھالدىن كەتتى بولغاي،مۇداپئە ھالتىگە چۈشۈپ،‹‹جاھان سورار››دىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ،ئۇنىڭ ئەتراپنى چەمبەر شەكلىدە ئايلىنشقا باشلىدى.‹‹جاھان سورا››ئۆز ھەيۋىسنى كۆرستىشكە تىرىشىپ،ھەدەپ ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ پوكىنىغا تېپىشقا ئۇرناتتى.مەيداندىكى كشلەر قىقاس_چۇقان سېلىشىپ،ئۆزى تىكىگەن خورازلارغا مەدەت بېرىشىپ،بارچە ئاۋازى بىلەن ۋارقىرشاتتى.قاسىم توخۇۋاز سەل جىددىيلشىپ قالدى.ئۇ ‹‹نوچى پەشۋا››نى تۇتۇپ،پۇكانلىرىدىكى قان داغلىرىنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ،جانۋارنىڭ باش_كۆزلىرىنى چۇڭقۇر مېھىر_مۇھەببەت سۆيۈپ تۇرۇپ،‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ قۇلاقلىرىغا بىر نېمىلەرنى دەپ قويۇپ بەردى. مامۇت يەكچەشمە ‹‹جاھان سورار››نى قولغا ئېلىپ پوكانلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ‹‹نوچى پەشۋا››نى كۆرستىپ،خورازىغا بىر نېمىلەرنى دەپ قويۇپ بېرىپ،قاسىم توخۇۋازغا سىڭا كۆزىدە قاراپ،مەسخىرلىك ھېجىيىپ قويدى.خورازلارغا ئازىراق جان كىردىمۇ قانداق بىربىرىگە شىددەت بىلەن تاشلنىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ‹‹جاھان سورا››ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۆلگۈرەلمىگەن ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ پوكىنىغا كېلشتۈرۈپ قاتتىق تەپتى.تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىنىڭ كۈچىدىن ئۆزنىڭ كونتۇرلۇقنى يوقاتقان ‹‹نوچى پەشۋا››يىقىلىپچۈشتى.مۇسابقە مەيدانى قىقاس_چۇقانغا چۇمدى.قىيا_چىيا ۋارقىراشلار كشى قۇلىقنى ياراتتى. ‹‹نوچى پەشۋا››غا مەدەت بەرگۈچىلەرنىڭ ئاۋازى،جاھاننى توپان بالسى قاپلىغان چىققان كشىلەرنىڭ ئاۋازدەك چىقاتتى.قاسىم توخۇۋازنىڭ يۈرىكى ‹‹نوچپى پەشۋا››نىڭ يېقلشى بىلەن تەڭ ‹‹جىغ››قىلىپ كەتتى.قاسىم توخۇۋاز ئەتىگەن ‹‹نوچى پەشۋا››غا كۆپرەك نەشە بېرىپ قالغانلقنى ھېس قىلدى. سەھەر تۇرغان قاسىم توخۇۋاز ئۆزى ناشتا قىلماي تۇرۇپ،‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ يېنىغا كەلدى_دە،نۇقۇتتەك نەشنى بۇغداي خېمىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ،يېگۈزۋەتتى.گېلىدا تۇرۇپ قالغان خېمىرنى يۇتالمىغان ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ كۆزلىرى چاچراپ چىقىدىغاندەك قىلاتتى.قاسىم توخۇۋاز دەرھال سۇ ئەكېلىپ ئىچكۈرۈپ ساقايتتى.ناشتىنى چالا_بۇلا قىلغان قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نى كۆتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن ئىدى.شۇ نەشىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن بولۇپ ‹‹نوچى پەشۋا››بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئىدى. قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ تۈگەشكەنلكنى تامامەن جەزملەشتۈرۈپ،ئېغىر قەدەملىرى بىلەن خوراز قىشغا قاراپ ماڭدى.بۇ ۋاقىتتا مامۇت يەكچەشمە ساق كۆزىگە كۈلكە بېرىپ،ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن مەغرۇر ھالدا جاھان سورار››نىڭ يېنىغا قاراپ كەلدى. دەل شۇ پەيتتە كارامەت يۇز بېرىپ،‹‹نوچى پەشۋا››ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ،مەغرۇر تۇرغان ‹‹جاھان سورار››نىڭ ئەتراپقا قاراپ ئۆز غەلبسنى نامايىش قىلىۋاتقا ۋاقىتتىكى بىخۇدلىقىدىن پايدىلىنىپ،كېلشتۈرۈپ پوكانغا بىرنى تەپتى. ‹‹جاھان سورار›› تۇيۇقسىز تېپىلگەن تىپىكنىڭ زەربسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي يەرگە يىقىلىپ چۇشتى. ئەمدى ‹‹نوچى پەشۋا››غا نەشىنىڭ تەسىرى ئاجىزلىشىپ ئەسىلىگە كېلشىكە باشلىغان ئىدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› مەسلكتىن يېشلىپ،سىرلىق ‹‹گومپا››سىنى كۆرستىشكە باشلىدى. ئۇ ‹‹جاھان سورار››نىڭ ئورۇندىن تۇرغىچە ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ،ئالدى-كەينىگە بىر موللاق ئېتىپ،ئەمدى ئورۇندىن تۇرغان. ‹‹جاھان سورار››نىڭ تۆپسىدىن سەكىرەپ ئۆتۈپ ئويۇن كۆرستىشكە باشلىدى.‹‹جاھان سورار›› ئەل ئۆمرىدە بۇنداق ماھارەتلىك خورازنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇراتتى. ‹‹نوچى پەشۋا›› ئەسىلىدە باياتىنلا ‹‹جاھان سورار››نى بىر پەشۋا بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋېتىشىنى ئويلغاندى.لېكىن ئۆزىنىڭ نەشە تەسىردىن ئاجىزلاپ كەتكەن بەدىندىن بىر پەشۋا ئۇجۇقتۇرۇش كەلمەيدىغانلقنى بىلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پەشۋا بىلەن بىر تەرەپ قىلالمسا ئۆزىنىڭ ‹‹نوچى پەشۋا››دېگەن نامغا داغ تەككۈزۈپ قويۇشنى ئويلاپ،ماھارەت كۆرستىش ئارقىلىق بەدىنىنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈشنى توغرا تاپقانىدى. پۇرسەت كۆتۈپ تۇرغان ‹‹نوچى پەشۋا›› كېلشتۈرۈپ ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرغان ‹‹جاھان سورار››نىڭ ئاچ پوكىنىغا بىر تەپتى. قاتتىق تېپىلگەن پەشۋانىڭ زەربسىدىن ‹‹جاھان سورار›› تىن-تارتماي باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى. بەلكىم ‹‹جاھان سورار››ئۇ دۇنيانى سوراشنى نىيەت قىلىپ كېتىپ قالدى بولغاي! يىقلغان جايدىن مەڭگۈگە تۇرالمىدى.بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن مامۇت يەكچەشمىنىڭ سىڭا كۆزلىرىدىكى خۇشاللىق ئورۇننى ئەلەم،ئازاپ ئالدى. قاسىم توخۇۋاز خورازنى قولغا ئېلىپ،جانۋارغا بولغان چۇڭقۇر مىھىر-مۇھەببتنى ئۆز ۋۇجۇدىغا يىغىپ،‹‹نوچى پەشۋا››نى باغرىغا باستى.بەلكىم دۇنيادا جانۋارغا ئامراق ئادەم بار دېيلسە قاسىم توخۇۋازدىن ئارتۇق بولماس. ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ يېڭشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدى ئۈزۈلگەن قاسىم توخۇۋازىنىڭ قەلبى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كۆرسەتكەن كارامەت پەشۋاسىدىن دېڭىز سۈينىڭ شىددەت بىلەن قىرغاققا ئۇرۇلغاندەك لەرزىگە كەلگەن بولسىا،ئۆمۈر مەنىزىلدە بۈگۈنگە قەدەر قەلىبنىڭ بۇنداق ھاياجان،لەرىزىگە كەلمىگەنلكنى ھېس قىلدى. ئۆزىنىڭ ئەتىگەن ‹‹نوچى پەشۋا››غا كۆپرەك نەشىە چەكتۈرۈپ قويغانلقغا مىڭنى پۇشايمان قىلدى. بولۇپمۇ ئۆزىنى ھېچ كشىگە تەڭ قىلمايدىغان مامۇت يەكچەشمىدەك ئادەمنىڭ ئالدىدا يۇزىنى يورۇق قىلشى،ئۇنىڭ خورازىغا بولغان ئامراقلىقىنى ئاشۇرغان ئىدى. بۇ قېتىم ‹‹نوچى پەشۋا›› يالغۇز ئۆز ئىگسىنىڭ قەلبىدە ھاياجانلىق ھېسياتى پەيدا قىلىپ قالماستىن،بەلكى مەيداندىكى ھەممە كشىدە چۇڭقۇر ھاياجان ۋە خۇشاللىق پەيدا قىلغاندى. ئۇنىڭغا دو تىككەن ياكى ئۇنىڭغا يۈكسەك ئشەنچ باغلىغان ھەممە ئادەمنىڭ يۈزىدە ئىپادىلگۈسىز قايىللىق ۋە ھەيرانلىق قوزغىغان بولغاچقا مەيداندا ھاياجانلىق غەليانلىرى باش كۆتەرگەن ئىدى. مامۇت يەكچەشمە خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىپ مەيداندا سۇنايلىنپ ياتقان ‹‹جاھا سورار›› نىڭ يېنىغا كېلىپ،ئۇنى قولغا ئالدى-دە،ئەتراپتا سۆڭەك ئىزدەپ يۈرگەن بىر لالما ئىتقا تاشلاپ بېرىپ،مەيداندىن ئەلەم بىلەن چىقىپ كەتتى.قاسىم توخۇۋاز بولسا ئۆزىگە شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن ئامراق خورىزىنى ئېلىپ،ئۆيگە قاراپ يول ئالدى. غۇنچە بوي،كۆزدىن بالقىپ چىققان كۈچلۈك نۇر كشى قەلبنى لەرزىگە سالدىغان،قارا چېچنى تىقمىغچە قويۇۋالغان،قولى چاققان ۋە ئۆزى ئشچان زۇمرەت چۈشتىن بىرى قاسىم توخۇۋاز ئامراق تامىقىنى ئېتىپ،يولغا نەچچە قاراپ بۇخسۇنۇپ ئولتۇراتتى. گەرچە قاسىم توخۇۋاز بىلەن توي قىلغىنغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ جاپالىق ئەتىياز،ئۆلۈكنىڭ قولنى ئارىيەت ئالدىغان ئالدىراش كۈز مەزگىللىرىنى بىللە ئۆتكۈزگەچكە،ئۇنىڭ قەلبىدە ئېرىگە چۇڭقۇر مۇھەببەت بالقىپ،مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. بەزى چاغلاردا قاسىم توخۇۋازنىڭ ئانچە-مۇنچە تىللاپ قويۇشنى ھېسابقا ئالمغاندا،ئېرى ئۇنىڭ نازۇك كۆڭلىگە ئازار بەرمەيتتى.قاسىم توخۇۋازىنىڭ قەيەرگە بارمسىۇن ئۆيگە قۇرۇق كەلمەيدىغان بىر ياخشى ئادىتى بار بولۇپ ھەر قېتتىم ئۆيگە كەلگەندە قوغۇن-تاۋۇز،كاۋاپ،سامسا،پىتىر مانتا دېگەندەك زۇمرەت ئامراق يېمەكلىكلەرنى ئالغاچ كېلىپ،ئۇنىڭ كۆڭلنى ئالاتتى. ئاغىرىپ قالغان چاغلىرىدا كېچنى تاڭغا ئۇلاپ يېندا ئولتۇرۇپ چىقاتتى.ئۇنىڭغا يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتقۇزمىغان ئىدى. قاسىم توخۇۋاز ئىككى كىلوچە ئالما كۆتۈرۈپ،جەڭدە غالىپ كەلگەن سەركەردىدەك مەغرۇر ئۆيگە كەلدى. _نېمە ئش قىلىۋاتسىلەر خوتۇن؟ _دېدى قاسىم توخۇۋاز ئايالنىڭ قىلۋاتقان ئشىغا قاراپ ئىللىق تەبەسۈم ۋە ئچىكى خۇشاللىق ئىچىدە مېھىر بىلەن بىقىپ. _نېمە ئش قىلاتتىم،تاماق سويۇپ قالمسۇن دەپ،ئوت قالاتىمەن،_دېدى زۇمرەت ئاغزىنى ئۇشلاپ. _قانداق تاماق قىلدىڭلار؟_دېدى قاسىم توخۇۋاز تەقەززالىق ئىلكىدە. _قانداق تاماق قىلاتتىم،سىلە ئامراق لەغمەن ئەتتىم،_دېدى زۇمرەت ئەركىلەپ تۇرۇپ.قاسىم توخۇۋاز قولدىكى نەرسىلەرنى ئايالغا سۇنغاچ: _بەلەن خوتۇندە!ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى نەرسىنى تاپالايدىغان،_دېدى-دە،ئارقىندىنلا ئۇنىڭ ئىڭىكنى ئەركلتىپ قويدى. قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ قورسىقىغا يەم بېرىپ بولۇپ،ئشتھا بىلەن گۆش يەۋاتقان ئامراق خورزىغا تويماسىلىق ۋە چۇڭقۇر سۆيۈنۈش ئىچىدە قاراپ قويۇپ،ئۆيگە يېنىپ كىردى. قەددىناس ئەر-خوتۇن پاراڭلاشقاچ تاماق يېشىپ ئولتۇردى. _خوتۇن،ئەتە شەھەرگە كىرىپ بىر قانچە دۇستلارنىڭ يوقلغاچ،ئۆينىڭ كەم-كۇتە نەرسىلىرىنى ئالغاچ چىقايمكى دەيمەن،_دېدى قاسىم توخۇۋاز بىر پارچە لوق گۆشنى چايناپ تۇرۇپ،خوتۇننىڭ كۆزىگە ‹‹قانداق دەيسىەن››دېگەندەك سوئال نەزىردە قاراپ. _مەيلى بېرىپ كېلىڭلار،ئۇزۇن بولدى ئاغىنەڭلار بىلەن كۆرۈشمگىلى،پات قايتىپ كەلسەڭلار بولدى،_دېدى زۇمرەت كۆڭلىدە ‹‹بارماڭلار›› دېگۈسى بولسمۇ،ئېرىنىڭ خۇشال كەيپياتنى بۇزۇشنى خالماي. _ئېسىل خوتۇن!ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەك چۈشۈنسىلەر جۇمۇ،قانداق بىرەر نەرىسە ئالغاچ چىققايمۇ؟_دېدى قاسىم توخۇۋاز ئايالىنىڭ ئۈستى-بېشىغا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن. زۇمرەت كېيىم-كېچەكلەرگە بەك ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيدىغان ئايال بولغاچقا ‹‹ھېچ نەرسىنىڭ لازىمى يوق››دېدى.شۇنداق پاراڭلار بىلەن ئۇخلاپ قالغان قاسىم توخۇۋاز چېينى ئېچىپ،‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ قورسىقنى تويغۇزۇپ،خۇمارىنى بىسقتۇرۇپ،ئايالغا خورازنىڭ ھالدىن ياخشى خەۋەر ئېلشنى جىكلەپ،شەھەرگە قاراپ يول ئالدى. قاسىم توخۇۋاز كۈن كەچ پېشىن بولغاندا قۇددۇس چاقچاق،ئىلى زابوي،مەمەت يالغان قاتارلىق ئۈچ-تۆت ئەل-ئاغىنلىرىنى باشلاپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى.بۇلار ھەممە ئۆنەردە بار كشلەر بولۇپ،قاسىم توخۇۋاز بىلەن خېلى قويۇق ئالاقە قىلىپ كېلۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان ئىدى. قاسىم توخۇۋاز نەشە چىكشنى مۇشۇلاردىن ئۆگەنگەن ھەم ئۇلارغا بىر كشلىك ھۆرمتى بار ئىدى. ئۇ ئاتا كەسپى بولغان ياغاچچلىق ھۆنىرىنى قىلىپ يۈرگەن،شەھەردىكى بىر تونۇشىنىڭ ئشنى قىلىۋاتقان .اشۇ كۈنلەردە ئارلشىپ يۇرۇپ چېكشنى ئۆگەنگەن ۋە ئايرىلماس ئۈلپەتداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۈلپەتداش دۇستلار ئۆز ئارا سالام-سائەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن زۇمرەت تەييارلاپ كىرگەن ناۋات چاينى ھۇزۇر بىلەن ئىچكەچ ئۆز ئارا پاراڭغا چۈشتى. _ئاغىنلەر،_دەپ گەپ باشلدى مەمەت يالغان بىر يۇتۇم چاينى غۇرۇت قىلىپ ئىچىۋېتىپ،_يېقىندا شەھىرىمىزنىڭ داڭدار پۇلدارى سەمەت بايۋەچچىنىڭ ئۆيگە ئوت كېتىپ،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىغىپ قويغان روزىغارى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ.بۇ ئەلەمگە چىدىمغان سەمەت بايۋەچچە سىرتماق سېلىپ ئۆلۋاپتىمىش. _نەدىكى بىر يالغان گەپلەرنى دەپ يۇردىكەنسەن ئاداش،ئادەمنى كىچىك بالدەك كۆرۈپ. بۇ ئىشنىڭ قانداقلقنى مەندىن سوراڭلار،_دېدى ئىلى زابوي مەمەت يالغاننىڭ گېپىگە رەددىيە بەرگەن تەلپپۇزدا،_نەدە سەمەت بايۋەچچىنىڭ مال-دۇنيالىرى كۆيۇپ كېتىدۇ دەيسەن،كۆمۈپ قويغان ئالتۇنلىرىنى ئامراق ئايالى غۇنچەم سەتەڭنىڭ ئاشىنسى سوقۇۋەتكەن گەپ.غۇنچەم سەتەڭ ئۇزۇن يىللىق ئاشنسى ئەكبەر گۇاڭجۇغا ئېچىپ بېرىپ،ئۆزى ھېچ ئشنى بىلمگەن بولۇپ كىرپىدەك تۈگۈلۈپ تۇرۋاپتۇ. ئىلى زابوينىڭ گېپنى پۇتۇن دىققتى بىلەن ئاڭلاۋاتقان ئۈلپەتداش دۇستلار ئۇنلۇكرەك تېنشقمۇ پىتنالمايۋاتاتتى. _ئەكبەر گۇاڭجۇ پۇلنى ئالغان ئورۇنغا غۇنچەم سەتەڭنىڭ تامبىلغا تېزەك يۆگەپ قويۇپتىدەك! شۇنىڭ بىلەن بۇ ئشنى بىلىپ قالغان سەمەت بايۋەچچە سەتچىلىككە چىدىماي ئۆلۋاپتىمىش،_دېدى ئىلى زابوي كۆپچىلككە تەكشى بىر قاراپ قويۇپ. _ھەي،ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا دېگەن شۇ-دە،_دېدى مەخمۇت لەڭپۇڭ قولدىكى پىيالىنى داستىخان ئۈستىگە قويۇپ. _ئاغىنلەر باشقا گەپنى قويۇپ،بىرەر قاپاقتىن چېكىپ ئولتۇرساق،قانداق دەيسىلەر؟_دېدى خۇمارى تۇتۇپ ئولتۇرغان قۇددۇس چاقچاق. خۇمارى ساڭگىلاپ ئولتۇرغان بەڭگىلەرنىڭ كۆڭلىە قۇددۇس چاقچاقنىڭ دېگەن گېپى مايدەك ياقتى-دە، تەڭلا قاسىم توخۇۋازغا قاراشتى. قاسىم توخۇۋاز ئارتۇق گەپ قىلشىنىڭ ئورنىغا چىلمنى ئەكىرىش ئۈچۈن قازناق ئۆيگە چىقتى. ئشىكنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرۇلغان توخۇ كاتىكىدىكى ‹‹نوچى پەشۋا››غا بىر قاراپ قويۇپ كىرىپ كېتەي دېگەننى خىيالغا پۇكۇپ،‹‹نوچى پەشۋا››غا قارشىغا ئازاپلىق بىر مەنزىرە كۆز ئالدىدا زاھىر بولدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› سۇنايلىنىپ ياتاتتى.قاسىم توخۇۋاز دەرھال خورزىنىڭ يېنىغا كىلىپ،ئۇنىڭ نەپەس سوقۇشنى تىڭشىدى.خورزىنىڭ نەپسى توختاپ قالمغانلقنى بىلىپ ئولۇغ-كىچىك بىرنى تېنىپ قويۇپ،زۇمرەتدىن ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى سورىدى.زۇمرەت ئەتىگەندىن بۇيان ‹‹نوچى پەشۋا›› ساق تۇرغانلقنى،يېمىكنىمۇ ۋاقتىدا بەرگەنلكنى ئېيتىپ،قانداقسىگە بۇنداق بولۇپ قالغانلقنى بىلمەيدىغانلقنى دېدى. قاسىم توخۇۋازنىڭ كاللسىغا نامەلۇم بىر ئادەمنىڭ ‹‹نوچى پەشۋا››غا زەھەر بەرگەنلكى،ئۆلتۈرۈش قەستىدە ئىكەنلكى كەلدى. ‹‹نوچى پەشۋا››غا گۆش سېلىپ بەرسىمۇ يېمەي ياتاتتى.دېىسىمۇ خورازىنىڭ ئشتھاسى تۇتۇلۇپ،بىر نەرسە يېيىشىكە ھەپسېلى يوق ئىدى.قانداق قىلشنى بىلمىگەن قاسىم توخۇۋاز روھسىز ھالدا ئۆيگە يېنىپ كىردى.ئۈلپەتداش ئاغىنلىرى ئۇنىڭىدىكى چىراي ئۆزگىرىشكە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى.ئۈلپەتداش دۇستلار بىرەر قاپاقتىن چەككەندىن كېيىن ئۆز ئارا يەنە پارڭغا چۈشتى. چىلىمنىڭ سەيخاسىغا نەشە بېسۋاتقان مەمەت يالغان: _ھەي!مۇشۇ نەشە دېگەن كاساپەتنىڭ ئشقى باشقىچە جمۇ،ئۆتكەندە ماۋۇ ئەخەت ئاخۇننىڭ چوڭ ئوغلى مۇشۇ كاساپەتنى جىق چىكىۋېلىپ،ئەرشىكە چىقىمەن دەپ،ساراڭ بولۇپ قالدى ئەمەسىما.ئۇنى بىچارە ئاتا-ئانسنىڭ كۆرسەتمىگەن دوختۇر،بارمىغان داخان-پىرخون قالماپتۇ.بىرسى: ‹‹نېرۋا ھۆجەيرىلىرى كاردىن چىقىپتۇ››دېسە، يەنە بىرلىرى روھنى ئەسىكى تامىنىڭ ئاستىدا قالغان جىن ئېلىپ كېتپتۇ دەپتۇ. ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىدۇق.لېكىن مۇشۇ نىجاسەتتىن ئايرلالمىدۇق،_دېدى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇددۇس چاقچاق گەپ ئاتتى. _سەنمۇ دىققەت قىل جمۇ ئاداش،بولمسىا سېنىمۇ جىن ئېلىپ قىچىپ كەتمسۈن يەنە، تۇمۇچۇقتەك ئايالىڭ يالغۇز قېلىپ،دەرتتە قالمسۇن بىكار. _شۇنداق ئاغىنە دىققەت قىلمساڭ،ئايالڭىغا كۆز تىكىپ يۈرگەن لالما ئىتلار كۆپ تالاپ قويمسۇن يەنە!-دېدى ئىلى زابوي گەپ قېتىپ. قۇددۇس چاقچاقنىڭ چاقچىقى خېلى ئېغىر كەلگەن مەمەت يالغان باشقىلارغا ئەگشىپ كۈلۈپ قويدى. چىلىم ئۈچ نۆۋەت ئايلانغاندىن كېيىن بەڭگىلەرنى تازا تۇتتى.قاسىم توخۇۋازمۇ چېكىپ بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن كۆڭۈلىنى غەش قىلىپ تۇرۋاتقان ئشنى دېدى. _ئاغىنلەر،ماۋۇ ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ تازا مىجەزى يوق تۇرىدۇ.قانداق قىلسام بولار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە بىر مەيدان چوڭ مۇسابقە بار ئىدى ئەمەسىما. نەشە تۇتۇپ كەتكەن بەڭگىلەر قاسىم توخۇۋازىنىڭ فېپىنى ئاڭلاپ نېمە بولغانلقنى سوردى. قاسىم توخۇۋاز ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ ئەھۋالنى تەپسلى دەپ بەردى. خورازىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بەڭگىلەر قانداق قىلش توغرسىدا بەس-بەستە سۆزلەشكە باشلدى. _ئشتھاسى تۇتۇلۇپ قالغان بولسا،يېمىكىگە سۈرگە دورسى سېلىپ بەرسەڭ ساقيىدۇ. _توخۇمنىڭ ئېقىنى شاقىداپ ئىچىرۋەتسەڭ ساقيىپ قالارمىكىن،ياۋا ئوت-چۆپلەرنىڭ سۈينى ئىچكۈزۈۋەتسەڭمۇ بوىدۇ. -توختاڭلار ئاغىنلەر،-دېدى قۇددۇس چاقچاق،_ئۆتكەندە تام خوشنام سېننىڭ نەچچە يز مىڭ يۈەنلىك خورىزى بىر نەرسىە يېگىلى ئۇنىماي.يېتىپ قاپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ بىز چېكىپ كېلۋاتقان نەشىدىن ئازىراق چەكتۈرۈپ قويسا،ساقيىپ قاپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە نەشە چەككەن ھەر قانداق جانلقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن ئەمەسىمۇ،مانا قاراڭلار باياتىندىن بىرى يەڭگىمىز بىزگە تاماق ئۈلگۈرتەلمىدى ئەمەسىمۇ. كۆپچىلىك قۇددۇس چاقچاقنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بولۇشى مۇمىكىن دەپ قاراشتى. قاسىم توخۇۋاز بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ كەچلىك خۇمارنى چىقىرىپ قويمغانلقنى ئېسىگە ئالدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› ئاغرىپ قالسا بولمايتى.ئەتە قاريانتاق يېزسىدا چوڭ كۆلەملىك توخۇ سوقۇشتۇرۇش مۇسابقسى بار تۇرسىا قاسىم توخۇۋاز بارمسىا بولمايتى. بەڭگىلەر قىزغىن پاراڭلار بىلەن يەنە بىر قانچە قاپاقتىن چېكىپ،تۇتتى دېيشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتشتى.قاسىم توخۇۋازىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىگە قارىماي شوپۇرىنى ماشىنىنى ھەيدەشكە ئالدىرتىپ كېتىپ قىلشتى. قاسىم توخۇۋاز تاڭ ئېتشقا ئاز قالغانلقنى كۆرۈپ،بالدۇرراق ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۇخلاي دېيشىگە تاڭ ئەلچسى چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. چىللىغان خورازىنىڭ ئاۋازى باشقا ئۆيدىن چىقىۋاتاتتى.ئۇنىڭ كاللسىغا دەرھال ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ نىمجان ھالتى كەلدى-دە،ئورۇندىن تۇرۇپ،دالانغا چىقتتى.‹‹نوچى پەشۋا›› يەنە شۇنداق ئاستا نەپەستە ياتاتتى. قاسىم توخۇۋاز دەرھال ئون چېكىم كېلىدىغان نەشىنى نوقۇتتەك چوڭلۇقتىكى خېمىرنىڭ ئارسىغا سېلىپ،‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ يېمەيمەن دېگىنىگە ئۇنماي يېگۈزۈۋەتتى. دېگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي خوراز ئورۇندىن تۇرۇپ،قچقىرىپ ئىگىسگە يەم دېگەندەك بويۇننى سۇزۇپ قارىدى.بۇ ئالامەتلەردىن خۇش بولۇپ كەتكەن قاسىم توخۇۋاز دەرھال ئۆيگە كىرىپ،گۆش ئاچقىپ،ئۇششاق پارچىلاپ خورازغا سېلىپ بەردى.‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ قورسقى تويدىغاندەك ئەمەس ئىدى. قاسىم توخۇۋاز ئەسىلدە خوراز زەھەرلىنىپ قالمىغان ئىكەندە دېگەنلەرنى ئويلاپ،خورىزىنىڭ ھازىرقى ھالتىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۆيگە كىرىپ ئازىراق ئۇخلاپ،سەھەردە مېڭشنى قارار تاپتى. قاريانتاق يېزسىنىڭ توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانى بۈگۈن ئادەم دېڭىزگە ئايلانغانتى.ئادەم كۆپ يىغلىغان بۇنداق سورۇننى كۆرۇپ باقمغانلار ئۈچۈن ئادەم دېڭىزنىڭ قانداق بولۇشنى بىلشى تەس ئىدى. باققالدىن تارتىپ ئاشپەزگە قەدەر تىجارەتچىلەرمۇ مەيداننىڭ ئەتراپىغا دۇككىنى توختىتىپ بولغان ئىدى. شەھەر ۋە باشقا يېزىلاردىن كەلگەن چوڭ-چوڭ دوكا تىكەرمەنلەر يىغىلغان بولۇپ،ئۇلار ئۆز ئارا پاراڭلاشقاچ ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراپ بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتاتتى. قاسىم توخۇۋاز كۆزنى بىر سائەت يۇمۇپ،ئورۇندىن تۇرۇپ كەتتى-دە، ناشتىمۇ قىلماي ‹‹نوچى پەشۋا››نى قولتۇقىغا قستۇرۇپ توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانغا قاراپ ماڭدى. قاسىم توخۇۋازنىڭ مەيدانغا كېلشى بىلەن توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانى قاتتىق جانلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەتراپغا بىر مۇنچە قىمارۋاز توخۇۋازلار ئولاشتى. قاسىم توخۇۋاز ئەتراپقغا قاراپ چىقتى.مامۇت يەكچەشىمىنىڭ بىر چەتتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلقنى كۆردى-دە،ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ كۆرۇشتى. قاسىم توخۇۋاز ئۇنىڭ بىلەن قول ئىلشىپ كۆرۇشۇپ،ئەھۋال سوراشتى.ئەمەليەتتە ئۇ مامۇت يەكچەشمىنى ئەمدى ھەرگىز توخۇ سوقۇشتۇرمايدۇ دەپ ئويلغاندى. مامۇت يەكچەشمە بۇ نۆۋەت چوڭ تىكىپ،مەيدانغا ئون مىڭ يۈەن تاشلدى.قاسىم توخۇۋاز سەل ئويلنىپ تۇرۇپ قالدى.ئۇمۇ خېلى چوڭ تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئىدى. مامۇت يەكچەشمە ئېلىپ كەلگەن خوراز ئىگىز،بىخلىرى ئۆتكۈر ھەم بىسلىق ئىدى. مەيدان دو تىكىدىغانلارنىڭ ۋە باققاللارنىڭ خېرىدار چاقىرشلىرى قېتلىپ ۋاڭ-چوڭغا تولدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› سىرلىق ‹‹گومپا››سىنى ئشقا سېلىپ ماھارەت كۆرستىپ،ئۇزۇن تۇرا خورازنىڭ سول بېقىندىن كېلىپ كېلشتۈرۈپ بىرنى تەپتى. ئۇزۇن تۇرا خوراز دەلدۈگىنىپ يېقىلىپ چۈشكلى تاس-تاماس قالدى. رەقىبنىڭ بوش ئەمەسلكنى سەزگەن ئۇزۇن تۇرا خوراز قايتارما ھوجۇمغا ئۆتۈپ ‹‹نوچى پەشۋا››غا ئارام بەرمىدى. ‹‹نوچى پەشۋا›› پەقەت بىردەم ئارام ئېلىپ،ئەسلىگە كېلشنى ئويلاتتى. نەشىنىڭ تەسىردىن ھالىدىن كېتىپ بارغان ‹‹نوچى پەشۋا›› ئۆزىنى مۇداپئە قىلىش ئۈچۈن ئايلىنىپ قىچىش ستىراتىگىيسى بويىچە،ئۇزۇن تۇرا خورازنى نۇقتا قىلىپ ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۇزۇن تۇرا خورازىمۇ خېلى تەدبىرلىك بولغاچقا ‹‹نوچى پەشۋا››نىڭ تاجسىدىن چشىلەپ تۇرۇپ،ئۇنىڭغا قېچىش پۇرستى بەرمىدى. ‹‹نوچى پەشۋا››ئۇزۇن تۇرا خورازنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئالدىدا ئامالسىز قالدى.تېخى سەھەرگە يېقىن چەككەن نەشە تەسىرى ئۆز كۈچىدىن قالمىغان ئىدى.پۈتۈن بەدەن بوشاپ،بېشى قېيشقا باشلاۋاتاتتى.نورمىدىن ئارتۇق چېكىپ قويغانلقنى ھېس قىلدى. خورازلارنىڭ جەڭ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۋاتقان تاماشبىنلار ۋە دو تىككەن قىمارۋازلار ئۆزىنىڭ خورازلىرىغا مەدەت بىرىپ قىيا-چىيا ۋارقىرشاتتى.قاسىم توخۇۋاز بىلەن مامۇت يەكچەشمىنىڭ چىرايدا بىلنەر-بىلنمەس بىر خىل ئىپادە ئەكىش ئېتىپ،قەلبىدە ئاجايىپ بىر دولقۇنلار جۇش ئۇرماقتا ئىدى. بەلكىم غەلبە بىلەن مەغلۇبيەت قسمىتى بولۇشى مۇمكىن. ‹‹نوچى پەشۋا›› ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەي ھۇشىدىن كەتتى.ئۇنىڭ يېقىلىپ چۇشۇشى بەلكىم ئۇزۇن تۇرا خۇرازنىڭ زەربسدىن ئەمەستەك ئىدى. سەھەرگە يېقىن چەككەن نەشە ئۆز كۈچنى كۆرسەتكەن ئىدى. ‹‹نوچ پەشۋا››نىڭ تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈشى مەيداندىكى كشلەرنى تاڭ قالدۇردى. بولۇپمۇ قاسىم توخۇۋازنىڭ نىرۋىلىرىنى قاتتىق بىر نەرسىدىن تۇيۇقسىز زەربە يېگەندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. قاسىم توخۇۋاز ئولتۇرغان جايدا قېتىپ قالدى بولغاي،مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇراتتى. بىر قانچەيلەپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سلكشلەپ،يىڭىنى تارتىپ باقتى.لېكىن قاسىم توخۇۋاز كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ئولتۇراتتى. مامۇت يەكچەشمە چىرايغا كۈلكە يۇگىرتىپ خورىزىنى ئېلشقا تەمشلۋىدى،تۇيۇقسىز قاسىم توخۇۋاز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ،تۆت پۇتلۇق بولۇپ ئۇزۇن تۇرا خورازغا ئېتلدى.ئۇزۇن تۇرا خوراز قېچىپ كەتتى.بۇنى كۆرگەن مامۇت يەكچەشمە ۋە ئەتراپتىكى كشىلەر ھەم چۇچۇپ ھەم ھەيرانلقتىن تۇرۇپلا قالدى.قاسىم توخۇۋاز خورازلاردەك چىللاپ،مەيداننى بىر ئايلىنىپ چىقىپ،جاڭگال تەرەپكە كېتىپ قالدى. ‹‹نوچى پەشۋا››بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ ئەتراپقا بىر قاراپ چىقىپ،ئۆتكەندە ئىگىسىنىڭ ئۆيگە چىققان قۇددۇس چاقچاقنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە خۇمارى تۇتقان نەشكەشتەك بىر قسىما قىلىقلارنى قىلىپ،ئۇنى دائىرە قىلىپ چۆرگىلەشكە باشلىدى.قۇددۇس چاقچاق كۈتۈلمگەن بۇ ئاجايباتنى كۆرۈپ،قۇرققىنىدىن بەدەر تىكىۋەتتى. ‹‹نوچى پەشۋا››مۇ تاپ بېسىپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى. كېيىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،‹‹نوچى پەشۋا››قۇددۇس چاقچاقغا قوغلاپ يەتكەنمىش،ـېخى ئىككى نەشە چېكىپ پۇخادىن چىققانمىش. قاسىم توخۇۋاز بولسا جاڭگال ئىچىگە كىرىپ كەتكەنچە،قايتىپ چىقماپتىمىش.بەزى ئوتۇنچلارنىڭ دېيشچە ئورمانلىق ئىچىدە بىر خورازنىڭ چىللاپ يۇرگەنلكىنى ئاڭلاپتۇدەك.ئوتۇنچلاردىن: ‹‹باشقا توخۇلار نەگە كەتتى؟›› دەپ سورىغانىمىش. (مەزكۇر ھېكايە ‹‹قىزىلسۇ ئەدەبياتى››نىڭ 2008-يىللىق 1-2-ساندا ئېلان قىلنغان) نىقاب ھېكايە باشلىق ئايالى تۇغقان يوقلاپ ئۈچۈن يۇرتقا كەتكەن نەچچە كۈندىن بۇيان بۈگۈنكىدەك غېربسنىش ھېس قىلمىغانىدى.ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇش ئۇنىڭ ئىچنى تازا پۇشۇردى. خىلىدىن بىرى تېلېۋىزۇر كۆرۈپ ئولتۇرغان باشلىق قالايمقان ئۆي ئىچگە قاراپ ئېغىر بىر ئۇھسىنىپ قويدى-دە،قورسىقى ئېچىپ،توڭلاتقۇنى ئاخىتۇرۇشقا باشلىدى. ئەپسۇس،توڭلاتقۇدا يېگۈدەك بىر نەرسىە قالمغانىدى.ئۇ سىرتقا چىقىپ غىزالانماقىچى بولىدى،بىراق خوشياقماي يەنە كىرسىلوغا قيسايدى. تۇيۇقسىز جڭىرلىغان ئشىك قوڭغۇرىقىدىن كۈتۈلمگەن مېھماننىڭ كەلگەنلكنى سەزگەن باشلىق قالايمقان ئۆيلەرگە بىر قارۋەتكەندىن كېيىن تەشۋىش ئىچىدە ئشكنى ئاچتى. قۇندۇزدەك چاچلىرى يەلكسنى تەكشى يېيلغان،بۇلاقتەك كۆزلىرى ئويناپ تۇرغان بىر قىز كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. _قېنى ئۆيگە كىرىڭ،_دېدى باشلىق قىزنىڭ رۇخسارىدىن ئەقلى لال بولۇپ. _دەم ئېلش كۈندىمۇ سىرتقا چىقماي،ئارام ئېلىۋتىپسىز-دە،_دېدى قىز ئۆي ئىچىگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ. _شۇنداق،قېنى ئولتۇرۇڭ، _دېدى باشلىق قىزنىڭ كىملكنى ئېسىگە ئالمىغان بولسىمۇ، كىرسىلونى كۆرستىپ. _رەھىمەت،سىز بەلكىم تونۇيالمايۋاتقانسىز،بولتۇر خىزمتىمنى يۇرتۇمغا يۆتكەپ قويغانىدىڭىز،_دېدى ساھبجامال قىز ئەخەت كىجاڭنىڭ كۆزلىرىگە تىكلىپ قاراپ. _ھە...ئەمدى ئېسىمگە كەلدى،_دېدى باشلىق چاندۇرماستىن،_بۇياقلارغا قەدىمىڭىز يېتىپ قاپتۇغۇ؟ _ شەپقتىڭىزگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ئالايتەن ئىزدەپ كېلشىم،_دېدى قىز قايرىما كىرپىك ئاستىدىكى شەھلا كۆزلىرىنى ئوينىتىپ. باشلىق قىزغا قېنىق دەملەنگەن چاينى قويۇۋېتىپ: _ئۆيدە ئايالىم يوق،مېۋە-چېۋە،يەل-يېمشلەرمۇ تۈگەپ قاپتىكەن،_دېدى ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە. _ھېچ ۋەقەسى يوق، چاي ئېچكەچ، بىردەم-يېرىمدەم پاراڭلشىپ ئولتۇرايلى.قېنى سىزمۇ كېلىڭ،_دېدى قىز كىرسلونى كۆرستىپ. باشلىق ئەزىز مېھمانى مۇشۇنداقلا ئۇزۇتۇپ قويسا بولمايدىغانلقنى ھېس قىلدى-دە: _ بىردەم تېلېۋىزۇر كۆرۈپ تۇرۇڭ، سىرتقا چىقىپلا كىرەي_دېگىنچە چاپىننى كېيىپ سىرتقا ماڭدى. قىز ئارتۇق تۈزۈت قىلشنىڭ ئورۇنغا تاتىلىققنە كۈلۈمسىرىدى. باشلىق بازاردىن پششىق گۆش،تۇخۇم ۋە يەل-يېمشلەرنى ئېلىپ،كۆڭلىدە ئاللىقانداق چوتلارنى سوققىنچە ئۆيگە كىردى،بىراق قىز كۆرۈنمەيتى. چامدان،ئشكاپلارنىڭ ئاغىزى ئوچۇق تۇراتتى.باشلىق بۇنىڭىدىن بىر شۇملۇقنى سىزىپ، دەرھال ئشكاپقا قارىدى. دەرۋەقە ئون مىڭ يۈەن پۇل ۋە ئايالىنىڭ تويلۇق زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى غايىپ بولغانىدى. (مەزكۇر ساتىرىك ھېكايە ‹‹شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتى››نىڭ 2011-يىلى 18-فېۋرال ساندا ئېلان قىلغان) ھەقسىز تاماق ھېكايە قاينام-تاشقنلىقغا چۇمگەن بازار ھەممنى ئۆز قوينىغا تارتاتتى. ساتارمەنلەرنىڭ ئېغىز-ئېغىزغا تەگمەي ماللىرنى ماختاپ خېرىدار چاقىرشلىرى،ئاشپەز-كاۋاپچلارنىڭ ۋارقىراشلىرى،ماشنا-مۇتۇسىكلىتلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى بازارنى بىر ئالغان ئىدى. ئەركىن ئۆيدىن ئاچچىقلاپ چىقىپ كەتكەن بىر قانچە كۈندىن بېرى گاھ ئاچ-گاھ توق لاغايلاپ يۇرۋاتاتتى.ئاشخانا ئالدىدىن ئۆتكەندە تاماقلارنىڭ مەزىزلىك ھېدى دېمقىغا ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ قۇرسقنى تېخمۇ ئاچۇرۋەتتى.ئاشخانغا كىرىپ تازا تويغۇدەك تاماق يېگۇسى كەلگەن بولسىمۇ يېنىدا پۇلنىڭ يوقلقنى ئېسىگە ئېلىپ لاسىسدا بوشاپ قالدى. ‹‹قانداق قىلىش كېرەك؟›› دېگەنلەرنى ئويلاپ بېشى تازا قاتتى.دەل شۇ ۋاقىتتا كوچا دۇقمشىدا تۆت ئەتراپقا قاراپ يىغلامسىراپ تۇرغان بەش-ئالتە ياشلىق بىر بالا ئۇنىڭ دىققتنى تارتتى ۋە كاللسىغا بىر ئەقىل كىلىپ بالىنىڭ يېنىغا كەلدى. ‹‹خان ئوردا›› ئاشخانسى خېرىدارلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ كۈتكۈچى خادىملار خېرىدارلارغا چاي ئەكلىش،تاماق توشۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئەركىن بالىنى يېتىلەپ ئاشخانا بولۇڭدىكى بوش ئۇستەلگە كېلىپ ئولتۇرىدى.ھايال ئۆتمەي كۈتكۈچى قىز چاي كەلتۇرىدى_دە: _قانداق تاماق يەيسىلەر؟_دەپ سورىدى. ئەركىن تاماق تېزىملىكىگە كۆز يۇگىرتىپ: _بىر پۇتۇن،بىر يېرىم توخۇ چۆپ،ئون زىخ كاۋاپ،_دېدى_دە،تاماقنى تىزىراق چىقىرىپ بېرىشنى ئەسكەرتىپ قويدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇيرۇتقان تاماقلار ئارقا_ئارقىدىن كەلتۇرۇلدى.ئەركىن ئالدىدىكى تاماقلارنى ئشتھا بىلەن يەپ بولغاندىن كېيىن ئالدىرىماي تاماق يەۋاتقان بالىغا قاراپ قويۇپ،كۈتكۈچى قىزچاقنى چاقىردى. _مەن سىرتقا چىقىپ تېلېفۇن قىلىۋىلىپ كېرەي.مەن كىرگۈچە ئۇكامغا قاراپ قويسىڭىز،_دېدى ئەركىن كۈتكۈچى قىزچاقغا جىكلەپ تۇرۇپ. _سىز خاتىرجەم چىقىپ كېرىڭ،ئۇكىڭىزغا مەن قاراپ قوياي،_دېدى كۈتكۈچى قىزچاق سەمىمىي تەلەپپۇزدا. ئەركىن سىرتقا چىقىپ كەتتى.بالا تېخىچە تاماق يەۋاتاتتى.كۈتكۈچى قىزچاق پات-پات بالىغا قاراپ قوياتتى.بالا بولسىا تامقنى يەپ بولۇپ قولدىكى ئويۇنچۇقنى ئويناشقا باشلدى.ئاشىخانغا خېرىدارلار كېرىپ_چىقىپ تۇراتتى.يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى.ئەركىن ئاشخانغا قايتىپ كىرمدى.كۈتكۈچى قىزچاق بۇ ئشتىن سەل غەلىتلىك ھېس قىلىپ بالىنىڭ يېنغا كەلدى. _ئاكاڭ ئەجەپ كەلمەيدىغۇ؟ _بىلمەيمەن،ئۇ مېنىڭ ئاكام ئەمەس. _ئۇ سېنىڭ ئاكاڭ ئەمەسىما؟! _راسىت،ئۇ مېنىڭ ئاكام ئەمەس،_دېدى بالا قۇرقۇمسىراپ تۇرۇپ،-مەن دۇقمۇشتا ئانامنى ساقلاپ تۇراتتىم.بۇ ئاكاش كېلىپ،‹‹تاماق ئېلىپ بەرسەم خۇش بولاسەن ئۇكام؟›› دەپ سۇرىدى.مەن ئىنتايىن خۇش بولدىغانلقمنى ئېيتىم.قۇرسىقمۇ تازا ئېچىپ تۇراتتى.شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئاشخانغا كىرگەن. كۈتكۈچى قىزچاق بالىنىڭ سەبى تىللىرى بىلەن ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەممنى چۈشەندى. ‹‹ئاسيا كېنىدىكى››گېزىتدە ئېلان قىلغان سوراقخانىدىكى تونۇش چىراي ھېكايە ئاي قاراڭغۇسىدا يولىنى تەسىتە پەرق قىلىپ كېتۋاتقان قادىر ئاغېرىق ئازابىدا ئىڭىراپ ياتقان قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش غېمىدە ئۆيگە قاراپ قەدىمنى تېزلەتتى. ئۇ نەچچە كۈنىدىن بېرى قىزىنى پۇل بولمىغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرالمىغانىدى.مانا بۈگۈن بىر كۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ مىڭ تەستە ئۆينى رەنىگە قويۇپ، پۇل مەسىلىنى ھەل قىلغانىدى. قادىر چوڭ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلغاندا ئالدىنى يوچۇن بىر كىشى توستى. -توختا! بۇ قوپال ئاۋازدىن ئاللىقانداق بىر شۇملۇقنى سەزگەن قادىرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلدى. -يېنىڭدىكى پۇلنى چىقار! -يېنىمدا پۇل يوق،-دېدى قادىر تىترەڭگۈ ئاۋازدا. -يالغان سۆزلىمە،ھېلى بىكار پۇلىنى دەپ جېنىڭدىن ئايرىلىسەن!- بۇلاڭچى شۇنداق دېدى-دە،قادىرنىڭ گېلىغا پىچاقنى تىرىدى.قورقۇنچتىن ئىسنى يوقاتقان قادىرنىڭ پۇت-قولدا جان قالمىدى. -مەن...مەن...مەندە راستىنىلا پۇل يوق. -تولا ۋالاقلىماي پۇلىنى چىقار!-دېدى بۇلاڭچى پىچاقنى قادىرنىڭ گىلغا كۈچەپ تىرەپ. -مانا،پۇلىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ،-دېدى قادىر يانچۇقىدىكى پۇللارنى ئېلىپ. ئۇ يەنە يالغان سۆزلىسە بۇلاڭچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقنى ھېس قىلغانىدى. بۇلاڭچى قادىرنىڭ تىترەپ تۇرغان قولىدىكى پۇلىنى چاققانلىق بىلەن ئالدى-دە،قانداق تىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تىز كۆزدىن غايىب بولدى. قادىر خۇددى بىر قاباھەتلىك چۈش كۆرگەندەك تەستە ئېسىنى يىغدى-دە،دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۆيگە كەلگىنىدە، ئايالى قىزنىڭ بېشىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرەتتى.قادىرنىڭ سولغۇن چىرايغا قاراپ يۈرىكى بىرەر شۇملۇقنى سەزگەن ئايالى ئېغىز ئاچتى: -نېمە بولدى قادىرئاخۇن؟قەرز ئالالمىغان ئوخشىمامسىز؟ قادىر ئېغىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن بولغان ئەھۋالىنى ئايالىغا سۆزلەپ بەردى.قادىرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئايالى ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.ئەتسى ئەتىگەندە ئىككى ساقچى ئۆيگە كىرىپ كەلدى. -سىز قادىر بولامسىز؟ -شۇنداق،نېمە ئىشتى ؟-دېدى قادىر. -يېرىم سائەت بۇرۇن پۇلىڭىزنى بۇلىغان بۇلاڭچى قولغا چۈشتى.دەرھال بىز بىلەن ج خ ئىدارىسىگە بىرىپ جىنايەتچىنى تونۇپ بېرىڭ؟! -ئۇ چاغدا جىنايەتچى يۈزنى نىقابلىۋالغانىكەن.مەن تونۇيالماسلىقىم مۇمكىن،-دېدى قادىر شۇ چاغدىكى قاباھەتنى ئەسلەپ. -شۇنداق بولسىمۇ بىز بىلەن بېرىپ تونۇپ بېقىڭ. قادىر ساقچىلار بىلەن ماڭدى. -جىنايەتچىنى ئەكىرىڭلار!-دېدى ساقچى باشلىقى قول ئاستىدىكى بىر ساقچغا، ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا كويزا سېلىنغان بىر جىنايەتچى ئەينەكلىك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى. -قادىرئاخۇن،سىنچىلاپ قاراپ باقسىلا سىزنى بۇلىغان بۇلاڭچى شۇمۇ؟-دېدى ساقچى باشلىقى تونۇتۇش ئۆينىڭ ئالدىغا قادىرئاخۇننى ئېلىپ كېلىپ. قادىر سىنچىلاپ قارىدى.جىنايەتچىنىڭ ئۆسكىلەڭ ساقال-بۇرۇتلار ئاستىدىكى تونۇش چىراينى كۆرۈپ يۈرىكى ‹‹قارت›› قىلىپ قالدى.جىنايەتچى باشقا بىرى بولماستىن سەككىز يىلىنىڭ ئالدىدا يوقلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىدىن رەنجىپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاپاسىز ئوغلى مۇرات ئىدى... مەزكۇر ھېكايە 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى<<شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتى>> قىزىل گۈل بېتىدە ئېلان قىلنغان. ‹ئارتۇق› يولۇچى ھېكايە _ئارقا رەتتە ئولتۇرغانلاردىن ئىككىڭلار دەرھال چۈشۈپ كېتىڭلار!_دېدى مەخمۇت ئۇستام جىددىي تەلەپپۇزدا ئارقا ئورۇندۇقلارغا سىغدىلىپ ئولتۇرغان يولۇچىلارغا قاراپ. بۈگۈن ئاقتام يېزسىنىڭ بازار كۈنى بولغاچقا،مەخمۇت ئۇستام بېكەتكە كىرىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا بازارغا ئالدىراپ تۇرغان يولۇچىلار بىر-بىرىنى قستىشىپ،ئىتتىرىشىپ ئاپتۇبۇستىن ئورۇن ئېلىشىتى.ئارقا رەتتىكى ئورۇندا ئىككى ئادەم ئارتۇق ئىدى.بۇنداق ئەھۋالدا يول يۈرۈش شۇپۇرغا نسىبەتەن ئاۋارچىلىق ئېلىپ كېلەتتى. مەخمۇت ئۇستام ئارقا رەتتىكى يولۇچىلارنىڭ مىت قىلماي ئولتۇرغانلقنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا: _ئارقا رەتتە ئولتۇرغانلاردىن ئىككىڭلار دەرھال چۈشۈپ كېتىڭلار! يولدا قاتناش ساقچىلىرى بار.بىكاردىن_بىكار ھەممەيلەن ئاۋارچلىقغا قالىمىز،_دېدى. ئارقا رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىلار يەنە شۇپۇر ئۇستامنىڭ گېپنى ئاڭلمغاندەك مىت قىلماي ئولتۇراشاتتى.ئۇلار بارىدىغان جايلىرىغا كېچكىپ قىلشنى خالمسىا كېرەك.بىر-بىرگە سوغۇق قارشىپ قويشاتتى.يولۇچىلارنىڭ يولسىزلقىدىن تازا ئاچچىقى كەلگەن مەخمۇت ئۇستام: _ئارتۇق ئىككىڭلار دەرھال چۈشۈپ كېتڭلار!ۋاقتنى ئالماڭلار!_دېدى تەنە ئارىلاش تەرىزدە. ئارقا رەتتە قستىلىشىپ ئولتۇرۇشقان يولۇچىلارنىڭ بىرى نۇمۇس قىلىپ ئاستا چۈشۈپ كەتتى.ئاپتۇبۇس ئىچىدە يەنە بىر ئارتۇق يولۇچى بار ئىدى. _ئاڭلىق بولۇڭلار يولۇچىلار!ئارتۇق ئادەم سېلىپ يول يۇرۇش قاتناش قائىدىسگە خىلاپ.شۇڭا،بېرىڭلار ئۆزىڭلارنى سوراپ چۈشۈپ كېتىڭلار!_دېدى مەخمۇت ئۇستام چېكە چاچلىرىنىڭ ئاراشلىرىدىن ئېقىۋاتقان تەرلەرنى سۇرتكەچ. ئارقا رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىلار لايدىن ياسالغان ھەيكەلدەك ھەرىكەتسىز ھالدا كىم چۇشۇپ كېتەركىن دەپ بىر-بىرگە قارىشىپ ئولتۇرشاتتى. ۋاقىت ئۆتمەكتە.يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىنىڭ تىزىراق مېڭشنى تىلەپ شوپۇرغا ئىلتجالىق كۆزلىرىنى تىكمەكتە ئىدى.مەخمۇت ئۇستام تونۇش ئادەملەر ئىچىدىن ئارتۇق بىر ئادەمنى چۇشۇرۋىتەلمەي جىلە بولۇپ تۇراتتى.ئۇدۇللا بىر ئادەمنى چۇشۇپ كەت دېيشىكە تېخى تىلى بارمايۋاتاتتى. _سىلەر غەرەز ئۇقامسىلەر يوق.بىر ئادەم ئارتۇق دەۋاتمەن.بېرىڭلار دەرھال چۇشۇپ كەتمسىڭلار ئاپتۇبۇس ماڭالمايدۇ. ئاپتۇبۇس ماڭمغانسىرى يولۇچىلارمۇ جىلە بولۇشقا باشلدى. _بېرىڭلار چۇشۇپ كەتسىڭلار بولمامدۇ؟ _سىز ياش بولغاندىكىن چۈشۈپ كېتىڭ! _مەن سىزدىن بۇرۇن ماشىنغا چىققان.شۇڭا،سىز چۈشۈپ كېتىڭ! ئارقسىدا ئولتۇرغان يولۇچىلار بىر_بىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى.تەنە قىلشاتتى.تەرلەپ_پېشىپ بىر-بىرگە چۇشۇپ كېتىش توغرسىدا شۇنداق ۋەز-نەسھەتلەرنى قىلشاتتى.لېكىن ھېچكىمنىڭ چۇشۇپ كەتكۈسى يوق ئىدى. _ماڭا يول بېرىڭلار.مەن چۈشۈپ كېتەي! توساتتىن ئالدىنقى رەتتكى ياش بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان مۇماينىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىتى . يولۇچىلار ئاۋاز چىققان تەرەپكە تەڭلا قاراشتى.ئۇزۇن ئۆتمەي يولۇچىلار ئارسىدىن بىر پۇتى يوق مۇماي ئورۇندىن تەسلكتە قوزغلىپ،قولتۇق تايىقىغا تاينىپ،ئاپتۇبۇستىن چۈشتى. مۇماينىڭ چېكە چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان،بەللىرى يادەك ئىگىلگەن بولۇپ،ئادەملەرگە تىكلىگەن كۆزلىرىدىن ئۈمىدىسىزلىك،تېنقلىرىدىن مۇڭ-ھەسىرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئاپتۇبۇس ئىچىنى ئادەمنىڭ تېنى شۇركۇنگىدەك جىمجتلىق باسىتى.ئاپتۇبۇس قالغان يولۇچىلارنى ئېلىپ،ئېغىر گەۋدسنى تەسلكتە سۆرەپ مەنزىلگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى. (مەزكۇر ھېكايە ‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈندىكى ساندا ئېلان قىلنغان) ئاقىلانە تاللاش ھېكايە يېڭيار ناھيلىك مائارىپ ئىدارسى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە بىردىن ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى››نى سايلاپ بېرش توغرسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن ئاقدۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزسىدىكى كادىرلار مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى››سايلاش سەپەرۋەرلىك يېغىنى ئېچىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچلاردىن نامزات كۆرستىشكە ھەيدەكچلىك قىلشنى قارار قىلدى. ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى››سايلاش چوڭ يېغىنى ئېچلىپ،مەكتەپتكى ئوقۇتقۇچى،ئشچى_خىزمەتچلەر بەس_مۇنازىرە،تالاش_تارتىش قىلىش ئارقىلىق ئىككى نامزاتنى سايلاپ چىقتى. 45ياشنىڭ قارسىنى ئالغان چاچلىرىغا ئاق سانجلغان مەكتەپ مۇدىرى نامزات تېزىملكنى كۆرۈپ: _يولداشلار،ناھيلىك مائارىپ ئىدارسىدىن مەكتۋىمىزگە بەرگەن سان پەقەت بىر.شۇڭا،ئاشكارە،باراۋەر بولۇش ۋە ئەلالىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش پىرنسپى ئاساسىدا،يەنە ئەستايدىل ئويلنىپ بىقىڭلار؟! نامزاتلقىغا كۆرستلگەن ئىككى يولداش مەكتۋىمىزنىڭ ھەر قايسى خىزمەتلىردە بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان ئوقۇتقۇچلاردۇر.ئەمما يۇقىرى بەرگەن سان چەكلىك بولغاچقا بىرەيلەننى تاللاپ يۇقىرىغا يوللاپ بىرشىمىز كېرەك.ئىككليەنگە قايتا ئاۋاز بېرىمىز،_دېدى جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن. نامزاتلارنى قايتا ئاۋازغا قويۇش مەكتەپ مۇدىرىنى ئۈمىدسىزلەندۇردى.ئىككى نامزاتقا چۈشكەن ئاۋاز ئوخشاش بولۇپ چىققان ئىدى.دېمەك ئىككى نامزاتنىڭ ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى››بولۇپ باھالنشىقا شەرتى تولۇق چۈشەتتى.بۇ نامزاتلقىغا كۆرستلگەن ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر قايسى خىزمەتلەردىكى ئىپادسى كشنى قايىل قىلاتتى.لېكىن يۇقىردىن بەرگەن سان بىر بولغاچقا بۇلاردىن بىرنى تاللاشقا توغرا كىلەتتى. _يولداشلار،_دەپ گەپ باشلىدى مەكتەپ مۇدىرى زال ئىچىدىكلەرگە بىر قۇر كۆز يۇگىرتىپ،_ئىككيلەنگەنگە چۈشكەن ئاۋاز يەنە تەڭ چىقىپتۇ.سىلەرنىڭ يەنمۇ ئەستايدىل ئويلنىپ،ئىككى نامزاتقا قارىتا قانداق پىكىرىڭلار بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇڭلار! مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى ئاخىرلشىپ،زال ئىچىدە ئۆز ئارا مەسلھەتلەر باشلىنىپ كەتتى.لېكىن ئىككى نامزاتقا قارىتا باشقا پىكىر چىقمدى.بۇ قېتملىق يىغىن نەتىجسىز ئاخىرلاشتى. بەنزە رەھبەرلىرى ئەزالار بىلەن بىر يەرگە باش قويۇپ،قانداق قىلىش توغرسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.‹‹زادى قانداق قىلش كېرەك؟قانداق قىلغاندا ئىككيلەننىڭ ئارسىدىن ئەڭ ئەلاسنى تاللاپ چىققلى بولىدۇ؟››دېگەن مەسىلە ئۈستدە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق تاللاش_تارتىش بولۇپ رەھبەرلىك يىغىنمۇ ئۇنۇمىسز ئاخىرلاشتى. مەكتەپ مۇدىرى ئىككى نامزاتنىڭ يىللىق ۋە ماۋسۇملۇق خىزمەتلىرىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقتى.لېكىن ئۇلارنىڭ خىزمەت پۇزتسيى ۋە نەتىجسى ئوخشاش بولۇپ چىقتى.ئىككليەن ئشلەيدىغان ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇلارغا بەرگەن باھاسىمۇ ئوخشاش ئىدى. چارچاپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرى ئشخانسغا كىرىپ،كىرسلوغا يۆلەنگۈچە چۇڭقۇر خىيالغا چۆكتى.تۇيۇقسىز كاللسىدىن ‹‹يالىت››قىلىپ ئۆتكەن بىر خىيال ئۇنى سەگەكلەشتۈردى_دە،كۆڭلى بىردىنلا يۇرۇپ كەتتى. مەكتەپ مۇدىرى ئىككى نامزاتنى ئشخانسىغا چاقىرىپ: _ئىككڭلار ئۆزىڭلارنىڭ بىر يىللىق خىزمەت خۇلاسڭلارنى ھەقىقەتنى ئەمليەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا قايتا يېزىپ چىقىڭلار.قايسىڭلار ئەڭ ياخشى يازساڭلار،شۇنى نامزاتلقغا تاللايمىز،_دېدى. ئىككيلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ گېپنى ئاڭلاپ ئاللقانداق خىياللار بىلەن ئىشخاندىن چىقىپ كەتتى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىككى نامزاتقا دېگەن گەپلىرى بىردەمدىلا باشقا ئوقۇتقۇچلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.ئوقۇتقۇچلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ خىل ئورۇنلاشتۈرۈش ئۇسۇلدا قانداق مەقسەتنى كۆزدە تۇتقانلقنى بىلەلمەي قالدى ۋە ئۆز ئارا ھەرخىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويشاتتى. _مۇدىرنىڭ ‹‹خىزمەت خۇلاسىە ماترىيالغا ئاساسەن تاللايمەن›› دېگىننى نېمسى؟بىر ئادەمنىڭ ئۆزى يازغان خۇلاسە ماترىيالغا ئاساسەن تاللاش ئېلىپ بېرىش ئاقىلانلىك ئەمەس. _راسىت،ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلەم ماھارىتى ئوخشاش ئەمەس تۇرسا،قانداقمۇ ئادىل،باراۋەرلكنى ئشقا ئاشۇرغلى بولىدۇ؟ ئوقۇتقۇچلار ئۆزلىرىنى ھەرخىل پىكىرىنى بىر-بىرى دېيشىپ،نارازىلقلىرىنى ئىپادىلەشەتتى. مەكتەپ مۇدىرى ئىككيلەن يېزىپ چىققان خۇلاسە ماتىرىيالنى كۆرۈپ چىقىپ،كۆڭلىگە بىر نامزاتنى پۇكۇپ،باشقا رەھبەرلەر بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئىلىپ باردى.ئاخىردا نامزاتنى بېكتىپ چىقتى. تاللاپ چىققان نامزاتنى ئاشكلارلاش ۋە ئوقۇتقۇچلار ئارسىدىكى نارازىلقلارغا قارىتا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلكى يىغىن چاقىردى. _يولداشلار،_گەپ باشلىدى مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلىپ،_ ئىككى نامزاتنىڭ خۇلاسە ماترىياللىرىغا ئاساسەن رەھبەرلىك قايتا_قايتا مۇزاكىرە قىلىش ۋە نامزاتلار بىلەن ئەستايدىل ئەھۋاللشىش ئارقىلىق تىل_ئەدەبيات ئوقۇتۇش گورۇپپسىدىكى تايانچ ئوقۇتقۇچى پەرھاتجان مۇئەللىمنى ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى›› دەپ بېكتىپ چىقتۇق،_دېدى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى ئاخىرلشىش بىلەن تەڭلا بىر پشقەدەم ئوقۇتقۇچى سۆز ئالدى. _بىر ئادەمنىڭ يازغان خىزمەت خۇلاسە دوكلاتغا ئاساسەن ئۇ ئادەمگە قانداقمۇ توغرا،ئادىل باھا بەرگىلى بولىدۇ؟ پشقەدەم ئوقۇتقۇچنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچلار ‹‹ئۇنىڭ دېگەنلىرى بەرھەق!››دېگەندەك بىر_بىرگە مەنىلىك قاراشىپ قويۇشتى. _كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى تولمۇ جايدا بولىدى.بۈگۈن بۇ يىغىنى چاقىرشتىكى مەقسەتمۇ سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلاردىكى قارا تۇماننى يوقتىپ،خاتا چۈشەنچلىلەرنى تۈگتىشتۇر.راسىت! بىر ئادەمنىڭ خىزمەت دوكلاتغا ئاساسەن ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەقىقىي باھا بەرگىلى بولمايدۇ.بۇلارغا خىزمەت خۇلاسى يازدۇرۇشتىكى مەقسەت،ھەرگىز ئۇلارنىڭ قەلەم ماھارىتنى سىناش بولماستىن،بەلكى ئۇلارنىڭ بىلىش،ئۆزىنى چۈشنىش ۋە تونۇش ئىڭنى بىلشنى مەقسەت قىلنغان ئىدى.ئىككى نامزاتنىڭ يازمىلىردىن نامزاتلقتىن قالدۇرغان ئوقۇتقۇچنىڭ ئۆزىنى تونۇش ئىڭى كەمچىل بولۇپ قالغان.‹ھەقىقەتنى ئەمليەتتىن ئىزدەش›يېتەرلىك بولمىغان.خىزمەت خۇلاسىدە ئۆزىنىڭ تۆھپلىرىنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايلنىپ،ساقلانغان مەسىللەر ئۈستدە توختالمىغان.لېكىن يولداش پەرھاتجان ئۆزىنىڭ تۆھپە_ئەجىرلىرىنى دېيىش بىلەن بىرگە خىزمەت ۋە باشقا تەرەپلەردە ساقلانغان يېتەرسىزلكىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزنىڭ بۇ نامزاتلقىغا لايىق ئەمەسلكنى ئەسكەرتىكەن،_دېدى مەكتەپ مۇدىرى ھاياجانلانغان ھالدا. كۆپچلىك مەكتەپ مۇدىرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھاياجان ئىچىدە ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.ئۇنىڭ بۇ خىل ئاقىلانە تاللاش تەدبىرگە ئاپىرىن ئوقۇشتى. (ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››دە ئېلان قىلنغان ئۇنتۇلغان ‹‹ سوۋغات ›› ھېكايە كامىل بايۋەچچە لىنكولىن ماركىلىق ماشنسنى ئوت ئالدۇرۇپ تۇرشىغا،كاتىپ قىز كېلىپ: _ لېدىر،سىزگە كەلگەن سوۋغات،_دېدى سوۋغات قاچلانغان كورۇپكىنى تەڭلەپ.كامىل بايۋەچچە سوۋغاتنى ئېلىپ يېنىغا قويۇپ قويدى. ماشنا ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.كامىل بايۋەچچە ئاللقانداق خىياللار بىلەن دەريا بويىغا كەلدى.ئۇ دائىم خۇشال بولغاندا ياكى خاپا بولغاندا مۇشۇ دەريا بويىغا كېلەتتى. كامىل بايۋەچچە ‹‹X خەلقئارا بىناكارلىق گورۇھى››نىڭ لېدىرى بولۇپ يېراق-يېقندا داڭقى چىققان كارخانچى ، دوست-يارەنلىرى كۆپ ئادەم ئىدى.تۈنۈگۈن شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارسى قۇرۇش قىلغۇچلارنى يېغىپ،‹‹قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىنى تاللاش چوڭ يىغىنى›› ئاچتى.كەسىكىن تالاش-تارتىش،بەس-مۇنازىرلەر ئارقىلىق بۇ چوڭ تۈرىنى ‹‹ X خەلقئارا بىناكارلىق گورۇھى›› قولغا كەلتۈردى.باشقا كۈچلۈك گورۇھلار بۇ چوڭ تۈرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىگە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ،ئامالسىز دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئۇ دەريا ساھلىدا ئولتۇرۇپ شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققيات ئشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى. تېلېفۇننىڭ تويۇقسىز سايرىشى ئۇنىڭ خىيال يىپلىرىنى ئۈزۈپ قويىدى. - لېدىر،شىركەتتە جىددىي ئىش چىقىپ قالدى. كېلىپ كەتسىڭىز،_دېدى كاتىپ جىددىيلەشكەن ھالدا. _ماقۇل، ھازىرلا باراي،_دېدى كامىل بايۋەچچە ماشنا تەرەپكە ماڭغاچ. ئۇ شىركەتتكى ئشلارنى بىر قۇر تۈگىتىپ تۇرۇشىغا كاتىپ قىز : _ لېدىر،ئەتىگەنكى سوۋغاتنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟_دەپ سورىدى. كاتىپ قىزنىڭ گېپنى ئاڭلاپ كامىل بايۋەچچىنىڭ كاللسىغا سوۋغاتنى دەريا بويىدا ئۇنتۇلۇپ قالغانلقى كەلدى-دە،دەرھال دەريا بويىغا قاراپ يول ئالدى. دەريا بويىغا ئادەملەر توپلشىۋالغان بولۇپ،قانداقتۇر بىر ئشلار توغرسىدا غۇلغۇلا قىلشىۋاتاتتى.ساقچلار دەريا ساھىلنى چەكلەش لېنتلىرى بىلەن توسۇپ قويغانىدى. كامىل بايۋەچچە ئەتىگەن ئۆزى ئولتۇرغان جاينىڭ توسۇپ قويۇلغانلقنى كۆرۈپ ساقچى باشلقىدىن: _ساقچى باشلقى،بۇ يەردە نېمە ئىش بولدى؟_دەپ سورىدى. _پارتلاش ۋەقەسى يۇز بەردى،_دېدى ساقچى باشلقى جىددى تەلەپپۇزدا. _قانداقسىگە پارتلاش ۋەقەسى يۇز بەرگەندۇ؟_دېدى كامىل بايۋەچچە باشلقنىڭ گېپنى چۈشەنمگەن تەرىزدە. _ئاممىنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇم بولۇشچە،ئەتىگەن بۇ يەرگە بىر كشى كېلىپ كەتكەنىكەن.ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ۋەقە يۇز بېرىپتۇ.لېكىن ئۆلۈش-يارىلنىش ئەھۋالى بولماپتۇ،_دېدى ساقچى باشلقى كامىل بايۋەچچىنىڭ ئۈستى-بېشىغا بىر قاراپ قويۇپ. ساقچى باشلقنىڭ گېپىدىن كامىل بايۋەچچە چۆچۈپ كەتتى،ئۇ:‹‹ سوۋغاتنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلقىمغا مىڭ شۈكىرى!››دەپ ئۆز-ئۆزگە پىچىرلىدى. (مەزكۇر ھېكايە ‹‹ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈندىكى ساندا ئېلان قىلنغان) ‹روھى›ئەرىشكە چىققان ئىت ھېكايە بۈگۈن مەھەللىدىكى تۇرسۇن زابوي،ئەخمەت مەنتەڭ،ساتتار چاقچاق،غوپۇر سۇيۇق ۋە مەمەت دارازا قاتارلىق بەش –ئالتە چېكەرمەن بەڭگە ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئۆيگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇشتى. ئەمەت ئىتۋاز ئوتتۇرا بوي،قوي كۆز،يۇزلىرىگە مەزگىلسىز قورۇق چۈشكەن،ئۇزۇن بۇرۇتلۇق ئادەم بولۇپ ئىتقا ئامراق بولغاچقا مەھەللىدىكى چوڭلار ئۇنىڭغا ‹‹ئىتۋاز›› دەپ لەقەم قويۇپ قويغاندى.راست! ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئىتقا ئاجايىپ ھىرىسلىكى كشنى ھەيران قالدۇراتتى.قەيەردە ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابقسى بولۇپتۇ دېسە،شۇئان شۇ يەردە پەيدا بولاتتى. قەيەردە نەسىلىك ياخشى ئىت بار بولسىا،دەرھال شۇ يەردە ھازىر بولاتتى.قولىدا ئاجايىپ_ئاجايىپ ياخشى ئىتلار بېقلاتتى.ھازىر ئۇنىڭ ئۆيىدە ئالاھىدە نەسىلىك ئىت_قارا ئاپشاركا بار ئېدى. قارا ئاپشاركا ئىتلار ئارسىدا نامدار پالۋان بولۇپ، ھەر قانداق يامان ئىتلارمۇ ئۇنى كۆرسىە جىننى كۆرگەندەك قورقاتتى.ئەمەت ئىتۋاز مۇشۇنداق ياخشى ئىتىنىڭ بارلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلنەتتى. ئۇنىڭ يەنە نەشە چېكىپ قويىدىغان بىر يامان ئادىتى بار بولغاچقا ، پات_پات بۈگۈنكىدەك ئەل_ئاغىنلەر جەملشىپ بەزمە_باراۋەتلەر بولۇپ تۇراتتى. مېھمانلار كۆرپە ئۈستىگە جايلاشقاندىن كېيىن تۇرسۇن زابوي دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ،ئۆز ئارا تېچ_ئامانلىق سوراشتى.ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئايالى سېلمىخان داستىخان تەييارلاپ مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. _قېنى قەددىناس دوستلار داستىخانغا مەرھەممەت قىلىپ،ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن يېگەچ ئولتۇرۇڭلار._دېدى ئەمەت ئىتۋاز مېھمانلارنى مەزەگە تەكلىپ قىلىپ. مېھمانلار ئاسا_باقسا بىلەن پاراڭلشىپ،ئۇنى-بۇنى يېگەچ ئولتۇردى.ئۇزۇن ئۆتمەي ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر لېگەن جۈسەي مانتسى كۆتۈرۈپ سېلمىخان كىرىپ كەلدى. _ھەر بىرلىرىنىڭ كېلشلىردىن بىخەۋەر مانتا ئېتىپ ئولتۇرۇپتمەن،قېنى ئاز بولسىمۇ يېگەچ ئولتۇرۇشسىلا،_دېگەچ قولىدىكى لېگەننى داستىخانغا قويدى. _بەلەن ئوخشاپتۇ يەڭگە،قوللىرىغا خۇدايىم دەرت كەلمسۇن،_دېدى غوپۇر سۇيۇق بىر مانتنى يەپ بولۇپ. _ئالامەت ئوخشاپتۇ مانتا،قوللىرى ھەقىقەتەن تاتلىقكەن،_دېدى ئەخمەت مەنتەڭ تىللىرىنى چاكلدىتىپ. مېھمانلار بىر لېگەن مانتنى ھايالدا كاشال يوق سوقۇۋەتكەندىن كېيىن يەنە بارمۇ دېگەندەك ئەتراپقا قاراپ قويۇپ،قېنق دەملەنگەن چايلارنى ئېچىشكەچ پاراڭلشىپ ئولتۇرۇشتى. _ئاغىنلەر،_دەپ گەپ باشلدى تۇرسۇن زابوي،_ماۋۇ مەھەللمزدىكى رەجەپ توپاق يىقندىن بۇيان ئىچىكىرگە نەچچە كىرىپ چىقىپ،جاھانغا پاتماي يۈرىۋاتاتتى.مانا ئەمدى مال ئسكلاتغا ئوت كېتىپ،ھەممە دۇنياسدىن ئايرىلىپ قاپتۇدەك. _راسىت دەيمەن!ئۇ گۇي تېرسىگە پاتماي يۇرەتتى.ئەجەپ ئوبدان بولاپتۇ.ئاڭلسام ئىچكىردە ئاق سېتىپ يۇردىكەن ھارامتاماق خۇمسى،_دېدى مەمەت دارازا تۇرسۇن زابوينىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلاپ. مېھمانلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالغاچ،ئۇلارنىڭ بىكار بولغان پىياللىرىگە چاي قويۇپ ئولتۇرغان ئەمەت ئىتۋاز تۇيۇقسىز قارا ئاپشاركىنىڭ ئاجىز ھاۋشىغان ئاۋازدىن كۆڭلى بىر ئشنى سەزدى_دە،ئورۇندىن تۇرشىغا ئشكدىن بىرسى كېرىپ كەلدى. _ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دوستلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ كۆپچىلىك كىچىكىپ كىرگەن بۇ مېھىماننىڭ سالامنى ئىجازەت ئىلىپ ئورۇنلىردىن تۇرشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلشىپ كۆرۈشتى. كېچىكىپ كىرگەن بۇ يىگىتنىڭ ئسىمى توختى رەندە بولۇپ ياغاچچى غولامنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى.ئۇنىڭغا قاچانلاردىن تارتىپ ‹‹رەندە››دېگەن لەقەمنىڭ قويۇلۇپ قالغانلقنى ھېچكىم بىلمەيتى.بەلكىم ئۇ ياغاچچىلىق قىلغاندا رەندىنى ھەم تىز ھەم توغرا تارتالايدىغانلقى سەۋەبدىن قويۇلۇپ قالغاندۇ. توختى رەندە مېھىمانلار بىلەن بىر_بىرلەپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كۆپچلكتىن ئەپۇ سوراپ،كۆرپىگە جايلاشتى. ئەمەت ئىتۋاز ساقندى مېھىمانغا چاي قۇيۇپ،مەزەگە تەكلىپ قىلدى.ئۈلپەتداشلار ئەمدى تولۇق جەم بولغان ئىدى.ئۆي ئىچىدىن كۈلكە چاقچاق كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.بىرنىڭ كەيندىن بېرى يۇمۇر-لەتىپلەرنى ئوقۇپ تۇراتتى. _بۇرادەرلەر،_دېدى ساتتار چاقچاق قولىدىكى پىيالنى داستخانغا قويۇپ،_ئاقيار يېزسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابقسىدا ئارا مەھەللىدىكى نورۇل توكانىڭ دىڭ قۇلاق ئىتى ھەممە ئىتلارنىڭ كۈلنى كۆككە سورۇپ،ئاللا_توۋسىنى چىقىرىپ تاشلدى.ئۇنىڭ ئىتنى ئالالىغۇدەك بىرەر ئىت مەيدانغا چىقمىدى. بۇ گەپنى ئاڭلغان ئەخمەت مەنتەڭ ئەمەت ئىتۋازغا تەنە ئارلاش: _ئەمەتئاخۇن قارا ئاپشاركاڭلارنى نېمشقا ئېلىپ بارمدىڭلار؟ ئىتڭلار ئاغرىپ قالغانمۇ- يە؟_دېدى. _مېنى ئوبدان چۇشنىسىلەر ئاغىنلەر،ئىت ئاغرىپ قالمغان بولسىا مەن ئاشۇنداق يەردىن قالاتتىمۇ،بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىت تازا بىر نەرسە يېگلى ئۇنمايۋاتىدۇ،_دېدى ئەمەت ئىتۋاز مەيۈسلەنگەن ھالدا ئولۇغ-كىچىك تېنىپ. مېھمانلار ئىتنىڭ ئاغرىپ قالغانلقنى ئاڭلاپ بەس-بەس بىلەن قانداق قىلش توغرسىدا مەسلھەت بېرىشكە باشلدى. _قوي گۆشنى توخۇمنىڭ ئىقى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ بەرسىەڭ،تىز ساقيدۇ. _قوناقنىڭ ئۇنىدىن زاڭ چېلىپ بەرسىەڭ،ئشتھاسى ئېچلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئەمەت ئىتۋاز كۆپچلكنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلكىگە رەھىمەت ئېيتىپ: _مېنى ئۇنداق قىلمدى دەپ ئويلماڭلار،جاھاندىكى بارلىق ئامال-سەۋەبلەرنى قىلىپ باقتىم.لېكىن ئىتقا داۋا بولمىدى.قانداق قىلسام بولاركىن تاڭ؟!_دېدى بېشنى چايقاپ. _مەن يېقىنىدا بىر ئىش بىلەن شەھەرگە كىرگەن ئىدىم،_دېدى تۇرسۇن زابوي جىددىي تەلەپپۇزدا،_بىر ئادەمنىڭ ئون مىڭ يۈەنلىك ئاپشاركا نەسىلىك ئىتى سىلىنىڭ ئىتڭلارغا ئوخشاش غىزا يېمەس بولۇپ قالغان ئىكەن،ئېگىسى قەيەردىن ئاڭلغان، ئىتقا نەشە چەكتۈرۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن نەشە چەككەن ئىتنىڭ ئشتھاسى ئېچلىپ،بىر نەرسىە يەپتۇمىش. تۇرسۇن زابوينىڭ گېپنى ئاڭلغان كۆپچلىك تازا كۈلۈشتى. _جاھاندا نەدىمۇ ئىت نەشە چىكىدىغان ئش بولسۇن،تازا قاملاشمغان بىر گەپ بولدى_دە،_دېدى ساتتار چاقچاق كۈلكسىنى تەستە توختىپ. _بۇ گەپنىڭ ئىلمي ئاساسى بار بولۇشى مۇمكىن ئاغىنلەر،_دېدى غوپۇر سۇيۇق ئېتىراز بىلدۈرۈپ،_ئەجىبا،ئادەملەر نەشە چەكسە قورسىقى ئېچىپ،ئون يىل ئاچ قالغان بۆرىدەك ئالدىغا نېمە كەلسىە تويغىننى بىلمەي يەيدۇ،ئىت نەشە چەكسە ئۇنداق بولماسمۇ؟! كۆپچىلكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەمەت ئىتۋازنىڭ كۆڭلىدىن ئاللقانداق خىياللار ئۆتتى.ئۇ شۇنداق بولسمۇ دەرھال بىر ئىپادە بىلدۇرمەي جىم ئولتۇردى. _ئاغىنلەر قۇرۇق گەپنى قويۇپ بىرەر قاپاقتىن تارتمايلمۇ؟_دېدى كىرگەندىن بۇيان خۇمارى تۇتۇپ ئولتۇرغان مەمەت دارازا. مەمەت دارازىنىڭ گېپنى ئاڭلغان كۆپچىلىك تەڭلا ‹‹قانداق قىلمىز؟›› دېگەنچىلاپ ئەمەت ئىتۋازغا قارىدى. ئەمەت ئىتۋاز كۆپچىلكىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن دەرھال ئورۇندىن تۇرۇپ،سىرتقا ماڭدى.ئۇ ئاۋۋال چوڭ دەرۋازنى چىڭ تاقاپ،قازناق ئۆيگە كىردى_دە،ئۆينىڭ بولۇڭغا كۆمۇپ قويغان چېلىم بىلەن سۇلياۋ خالتغا ئوراپ قويغان بىر مۇنەك نەشنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىردى. ئەمەت ئىتۋاز چېلىمنىڭ سەيخاسىغا كۆك تاماكىنىڭ ئىقنى ئىلغاپ ئېلىۋىتپ،كۆكنى چڭىداپ سالدى_دە،ئۈستىگە شەرقى شمالىنىڭ سورتلۇق نەشسنى ئۇۋاق قىلىپ باستى.مەمەت دەرازا تارشا ياغاچقا ئوت يېقىپ،ئەمەت ئىتۋازغا تەڭلدى. شۇنداق قىلىپ ئۈلپەتداش بەڭگىلەر ئىككى نۆۋەتتىن چەككەندىن كېيىن باشلىرى قېيىپ،ئاشقازانلىرى تارتىشىشقا باشلدى.باياتندىن بېرى يېيلمىگەن قاتتىق نانلارنى بەڭگىلەر سۆڭەڭ غاجلىغاندەك قاساپ يەۋاتاتتى.سېلىمخان بىر نەچچە رەت خوشنىلارنىڭ ئۆيگە چىقىپ نان سوراپ ئەكىردى. ئەمەت ئىتۋاز ئايالغا ئوخشتىپ بىر لەغمەن ئېتشنى تاپلاپ،ئۈلپەتداشلارغا بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن: _ئاغىنلەر،تاماق پېشقىچە بىردەم پاراڭلشىپ ئولتۇرايلى،_دېدى. _بۇرادەرلەر،_دەپ گەپ باشلدى تۇرسۇن زابوي قاتتىق بىرىنى ئەسنەپ قويۇپ،_ساغۇن يېزسىغا كەلكۈن كېلىپ،پۈتۈن يۇرتنى سۇ بېسىپ كېتىپتۇدەك دەيدۇ. _راسىت دەيسەن ئاداش،يۇرتنى سۇ بېسىپ كەتكەندىن كېيىن ئادەملەر سۇ ئۇستىدە لەيلەپ قاپتىمىش،_دېدى مەمەت دارازا چاقچاقغا پاس چىقىرىپ. بۇ گەپنى ئاڭلغان ساتتار چاقچاق لەقمىگە يارشا: _ئاڭلسام،ئادەملەر لەيلەپ يۇرگەندىن كۆرە دەپ،سۇ ئۈستىگە ئۆي سېلۋالغانمىش،_دېدى. ئۈلپەتداش دۇستلار ساتتار چاقچاقنىڭ كەلتۈرگەن چاقچقىدىن راسا كۈلۈشتى.ئارىدا بىر قانچىسى قورسقنى تۇتقۇنچە كىگىز ئۈستىدە يۇملاپمۇ كېتشتى. توختى رەندىگە نەشە ئەمدى كۈچنى كۆرسەتكەن بولسىا كېرەك،زۇۋانى ئېچلىپ،تۇرغايغا ئوخشاش سايرىغلى تۇردى. _مۇشۇ نەشنى چەكسە كشنى ئەرشىكە چىقامش دەپ ئاڭلدىم.لېكىن ھازىرغىچە ھەر سورتلۇق نەشىلەرنى چېكىپ بىقپتىمەن،بىرەر قېتىم ئەرشىكە چىقىپ باقمىدىم.شۇنڭىدىن قارىغاندا بۇگەپ يالغان ئوخشايدۇ،_دېدى مەمەت دارازا كۆپچىلككە سوئال نەزىردە قاراپ. _راستنلا ئادەمنىڭ روھى ئەرشىكە چىقىدىكەن،_دېدى ساتتار چاقچاق،_ئۆتكەن يىلى بىر تام خوشنامنىڭ كەنجى ئوغلى مۇشۇ كاساپەتنى چىكىپ،روھى ئەرشىكە چىقىپ كېتىپ.ھازىرغىچە قايتىپ كەلمدى. كۆپچىلىك ئەنە شۇنداق پاراڭلار بىلەن يېرىم كېچە بولۇپ قالغانلقنى سەزمەي قىلشتى.ئەمەت ئىتۋاز ئىتنىڭ غىڭشىغان زەئىپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھويلىغا چىقتى.ھويلىنىڭ بىر بولۇڭىدا قارا ئاپشارىكا بېشنى كۆتەرمەي ياتاتتى.ئىگىسنى كۆرگەن بىچارە جانۋار تەسلكتە بېشنى كۆتۈرۈپ،قويرۇقنى شىپپاڭشتىپ،ئىگسىنىڭ پۇتغا بېشنى سۇركىدى.بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى غەش بولغان ئەمەت ئىتۋاز ئىتنىڭ بېشنى يىرىك قوللىرى بىلەن سىيلاپ قويۇپ،ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۈلپەتداشلار سېلىمخان ئېتىپ كىرگەن لەغمەندىن ئىككى تەخسىدىن يەپ بولۇپ ئۆيلىرىگە تارقاپ كېتشتى.مېھمانلارنى ئۇزتۇپ كىرگەن ئەمەت ئىتۋاز ئامراق ئىتنى قانداق ساقايتىش توغرسىدا يەنە ئويلنىشقا باشلدى.كاللسىغا توساتتىن باياتىن تۇرسۇن زابوي دېگەن گەپلەر كەلدى-دە،سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن لەغمەندىن ئىشپ قالغان خېمىردىن كىچىككنە بىر مۇنەكنى مەنتەڭگە سېلىپ پۇشۇرغاندىن كېيىن ئىچىگە نوقۇتتەك نەشنى سېلىپ قارا ئاپشاركىغا تەسلكتە يېگۈزۋەتتى.بىچارە ئىت گىلىغا تۇرۇپ قالغان خېمىرىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا قورسقى ئېچىپ،روھى_ھالتى ياخشلىنقا باشلدى. ئامراق ئىتنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىشلەرنى كۆرگەن ئەمەت ئىتۋازنىڭ خۇشاللقىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچلىپ كەتتى.ئۇ كانارغا ئېسىپ قويغان يېرىم جىڭ كالا گۆشنى ئۇششاق پارچىلاپ،ئىتقا تاشلاپ بەردى. قارا ئاپشاركا گۆشنى ئشتھا بىلەن يەپ بولغاندىن كېيىن نەشىنىڭ تەسىردە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا غەرق بولدى.ئەمەت ئىتۋازىمۇ خۇشال ھالدا ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى. يېرىم كېچە.ئەتراپ تىمتاس بولۇپ تولمۇ سۈرلۈك بىلنەتتى.بىر قارا كۆلڭگە ئەمەت ئىتۋازنىڭ ھويلسىدا پەيدا بولدى. قارا كۆلڭگە ئىت ۋە ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئۇخلاپ سەي بۇخارغا كەتكەنلكنى جەزملەشتۈرپ،ئۆز-ئۆزىگە: ‹‹بۇ ئامالمۇ بولىدىكەن››دەپ پىچىرلاپ قويدى.مانا ئەمدى قارا كۆلڭگە تىمسىقلاپ يۇرۇپ،ھويلىدىن بىر نەرسىە ئىزدەۋاتاتتى. قويلارنىڭ ئەنسىز مەرەشلىرىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن سېلىمخان مىڭ تەسىلكتە ئەمەت ئىتۋازنى ئويغاتتى. ئەمەت ئىتۋاز ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇندىن تۇرۇپ،كېيمنى ئاستا كېيىپ،ھويلغا چىقتى.ئۇنىڭ كاللسىغا: ‹‹ قارا ئاپشاركا باغلاقتىن بوشناپ كېتىپ،قويلارنى بوغۇپ قويمغىدى›› دېگەن خىياللار كېلىپ،ئامراق ئىتى ياتىدىغان جايغا كەلدى. ئىتنىڭ بىخرامان ئۇخلاۋاتقانلقنى كۆرۈپ،كاللسىدىن چاقماق تېزلكىدە بىر شۇم خىيال كەچتى_دە، ئوقتەك ئېتلىپ قويلار بار ئېغلغا كىردى.ئەپسۇس،قويلار يوق تۇراتتى.چوڭ دەرۋاز بولىسا ھاڭغرقاي ئوچۇق تۇراتتى. ئەمەت ئىتۋاز سىرتقا چىقىپ،تۆت ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئايسىز بۇ كېچىدە ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلالماي ھويلغا يېنىپ كىردى. شۇ دەققىلەردە ئۇنىڭ ئاچچقى تازا كەلگەچكە كۆزىگە ھېچ نەرسىە كۆرۇنمەيۋاتاتتى.ئشكىنىڭ يېنىغا يۆلەپ قويغان يوغان كالتەكنى قولغا ئالدى_دە، ھېچ ئشتىن بىخەۋەر خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان قارا ئاشكارسىنى قاتتىق دۇمبالاشقا باشلدى. بىچارە گۇناھىسز قارا ئاپشارىكا ئاخشامقى نەشىنىڭ تەسىردە لايدەك ئۇخلاۋاتاتتى.بۇ پاجئەدىن خەۋەرسىز روھى بولسىا ئەرشتە ساياھەت قىلىۋاتاتتى. (مەزكۇر ھېكايە ‹‹قىزىلسۇ ئەدەبياتى››نىڭ 2004-يىللىق ساندا ئېلان قىلنغان) قورقۇنۇشلۇق چۈش ھېكايە تۇرسۇن جۈجاڭ ھاسىراپ_ھۆمدىگىنىچە،بپايان قۇملۇقغا چىقىپ قالدى.ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان قۇم ئۈستىدە ئەتراپقا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ،تولغىنىپ_تولغىنىپ يولنى داۋاملاشتۇردى.ئوغرتىكەن ۋە يانتاقنىڭ ئۇچلۇق تىكەنلىرى پۇتلىرىغا سانجىلىپ،جېنىغا ئارام بەرمەيۋاتاتتى.قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ تېۋىشنى ئاڭلغان قۇملۇقتكى جانۋالار كامالىرىدىن باشلىرىنى چىقىرىپ تۇرسۇن جۈجاڭغا ۋەھىمە بىلەن قارايتى. چەكسىز كەتكەن قۇملۇق تۇرسۇن جۈجاڭغا قانچە ماڭسىمۇ تۈگمەيدىغاندەك،چېكى يوقتەك تۇيۇلۇپ پۇت_قوللىرى كالۋالىشىپ،بېشى قېيشقا باشلىدى.ئۇنىڭغا كەينىدىن قوغلاپ كېلۋاتقان غەلىتە مەخلۇق ھازىرلا يېتشىۋىلىپ جېنىنى ئالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتۋاتاتتى. تۇرسۇن جۈجاڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسە بولمايتى.تېخى قىلىدىغان ئشلىرى،خەجلەيدىغان پۇللىرى ۋە ئولتۇرىدىغان ئەمەلدارلىق تەختى بار ئىدى.ئۇ ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن غەيرىتنى يېغىپ،بىر قۇم دۆۋسىگە مىڭ تەسلكتە چىقتى.ئۇئەتراپقا ئۈمىد بىلەن نەزەر تاشلاپ،يىراق بىر يەردىن ئىس_تۈتەك كۆتۈرلۈۋاتقانلقنى كۆرۈپ يۈرىكى سەل جايغا چۈشكەندەك بولىدى. ‹‹خۇداغا شۈكۈر!ئادەم بار جايغا كەلگەن ئوخشايمەن››دېگەنلەرنى كاللسىدىن ئۆتكۈزگەن تۇرسۇن جۈجاڭ ئىس_تۈتەك كۆتۈرلۈۋاتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.كۆيدۈرگۈچ قۇم،ئوغرىتىكەن ۋە كۆك يانتاقنىڭ ئاچچىق نەشتىرى ئۇنىڭ يۇمشاق پۇتلىرىغا ئارام بەرمەيۋاتقان بولسىمۇ،يەنلا ھايات قىلىش،غەلىتە مەخلۇقنىڭ قولغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاغرىقنى سەزمەي تېخىمۇ تېز يۈگۈرەيتتى.ئۇ گاھ يېقىلىپ،گاھ ئۆمىلەپ يۇرۇپ،ئىگىز_ئىگىز قۇم بارخانلىرىنى ئارقسىدا قالدۇرۇپ ھېلقى ئىس_تۈتەك چىقىۋاتقان جايغا مىڭ بىر مۇشەققەتتە يېتىپ باردى.تۇرسۇن جۈجاڭ بۇ يەردىكى ئادەملەرنى كۆرۈپ ھەيرانلقتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. چاچلىرى ئۆسۈپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قالغان،يۇز_كۆزلىرىنى قاسىماق باسقان،تىرناقلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بىر توپ يېرىم يالىڭاچ ئادەملەر قۇم ئۈستىدە تاماق يەپ ئولتۇراتتى. ئاپتاپتا كۆسەيدەك قارىداپ كەتكەن،چىرايدا قان دىدارى يوق بىر بالا تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ كەلگەنلكنى كۆرۈپ دادىسىغا: _دادا،دادا، قارا ئاۋۇ ئادەم بىزگە قاراپ تۇرىدۇ،_دېدى. چۆل ئادەملىرى بالا كۆرسەتكەن تەرەپكە تەڭلا قارىدى ۋە تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ تۇرغانلقنى كۆرۈپ،ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ،ئۇنىڭ يېنىغا ئولاشتى. ئۆمرىدە بۇنداق ئادەملەرنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ سېمىز تېنىگە تىترەك ئولشىپ،بەزگەك ئادەمدەك تىترەشكە باشلىدى. _ياخشى تۇردىلىمۇ تۇرسۇن جۈجاڭ؟_ساقلى ئۇچتەك ئاقارغان بىر مۇيسىپىت كشى قولنى تەڭلەپ تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى.تۇرسۇن جۈجاڭ مۇشۇنداق چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتا ئۆزىنى تونۇيدىغان ئادەمنىڭ بارلقنى بىلىپ ھەيران قالدى ھەم نېمە دېيشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالدى. _مېنى تونۇماي قالغان ئوخشايلا جۈجاڭ جانابلىرى!سىلە مېنىڭ قىزىمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئەمەسىمۇ،قىزىمۇ يېنىمدا تۇرۇپتۇ مانا،_دېدى ۋە قىزىنى كۆرسەتتى. ‹‹راسىت!مەن بۇ قىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن.ھېلقى تۆۋەنگە چۈچۈش مودا بولۇۋاتقان چاغلاردا قايسبىر مەكتەپ ئۇزۇتۇش زىياپتى بەرگەندە مەن ئۇ قىز بىلەن تانسىا ئوينىغان ۋە ...››دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى تۇرسۇن جۈجاڭ. _توغرا،توغرا،ئەمدى ئېسىمگە كەلدى.بۇ قىز ئەسىلىدە سىزنىڭ قىزىڭىز ئىكەن_دە!نېمانداق بىر يەرگە كېلىپ ياشاۋاتسىلەر؟_تۇرسۇن جۈجاڭ ئۇلارنىڭ تەقى_تۇرقىغا تازا بىرقارىۋېتىپ خاتىرجەم ھالدا شۇنداق سورىدى. _سىلە بىلمەيلا جۈجاڭ،قىزىم خىزمەتكە چۈشۈپ،ئۇزاق ئۆتمەي خىزمەتنىڭ ھۆددسىدىن چىقالمدى.شۇنىڭ بىلەن خىزمەتتىن توختاپ قالدى.يۇرتتا جان باقالماي،بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق،_دېدى مويسىپىت كشى. _بۇ بولماپتۇ!دەرھال يۇرتىڭلارغا قايتىڭلار،مەن خىزمتنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈپ بېرەي!_تۇرسۇن جۈجاڭدا ئەمدى قورقۇشتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. _ھىممەتلىرىگە ھەشقاللا!_دېدى مويسىپىت كشى ھۆرمەت نەزىرىدە قاراپ. _مەن بەك ئۇسساپ كەتتىم.ماڭا ئازىراق سۇ بەرسەڭلار،_دېدى تۇرسۇن جۈجاڭ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا. چاچلىرى قاردەك ئاقارغان قېرى بىر موماي بىر چىنە سۇ ئېلىپ كېلىپ تۇرسۇن جۈجاڭغا تەڭلقدق. تۇرسۇن جۈجاڭ سۇنى ئىچمەكچى بولۇپ ئاغزىغا ئاپىرىپ تۇرشىغا ئارىدىن كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ قولدىكى قاچىنىئۆرۈۋەتتى. _سەن بۇ سۇنى ئېچىشكە مۇناسىپ ئەمەسسەن! تۇرسۇن جۈجاڭ تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن بۇ ئشتىن چۆچۈپ كەتتى ۋە يۈرىكى بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك بولدى.تۇرسۇن جۈجاڭ ئۇ كشنى تونۇيتى.ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېتىم ھەمداستىخان بولۇپ ئولتۇرغانىدى. _كۆپچىلىك،سىلەر بۇ كشىنىڭ ھەقىقىي ئەپىت_بەشىرسىنى بىلمەيسىلەر.بۇ كشى باشلىق بولغاندىن بۇيان،قىلمىغان ئەسكلىكى،ئالمىغان پارىلىرى ۋە ئاياغ ئاستى قىلمىغان قىزلىرى قالمىغان تۇرسۇن تويماس دېگەن كشى شۇ! تۇرسۇن جۈجاڭ ئۆزى خىلى ئشەنچلىك،دەپ قارىغان ئادەم تەرىپدىن رەسۋا بولىدىغانلقنى ئويلاپ باقمىغاچقىمۇ،ئشقىلىپ ئەمدىلا جايغا چۈشكەن يۈرىكى يەنە ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. تەرەپ_تەرەپتىن كشلەرنىڭ چۇقان_سۈرەنلىرى ئاڭلىنشقا باشلىدى. _ئۆتكەندە ئۇ مېنىڭ ئوغلۇمنى ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمەن،دەپ يىگىرمە مىڭ يۈەن ئالغانتى.ھازىرغىچە ئوغلۇم ئشقا چۈشمىدى. _مېنىڭ يۆتكلىش رەسميتىمىنى بېجىرىپ بېرىمەن،دەپ ئوتتۇز مىڭ يۈەن ئالغانتى.ھازىرغىچە يۆتكلەلمىدىم. _ئايالڭنى رەسىميلەشتۈرۈپ قويمەن،دەپ ئوتتۇز مىڭ يۈەن ئالغان،ئايالىم يەنلا رەسميلەشمىدى. تەرەپ_تەرەپتىن كېلىۋاتقان نارازىلىق سادالىرى تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ قۇرقۇنچ ئىچىدە قالغان يۈرىكنى تېخىمۇ مۇجۇشقا باشلىدى.ئۇ شۇ دەقىقىدە قانداق قىلش كېرەكلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپمۇ ئامال تاپالمايۋاتاتتى.ئۇ چاغقىچە كشلەر يوپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنىڭغا ئېتلىدى.تۇرسۇن جۈجاڭ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئۆتكۈر تىرناق،قاتتىق تېپىك ئاستىدا قالدى. _قېرىنداشلار،مېنى كەچۈرۈڭلار.مەن ھەممە نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرەي،_تۇرسۇن جۈجاڭ قانچە يالۋۇرغانسېرى كشلەر ئۇنى شۇنچە قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى. تۇرسۇن جۈجاڭ ‹‹ۋايجان››دېگىنچە كارۋاتىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنى قارا بېسىپ قالغانلقنى ھېس قىلىدى.ئۇ كۆرگەن چۈشنى ئويلىغانسېرى تېنىنى تېخىمۇ تىترەك بېسۋاتاتتى.يېنىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان سېمىز ئايالى ئۇنىڭغا چۈشىدە ئۆزىنى قوغلىغان غەلىتە مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ،تېنى تېخىمۇ شۈركىنىپ كەتتى. (مەزكۇر ھېكايە ‹‹شىنجاڭ مائارىپ››ژۇزنلىنىڭ 2008-يىللىق 5-ساندا ئېلان قىلنغان) مەمەت3D ھېكايە ئىدارىمىزدا ئاجايىپ ئادەملەر بار.قوشنا ئشخانىدا ئشلەيدىغان مەمەتنىڭ ئاجايىپ بىر ھەۋەسى بار ئىدىكى، يېنىغا پۇل كېرسىلا ئۇدۇل 3D لاتارىيەسى ئالىدىغان جايغا يۈگۈرەيتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ دائىم ئايلىق مائاشىنىڭمۇ تەڭدىن تولىسىنى 3D لاتارىيسگە سەرپ قىلىۋىتىپ ،ئاي يېرىم بولماي تۇرۇپ خىزمەتداشلىرىدىن قەرىز سوراپ بىزار قىلاتتى،شۇڭا ھەمىمىز ئۇنى ‹‹مەمەت 3D ›› دەپ چاقىراتتۇق. بۈگۈن ئەتىگەندە ئشقا چۈشكەن مەمەت خىزمەتداشلىرىنىڭ ئاغىزدىن ئاجايىپ-ئاجايىپ خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ،جايدا ئولتۇرالمايلا قالدى. -ماليە ئىدارىسدىكى غېنىغا 3D لاتارىيەسىنىڭ 100مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتى چىقپتۇ. -راسىت،بەك تەلەيلىككەن ئۇ. تۈنۈگۈن تېخى مەنمۇ ئاشۇ ئالغان نۇمۇرلارغا دو تىككەنىدىم، ئەپسۇس،ماڭا چىقمىدى... _نەچچە پۇللۇق سېتۋاپتىكەن؟ _3D لاتارىيىسىدىن 50يۈەنلىك سېتۋالغانىكەن،100مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقپتۇ ئەمەسىمۇ كاساپەتكە! مەمەت خىزمەتداشلىرىنىڭ ئاغىزىدىن ئاغىنىسى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قولىقىغا ئشەنمەيلا قالدى-دە،دەرھال تۈرۈبكىنى قولغا ئالدى. -ۋەي،ئاداش ياخشى تۇردىڭمۇ؟ ئاڭلسام 3D لاتارىيسىدىن مۇكاپات چىقپتۇ، دەيدىغۇ؟ -ياخشى ئاداش،نەدىكى مۇكاپاتنى دەيسەن؟!ئادەتتكى مۇكاپات ئۇ! -چوڭ مۇكاپات چىقپتىغۇ؟ -چوڭ مۇكاپات،دەپ كەتكلى بولمايدۇ،ئاداش،ئارانلا 100مىڭ يۈەن.ئەسلى بۇ قېتىم دو تىككەن نۇمۇرغا بىرەر مىليۇن يۈەن چىقامدىكىن،دەپ ئويلغانىدىم. -چىقمغاندىن ياخشراق ئاداش،كېيىن بىرەر مىليۇن يۈەنلىك مۇكاپاتمۇ چىقىپ قالار،قانداق،بۈگۈن جەم بولۇپ تەبرىكلىمەمدۇق؟ -شۇنداق قىلىمىزدە،ئەلۋەتتە.مەنمۇ ساڭا تېلېفۇن ۈېرەي، دەپ تۇرغانىدىم. ئەمسە كەچتە ‹‹جەڭگاھتىكى قەھرىمانلار ئارامگاھى››غا كېلەرسەن. ئۇلار كەچتە كۆرۈشىدىغان بولۇپ پۈتۈشتى. مەمەت تۇرۇبكىسنى قويۇۋېتىپ بىر ھازا ئويغا چۆكتى.‹‹ماڭا قاچانمۇ ئاشۇنداق مۇكاپات چىقار؟نەچچە يىل بولدى، 3D لاتارىيەسنى ئېلىۋاتىمەن،ئاز سۇممىلىق مۇكاپاتلار چىقىپ كېلۋاتىدۇ،خەپ، ماڭمۇ بىر چوڭ مۇكاپات چىقىپ قالار!›› ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى-دە، قەلەم ئېلىپ بىر نېملەرنى يېزىىپ ھېسابلاشقا باشلىدى. مەمەت ئشتىن چۈشۈپ بالدۇرلا ‹‹جەڭگاھتىكى قەھرىمانلار ئارامگاھى››غا كەلدى.قالغان دوستلىرى تېخى كېلىپ بولالمىغانىدى.غېنى ئسىق-سوغۇق سەيلەرنى بويرۇپ بولۇپ،مەمەتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. -ئاداش،سەن ئادەتتە قانداق نۇمۇرلارغا بەكرەك دو تىككىسەن؟-سورىدى مەمەت غېننغا تاماكا تەڭلەپ. غېنى مەمەتتىن تاماكىنى ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ،كۈچەپ ئىككىنى شوراپ: -مەن ھەر قېتىم دو تىككەن نۇمۇرلار ئالدىنقى قېتىملاردا مۇكاپات چىققان نۇمۇرلارنى گۇرۇپپلاش ئارقىلىق ھاسل بولغان . شۇنىڭغا ئاساسەن قىياسەن دو تىكىمەن.ھازىرغىچە دو تىككەن نۇمۇرلىرىمغا مۇكاپات چىقماي قالغان ئشلار بولمىدى،-دېدى. -مۇنداق-دە،ئاداش،مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ ئۇسۇلىدا دو تىككسەم بولغۇدەك. -نۇمۇرلارنى ھېسابلاپ تۇرمساڭ،تىككەن دو بىكارغا كېتىدۇ.شۇڭا سەگەك بولۇشۇڭ كېرەك. مەمەت بىلەن غېنى خىلى بىر ھازاغىچە پاراڭلىشىپ كېينىكى قەدەمدە قايسى نۇمۇرلارغا دو تىككىش كېرەكلىكى ئۈستدە بىرلىككە كېلىۋالىدى.بۇ چاغىچە باشقا دوستلارمۇ كېلىپ بولۇشتى. دوستلار غېننى مۇبارەكلەپ تۆت-بەش بوتۇلكا ھاراقنى خۇش كەتتى قىلىشىپ مەس ھالدا تارقاشتى.ئ مەمەت جىق ئېچۋالغاچقا،غېنى ئۇنى تاكسغا سېلىپ قويدى ۋە شۇپۇرغا بارىدىغان ئۆينىڭ ئادېرىسىنى ئېيتىپ بەردى. مەمەت ‹‹گۈلباغ ››ئائىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇراتتى.تاكسىدىن تەسلكتە چۈشكەن مەمەت ئۆيى بار بىنانىڭ ئالدىغا كەلدى-دە،بىردەم تۇرۋېلىپ،ئۆزىنى سەل ئوڭشۋالدى.ئۇنىڭ ئۆيى 4-قەۋەتتە ئىدى.مەمەت ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ 3- قەۋەتكە چىقتى.شۇئان كۆزگە يەردىكى چېچلىپ ياتقان قىزىل قەغەزلەر كۆرۈندى.ئۇ كۆزنى ئۇۋۇلىۋېىتىپ،ئالدىدا تۇرغان نەرىسىلەرنىڭ راستىنلا پۇل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە، تېيىپ يانچۇقىغا سالدى. ئائشە ئشكىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلغانلىقنى ئاڭلاپ،ئېرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكنى بىلدى-دە،يۇگۈرۇپ بېرىپ ئشكنى ئاچتى.مەمەت ئشككە يۆلىنىپ ئاران ئۆرە تۇراتتى.ئائىشە مەمەتنى يۆلەپ ئورۇندا ياتقۇزۇپ قويدى. ئائىشە خىلى بىر كەمگىچە ئۇخليالمىدى.ئۇ بۈگۈن بولغان ئشنى ئېرىگە قانداق چۈشەندۇرۇشنى بىلمەيتتى.ھەتتا ئېرى بۇنىڭغا ئشەنمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.ئۇ ئاشۇنداق تەشۋىلىشلىك خىياللار بىلەن سەھەرگە يېقىن ئۇخلاپ قالدى. سائەتنىڭ قاتتىق جىرىڭلىشىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن مەمەت چالا-بۇلا ناشتا قىلىپ،ئۇخلاۋاتقان ئائىشەنى ئويغاتماستىن خىزمەتكە ماڭدى.يولدا كېتىۋىتىپ ئاخشام بولغان ئشلارنى بىر قۇر ئەسلەپ،تۇيۇقىسز ئاخشام پەلەمپەيدىن تېرۋالىغان پۇللار يادىغا كەلدى-دە،يانچۇقنى ئاختۇردى. ئۇ ئاخشام توپتۇغرا بىر مىڭ ئىككى يۇز ئەلىك يۈەن تېپىۋالغانىدى.پۇللارنى قايتا-قايتا ساناپ چىققان مەمەتنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ئۇ:‹‹بۇ پۇللارنى قانداق قىلىش كېرەك؟توغرا، ئاخشام سورۇندا دېيشكەن نۇمۇرلارغا بىراقلا دو تىكىش كېرەك!بىرەر مىليۇن يۈەن مۇكاپات چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...›› دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، لاتارىيە سېتىش ئورنىغا ماڭدى. لاتارىيە سېتىش مەركىزى ئەتىگەندىلا قىزىپ كەتكەنىدى. 3Dلاتارىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزى تاللىغان نۇمۇرلارغا دو تىكىش بىلەن ئالدىراش بولسا،يەنە بەزىلىرى قىرىنداشنىڭ ئۆچۈرگۈچنى چشىلەپ ئويلىنىپ، ئاللىقانداق سان-سىفىرلارنى ھېسابلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. مەمەت ئاخشام غېنى بىلەن بىرلىككە كىلىۋالغان نۇمۇرغا تېپىلغان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى دو تىكىۋەتتى. بۈگۈن بالدۇرلار ئشتىن چۈشكەن مەمەت ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ يول ئالدى.ئۇنىڭ كەيپياتى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى،چۈنكى ئەتىگەن دو تىككەن نۇمۇرغا مۇكاپات چىقمغانىدى. ئائىشە ئۆيدە مەمەت ئامراق تاماقنى ئېتىپ ساقلاپ ئولتۇراتتى. -خىزمەتتىن بالدۇرلا قايتىپسىزغۇ ؟-سورىدى ئائىشە ئېرىنىڭ چىرايدىكى سۇلغۇنلۇقنى كۆرۈپ. مەمەت چاپىنى ئىلغۇچقا ئېسىپ قويۇپ: -بۈگۈن ئىشنى بالدۇرلا تۇگىتىپ، ئۇدۇللا ئۆيگە يېنىپ كەلدىم،-دېدى. ئائىشە بىر تەخسە لەغمەننى شىرەگە قويۇپ مەمەتكە: -سىزگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى،-دېدى. -قانداق گېپىڭلار بولسا دەۋەرىڭلار خوتۇن. -تۈنۈگۈن ئىدارىدىن مۇكاپات تارقتىپتىكەن،ماڭا بىر مىڭ ئىككى يۇز ئەلىك يۈەن تىگىپتۇ،يولدا كەلگۈچە يانچۇقچى ئېلۋالغان ئوخشايدۇ.ھېچ يەردىن ئېزدەپ تاپالمىدىم. -نېمە؟بىر مىڭ ئىككى يۇز ئەللىك يۈەن؟! بۇ گەپتىن بېشى قېيىپ كەتكەن مەمەت 3Dچۈشىدىن ئۇيغاندەك سىلىكىنىپ، ئەمدىلا قولغا ئالغان چوكىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى. {مەزكۇر ھېكايە ‹‹شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتى››نىڭ 2013-يىلى 13-دېكابىردىكى ‹‹قىزىلگۈل››بېتىدە ئېلان قىلنغان} پۇشايمان يېشى ھېكايە دەرىستىن چۈشۈش قوڭغۇرقى چىلىندى .بالىلار خۇشال- خۇرام ھالدا سىنىپلىردىن چىقىشىپ ئويناشقا باشلىدى .6-سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئەخمەت كىتاپنى قولتۇقلىغىنىچە مەكتەپ ئالدىدا چوكا مۇز ساتىدىغان بوۋاينىڭ ئالدىغا كەلدى –دە،بالىلار چوكا مۇز ئېلىپ بىرىۋاتقان بوۋايغا : -ماڭا بىر تال چوكا مۇز بىرىڭە،-دېدى بىر يۈەن پۇلنى تەڭلەپ .بوۋاي ئۇنىڭغا چوكا مۇز ئىلىپ بىرىپ قولدىكى پۇلنى ئالدى.ئەخمەت چوكا مۇزنى قەغىزىدىن چىقىرىپ تۇرشىغا ،بوۋاي ئاشقان پۇلنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا سىلىپ قويدى. ئەخمەت چوكا مۇزنى ئىشتىھا بىلەن شورىغاچ سىنىپقا قاراپ ماڭدى .ئۇزاق ئۆتمەي دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى –دە،ئادىل مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ كەلدى.ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەكشى قارۋەتكەندىن كېيىن سالماق ئاھاڭدا : -ساۋاقداشلار دىققەت قىلىڭلار ،دەرسنى باشلاشتىن بۇرۇن مەن سىلەرگە بىر ئىشنى ئېيتماقچى،مەكتىىپىمىزنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بەختىگۇل ئاق قان كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغاچقا ،داۋالىتىشقا ئامالسىز قاپتۇ.ھەممىمىز ئۇنىڭغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق!- دېدى. ساۋاقداشلار مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ،بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىشقا باشلىدى .بەزىلىرى ئىككى يۈەن ئىئانە قىلسا ،بەزىلىرى بەش يۈەن ئىئانە قىلىشتى .ئەخمەتمۇ ئىككى يۈەن ئىئانە قىلىشنى ئويلاپ يانچۇقىغا قولنى سالدى –دە، چۆچۈپ كەتتى .چۈنكى يانچۇقىدا جىقلا پۇل تۇراتتى . ئۇ:‹‹بۇ پۇللار نەدىن كەلگەندۇ ؟ھېلىقى چوكا مۇز ساتقۇچى بوۋاي ئارتۇق قايتۇرۇپ بەردىمۇ نىمە ؟››دېگەنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى . ئارقىدىن بۇ پۇللارنىڭ ئىچىدىن ئىككى يۈەننى ئايرىپ ئىئانە قىلدى .پۇل ئىئانە قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇئەللىم دەرىس سۆزلىدى .ئەخمەت ئارلىقتا پۇلنى ساناپ كۆرۈۋىدى.توپتوغرا تۆت يۈەن چىقتى .دېمەك،چوكا مۇز ساتقۇچى بوۋاي ئەخمەتكە ئارتۇق قايتۇرۇپ بىرىپتۇ .مانا ئەمدى ئەخمەتنىڭ كاللىسىدا ئارتۇق پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش- بەرمەسلىك خىيالى ھۆكۈم سۇرۇشكە باشلىدى .مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەن دەرسلىرى بولسا ئۇنىڭ كاللىسىغا زادىلا چۈشمىدى.پۈتۈن ئوي-خىيالى بۇ پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا ئىدى . مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئەخمەت دوستى سەمەت بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن سىنىپتىن چىقتى .مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ،ئالدىراش ھالدا چوكا مۇز سېتىۋاتقان بوۋاي ئەخمەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى .ئۇلار پاراڭلىشىپ كېىتىۋېتىپ ،سەمەت بۇ دۇكانغا كىرىپ ماروژنىدىن بىرنى ئېلىپ ،ئىشتىھا بىلەن يىگەچ ئەخمەتكە : -ئاداش ،سەنمۇ ئېلىپ يېسەڭ بولمامدۇ؟-دېدى. نەچچە پۇلغا ئالدىڭ ؟-دىدى ئەخمەت ئاغزىغا كەلگەن سىرىقسۇنى يۇتۇۋىتىپ. ئىككى يۈەن ،-دېدى سەمەت پەرۋاسىز ھالدا .ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەنمۇ بىرنى ئىلىپ يەيچۇ ،دىگەن ئويغا كەلدى –دە: بىردەم ساقلاپ تۇرغىن ،مەنمۇ بىرنى ئاچىقاي ،-دەپ دۇكانغا يۈگۈردى . ھايال ئۆتمەي ئەخمەتمۇ بىر تال مارۇژنا تۇتقان ھالدا سەمەتنىڭ يىنىدا پەيدا بولدى .ئىككى دوست مارۇژنا يىگەچ پاراڭلىشىپ يەنە يولنى داۋاملاشتۇردى .سەمەت ئۆيگە كەلگەندە ئەخمەتكە : -ئاداش تىل –ئەدەبىيات كىتابىڭىنى بىرىپ تۇرغىنە ،كەچتە تاپشۇرۇق ئىشلىۋالاي ؟ كىتابىمنى پارتىدا ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن،-دېدى سومكىسىنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ئۆتۇنگەن ھالدا . -مەنمۇ كەچتە تاپشۇرۇق ئىشلەيتتىم .بولمىسا ھازىرلا تاپشۇرۇقنىڭ سۇئالىنى يېزىۋالغىن ،-دېدى ئەخمەت سومكىسىنى ئاچقاچ .ئۇ سومكىسىنى خىلى ئۇزاق ئاختۇرۇپمۇ كىتابنى تاپالمىدى . -نېمە بولدى ،ئاداش،چىرايىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەتتىغۇ؟-دېدى سەمەت ئەخمەتنىڭ چىرايىغا قاراپ . -كىتابىم يوق تۇرىدۇ ؟-دېدى ئەخمەت جىددىيلەشكەن ھالدا . -سىنىپتا ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ- يە؟-دېدى سەمەت سۇئال نەزىردە . -سىنىپتىن ھەممە ماتېريالىمنى ئىلىپ چىققانتىم ،-دېدى ئەخمەت ئويلىنىپ تۇرۇپ . -بىرەر يەردە ئۇنتۇلۇپ قالمىغانسەن –ھە،ياخشى ئويلىنىپ باققىن ،-دېدى سەمەت . ئەخمەت ئەتىگەندىن بۇيان ماڭغان –تۇرغان يەرلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتى- دە،كىتابنى چوكا مۇز ساتقۇچى بوۋاينىڭ قېشىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى . ‹‹ئەمدى قانداق قېلىشىم كېرەك ؟چوكا مۇز ساتقۇچى بوۋاينىڭ يېنىغا بارسام،ئارتۇق پۇلنى قايتۇرساڭ كىتابىڭنى بېرىمەن دېسە ،قانداق قىلارمەن .تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى بەك يامان .كىتابىڭ قېنى؟ دەپ سوراپ قالسا نېمە دەرمەن ؟›› دېگەنلەرنى ئويلىغان ئەخمەت جايىدا بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قالدى .ئۇ ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بوۋاينىڭ يېنىغا بىرىشنى قارار قىلدى . ئەخمەت ئېغىر قەدەملەر بىلەن بىر بېسىپ –ئىككى بېسىپ مەكتەپ ئالدىغا كەلدى .بوۋاي مەكتەپ ئالدىدا تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ يالغۇز تۇراتتى .بوۋاينىڭ يالغۇز تۇرغانلىقىدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلغان ئەخمەتنىڭ يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقۇپ،پۇت-قوللىردا جان قىلمىدى . ئەخمەتنىڭ قۇرقۇنچ ئىچىدە ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقى كۆرگەن بوۋاي بىر ئىشنى پەمىلەپ ئۇنى چاقىردى . -بۇياققا كەل،ئوغلۇم،مەن سېنى ساقلاپ تۇرۋاتاتتىم،-دېدى بوۋاي ئەخمەتنى شەرەتلەپ .بوۋاينىڭ ئۆزنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئەخمەتنى تېخىمۇ قورقۇنچ باستى . شۇئان كاللىسىغا :‹‹بوۋاي پۇلنى ئارتۇق قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلىپ قاپتۇ››دېگەننى ئويلىدى .ئەخمەت بىشىنى تۆۋەن سىلىپ بوۋاينىڭ يېنىغا كەلدى . -باياتىن قارسام بۇ كىتاب تۇرىدۇ ،سېنىڭغۇ دەيمەن ؟ ئىشلەيدىغان بىر مۇنچە تاپشۇرۇقلىرىڭ باردۇ ،كىتابنى يۇتتۇرۇپ قويۇش ئۆزنى يىتتۇرۇپ قويۇشقا باراۋەر،ئوغلۇم بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم دەستىسنى چىڭ تۇتۇپ ،تىرىشىپ ئوقۇ؟ ئالە،كىتابىڭنى چىڭ ساقلا! –دېدى بوۋاي ئەخمەتنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ . ئەخمەت بوۋاينىڭ ئېيتقان سەمىمىي گەپلىردىن بەكمۇ تەسىرلەندى.ئۇنىڭ كۆزلىردە ياش ئەگدى .ئۇ ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىنى بوۋايغا تىكىپ تۇرۇپ ئۆزنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقىنى ئاقكۆڭۈل بوۋايغا ئىيتتى . (مەزكۇر ئەسەر ‹‹تارىم غۇنچلىرى››ژۇرنلىنىڭ 2010-يىللىق 4-ساندا ئېلان قىلنغان) تەنھەرىكەت ئايىغى ھېكايە خىلىدىن بېرى تەنھەرىكەت ئايىغىم كونراپ كەتكەچكە ئۇنى كېيىپ يۈرۈشكە ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا نۇمۇس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ ئايىغىمنى تاغام بۇلتۇر ئېلىپ بەرگەنىدى، كېيىپ يۇرگىنىمىگە بىر يىلىدىن ئاشقاچقا ساۋاقداشلىرىم مېنى زاڭىلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.يېڭى ئالغان چاغىدىغۇ ساۋاقداشلىرىم: ‹‹چىرايلىق ئىكەن،بەك يارشىپتۇ››دەپ ماختاپ كەتكەنىدى، بىر قانچىسى ئاتا-ئانسىغا دەپ ئېلىپ كېيىشكەنمۇ ئىدى.مانا ئەمدى رەڭگى ئۆڭۈپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتتى. تاغامغا نەچچە قېتىم:‹‹تەنھەرىكەت ئايغى ئېلىپ بېرىڭ››دەپ ئۆتۈنگەن بولساممۇ تاغام :‹‹ئالدىرىما،كېيىن ئېلىپ بېرەي›› دېگەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەردى. يېڭى تەنھەرىكەت ئايىغى كەيگەن بالىلارنى كۆرسەم ئۇلارغا شۇنداق ھەۋسىم كېلىدىغان بولدى. بەزىدە: ‹‹دادام بىلەن ئانام ھايات بولغان بولسا بۇنداق بوينۇمنى قىسىپ ئولتۇرمايتىم،بىر ئاياغنى بۇنداق يىرتىلىپ كەتكۈچە كىيمگەن بولاتتىم ››دەپ ئۇلارنى سېغىنىپ كۆزلىرىمىدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياش تۆكۈپ يىغلاپ كېتىمەن.دادام بىلەن ئانام كىچىكمدە ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەنىدى.ئۇلارنىڭ سېماسىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئەسليەلمەيمەن. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاتا-ئانسى بىلەن خۇشال يۈرگىننى كۆرگەندە:‹‹مېنىڭ ئاتا-ئاناممۇ شۇنداق مېھىرىبان،كۆيۈمچان بولغيىتتى›› دەپ ئۇلارنى بەكمۇ سېغىنىمەن.مەن ئاتا-ئانامدىن بەك كىچىك قالغاچقا تاغام مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم. تاغام ئۇرۇق-تۇغقان،يېقىن دوستلىرىمنى ئۆيگە تەكىلىپ قېپتۇ.ئۇلار ماڭا نۇرغۇن سوۋغىلارنى بەردى.مەن مۇشۇنداق مېھىرىبان تاغامنىڭ،كۆيۈمچان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ،دىلكەش دوستىلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۇم.تاغامنىڭ سوۋغىسنى ئېچىپ خۇشاللىقىتىن كۆزۈمىدىن ياش چىقىپ كەتتى.ئۇ ماڭا ‹‹ئادېداس›› ماركىلىق تەنھەرىكەت ئايىغى سوۋغا قىلغانىدى. مەن سەھەردىلا ئورۇنۇمدىن تۇرۇپ خۇشال ھالدا مەكتەپكە يول ئالدىم. ساۋاقدىشم مەمەت مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن.ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىمىزىدىن ئىنتايىن ياخشى ئۆتەتتۇق،ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا قاچانلا قارسا مەيۇس يۇرەتتى. بۈگۈن 4-سائەتلىك دەرىستە مەن يېڭى تەنھەرىكەت ئايغىمنى كېيىپ خۇشاللىق بىلەن ساۋاقداشلىرىمغا قارىدىم.دوستۇم مەمەت يەنە تەنھەرىكەت ئايىغى كەيىمگەنلىكى ئۈچۈن ‹‹تۆت مەيدان يۈگرەش››جازاسىغا ئۇچرىدى.مەمەتنىڭ تەنھەرىكەت ئايىغى يوقلۇقنى بىلەتتىم.ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىگە قاراپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.ئۇيان ئويلاپ،بۇيان ئويلاپ ئاخىر بىر ئامال ئويلاپ تاپتىم. ئەتىسى دۇستۇم مەمەت مۇئەللىم بەرگەن ‹‹ئادىداس››ماركىلىق تەنھەركەت ئايىغنى قولغا ئېلىپ خۇشالىقىتىن كۆزلىرىدىن ياش ئەگدى . مەن ئۇنىڭ بۇنداق خۇشال بولغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋتاتتىم. مەزكۇر ئەسەر (شىنجاڭ ئۇسمۈرلىرى›› گېزىتىنىڭ 2013-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى ساندا ئېلان قىلىنغان تۇرمۇش خۇشاللىقىغا مۇھتاج ـ غەم - قايغۇ كېسەل قىلىدۇ، خۇشاللىق داۋالايدۇ. شاشلىق ھېرىتار، ئاچچىق قېرىتار، خۇشاللىق ياشارتار، بوشاڭلىق چىرىتار. ـ ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىردىن ـ تۇرمۇشتا خۇشال-خۇرام ياشاي دېسەڭ يەلكەڭىنى بېسىپ تۇرغان روھى ئېغىر يۈكىنى چۆرۈپ تاشلاڭ! ـ خاتىرەمىدىن بىر باي ئۆشىنىسگە بىر تاغا ئالتۇن-كۈمۈشنى ئارتقىنىچە يىراقلاردىن خۇشاللىق ئىزدەپ مېڭپتۇ.بىراق،نۇرغۇن تاغ-داۋانلارنى بېسىپمۇ خۇشاللىقىنى تاپالماپتۇ. بىر كۈنى كىيملىرى جۇل-جۇل،چىرايدىن نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر دېھقان تاغ ئارسىدىن ناخشا ئېيتقىنچە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ قاپتۇ.ئۇ ئادەم دېھقاندىن خۇشاللىققا ئېرشىشنىڭ تەدبىرىنى سورىغانىكەن،ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:‹‹بۇنىڭ نەدىمۇ تەدبىرى بولسۇن،سەن ئۆشنەڭىدىكى ئېغىر نەرىسىنى ئېلىۋەتسەڭلا مۇرادىڭغا يېتىسەن›› دەپتۇ. خۇشاللىق ئىزدەپ ساياھەتكە چىققان ئادەم دەرھال ئەقلىگە كەپتۇ ھەمدە:‹‹شۇنچىۋالا ئېغىر بايىلىقىنى يۈدۈپ مېڭىپ بەللىرىمىۇ ئۇسۇتلۇپ كېتەي دېدى،سارايلاردا قونغاندا ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمىدىن ئەنسىرەپ تۈزۈك ئۇخليالمايمەن،يول يۈرگەندە بولسا بۇلاڭچىغا ئۇچراپ قالارمەنمكىن دەپ يۈرىكىم پوك-پوك،مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن قانداقمۇ خۇشاللىقغا ئېرشەلەي؟››دەپ ئويلاپتۇ. راست!ئەگەر باي ئۆشنسدىكى تاغارنى يەرگە قويۇپ،ئۇنى يولىدىن ئۆتكەن غېرىب-غۇرۋالارغا بۆلۈپ بەرگەن بولسا ئۆزى ئېغىر يۈكىتىن خالاس بولۇپلا قالماستىن،يەنە باشقلارنىڭ مىننەتدارلىقىغا ئېرشىپ،ھەقىقىي خۇشاللىقغا مۇيەسسەر بولغان بولاتتى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا،بىر قىسىم كشلەرنىڭ ھەدېسە بۈگۈنكى دەۋردە خۇشاللىقتىن سۆز ئېچىش تەس بولۇپ كەتتى.خۇشاللىق بىزدىن بەك يىراقلاپ كەتتى،تۇرمۇشىمىز مۇرەككەپلىشىپ كەتتى،دەپ قاشايدىغانلىقنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.لېكىن خۇشاللىق بىزدىن ئانچە يىراقتا ئەمەس.پەقەت بىز ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى پەقەتلا ھېس قىلالماسلىق سەۋەبدىن خۇشالقغا ئېرشەلمەيۋاتىمىز.ئۆز تۇرمۇشىمىزنى بەك مۇرەككەپلەشتۇرۇپ،مەسىللەرنى چېگش قىلىپ،مېڭىش يولى تاپالمايۋاتىمىز.ئەلۋەتتە،تۇرمۇش تۇرلۇك قېينچلىق،مۇشكۈلاتلار بىلەن تولغان بولىدۇ.لېكىن شۇ قېيىنچلىق ئىچىدىمۇ بىر خىل كشنى ھاجانغا سالىدىغان خۇشاللىق بار.گەپ،بۇنى ھېس قىلىش،بايقاشتا! بەزى چاغلاردا ئۆزىمىزنى چوڭ بىر يۈك پاراخۇتىنى سۆرەپ كېتۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز.يۈك قانچە ئېغىرلاشقانېسىرى پاراخۇتنىڭ مېڭىش سۈرئىتى شۇنچە ئاستلغاندەك تۇرمۇشىمىزدا خۇشاللىق يىراقلاپ كېتۋاتقاندەك ھېسياتتا بولىمىز.تەمەخۇرلۇق،نەپسانيەتچلىك،ئاچكۆزلۈك تۈپەيلى ئۆشىنمىزدىكى يۈكىنى ئېغىرلىتىپ،خۇشاللىقنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىمىز.خۇشال بولالماسلىقىمىزنى ئۆشىمىزدىكى يۈكىنى بەك ئىغىرلىتىپ قويغانلىقىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان. دېمەك بىزنىڭ خۇشال بولالماسلىقىمىز زىممىزدىكى يۈكىنىڭ بەك ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى،بۇنى ھەم ئۆزىمىزنىڭ ناچار پىسخكىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆشىنىمىزدىكى ئارتۇقچە يۈكىنى ئېلىۋىتىپ تۇرمۇشقا كۆلۈپ قارايدىغان بولساق،خۇشاللىق بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا سايىگە ئوخشاش ئەگىپ يۇرگەنلىكىنى بايقايىمىز. خۇشالىق بىر كېپىنەككە ئوخشايدۇ،ئۇنىڭغا قول ئۇزاتسىڭىز ئۇچۇپ كېتىدۇ ،جىم تۇرسىڭىز سىزگە قونىدۇ. كشى خۇشال-خۇرام ئۆتكەندىلا تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېسىم ۋە ۋەھىمىدىن خالى بولغىلى بولىدۇ. خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا،تۇرمۇشىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. قورسىقى كەڭ بولۇش، مېھرىي - شەپقەتلىك ياشاش ئىنتايىن خۇشاللىق ئىش.شۇڭا،تۇرمۇشتا خۇشال ياشاڭ! (مەزكۇر ماقالە ‹‹ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››دە ئېلان قىلنغان تۇرمۇشتا ئالدىراقسانلىقتىن ساقلنىڭ ـ مەسلىنىڭ ئالدى-كەينى ئويلاپ ئش كۆرۈش دانالىقتۇر،ئالدىراقسانلىق ئەقلىسزلقتۇر. ـ خاتىرەمىدىن ئالدىراقسانلىق كشنى خاتا يولغا باشلاپلا قالماستىن،باشقلارغا زىيان سالىدىغان ناچار پىسخكا.ئالدىراقسان ئادەم مەڭگۈ غالبىيەتچى بولالمايدۇ.ھەر قانداق ئشتا مۇۋاپپەقيەت قازنالمايدۇ.ئالىداقسان ئادەمنىڭ ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.مەيلى خىزمەت،مەيلى سودا-تىجارەت ۋە ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسا ھەر قانداق ئشنى ئەقىل-پاراسەت بىلەن قىلىش،ئالدىراقسانلىقىتىن قەتئى ساقىلىنىش كېرەك.كونلاردا ‹‹ يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس، ئالدىراقسانلىق شەيتانلىق، سالماقلىق — رەھمانلىق.›› دېگەن ھېكىمەت بار.تۇرمۇشتا ھەر قانداق ئشنى قىلىشىتىن بۇرۇن شۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينى قاتتىق ئويلاپ،ئەقىل-پاراسەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەل ئارىسدا مۇنداق بىر ھېكمەتلىك مەسەل تارقالغان ئىكەن.ئورمانلقتا ياشايدىغان شىر ئاغرىپ قىلىپ،ئۆڭكۈردە ئىڭىراپ يېتىپۇ.ئەتراپتىكى ھايۋانلار كەينى-كەينىدىن ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ.ئۇنىڭ ئىڭىراشلىرىنى ئاڭلغان تۈلىكىنىڭمۇ ئشى سىرىلىپتۇ ھەمدە ئۇنى يوقلاپ چىقماقچى بوپتۇ.ئۇ شىر ياتقان ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كېلىپ،يەرگە شۇنداقلا بىر قاراپتۇ-دە،قەدىمىنى توختىۋاپتۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە ياتقان شىر تاقەتىسزلەنگەن ھالدا :‹‹ھەي تۈلكە!نېمشقا ئىچىگە كىرمەيسەن؟››دەپ سوراپتۇ.تۈلكە: ‹‹مەن ئۆكۈرنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭغان ئاياغ ئىزلىرىنلا كۆردۈم،ئۆڭكۈردىن يېنىپ چىققان ئاياغ ئىزلىرىنى بولسا كۆرمىدىم،ئەھۋال شۇنداق تۇرسا،ئىچىگە كىرىشكە قانداقمۇ پېىتناي!›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. راسىت،بۇ ھېكىمەتلىك مەسەلىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدكى،تۈلكە تولىمۇ ھوشيار،بۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت.تۈلكە ئۆز ھوشيارلىقى،تەمكىنلىكى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ ھەمدە ئۆز كۆشەندىلىرىدىن غالىب كېلەلەيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوقۇم بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بەزى نەرسىلەرنى تاللىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، ئۇنى قايتا تەڭشەپ، كۆپكە ئېسلىۋالماسلىق، بولۇپمۇ قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىق، ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىش كۆرمەسلىك كېرەك. ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە،جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي،ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىڭ،ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئاسانلا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ.ئالدىراقسانلىق تۈپەيلى ھادىسىدىن ماھىيەتكە يۈرۈش قىلالمايدىغان،مۇۋاپپەقيەت يولىنى ئېتىپ تاشلايدىغان ئشنى قىلىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. بۈگۈنكى تېز رىتملىق تۇرمۇش بېسمىدا ھەر قانداق ئشتا سۈرئەت قوغلۇشۇپ،ئەمەلىي ئۇنۇمگە ئەھىميەت بېرىشكە سەل قارساق، جۈملىدىن،قارىغۇلارچە سۈرئەتنى قوغلىشىپ،ئالدىراقسانلىق قىلىساق،بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنلا كۆرۈپ،ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئەھىميەت بەرمىسەك،ھامان بىر كۈنى ماغۇرىمىزدىن كېتىپ ھېچ ئشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايىمىز. دېمەك،ھەر قانداق ئشتا ئالدىراقسانلىقتىن خالىي بولۇپ،تەمكىن،ئىغىر بېسىق بولۇش،ھېسيات بويىچە ئش كۆرۈشتىن ساقىلىنىپ،ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش كۆرۈش ئادەمنى مۇۋاپپەقيەت باغچىسىغا ،خۇشاللىق-بەخت يولغا باشلايدىغان ماياكتۇر. (مەزكۇر ماقالە ‹‹ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››دە ئېلان قىلنغان شەخسيەتچلىك ئادەمگە دۈشمەن -شەخسيەتچلىك قەلىبنى چىرىتدۇ.ئنسانى روھنى ئۆلتۈرىدۇ. ـ خاتىرەمدىن شەخسيەتچلىك كشى قەلىبنى چىرىتىپ،خاتا يولغا باشلايدۇ.ئىنسانى غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىپ،ۋىجدانغا خىلاپ ئشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.شەخسيەتچلىك كشنى ئارامىدا قويمايدىغان،پەزىلەت گۈلستاننى گۇمران قىلىدىغان ۋابا كېسلىدۇر. شەخسىيەتچلىك ھۆكۈم سۈرگەن قەلىبلەردە ئادىمىي خىسلەت،پەزىلەت ئۈنچلىرى بولمايدۇ.شەخسىيەتچى كشى ھەممە ئشدا ئۆزنىڭ مەنپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئىش كۆرىدۇ.ئۆزنىلا مەركەز قىلغان تۇرمۇش چەمبىرىكىدە بىر ئۆمۈر ياشايدۇ.شەخسىيەتچلىك ھۆكۈمرانغا قول بولغان كشنىڭ تۇرمۇشىدا خۇشاللىق،ھەققىي بەخت گۈللىرى پۇراق چاچمايدۇ. بىر كشى قوملۇقتا ئىككى كۈن مېڭپتۇ.يېرىم يولدا قۇم-بوران چىقىپ كەتكەچكە يولدىن ئىزىپ قاپتۇ.ئۇ ماڭا-ماڭا تاشلاندۇق بىر ئۆيگە كەپتۇ. ئۇ ھارغىن تېننى سۆرەپ ھېلىقى ئۆيگە كىرىپتۇ.بۇ شامال ئۆتۈشمەيدىغان ئۆي بولۇپ،ئىچىدە قورۇپ قالغان ياغاچلار بار ئىكەن.ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئۆينىڭ بولۇڭغا كېلىپ تۇرۇشىغا،بۇ يەردە بىر سۇ چىقىرىش ماشنىسىنىڭ تۇرغانلىقنى بايقاپ قاپتۇ. ئۇ ھاياجانلىنىپ،سۇ چىقىرىپ ئىچمەكچى بولغان بولسمۇ،ئەمما ھەر قانداق قىلىپمۇ بىرەر تېىمم سۇ چىقىرالماپتۇ-دە،يەردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ.شۇ ئەسنادا ئۇ سۇ چىقىرش ماشنىسى يېنىدا ئېغىزى پۇرۇپكا بىلەن ئېتىكلىك تۇرغان بىر كىچىك بوتۇلكىغا چاپلانغان،سارغىيپ كەتكەن بىر قەغەزگە مۇنداق خەتلەرنىڭ يېزىلغانلقنى كۆرۈپتۇ:‹‹بوتۇلكىدىكى سۇنى سۇ چىقىرىش ماشنىسىغا قويسىڭىز ئاندىن سۇنى تارتىپ چىقىرىپ ئىچەلەيسىز.ئايرىلىشىتىن ئىلىگىرى چوقۇم بوتۇلكنى سۇ بىلەن توشقۇزۇپ قويۇڭ!›› ئۇ پۇرۇپكىنى ئاچىقانىكەن،بوتۇلكىدا راستىنلا لىق سۇ بار ئىكەن. ئەگەر ئۇ شەخسيەتچلىك قىلىپ بوتۇلكىدىكى سۇنى ئېچۋەتسە،ئۇسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ قالماي،بۇ يەردىن ساق-سالامەت كېتۋالاتتى.ئەگەر ئۇ قەغەزگە يېزىلغىنى بويىچە بوتۇلكىدىكى سۇنى سۇ چىقىرش ماشنىسغا قويۇۋېتىپ،تاسادىپى سۇ چىقماي قالسا،ئۇساپ ئۆلەتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاخىر ئۇ بوتۇلكىدىكى سۇنىڭ ھەممىسىنى كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن سۇ چىقىرىش ماشىنىسغا قويۇۋېتىشنى قارار قىلىدى.ئۇ تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن سۇ چىقىرۋېدى،سۇپ-سۈزۈك سۇ راستىنلا بۇلدۇقلاپ چىقشقا باشلىدى. ئۇ سۇغا قانغاندىن كېيىن،بوتۇلكىغا لىق سۇ قاچىلاپ،پۇرۇپكىنى ئاۋۋالقىدەكلا چىڭ ئېتىپ قويدى-دە،ھېلىقى قەغەزنىڭ كەينىگە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ يېزىپ قويدى:‹‹ماڭا ئشنىڭ،مۇشۇنداق قىلىسڭىز چوقۇم كۈتكنىڭىزگە ئېرشەلەيسىز،ئېرشىشىتىن ئىلىگىرى ئاۋۋال بېرىشنى ئۆگىنىش كېرەك›› توغرا!ئەگەر بۇ ئادەم شەخسيەتچلىك قىلغان بولسا،بويۇلكىدىكى سۇنى ئېچۋەتكەن بولسا،كېيىن كەلگەنلەر سۇسىز قالغان بولاتتى.شۇنداقلا،مۇشۇنىڭ بىلەن كېينىكلەرنىڭ ھاياتلىق ئۈمىدى يوقالغان بولاتتى. تۇرمۇشتا شۇنداق ئادەملەر باركى،ئۆزنىڭ كىچىككنە مەنپەتى ئۈچۈن ئومۇمنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالىدىغان،ئۆزنىڭ ئازغىنە نەپسى ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى سېتۋىتىدىغان ئۇچىغا چىققان شەخسيەتچلەر. شەخسيەتچلىك كشنى ئاسانلا ئۆزگە مەھىلياھ قىلىپ،ئازغۇنلۇق يولغا باشلايدۇ.ھەمدە باشقلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئازابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە كشنىڭ تەبئىتى شەخسيەتچلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ كەينىدە يەنە ئاقكۆڭۈللۈك،ئولۇغلۇق بار.پەقەت كشى شەخسيەتچلىكىنى چۆرۈپ تاشلايدىغانلا بولسا،تۇرمۇش مۆجىزلەرگە،خۇشاللىقلار،گۈزەلكىلەرگە تولىدۇ. شۇڭا،تۇرمۇشتا شەخسيەتچلىكىنى چۆرۈپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلالساقلا،ھەققىي مەندىكى بەخت بىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ. ئەكسچە بولغاندا،شەخسيەتچلكىنى ئۆزىمىزگە ھەمرا قىلساق،گۈمراھلىق،غۇرۇسىزلىق،پەزىلەتىسزلىك،ۋەيرانچلىق قۇچاق ئاچىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،ئۆزىڭىزدىكى شەخسيەتچلىك يۈكىنى چۆرۈپ تاشلاڭ! ‹‹ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈندىكى ساندا ئېلان قىلنغان ئىشەنچ مۇۋاپپەقيەت يولى ـ پەقەت ئاجىز، ئەخمەق ئادەملەرلا ئامەتكە ئىشىنىدۇ. بىراق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى –ئۆزىگە ئىشىنىشتۇر. ـدانالار ھېكىمەتلىرىدىن ئىشەنچ كىشىنىڭ غەلبە يولىنى يورۇتۇپ، بەخت يۇلتۇزىنى چاقنىتىدۇ. كىشىگە چەكسىز شان – شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئاتا قىلىدۇ. ئىشەنچ – مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى. مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەبمۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەملىكىدە. باشقىلارغىلا تايىنۋالىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى قاقالمايدۇ. ئەكسچە، ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمەي قالمايدۇ. قۇياش غەرىپكە ئولتۇرغاندا، كۆز تەتكۈسىز قۇملۇقتا بىر يىگىت بىر مويسىپىتنى يۆلەپ، مىڭ تەسلىكتە ئالغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. مويسىپىىت جۇغراپىيە پىروفېسسورى بولۇپ، يىگىت ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى . قۇملۇقنىڭ سىرىنى ئېچىش ھەمدە «قۇملۇقنىڭ سىرى ئۈستىدەئىزدىنىش»نامىق كىتاپنى تاماملاش ئۈچۈن پروفېسسور پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن يىگىت بىلەن بىللە بۇ سىرلىق قۇملۇققا كەلگەن ئىدى . كۈتۈلمىگەندە پروفېسسور قۇملۇقنى تەكشۈرۈپ قايتىش سەپىرىدە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالدى. پروفېسسۇر جان ئۈزۈش ئالدىدا تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن تەكشۈرۈش ماتىريالى، بىر خالتا قۇرۇق ئاشلىق ۋە بىر بوتولكا مىنىرال سۇنى ياردەمچىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يېنىدىن بىر پارچە باغاقچىنى ئىلىپ ياردەمچىسىگە تەڭلەپ: «سەن چوقۇم ھايات قايتىپ كەتكىن »دېگىنىچە جان ئۈزدى . يىگىت باغاقچىنى ئىچىۋىدى، ئۇبىر سخېما بولۇپ چىقتى. سخېمىنىڭ سول تەرىپىنىڭ ئۈستىگە يەتتە يۇلتۇز، ئوڭ تەرىپىنىڭ ئاستىغا بىر دەريا سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىگە مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: قۇتۇپ يۇلتۇزنىڭ قارشى تەرىپىنى بويلاپ ماڭساڭ، ناھايىتى تېزلا سۇ بار يەرنى تاپالايسەن. يىگىت پروفېسسورنى بىر قۇم دوۋىسىنىڭ ئۈستىگە دەپنە قىلغاندىن كېيىن، يۈك – تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، پروفېسسور بەرگەن سخېمىغا ئاساسەن قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ قارىشىسىنى بويلاپ ماڭدى. ئىككىنچى كۈنى كەچتە، يىگىت ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ يەنە يولغا چىقتى. ئۇ مۇشۇ بىر قانچە ئايدىڭ كېچىدە سۇ بار يەرنى تېپىۋىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئاي قاراڭغۇسى بولۇپ كەتسە نىشاندى ئادىشىپ قالاتتى. نىشاندىن ئادىشىپ قالسا، مۇشۇ قۇملۇقتا ھالاك بولاتتى. ئۇنى ئەڭ ئەندىشىگە سىلىۋاتقىنى – مىنرال سۇنىڭ پەقەت بىر يۇتۇملا قالغىنى ئىدى. ئۈچىنچى كۈنى سۇس ئايدىڭدا ئۇ ئوتتەك قىزىق قۇمغا دەسسەپ، بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن يەنە ئالغا ئىلگىرلىدى. بىر قەدەم، ئىككى قەدەم، يۈز قەدەم، مىڭ قەدە... ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تىركىشىپ تۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇم بارخانلىرىدىن نەچچە قېتىم موللاق ئېتىپ، دومىلاپ چۈشكىنىنى بىلمەيتتى. ئۇنى ئەڭ قىينىغىنى ئۇسسۇزلۇق ئىدى. ئۇنىڭ گاللىرى قۇرۇپ لېۋىنى گەز باغلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇ بوتۇلكىنىڭ تېگىدىكى ھېلىقى بىر يۇتۇم سۇنى ئاياپ ئىچمىدى. ئۇ ھەر قېتىم سۇسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشەي دېگەندە ، قولىدىكى سخېمىغا قارىسىلا كاللىسىغا «ئالدى تەرىپىمدە سۇ بار» دېگەن خىيال كېلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئ ۇ يېرىلىپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قوياتتى – دە، ئۆزىنى كۈچلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىمۇ ھەسسىلەپ ئاشاتتى. تۆت كۈندىن كېيىن ئۇ ئاخىر قۇملۇقتىن بۆسۈپ چىقتى. بىراق، ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، كۆز ئالدىدا ئەسلا سۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ، پروگېسسور جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۆزىگە بەرگەن سخېمىغا قايتا بىر تەپسىلى قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى. ئەسلىدە پروفېسسور ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئەتەي شۇنداق قىلغانىكەن ئەمەسمۇ؟ يىگىت شۇلارنى ئويلىغىنىدا، كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلدىھەم پروفېسسورنى چوڭقۇر ھۆرمەتتە ياد ئەتتى. بەرھەق!تۇرمۇشتا بەزىلەر چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى قولدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان، يارامسىز، ئىقتىدارسىز ھېسابلايدۇ. باشقىلارنىڭ مەقسەتلىك زەربىسى تۈپەيلى، ئۆزىنىڭ ئىشەنچ يۇلتۇزىنى ۋاقىتسىز يوقىتىپ قويىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ھەممە ئىشتا زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە تۇتالمايدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا بىلىپ- بىلمەي تەشۋىش ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويىدۇ. ئەتراپىنى نۇرغۇن توسالغۇلار ئوراپ تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. كىشى ئۆز – ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنگەندىلا، تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق قېيىنچىلىقلارنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇنداق روھقا ئىگە ئادەملەردە ئىشەنچ تولۇپ – تاشقان بولىدۇ. ئۇلار قۇرۇق خام – خىياللاردىن يىراق تۇرغانلىقى، ئۆزىگە نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ئىشىنىش تۇيغۇسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، قىلغان ھەر قانداق ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ ھەم ئۆكۈنمەيدۇ. ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچىسى ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قايىل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. دوستۇم، كىشىلىك ھايات تۈرلۈك ئەگرى – توقايلىقلار بىلەن تولغان. ئەگەر سىز ئۈمىد ۋە خىرىسقا تولغا بۇ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز ، قەلبىڭىزدە ئىشەنچ چىرىغى مەڭگۈ يېنىپ تۇرسۇن! ئىشەنچ سىزدىن يىراقلاپ كەتمىسۇن! چۈنكى، ئىشەنچ – بارلىق غەلبە ۋە سائادەتنىڭ ئاچقۇچى. (مەزكۇر ماقالە ‹‹ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››دە ئېلان قىلنغان ئۈمىد ھاياتلىقىنىڭ يېلىتىزى -پۇزتسيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. -رومان.W.پېيىر ھاياتلىق تۈرلۈك قېينچلىق ۋە قسىمەتلەرگە تولغان.ئەگىرى-توقايلىق ئىچىدە داۋاملشىۋاتقان ھاياتلىق مەڭگۈللۈك ئۈمىدكە مۇھتاج.ھاياتلىق خوجاينلىرىنىڭ روھيتىدە ئۆلمەس ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرىدىكەن،ھاياتلىق گۈزەللىك ۋە چۇڭقۇر مەنە بىلەن تاماملىنىدۇ.ئۈمىد ھۆجەيرىلىرى ئۆلىدىكەن،ھاياتلىق قىممەت ۋە مەنە بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ.تۇرمۇشتىكى قېينچلىق ۋە ئوڭۇسىزلىق كشى خاراكېتىرىنى يارتىدۇ ۋە تاۋلايدۇ.يېڭى بىلىم ۋە ئەقىللەرنى ئاتا قىلىدۇ.قېينچلىق بولمىغان تۇرمۇش ۋە خىزمەت مەنىلىك ۋە ئەھميەتلىك بولمايدۇ.كشى قسىمەت قېينچلقلار ئىچىدە ئىلگىرلەيدۇ ۋە شان-شەرەپ،مۇۋاپپەقيەتلەرگە ئىگە بولىدۇ. تۇرمۇشتا نۇرغۇنلغان كشلەر دۇچار بولغان قېينچلىق ياكى بىرەر كېلشمەسلىك تۈپەيلى ئۆزىنى تاشىۋىتىدۇ. خىرىس ۋە رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ھاياتقا،تۇرمۇشقا،تەقدىرىگە، باشقلارغا قانداق مۇئاملىدە بولۇش كېرەكلىكىنى توغرا ئىگىلليەلمەي،بېقىندى تۇرمۇش ھالتىنىڭ ئسكەنجسىدە،خام-خىياللار ۋە تويۇقسىز كېلدىغان ئامەتلەردىن تاما كۆتۈپ ئولتۇرغان كۆپ قسىم ياشىلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەزىزىمەس ئشلارغا ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. كشى ئەتراپلاردا يۈز بەرگەن ئشلارغا،ئۆز تۇرمۇشىدىكى بەزى قسمەت ۋە ئوڭشسىزلقلارغا توغرا مۇئاملىە قىلىش بىرگە تەجىرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسنىڭ ھاياتى كۈچنى ئاشۇرۇپ،گۈزەل كېلچەكىگە ئشەنچ قىلىپ،تىرشىپ ئشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش لازىم.ئەتراپتا قانچلىغان ۋەقە-ھادىسلەرنىڭ ۋە ئاجايىپ-ئاجايىپ قان-ياشلىق قسىمەتلەرنىڭ يۇز بېرشىدىن قەتئىنەزەر ئادەم ئۆزنىڭ ئۈمىد تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ قالماسلقى،ھاياتتا يۇز بەرگەن ئاشۇ خىل ئشىلارغا ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسى مۇئامىلە قىلىپ،ھاياتتا كەسىكىن،مەردانە ياشاشتىن ئىبارەت ھايات پۇزتسينى يېتلدۇرۇش كېرەك.ئۆتمۈش ياكى رېئاللقتا بولسۇن ئۈمىدىنى ئۆزگە دوست قىلىپ،تۇرمۇشنىڭ ئاجايىپ مۇشكۈل سىناق ۋە قېيىنچلقلىىدىن غالىب كەلگەن ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى كۆپچىلككە ئايان ئىش! بۇنىڭىدىن مىڭ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى كشلەر ئائىلىدە كىرسىن چىراغ ئشلەتكەن.كىرسىن چىراغدىن چىققان قارا ئىس كشنى بەك بئارام قىلغاچقا ‹‹كەشپيات پادشاھى›› دەپ نام ئالغان ئىدىسون ئاۋامنى بۇ ئازابتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن بور،خىروم قاتارلىق ماتېرىياللاردىن لامپا قىلى ياسماقچى بولغان ۋە تالاي قېتىم سىناق قىلش ئارقىلىق موۋاپپەقيەتلىك ھالدا،لامپا قىلنى ياساپ چىققان. ئنسانيەتكە يورۇقلۇق ئاتا قىلغان ئىدسون قانداق قىلىپ لامپا قىلنى مۇۋاپپەقيەتلىك ھالدا ياساپ چىقالىدى؟ ئىدسون روھىيتىدىكى چاقناپ تۇرغان ئۈمىدۋارلىق، ئشەنچ، غەيرەت-شىجائەت،بوشاشماسلىق روھى ياساپ چىقالىدى. ئۇ لامپا قىلنى ياساش جەرياندا تالاي قېتىم ئۇڭۇشسزلىق ۋە قېينچلقلارغا ئۇچىرىدى. لېكىن،قېينچلىق ۋە ئۇڭۇشسىرلىققا باش ئەگمەستىن، قەتئى ئىرادە ۋە يۈكسەك ئۈمىدۋارلىق بىلەن قايتا-قايتا سىناق ئشلگەن.ئشەنچ ۋەئۈمىد ئالدىدا مەغلۇبيەت غەلبىگە قاراپ يۇزلەنگەن ۋە مۇۋاپپەقيەتكە باش ئەگكەن. ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگلىك دەۋردە ياشاۋاتقان كشلەرنىڭ ھاياتى ئۆتمۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپلىكە تولغان.كشلىك ھايات مۇساپسى ھەقىقەتەن خىلمۇ-خىل قسىمەتلەرگە تولغان بولىدۇ.قسمەت ۋە مەغلۇبيەتلەردىن ئۆزىنى يۇقتىپ قويدىغان،ئاجىز ۋە ئاجىزەلەر ئاز ئەمەس. كشلىك ھايات مەغلۇبيەت ۋە مۇۋاپپەقيەتلەر ئىچىدە ئۆز قەدىر-قىممتنى يارتىپ،ھاياتقا مەنە،رەڭ بېرىدۇ.مۇشكۇلات، قېينچلىق ۋە قسمەتلەر كشىگە مول ئەمىليەت ۋە مۇۋاپپەقيەت نېمەتلىرىنى سوۋغا قىلىدۇ.ئەلۋەتتە،مول نېمەتلەر ئارسىغا كۆرۇنمەس روھىيەت جېنى بولغان ئۈمىد يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.لېكىن،تۇرمۇشتا ھەممە كشىنىڭ غەيرەتلىك،چىدامچان،ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىشى ناتايىن. تۇرمۇش ئاجايىپ بىر سەھنە بولغاچقا،بۇ سەھنە ھەر خىل ئارتسلار بىلەن تولغان.تۇرمۇشتا بەزىلەر چىدام-غەيرەت،ئۈمىدۋارلىقنىڭ تۆۋەنلكىدىن ئۆزى دۇچار بولغان قېينچلىق ۋە مۇشكلاتلار ئالدىدا قانداق قىلشنى ئۇقماي،تەقدىرگە تەن بېرىپ،مەغلۇبيەتدىن ساۋاق ئالمايدىغان بەختسىزلىك پاتقىدا ئېڭىراپ ياتىدۇ.ئەكسچە،تۇرمۇشتا ئۈمىدۋارلىق روھى ئۇستۇن،تىرشچان ۋە غەيرەتلىك كشلەر بولسا قسمەت،ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا باش ئەگمەي،ھەقىقەتنى ئەمليەتىدىن ئىزدەپ،مەغلۇبيەت ۋە خاتالىقلار ئۇستىدە دادىل پىكىر، ئويلنىش ئېلىپ بېرىپ،مەغلۇبيەتنى غەلبنىڭ پىشاڭى قىلىپ،شەرەپ قۇچماقتا. ‹‹سەۋەب قىلساڭ،سېۋەتتە سۇ توختايدۇ››دەيدۇ ئەجىداتلار ئەمليەتىدىن كەلگەن تەجىرىبلەر ئاساسىدا.دۇنيادا كشى قېينچلىق ، مۇشكۇلاتلاردىن مۇستەسنا بولالمايدۇ .قيېنچلىق ۋە ئوڭۇسىزلقنى باشتىن كەچۈرمەي مۇۋاپپەقيەت قازانغان ئنسان ئنسانيەت ئالمىدە بولغان ئەمەس.ئش قىلغاندا قېيىنچلىق ۋە ئوڭۇسىزلقلارنىڭ ئۇچىرىشى تەبئى ئەھۋال. كىشدە قىلۋاتقان ئشغا قارىتا غەلبە ئۈمىدى،تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنشچانلقى بولسا،ئۆتكلى بولمايدىغان تاغ،يەڭگىلى بولمايدىغان قېيىچلىق بولمايدۇ.چۈنكى يۇرۇق دۇنيادا ئۆلۈمىدىن باشقا ھەر قانداق ئشقا ئامال-چارە بار ئەمەسىمۇ؟! كشى خىزمەت ياكى باشقا تەرەپلەردە مۇۋاپپەقيەت قازىنىشىنى نيەت قىلسا ئالدى بىلەن شۇ ئشقا قارىتا ئشەنچ،قېيىچلقنى يېڭشكە ۋە كەلگۈسىگە بولغان يۈكسەك ئۈمىد،چىدايدىغان چىدامچانلىق روھى بولۇش كېرەك.قېيىنچلىق،ئوڭۇشىسزلقغا يولۇققاندا،قېلۋاتقان ئىشدىن توختاپ قالماسلىق ياكى ۋاز كەچمەسلىك كېرەك.شۇغۇلىنۋاتقان ئشنى ئىزچىل قىلىش كېرەك.مەغلۇب بولۇشىدىن قورقماسلىق،غەلبە قىلالماسلقىدىن ئەنسىرەش لازىم. ئۈمىد-ئادەم قېندىكى خورىماس بىر خىل شەكىلسىز ئېقىن.بۇ ئېقىن كشلەرنى دائىم ياشاشقا،ھاياتلق ئۈچۈن تېنمىسز ھەرىكەت،كۆرەش قىلشقا،ۋەتەن-خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.تۇرمۇشنى مەنلىك ۋە شاد ئۆتكۈزۈشكە ئۇندەيدۇ.بەخت ئۈچۈن ئېنتلىشكە ۋە ئۆزىدىن قانات ھاسىل قىلىپ،ئىز جايدا توختاپ قالماسلقغا چاقىرىق قىلىدۇ.ناۋادا،كشلەر روھيتىدىكى بۇ ئېقىن قۇرۇپ كېتىدىكەن،ھاياتلقىنىڭ جان ئومۇرتقسى سۇنىدۇ.كشى تەڭداشسىز كۈچ-قۇدىرەتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا،ھاياتلىق ئۈمىدلەرگە تولسۇن.ھاياتلقنىڭ جان ئومۇرتقسى بولغان ئۈمىدىنى يۇقتىپ قويمايلى.ھاياتلىق ئۈمىد بىلەن ياشنايدۇ. ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇڭىزنىڭ ھاياتى كۈچى مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن!ھاياتلىق مەڭگۈلۈك ئۈمىدكە مۇھتاج! (مەزكۇر ماقالە ‹‹ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››دە ئېلان قىلنغان كەمچىلىكىنى ئېتراپ قىلىش مۇۋاپپەقيەتنىڭ ئاساسى _ئۆزىدىكى كەمچلىكلەرنى پەردازلاپ كۆرستىش ئۆزنى ھالاكەت يولغا باشلغانلقتىن دېرەك بېرىدۇ. -خاتىرەمدىن كشلىك ھاياتتا ئەيىپ-نۇقسانىسز ئادەم بولمايدۇ.ھەر قانداق ئادەمدە ئارتۇقچلىق ۋە كەمچلىكلەر بولىدۇ.ئادەم ئۆزدىكى ئارتۇقچلىق ۋە كەمچلىكلەرنىڭ ئوخشمغان مۇھىتتا ئۆزىگە نسبەتەن قانداق مەنىلەردىن دېرەك بىرىدىغانلقنى تولۇق چۈشنىپ يېتەلسىە،مۇكەممەلىككە تېخمۇ يېقنلشالايدۇ. ئادەمنىڭ ئارتۇقچلقى تۇغما بولىدۇ.ئۇنى ئۆزگەرتمەك بەسي مۇشكۇل.بەزى ئارتۇقچلىق بىلەن كەمچلىك مۇھيتنىڭ تەسىردە شەكىللەنگەن بولۇپ كشنىڭ تۇرمۇشغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرستىدۇ.ھەتتا ئۈمۈرلۈك تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ.ئارتۇقچلىق كشىگە مۇۋاپپەقيەت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلسىە،بەزى ئەيىپ-نۇقسان،كەمچلكلەر كشىگە ئازاپ-ئوقۇبەت،مەغلۇبيەت ۋە ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ساياھەت ئىدارسىدا ئشلەيدىغان بىر ئادەم ئۆزىدىكى سەۋەنلكلەرنى ھەمشە پەردازلاپ كۆرستىشكە ئامراق ئىدى.بىر كۈنى بىر قانچە دوستلار يىغىلىپ بېلق تۇتقلى كۆل بويىغا كەپتۇ.ھەمميلەن قارىماقلىرىنى كۆلگە تاشلاپ قويۇپ پاراڭلار بىلەن ئولتۇرۇپتۇ.تۇيۇقسىز ئۆزىدىكى سەۋەنلكىلەرنى ئېتراپ قىلمايدىغان ئادەمنىڭ قارىمقىغا بىر بېلىق ئېلنىپ،قارمىقنى تارتىشقا باشلاپتۇ.ئۇ ئادەم ھەر قانچە قىلپمۇ بېلقنى تۇتالماي قاچۇرۇپ قويۇپتۇ.گەرچە ئۇ ئادەم ئۆزنىڭ خاتالقى تۈپەيلى بېلقنى قاچۇرۇپ قويغان بولسىمۇ،لېكىن خاتالقنى ئېتىراپ قىلماي: ‹‹ئۇ بېلىق بەك كىچىك ئىكەن،كېيىن چوڭ بولغاندا بىر گەپ بولار دەپ قويۇپ بەردىم››دېدى.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ قارمىقغا يەنە يوغان بىر بېلىق ئېلنپتۇ.بۇ قېتىممۇ ئۇ يەنە ھەرقانچە قىلىپ بېلقنى قارماقتىن ئالالماپتۇ.ئېھتىياتسىزلقىتىن ئۆزى كۆلگە چۈشۈپ كېىپتۇ.باشقلار شۇئان قۇتقۇزۋالماقچى بولۇپ ياردەم قولنى سونغان بولسىمۇ،ئۇ ئادەم ھوشنى تاپماي:‹‹مېنى خەتەردە قالدى دەپ ئويلاپ قالماڭلار.مەن سۇغا چۇمۇلۋاتمەن...››دەپتۇ ھەمدە گېپنىڭ ئايغى چىقمايلا سۇغا چۆكۈپ كىتپتۇ.باشقلار ئۇنىڭ دېگەنلىرى راسىت ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەن.شۇنىڭ بىلەن دوستلار كېتەيلى دېيشىپ كېتىپ قاپتۇ.كىم بىلىدۇ،ئۇ ئادەم شۇ سۇغا چۇمۇلگەنچە قايتا قىرغاقغا چىقالماپتۇ. راسىت،تۇرمۇشتا بەزى كشلەر ئۆزىدىكى خاتالقلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.شۇ سەۋەبتىن ئېغىر زىيان تارتىدۇ.ئۆزىدە كەمچلىك بار تۇرۇقلۇق ئۇنى پەردازلاپ كۆرستپ،ئۆزى ۋە باشقلارنى ھالاكەت پاتقىغا سۆرەپ كىرىدۇ. ھاياتلقىتا ئۆزىدە كەمچلىك بار تۇرۇقلۇق ئۇنى پەردازلاپ كۆرستشنىڭ ئۆزى ھەممدىن بەك قۇرقۇنچلۇق.بۇنداق قىلىش ئەمليەتتە ئۆزنى ھالاكەت يولغا سۆرەپ كىرگەنگە ئوخشاش.ئۆزدە كەمچلىك بولغانىكەن ئۇنى ئېتراپ قىلىش،نۇمۇس قىلماسلىق،ئۇنىڭغا توغرادىن-توغرا يۇزلنىشگە،ئۆزىدىكى خاتالىق ۋە كەمچلكلەرنى ئېتراپ قىلشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. كەمچلكنى ئېتىراپ قىلىش،يېرىم مۇۋاپپەقيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئادەم ئۆزىدىكى كەمچلكلەرنى دادىللىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، ئېتراپ ۋە تۇزۇتكەندىلا مۇۋاپپەقيەت ئشكنى دادىل ئاچالايدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزدىكى كەمچلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىڭ (مەزكۇر ماقالە ‹‹ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››دە ئېلان قىلنغان) تۇرمۇش كۆيۈمچانلىقغا مۇھتاج _ئۆز ئاراكۆيۈنۈش-مۇزلىغان يۈرەكلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپلا قالماستىن،بەلكى قەلىبلەرنى بىر-بىرگە چەمبەرچاس باغلاپ تۇرىدىغان كۆرۇنمەس زەنجىردۇر. _خاتىرەمدىن ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ياتلشىۋاتقان يۈرەكلەرنى بىر-بىرگە يېقنلاشتۇرۇپ،مۇزلاۋاتقان قەلىبلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ،كشنىڭ ئادىميلىك قىممتنى نامايەن قىلىپ،ئىززەت-ئابرۇينى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ھەقىقىي مەندىكى ئۆز ئاراكۆيۈنۈش ئېغىزدىكى گەپ،روھى جەھەتتكى تەسەلليلا ئەمەس،ئەمەلىي قوللاش،ماددىي جەھەتتكى ياردەممۇ بولۇشى ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئىززىتنى قوغداش ئاساسدا بولۇشى كېرەك. ئۆز ئاراكۆيۈنۈش خۇددىي باھار گۈللىرگە ئوخشاش ئەتراپقا خۇش پۇراق تارقتىپ تۇرىدىكەن،ئۇنىڭ ھىدىنى پۇرغان كشلەرنىڭ تېننى يايراپ،روھلىرى ھاياتى كۈچكە تولىدۇ. يېقندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مېيپلار تەنھەرىكەت مۇسابقسىگە قاتناشقان توققۇز نەپەر يۈگۈرۈش ماھىرىنىڭ ھەممىسلا جسمانىي ياكى ئەقىلىي جەھەتتىن ئەيىبناقلاردىن ئىدى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى رەتلىك تىزىلىپ يۈگۈرۈش سىزىقىدا تۇراتتى.باشلىنىش ئوقى ئېتلىش بىلەن تەڭ ھەممىسى يۈگۈرۈشكە باشلىدى.ئۇلار بەسلشىپ يۇگرەشمەيتتى.بەلكى خۇشاللىق ئىلكىدە مۇساپنى تاماملاپ تۈگەتسىلا بولاتتى. تۇيۇقسىز بىر بالا يىقىلىپ چۈشتى.ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئورنىدىن تۇردىيۇ،يەنە يىقلىدى.نەچچە قېتىم تىرشىپ بېقىپمۇ ئۆرە بولالمىدى-دە،ئاخىرى يىغلىۋەتتى.باشقا سەككىز ماھىر ھېلقى ئوغۇل بالىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگرۈشتىن توختاپ يىقلىغان سەپدىشى بار تەرەپكە قاراپ بىردەك يۈگۈرۈپ كېلشكە باشلىدى.ھەمدە ‹‹قورقۇش يىغىندى كېسلى››گە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىر قىز كەلگۈنچە كېلىپ ھېلقى ئوغۇلنى يېنىك بىرنى سۆيۈپ قويۇپ دېدى:‹‹ئەمدى ياخشى بولۇپ قالسەن››. بالا بىر نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئورندىن تۇردى ۋە توققۇز ماھىر قول تۇتۇشۇپ بىرلكتە ئاخىرقى پەللىگە قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. مەيداندىكى بارلىق تاماشىبىن ئورنىدىن دەست تۇرۇپ كەتتى.ھاياجانلىق چاۋاكلار ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلمىدى. راسىت! كشى ھاياتىدا تەن ۋە ئەقىلنىڭ كەمتۈكلىكى ھېچ گەپ ئەمەس،ئەڭ قورقۇنچلقى كۆيۈنۈش تۇيغۇسنىڭ ئادەم قەلىبدىن يېراقلاپ كېتىشى. ئۆز ئاراكۆيۈنۈش كىشگە مەنۋىي كۈچ،روھى ئىلھام ئاتا قىلىپ،ئىرادسنى چىڭتىدۇ.ئۆز ئاراكۆيۈنۈش بولمىغان قەلىبلەردە باشقلارغا نسبەتەن چىن مۇھەببەت بولمايدۇ.ئۇنداقلارنىڭ كشلىك تۇرمۇشىدا خۇشاللىق،قەلىبدە بەخىت تۇيغۇسى بولمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقلارنىڭ تۇرمۇش،خىزمەت ۋە ئۆگىنش تەرەپلەردە ئۇچىرىغان ئوڭۇشسىزلق،قېيىنچلىقلىرىغا ئۇن-تۇنسىز ياردەم قىلىپ،جاپا چېكىۋاتقان مھېنەتسىز ئالىيجاناپ كشلەر ئاز ئەمەس.ئۇلارنىڭ ياردەم خاراكېترى شان-شۆھرەت قوغلۇشۇش بولماستىن،بەلكى باشقلارغىمۇ ھاياتنىڭ چىن مەنسنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە ھاياتلقنىڭ گۈزەل تەرەپلىرنى بىلدۇرۇشتۇر. ئۇلار ئىنسانيەت دۇنياسدىكى ئۆز ئاراكۆيۈنۈش ئارقىلىق مۇزلىغان قەلىبلەرگە ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت،يېڭى ھاياتلىق،بەخىت ئاتا قىلغۇچى ئالىجاناپ كشلەردۇر. ئۆز ئاراكۆيۈنۈش بولمىغان ھەر قانداق ھاياتلقنىڭ لەززىتى،مەنسى،گۈزەل تەرەپلىرى بولمايدۇ.ھەقىقىي مەنىدىكى كۆيۈنۈش كشگە بەخىت تۇيغۇسى ئاتا قىلدۇ. شۇڭا،تۇرمۇشتا ئۆز ئاراكۆيۈنۈش تۇيغۇڭىزنى يۇقۇتۇپ قويماڭ. (مەزكۇر ماقالە ‹‹ئشچلار ۋاقىت گېزىتى››دە ئېلان قىلنغان) بەخت ئاچقۇچى قولىڭىزدا - ھەقىقىي بەخت ھەر بىر ئىنسانغا باشقىلار تەرىپىدىن ئەمەس، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مەنسۇپ بولىدۇ. -خاتىرەمدىن بىر دانىشمەن كىشىلەرنىڭ بەخىتلىك ۋە بەخىتسىزلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، ئۇلارغا سۇئال قويۇپتۇ. بىر ئايال سۆز باشلاپتۇ: «مىنىڭ ئېرىم مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى خىزمەت قىلىش، تاماق يىيىش، ئۇخلاش، مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچ نەرسە ئەمەس. مىنى قانداقمۇ بەخىتلىك دېگىلى بولسۇن؟!» بىر ئانا دەپتۇ: «مىنىڭ كۈنۈم مالاينىڭ كۈنىدىنمۇ بتتەر. ئەتىگەندىن كەچكىچە مىنۇت دەم ئالماي ئىشلەيمەن. بالام كەپسىز، خىزمىتىم جاپالىق، ئائىلىدىكى چوڭ – كىچىك ھەممەش ئىش ماڭا قاراشلىق. مەن بەخىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت كىتابلاردىكى ھىكايىلەردىنلا ئوقۇغان» بۇنى ئاڭلاپ بىر ئەر سكز باشلاپتۇ: «ھەي، ئەر بولماق نېمە دېگەن تەس. ئائىلىدىكى بىسىم ئاز دېگەندەك خىزمەتنىڭ غىمى. ئادەتتىكىچە ئىشلىسەڭ ئاز پۇل تاپتىڭ دېگەن. كۆپ تاپاي دېسەك ئىقتىدارىڭ بولمىسا تېخخ. خوجايىنىڭنىڭ كەينىدىن خۇشامەت قىلمىساڭ تېخى بولمىغان» ئاران تەقەت قىلىپ تۇرغان بىر موماي ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ كېلىپ قايناپ كېتىپتۇ : « مىنىڭ كىلىنىم ھورۇن، ئىزلەڭگۈ، مېنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، بالىسىنى باقتۇرغاننى ئاز دەپ ھە دىسىلا مېنى ھاقارەتلەيدۇ، مىنىڭ قەلبىم ئاچچىققا تۆكۈلۈپ كەتتى، بەخىتلىك دېيىشكە توغرا كەلسە شۇنى دىسە بولار...» دەل شۇ ۋاقىتتا كىشىلەر توپىنى يىرىپ بىر شاكىچىك كەپتۇ-دە: «بالىلىق دەۋر بەك قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈن بويى ئكگىنىش بىلەنلا ئۆتىدىغان گەپ، ھەممە ئادەم بالىلار بەخىتلىك، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىر بالا بولماق ھەممىدىن تەس، شۇڭا بىز بالىلارنىڭ كۆڭلى بەكلا يىرىم» دەپتۇ. بۇلارنىڭ ئاڭلاپ دانىشمەن زادىلا تاقەت قىلالماپتۇ دەپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ: «ھەي، سىلەر ئەسلىدە بەختنىڭ ئاچقۇچىنى ئېرىڭلارنىڭ، بالاڭلارنىڭ، خوجايىنىڭلارنىڭ، كېلىنىڭلارنىڭ، ئاتا – ئاناڭلارنىڭ يانچۇقىغا سىلىپ قويۇپسىلەر ئەمەسمۇ؟ بىر ئادەمنىڭ قولىدا بەخت ئاچقۇچى بولىدۇ، بىراق ئىنسان ئەسلىدىنلا بىخۇد بولغاچقا، دائىم بىلىپ – بىلمەي بەخىتلىك ئاچقۇچىنى باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا سىلىپ قويىدۇ.» توغرا، جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلىمايدۇ. يەنە كىلىپ بەختنى باشقىلارنىڭ ئاتا قىلىشىنى ياكى غايىبتىن كېلىشنى كتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي بەختنى باشقىلار ئاتا قىلمايدۇ. كىشىلەر مەيلى خۇشاللىق بولغان ياكى خاپا بولغان مەزگىلدە، بولسۇن ھەممىسى پەقەت ئۆزىلا كونترول قىلىدۇ. ھەقىقىي بەختنى بىر تەرەپلىمە ھالدا باشقىلارنىڭ قەلبىدىن ئىزدەش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بەخت باشقىلار تەرىپىدىن ئاتا قىلىنمايدۇ. بەختنى ھەر كىم ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ يارىتىدۇ. داڭلىق بىر ئەدىب بەخت ئۈستىدە مۇنداق دېگەن: «ئالدىراڭغۇ كىشىلەر قىزىل چىراغنىلا كۆرىدۇ، چۈشكۈن كىشىلەر سېرىق چىراقنىلا كۆرىدۇ، ئۈمىدۋار كىشىلەر يىشىل چىراغنى كۆرىدۇ. بىراق، ھەقىقىي بەخىت ئىزدىگۈچىلەر رەڭ قارغۇسىدۇر.» راست، ھەقىقىي بەختنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىش شەكلى ياكى مۇقىم قىلىپى بولمايدۇ. بەخىت ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ھەر خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولىدۇ ھەم ئوخشىمىغان مەزمۇندا ئىپادىلىنىدۇ. ھەقىقىي بەختنى كىشى باشقىلاردىن ئەمەس، ئۆز روھىدىن ئىزدەش كېرەك. بەخت سايىگە ئوخشاش ھەر ۋاقىت كىشىلەرنى ئەگىپ يۈرۈيدۇ. بەختنى بار دىسىڭىز ئۇ بار، يوق دىسىڭىز ئۇ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. گەپ سىزنىڭ ھېس قىلىش – قىلماسلىقىڭىزدا. دۇنيادا بەخت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بەختسزلەر ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار ئۆزىنىڭ بەخت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بەخىتسىزلەر ھىسابلاش ياكى بەختسىزلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ھەقىقىي بەختسىزلىكتۇر. ھەر بىر كىشىنىڭ بەختىنى باشقىلار يارىتىپ بەرمەيدۇ، ئەكسچە ئۆز تىرىشچانلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ھاياتلىققا ئۆز بەختىڭىزنىڭ ئاچقۇچىنى باشقىلارغا تاشلاپ بەرمەڭ. بەختنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىڭىزنىڭ قولىڭىزدا! (مەزكۇر ماقالە ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژۇرنلىدا ئېلان قىلنغان) ئۇستاز قەسىدىسى نەسىر ئنسان-ئۇلۇغ،ھايات قىممەتلىك.بىراق،ھاياتلىقتا قىلغان ئەجىر-مېھنىتىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن ئىنساننىڭ قىممەت تارازىسىدىكى قىسمىتى ئوخشاش بولمايدۇ .يەنى دۇنيادا ،ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى شەخسىيەتسىز بېغىشلىغان ئادەملەر ھەقىقىي ئۇلۇغ ئىنساندۇر .مېنىڭچە ،قەلىبلەر تۆرىنىڭ ئەزىز مىھمىنى ،چىن ھۆرمەتكەسازاۋەر ئىنسانلارنىڭ بىر دەل ئوقۇتقۇچى ئۇستازدۇر . شۇنداق،ئوقۇتقۇچى-ئۆزنىڭ مىھنەتسىزئەجرى بىلەن ئىنسانىيەتكە خالىس تۆھپە قوشقۇچى ؛قاراڭغۇ قەلىبلەرگە ئۆز ۋۇجۇدىدىن يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق تارقاتقۇچى ؛سەبىيلەر دىلىغا ياخشىلىقنى ،سەمىمىيلىكنى ،ۋاپادارلىقنى ،ئىنسانىي ھېسسىياتىنى ،ساداقەتنى سىڭدۈرگۈچى ،شۇنۇڭدەك چىن مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تېرىگۇچى تۆھپىكار ئىنساندۇر. ئەجىر-مىھنەت ۋە غەيرەت شىجائەت بابىدا ئوقۇتقۇچى ئۇستازدەك بۈيۈك ئىنسان يوقتۇر.ئۇستاز-سۆيگۈ دېڭىزىنىڭ ئىپتىخارىدۇر ؛سەبىي دىللارنى ھېكمەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇپ،نادانلىق كىرلىرنى تازلىغۇچىدۇر؛پەرزەنت ئۈچۈن تەربىيە نەمۇنىسى،جانلىق ،ئۈنۈملىك ئۈلگىدۇر، ئەي،ئۇستاز! سەن كۆيۈمچان ئاننىڭ سۆيگۈسى،تەلەپچان ئاتىنىڭ ئىناۋىتى،پەيلاسۇپنىڭ زاكونى ۋە ئەمەلىيەتچىنىڭ بەجانىدىللىقىدۇرسەن! لاۋۇلداپ تۇرغان مەشئەلدەك ،قەيەردە بولساڭ ھامان ھاياتلىقنىڭ قاراڭغۇ روجەكلىرىنى ياندۇرغۇچىدۇر-سەن؛چاڭقىغان دىللارغا ئارام بولغاچى كەۋسەرگە ئوخشاش تەشنا يۈرەكلەرگە ھاياتلىق بەخىش ئەتكۈچىسەن ،تاڭدىن قۇياشقا ئوخشاش نۇر چىچىپ،نادانلىق تۇمانلىرنى يوق قىلغۇچى –تارقىتىۋەكۈچىسەن .باش باھاردا پىلە قۇرتىدەك ئۆزۈڭدىن يىپەك تور چىقىرىپ ،باشقىلارنى بوران چاپقۇندىن ساقلاپ قالغۇچىسەن. كائىناتتىكى غايەت زور ئىلىم كىتابىسەن ،ئۇستاز! سىنىڭ ھەر بىر بابىڭ ھاياتلىققا ئوقۇلغان مەدھىيە داستانلىرى بىلەن پۈتۈلگەن ھەر بىر بېتىڭ ئىنسانىيەت ئۇزاق تارىخىنىڭ گۇۋاھچىسى ،روھىڭ ئىنسانىيەت مەنىۋى ھاياتىنىڭ قۇرىماس مەنبەسى. سەن مىھرى چەكسىز ،قوينى ئىللىق كۆيۈمچان بىر ئانا ياكى ۋۇجۇدى جاسارەت،پاراسەت ،ماھارەت بىلەن تولغان گىگانىت ئاتىدۇرسەن . سەن پەرۋىشكار باغۋەنكى ،ئۆزۈڭنىڭ ھالال قان –تەرىڭ ئارقىلىق ۋەتەننىڭ گۈللىرنى سۇغۇردىغان ؛پايانسىز دىڭىزدىكى بىر كېمىچىدۇرسەنكى ،پەرزەنتلەرنىڭ پايانسىز دىڭىزلاردىن بىلىم،مەرىپەت گىرۋىكىگە باشلايدىغان. .... گويا زېمىن ئانىدۇرسەن .كۆك گۈمبىزى مۈكچەيگەن قامىتىڭنىڭ ،ئاپئاق بۇلۇتلار ئاقارغان چاچلىرىڭنىڭ سىمىۋولى ،كىرىستال تامچە سۇلار ئاتەش قەلبىڭدىكى پاكلىقنىڭ تامچىسى ،يەتتە قىتئە ماڭلىيىڭدىكى يول-يول قورۇقلارنىڭ ئىز-تامغىسى .تولۇن ئاي كىلىشكەن ھۆسىن جامالىڭنىڭ،ئىللىق قۇياش ئۆتكۈر كۆزلىرىڭ ۋە نۇرلۇق چېھرىڭنىڭ ئابىدەلىرى ئەمەسمۇ... شۇنداق،ئىنسان –كائىناتتىكى ئەڭ بۈيۈك مۆجىزە،ئوقۇتقۇچى –ئۇستاز ئەنە شۇ مۆجىزىلەر ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا ئىنساندۇر .ئۇ ،پۈتكۇل ئىنسانىيەت مەدىنىيتىنىڭ ياراتقۇچىسى ،روھىيەتنىڭ تەربىيەچىسى ،جەمىيەتنىڭ گۈللەندۈرگۈچىسى ،تەبىيەتنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسىدۇر. ئەي.ھايات گۈلشەنىنىڭ چېۋەر پەرۋىشكارلىرى،ھاياتلىقنىڭ سەلكىن نەپەسلىرى! بىز سىلەرگە مەڭگۈ مۇھتاج .باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردىن خۇش پۇراق گۈللار ئۈنسۈن ! تېنىڭلار مەگۇ ساق روھىڭلار مەڭگۇ پارلاق ،خىزمىتىڭلار شانلىق بولسۇن ،كۆچەتلىرىڭلار ئەدەبىي شېرىن مېۋىلەر بەرسۇن! (مەزكۇر ئەسەر ‹‹جوڭگو مىللەتلىرى››ژۇرنلىنىڭ 2012-يىللىق 2- سانىدا،‹‹تارىم غۇنچلىرى››ژۇرنلىنىڭ 2010-يىللىق 4-،8-9- سانلىردا ئېلان قىلنغان) ماختاش ۋە مەدھىيىلەسنىڭ ئوقۇغۇچىلار كۆرسىتىدىغان رولى تەتقىقات ماقالىسى ماختاش،مەدھىيىلەش مۇزلىغان قەلبلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. ئىنسان تەبىئتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئادەم ھامان باشقىلارنىڭ ماختىشىغا مۇئەييەنلەشتۈرۈشگە تەشنا بولۇپ قالىدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاغزاكى ئالاقە ياكى يازما ئالاقىلەردە قارشى تەرەپنى مۇۋاپىق ماختاپ ،مەدھىيلەپ تۇرۇش ئادەمنىڭ قەلبىدىكى گۈزەل ھېسياتلىرىنى كۈچەيتىپ ،خىزمەت ،كەسىپ ۋە ئۆگىنىشتە ئالغا بىسىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردا ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق تۈردە ماختاش ۋە مەدھىيلەشنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە ئالغا بىسىشىغا كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن كۈچىگە سەل قارىشقا بولمايدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر ئېغىز مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە مەدھىيلەش سۆزى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ئالغا بېسىشىغا كۆرسىتىدىغان كۈچى ناھايىتى چوڭ.شۇنداقلا،ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشتە ئالغا بېسىشىغا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.ئوقۇتقۇچى سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئوقوغۇچىنى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا يۈزتۇرانە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ئىلھاملاندۇرۇپ،ماختاپ،مەدھىيلەپ قويۇش شۇ ئوقوغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ،مەسسىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ، شۇ پەنگە بولغان قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. بەزى ئوقوغۇچىلار سناق ۋاقتىدا جىددىيلىشىپ ،تارتىنىپ ،بىلىدىغان نەرسىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ،ئۆزى سۇئال-جاۋابىنىڭ ئازدۇر –كۆپتۇر يەرلىرنى ئوقوغۇچنىڭ سەمىگە سېلىپ بەرسە ئوقوغۇچىدىكى جىددىيلىشىش ،تارتىنىش تۈگەپ ،ئۆزىدە ئاكتىپ روھىي ھالەت پەيدا بولۇپ ياخشى نەتىجىگە ۇلئ؛ئىرىشەلەيدۇ.ماختاش مەدھىيلەشنىڭ ئوقوغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن چۈشىنىشكە بولىدۇ. 1.ماختاش ۋە مەدھىيىلەشنىڭ ئوقوغۇچىلارغا روھى ھالىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىلىق روھىي ھالىتى شۇ كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئىش ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئاكتىپ روھىي ھالەت مۇۋاپىقىيەتكە ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.ئوقوغۇچىلارنىڭ روھى ھالىتى ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ ،شەيئىلەردىن تەسىرلىنىشى ناھايىتى تىز ،ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ قالدىغان ئىشلار ئۇلاردا داۋاملىق كۆرۈلىدۇ .ئوقۇتقۇچى سورىغان سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمەي شۇ يەردىن بىزار بولدىغان ،ئاتا –ئانىسى كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلىپ تىللاپ قويسا ،ئۇلاردىن بىزار بولىدىغان ،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ گەپلەشمەيدىغان ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىدە داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇ خىل ناچار ئادەتلەر خاراكتېرىغا سىڭىپ كىرىپ ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا،ئوقۇتقۇچى ياكى ئاتا-ئانىلار ئوقوغۇچىلاردا بۇنداق پىسخىكىلىق روھىي ھالىتىنىڭ ئادەمنىڭ ئۆسىۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان زىيانلىق تەرەپلىرىنى تۆۋەن چاغلىماي ،ئۇلارغا ئىلھام ،مەدەت بىرىپ،قىلغان ئىشلىردا ئازغىنە نەتىجە كۆرۈلگەن ھامان مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ،ماختاپ ،مەدھىيلەپ تۇرسا ئوقوغۇچىلاردىكى پاسسىپ روھى ھالەت تۈگەپ ،ئاكتىپ روھىي ھالەت شەكىللىنىدۇ . 2.ماختاش مەدھىيلەشنىڭ دەرىستە ئارقىدا قالغان ئوقوغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستە ئارقىدا قېلىشى ئوبېيكىتىپ ئامىللارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،دەرىستە ئارقىدا قالغان ئوقوغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ،ئۆزنى ئەقىلسىز دەپ ھېسابلاش ھېسسىياتىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ روھىي ھالىتىدىكى ئاكتىپ ئامىللارنى چىرىتىپ ،پاسسىپ روھىي ھالىتىنى شەكىللەندۇرۇپ قويىدۇ.بۇ ئاخىردا خاراكتىرگە ئايلىنىپ قالىدۇ .بۇ خىلدىكى ئوقوغۇچىلارغا تەربىيە ئىلىپ بارغاندا ،تەنقىد بىلەن چەكلىنىپ قالماي،ئۆگىنىشتە قانچىلىك ئالغا باسسا نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ،باشقىلار ئالدىدا رىقابەتلەندۇرۇپ ،ماختاپ تۇرۇش كېرەك. ‹‹ئىنسان تەبىئتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىش پىسخىكىسى كۇچلۇك بولۇپ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ›› شۇڭا،بۇ خىلدىكى ئوقوغۇچىلاردا خاتالىق كۆرەلسە ھەدەپ تەنقىدلەش ئورنىغا ماختاش سۆزلىرى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۇچ كۈچىنى قوزغاپ ،خاتالىق ۋە كەمچىللىكلىرنى ئاڭلىق تۈزىتىش ،ئۆگىنىشكە ئاكتىپ ياردەم قىلىش لازىم. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيسىنى ئاكتىپ پوزىتسىيەگە ئايلاندۇرۇپ ،ئۆگىنىش ۋە باشقا تەرەپلەردە ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. 3.ماختاش ۋە مەدھىيلەشنىڭ ئارتۇقچىلىقى بار ئوقوغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ بىخ ھالەتتە تۇرغان ئارتۇقچىلىقلارنى بايقىغان ھامان ئۇنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.چۈنكى ،بىر ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى ھامان باشقىلار تەرپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختاپ تۇرۇش ، ئوقوغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كۆزگە چىلىققانلىقى ،مۇئەييەنلەشتۇرگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ ھېسىياتىنى قوزغاپ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىش تۇيغۇسى ،ئالغا ئىلگىرلەش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .لېكىن شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىمكى ، ئوقوغۇچىلارن ماختىغان چاغدا ھەرگىز مەدھىيلەش سۆزلىرىنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ،مۇبالىغىلەشتۇرۇپ ماختاپ قويماستىن ،ئەمەلي ماختاش كېرەك .ھەقىقىي ماختاشقا ئېرىشكەن ئوقوغۇچى ئوقۇتقۇچى ماختاش تەرەپلىرىنى ئۆزنىڭ ھەركىتىدە بىر خىل ئۆلچەملىك قىلىپ ، ماختىشىڭىزنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ماختاش،مەدھىيلەش سۆزلىرى تەسەۋۇر قىلغۇسىز تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ،ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلنامەسى قىلىدۇ 4. ماختاش مەدھىيلەشنىڭ ئوقوغۇچىلار ئۆگىنىشگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۆگىنىش ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق جەريان . كىشى ھارماي-تالماي تىرىشىپ ئۆگەنگەندىلا كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيدۇ. ئۆگىنىش مەكتەپتىلا ئېلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ قالماستىن ، ھاياتلىقتىمۇ ئىلىپ بىرىلىدۇ.شۇڭا،بىز ‹‹ئۆگىنىش ھاياتلىقتا ›› دەپ كەسكىن دېيەلەيمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۆەىنىش نەتىجسىگە بىۋاستە مۇناسۋەتلىك سوبېكتىپ ئامىل. ئۆەىنىش قىزغىنلىقىنى قانداق قىلىپ يۇقىر كۆتۈرۈش مەسلىسى ناھايىتى مۇھىم.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئوقوغۇچىلارنى رىقابەتلەندۈرۈش ،ئىلھاملاندۇرۇش مۇۋاپىق تۇردە ماختاش ۋە مەدھىيلەش ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى ئۇسۇل . شۇڭا،ئوقوغۇچىلاردا نەتىجە كۆرۇلگەن ھامان ئوقۇتقۇچى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ،ماختاپ مەدھىيلەپ تۇرۇش لازىم . بۇ خىل ئۇسۇل ئوقوغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگنىش نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا،ماختاش ۋە مەدھىيىلەش ئوقوغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي يۇزلۇك تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەيلى ئوقۇتقۇچى ،مەيلى ئاتا-ئانا بولسۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلى ،ئەخلاقىي،جىسمانىي ۋە گۇزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈپ ،ئۇلارنىڭ ياراتقان تۆھپىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ماختاپ ،مەدھىيلەپ ،رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. (مەزكۇر ئەسەر ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژۇرنلىنىڭ 2007-يىللىق 7-8-ئايلىق ساندا ئېلان قىلنغان) تۇرمۇشتا كەمتەر بولۇڭ -ئاقىلنىڭ ئالامىتى كەمتەرلىك ،ناداننىڭ ئالامىتى تەكەپپۇرلۇق. -ئۇيغۇر ماقال تەمسىللىرى خىسراۋ پەرۋىر شىكارىغا چىقىپ ،شاھلىق تاجىدىكى بىر تال گۆھەرنى چۈشۈرۇپ قويوپتۇ؛بۇ ئەھۋالنى ئوردىغا بارغاندىن كېيىن بىلىپتۇ. پادىشاھ ئاۋامنى يىغىپ ،بۇ گۆھەرنى تىپىۋالغۇچىلارغا نۇرغۇن مال-دۇنيا بىردىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. كۆپچىلىك ئىنئام ئىلىش ئۈچۈن پادىشاھ ئوۋ قىلغان مەيدانغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئىككى كىشى كېلىپ گۆھەر ئىزدىگۇچىلەر توپىغا قوشۇلۇپتۇ.بۇلارنىڭ بىرنىڭ ئىسمى مۇدبىر بولۇپ،تولىمۇ گالۋاڭ ،نادان ۋە ئۆزۈمچىل كىشى ئىدى . يەنە بىرنىڭ ئىسمى مۇقبىر بولۇپ سەزگۇر كەمتەر كىشى ئىدى.مۇدبىر تەكەپپۇرلۇق بىلەن جامائەتكە قاراپمۇ قويماستىن ئۆز يولىغا قاراپ مېڭىپتۇ.مۇقبىل بولسا كەمتەرلىك بىلەن جامائەتكە سالام بىرىپ ،ئىگلىپ تەزىم قىلىپتۇ . دەل شۇ چاغدا پۇتىنىڭ ئۇچىدا توپىغا كۆمۇلۇپ قالغان گۆھەرنى كۆرۇپتۇ-دە،ئۇنى قولغا ئىلىپ سۆيۈپ ،جامائەتنى باشلاپ چىققۇچىغا تاپشۇرۇپتۇ.پادىشاھ گۆھەرنىڭ تىپىلغانلىقىنىڭ خەۋرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇشال بوپتۇ.جامائەت مۇقبىلنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا ئويلىغىنىدىنمۇ زىيادە مال –دۇنيا ئىنئام قىپتۇ.شۇنداق قىلىپ ، مۇدبىر تەكەببۇرلۇقنىڭ كاساپىتىدىن شەھەردىكى بىر گۇلاختىن ،مۇقبىل بولسا كەمتەرلىك ۋە ئەدەپنىڭ خاسىيىتىدىن شاخنىڭ بېغىدىن ئورۇن ئاپتۇ. توغرا،كەمتەرلىك كىشىگە ئىززەت-ھۆرمەت ،چەكسىز بەخت سائادەت ئاتا قىلدىغان بىباھا گۆھەردۇر.شۇنداقلا كىسى قەلبىدىكى تەڭداشسىز خىسلەتتۇر.‹‹كەمتەر كامال تاپار ،مەغرۇر زاۋال تاپار››دىگەندەك ئەگەر مۇقبىل كەمتەر ئەدەپلىك بولماي ،مۇدبىرغا ئوخشاش تەكەببۇرلۇق قىلىپ ،جامائەت بىلەن سالام-سەھەت قىلىشماي ،ئۆز يولىغا راۋان بولغان بولسا ،پۇتىنىڭ ئۇچىدىكى گۆھەرنى كۆرمىگەن بولاتتى ،پادىشاھنىڭ ئىززىتىگە ،ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولالمىغان ،ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ ،باياشات تۇرمۇشقا ئىگە بولالمىغان بولاتتى ئەكىسچە مۇدبىرغا ئوخشاش تەكەببۇرلۇقنىڭ كاساپىتىدىن جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرشەلمەي ،كوچا كويلاردا خارۇ-زار بولۇپ يۇرگەن بولاتتى . كەمتەرلىك كىشىگە ئىززەت،شان-شۆھرەت ،بەخت سائادەت ئىلىپ كېلىدىغان ،ئالىيجاناپ پەزىلەت . شۇنداقلا،ئىنساننىڭ كامال تىپىشىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ . كەمتەرلىك ئۇرۇقىدىن ئۈنگەن خۇش پۇراق گۇللەرنىڭ ھىدى كىشى قەلبىنى لەززەتلەندۈرۈپ ،كىشىگە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بەخش ئىتىدۇ. سىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇ خىل ئىشلارغا ئۇچراپ ،زىدىيەتلىك ھايات ئىچىدە كۆرەش ئېلىپ بىرىشىڭىز مومكىن .ئۆگىنىش ،خىزمەت ۋە باشقا ئىشلاردا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەپ ،تۈرلۈك شان-شەرەپ نەتىجىلەرگە مۇيەسسەر بولغان بولىشىڭىز مومكىن ،ھەتتا بەزى ئادەملەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ ،يۈكسەك شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولىشىڭىز مومكىن .ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرگە قاتنىشىپ چىمپىيۇن بولۇپ ،شەرەپ سەھنىسىگە چىققان بولىشىڭىز مومكىن .سودا ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئۈستىن كىلىپ،بازار تىپىپ باي بولغان ياكى يۇقرى مەرتىۋىگە ئىرىشكەن بولىشى مومكىن .بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ يۈكسەك تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن بولۇپ يۇقرى بەدەل ھىساۋىغا ئىرىشكەن نەتىجىلەردۇر ،لېكىن ،سىز شۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەندە ھەرگىز مەغرۇرلىنىپ كەتمەڭ ،قانائەت ھاسىل قىلپ توختاپ قالماڭ ،تولىمۇ كەمتەر بولۇڭ .چۇنكى،‹‹كەمتەرلىك كىشى ئالغا باستۇرىدۇ،مەغرۇرلۇق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ ››.ناۋادا سىز مىڭ بىر جاپادا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىپ مەغرۇرلىنىپ قالسىڭىز،كېيىنكى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىسىز. ياخشى نەتىجىنى قوغداپ قالالمىغاننىڭ ئۇستىگە چوڭ زىيان تارتىسىز.چۈنكى،مەغرۇرلۇق كىشىنىڭ قەلبىدىكى تىرىشچانلىق ،ئىزدىنىشچانلىق روھىنى بوغقۇچى سىرىتماق ،ئىلگىرلەش يولىغا قويۇلغان تۇزاق.بەزىدە ،سىز بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچراپ ،ئۆزىڭىزنىڭ ئاكتىپ روھىنى ھالىتىڭىزنى يوقىتىپ قويشىڭىز مۇمكىن .بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا ھەرگىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاكتىپ روھىي ھالىتىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ .غەلبىگە توغرا پوزىتسىيە تۇتقان كىشى مەغلۇبىيەتكىمۇ توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك.ئەلۋەتتە،غەلبە بىلەن مەغلۇبىيەت سەپەرداش . دۇنيا مەڭگۈ غەلبە قىلالمايدىغان ياكى مەغلۇپ بولمايدىغان كىشى يوق.ئادەم مۇۋاپىقىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋىلش كېرەك. سىز مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ،كەمتەرلىك بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ ،تەھلىل يۇرگۈزسىڭىز ،غەلبە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماستىن ،پىسخىكىڭىزدىكى پاسسىپ روھىي ھالەتنى ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئايلاندۇرالايسىز.ناۋادا،ئۆزىڭىزنىڭ بۇنداق قاتمال ،تەتۇر تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمىسىڭىز،روھى جەھەتتە تامامەن تۈگىشىپ كېتىسىز. سىز تۇرمۇشتا باي بولسىڭىز ،ھەرگىز بايلىقىڭىزنى كۆز-كۆز قىلىپ ،مەغرۇرلىنىپ كەتمەڭ .كەمبەغەل بولسىڭىز ،نامراتلىقتىن زارلىنىپ ،ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ.بۇ ئىككى خىل ئەھۋال سىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولۇشى ناتايىن.ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمىسىڭىز ،بىرەر كىلىشمەسلىك تۈپەيلى ۋەيران بولۇپ،بايلىقىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا ،ئۆزىڭىزنى يوقتىپ قويسىز .نامراتلىقتىن زارلىنىپ يۈرىۋەرسىڭىز ،باي بولۇش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويسىز .شۇڭا بايلىقىڭىز ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ ،ئاددىي-ساددا ياشاڭ.ئۆزىڭىزنىڭ ئاكتىپ روھى ھالىتىڭىزنى ساقلاڭ .ئۆگىنىش ،سوداساھالىردە قابىلەتسىز كىشى ئەمەس .بەلكى سىزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىڭىز ،ئۆگىنىش پوزىتسىيڭىز ،بازار ئۇچۇرى بىلىمىڭىز كەمچىل ياكى توغرا بولمىغان بولىشى مومكىن ،سىز ۋاقىت چىقىرىپ ئويلىنىپ بىقىڭ.شۇندىلا مەسلىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالايسىز. خىزمەت ۋە باشقا تەرەپلەردە ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۇرەلمەيۋاتقان بولسىڭىز ،روھىڭىزنى چۇشۇرمەي،كەمتەرلىك بىلەن چوڭقۇر ئىزدىنىپ ۋە ئويلىنىپ ،خىزمەت ئۇسۇلىڭىزنى ئىسلاھ قىلىڭ.ئىزچىل زىيان تارتىپ كىلىۋاتقان سودىگەر بولسىڭىز سەۋىرچانلىق تەجىرىبىلەرنى توپلاڭ.بازار ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بىرىپ،يېڭىچە يول تۇتۇڭ.ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچى بولسىڭىز قەتئىي بوشاشماي ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بىقىڭ .چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشەلەيسىز . ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ كۆپنچىسى سەۋىرچان ،كەمتەر،ئەخلاقلىق ،ئىزدىنىش روھىغا باي كىشىلەردۇر . يەنە شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىمكى ،ئەگەر سىز ‹‹كەمتەر›› بولدۇم دەپ،ئۆگىنىشتە تارتىچاق بولسىڭىز .ئاكتىپ بولمىسىڭىز .كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سەمىمىي قىزغىن بولمسىڭىز .ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىسىز .ئاخىردا ھېچقانداق ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان ۋە قىلالمايدىغان ، تەييارتاپ كىشىگە ئايلىنىپ قالىسىز.چۈنكى ،چېكىدىن ئاشقان ئىش ئەكىسىگە قاراپ ماڭىدۇ.نەتىجىدە،قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىز. كەمتەرلىك-ئىلگىرلەش،مۇۋاپىقىيەت قازىنىش دېمەكتۇر. مەغرۇرلۇق –قانائەتلىنىش.زاۋال تىپىش دىمەكتۇر.ئاقىل بولسىڭىز تۇرمۇشتا كەمتەر بولۇڭ (مەزكۇر ئەسەر ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژۇرنلىنىڭ 2008-يىللىق 1-2-ئايلىق ساندا ئېلان قىلنغان) ئۆسۈش ‹‹ماھىرى›› ھېكايە قاراساي يېزىسنىڭ غۇنچە ئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەسۇمخان 50 ياشنىڭ قارىسنى ئالماي تۇرۇپلا چاچلىرىغا ۋاقتىسز ئاق كىرگەن،بەللىرى تۇرمۇشنىڭ ئېسق-سوغۇقى بىلەن يادەك ئىگىلىگەن،ھاسىغا چۈشۈپ قالغان تۇل خوتۇن ئىدى. مەسۇمخان ئائىلىسنىڭ ئىقتسادىي ياخشى بولمغاچقا،قىش-ياز يېزا بازىرىدا تەنزە ئېچىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن قىزى ئاسىيەنى ئالىي مەكتەپتە تەسلىكتە ئوقۇتقانىدى. قىزى ئاسىيەمۇ ئانسىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى بىلىپ تۇرغاچقا، ئالىي مەكتەپتە تىرىشپ ياخشى ئوقۇپ،ھەر يىلى ‹‹دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى›› ئېلىپ ئوقۇغان،ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتھانسىدىنمۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆتكەنىدى.لېكىن، تەقدىر بۇ ئائىلە بىلەن قىرىشقاندەك ئاسىيە باشقا بىر يېزىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ قالغانىدى. مەسۇمخان قىزىنىڭ خىزمتنى ئۆزى يۇرتى_قاراساي يېزىسغا يۆتكەش ئۈچۈن تالاي قېتىم ئىدارىدىكى چوڭ-كىچىك رەھبەرلەرگە دېگەن بولسىمۇ،ھەل بولماي ئاۋارە بولۇپ يۈرەتتى.قوشىنىلىرىنىڭ بالىلىرىنى يۆتكەپ كەلگەنلىك خەۋەرىنى ئاڭلغان ھامان ئولتۇرالماي قالاتتى. ئۇ بۈگۈن سەھەردە قىزى ئاسىيەنىڭ ئىشى بىلەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يەنە كەلدى. مەسۇمخان ئىدارە ئالىدىغا كەلگەن ۋاقتىدا ئشچى-خىزمەتچىلەر ئەمدى ئشقا چۈشكەنىدى. ئاللىقانداق خىياللار بىلەن باشلىق ئشخانسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن مەسۇمخان ئشىك ئالدىدا بىردەم تۇرۋېلىپ،ئشكنى يەڭگىل چەكتى. -تاك،تاك،تاك. -كىرىڭ،ئىشىك ئوچۇق،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ قولغا ئەمدى ئېلىپ تۇرغان گېزىتنى شېرە ئۈسىتگە قويۇپ. مەسۇمخان ئەمدى ئايغى چىققان بالىدەك تەمترەپ،ھودۇققان ھالدا كىرىپ كەلدى. -ياخشى تۇردىڭىزمۇ بالام،-دېدى مەسۇمخان چىرايغا خۇش تەبەسۇم بېرىپ. ئىدارە باشلىقى سەمەت مەسۇمخاننى كۆرۈپ ئەرۋاھى مىڭ گەز ئۇچىتى.بىر يىلىدىن بېرى بېشنى تولا ئاغرتقان بۇ ئايالنى كۆرگەن ھامان قويۇق چاچلىرى تىك تۇراتتى. -كەلسلە،مېنى چۈشەپ قالغان ئوخشايلا! قېنى ئولتۇرسىلا،-دېدى قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالدا. مەسۇمخان ئىدارە باشلىقنىڭ قوپال مۇئاملىسىدىن كۆڭلى شېكەستە بولۇپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى بېسۋىلىپ،تارتىنىپ دېگۈدەك مىڭ تەسلىكتە ساپاغا يەڭگىلگىنە ئولتۇردى. -ھە،ئەتىگەندە كېلىپ قاپتۇققۇ،يەنە ھەقاچان يالغۇز قىزلىرىنىڭ ئشى ئۈچۈن كەلگەن ئوخشماملا؟-دېدى سەمەت تەنە ئارىلاش. -شۇنداق بالام،دۇنيالىقتا شۇ بىرلا بالام بار ئىدى،دادىسى رەھمەتلىك ئش ئۈستدە يارىلىنىپ،داۋالىنىش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپ، تەسلىكتە ئوقۇتقانىدىم،لېكىن قېيىشقاندەك ... -بولدى،بولدى،-دېدى سەمەت مەسۇمخاننىڭ گىپىنىڭ بىلىگە تېپىپ ،- مەن سىلىگە تولا دەپ كەتتىم، كادىرلارنىڭ خىزمتنى تەڭشەش خالغانچە بولىدىغان ئىش ئەمەس ،كادىر يۆتكەشتە ئىدارىنىڭ قاتتىق تۈزۈمى بار. -جېنىم بالام،شۇ بالامنى بىر ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىغا يۆتكەپ قويغان بولسىڭىز،سلىدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا رازى بولار ئىدىم.ئۆيۈمدە مەندىن باشقا ئادەم بولمغاچقا تۇرمۇشتا بەك قېينىلىپ قالدىم،-دېدى مەسۇمخان كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا. -يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كەلگەن بولسا ئاللىبۇرۇن قىزىڭىزنى مەھەللىڭىزگە يۆتكەپ قوياتتىم. بۇ ئىشقا ئامال يوق،قايىتىپ كېتىڭ،-دېدى سەمەت قوللىرىنى شلتاپ. _دېگىنىڭىزغۇ بەرھەق بالام،لېكىن يېقىن قۇشىنىمىزنىڭ بىر بالىسى تېخى تونۇگۈن مەھەللسىگە خىزمتنى يۆتكەپ كەپتۇ،شۇڭا مەن سىزنى بىر ئامال قىلىپ ... -سىز گەپ چۈشنەمسىز يوق،بالىڭىزنى يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ.مېنىڭ ۋاقتىمنى تولا ئالماي ئشخانىدىن چىقىپ كەتسىلە،بالىلىرىنى يۆتكەيمەن دەپ ئاۋارە بولمسلا،-دېدى سەمەت گەپنى كېسىپ.ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەھدىت،زەردە چىقىپ تۇراتتى. -بالام بىر ئامال ... -مەن سىلىنى مېنى ئاۋارە قىلماي چىقىپ كەتسلە دەۋاتمەن،-دېدى سەمەت ئاغزىدىن تۈكۈرۈكلىرىنى چاچىرتىپ. -بالام شۇ قىزىمنى... مەسۇمخان قاپساپ كېلۋاتقان يىغىسنى تەسلىكتە بېسىپ زور ئۈمىد بىلەن ئاخىرقى گەپلىرىنى دەۋاتاتتى.لېكىن بۇ بىچارە موماينىڭ گەپلىرى ۋە بىزىرىپ ئولتۇرشىدىن جاق تويغان ئىدارە باشلىقى سەمەت ئورندىن چاچراپ تۇرۇپ: -يوقال،تولا بېشمنى ئاغرىتىماي،ئشخانامدىن چىقىپ كەت!!!-دېدى. ئىدارە باشلىقنىڭ ئاچچىقلاپ دېگەن گەپلىرىدىن مەسۇمخاننىڭ يۈرىكى ئىغىپ، پۈتۈن بەدىنى ھەسىرەت،ئەلەم،ئاچچىقتىن جاقىلداپ تىترەشكە باشلىدى.ئارقىدىنلا ئورۇندىن تۇرۇشغا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ،يىقىلىپ چۈشتى. مەسۇمخاننىڭ ئايىلىنىپ كەتكەنلىكنى كۆرگەن سەمەت دەرھال باشقا ئشخاندىكى خىزمەتچلەرنى چاقىرغاچ،جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفۇن بەردى.ھايال ئۆتمەي جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى كېلى، دوختۇرلار مەسۇمخاننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.بۇ كۈتۈلمگەن ۋەقەدىن ئىدارە ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتتى. سەمەت شوپۇرىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئەۋەتىپ، موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەسۇمخان دوختۇرخانىغا بېرىش يولدا ئۆلۈپ كەتتى. سەمەت مەسۇمخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈم ئشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدى.شۇ كۈنىلا ئاسىيەنى ئۆز يۇرتغا يۆتكەپ قويدى. ئىدارىدىكى ئشچى-خىزمەتچلەر ئىدارە باشلىقنىڭ مەسۇمخان ئائىلىسىگە قىلغان خالس خىزمەتلىرى،ئاسيەگە قىلغان ياخشلىقلىرىنى توختماي ماختىشاتتى. ئىدارە باشلىقى سەمەتنىڭ ئشلىرىدىن خەۋەر تاپقان ناھيلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبرلىرىمۇ شۇ كۈنىلا ئۇنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ،ئۇنىڭ ئامما ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئشلىرىنى ئۇچۇرۇپ-ماختاپ خەۋەر بەردى. يىل ئاخىردا ئىدارە باشلىقى سەمەتنىڭ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارسىگە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىق بولۇپ يۆتكلىپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالدى. (مەزكۇر ھېكايە ‹‹ئشچىلار ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2014-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈندىكى ‹‹قارلىق چوققا››بېتىدە ئېلان قىلغان) ۋاپادار ئوغۇل (چۆچەك) ئۇزاق زامانلار ئىلىگىرى مۇئەللەقتىكى قوياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا كائىناتتىكى بارلىق دەريا-ئېقىن ۋە قۇدۇقلار،ئوت-چۆپ،دەل-دەرخلەر قۇرۇپ،نۇرغۇن ئادەم ھايۋانلار ئۆلۈشكە باشلاپتۇ. شۇ مەزەىلدە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىنسانلار ئارسىدىمۇ ئاپەت ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەچكە،نۇرغۇن ئادەم ۋە جانلىقلار ئۆلۈشكە باشلاپتۇ. شۇ يۇرتتا قاسىم ئاتلىق بىر كىشى ياشايدىكەن.ئۇنىڭ مەرۇپ ۋە سەلەي ئسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.بالىلار بىر-بىرىدىن ئىشچان،ئاق كۆڭۈل،ئەقىللىق ۋە ۋاپادار ئىكەن. قۇرغاقچىلىقنىڭ دەستىدىن دادىسى بىلەن ئىنىسى ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ قاپتۇ.مىدىرلىماي ياتقان دادىسى بىلەن ئۇكسىغا قاراپ مەرۇپىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كېتىپتۇ.مەرۇپ يىراقلارغا بېرىپ سۇ ۋە ئوزۇقلۇق تېپىپ كېلىپ دادىسى ۋە ئۇكسىنى قۇتقۇزماقچى بولۇپ كومزىكىنى كۆتۈرۈپ سەپەرگە چىقىپتۇ. مەرۇپ قۇرۇپ كەتكەن ئورمانلىق ۋە چۆل-جەزىرىلەردىن،كەڭ كەتكەن قۇملۇقلاردىن ئېشپتۇ.ھېچ يەردىن سۇ ۋە ئوزۇقلۇق تاپالماي،ئۇسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردىدىن ھالسزلىنىپ،يېقىلىپ قاپتۇ ۋە كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.چۈشدە ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي: -ئوغلۇم،دەرھال ئورنۇڭدىن تۇر،كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭساڭ،بىر دەريا بار،كومزىكىڭىنى توشقۇزۇپ ئۆيۈڭگە قايت،قېرىندىشڭنى قۇتقۇز!-دەپ نىدا قېپتۇ. مەرۇپ چۆچۈپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تەستە تۇرۇپتۇ-دە،دادىسى ئۇكسىنى ئېسىگە ئاپتۇ،ماغدۇرسىز تېننى تەستە سۆزرەپ،كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ يول ئاپتۇ.مەرۇپ نۇرغۇن چۆل-باياۋان،قۇم-بارخانلىرىنى ئارقىسدا قالدۇرۇپ،ھېلىقى دەريا بويىغا كەپتۇ.مەرۇپ دەريادا ئېقىۋاتقان سۇنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كېتپتۇ.كومزەككە لىق سۇ ئېلىپ ئۆيگە قاراپ مېڭىپتۇ. مەرۇپنىڭ قانغۇدەك سۇ ئىچىكۈسى،سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينىغۇسى،راھەتلەنگۈسى بولسىمۇ،لېكىن دادىسى ۋە ئۇكسىنىڭ ئۇسۇزلۇققا بەداشلىق بېرەلمەي،بىرەر كېلشمەسلىكىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،تېز يول يۈرۈپتۇ. مەرۇپ شۇنداق تېز كېتۋاتسا يولدا نىمجان بولۇپ ياتقان بىر قارا مۈشۈك ئۇچراپتۇ.ئۇنىڭ قورسقىدا بالىسى بار ئىكەن.مۈشۈك ئۇسۇزلۇقتىن ئاران-ئاران تىنۋاتقانىكەن.مەرۇپ مۈشۈكنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقنى كۆرۈپ،ئۇنى تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنماي،سۇنى قولغا ئېلىپ ئۇچۇملاپ ئىچۈرۈپتۇ.مۈشۈككە شۇئان ماغدۇر كىرىپ مىياڭلاپ كېتىپتۇ.مۈشۈك مەرۇپقا: -ئەي شەپقەتچىم،ساڭا نېمىدە رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن.مەن ئەسلىدە مۈشۈكلەر پادشاھى ئىدىم.يولدىن ئېزىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ يىقىلىپ قالغانىدىم.سەن مېنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن مەنمۇ ساڭا بىر ياخشلىق قىلاي.ئەگەر بېشىڭغا كۈن چۈشسە،مۇشۇ مويۇمنى كۆيدۈرسەڭ،مەن ئالدىڭدا ھازىر بولىمەن،-دەپ تۈكىدىن بىر نەچچە تال يۇلۇپ بىرىپ كېىتىپ قاپتۇ. مەرۇپ يولدا ئۇچقاندەك كېتۋاتسا ئۇنىڭغا ئاچلىق ۋە ئۇسۇزلۇق دەردىدە يىقىلىپ قالغان بىر پاقا ئۇچراپتۇ.مەرۇپ ئۇنىڭغىمۇ ياخشلىق قېلىپ سۇدىن ئىچۈرۈپتۇ.پاقىنىڭ تېنىغا جان كىرگەندىن كېيىن مەۇرۇپقا: -مېنى قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭغا كۆپ تەشەككۈر،سېنىڭ بۇ ياخشلىقىڭغا جاۋابەن بىر ئۆمۈر خىزمتىڭنى قىلساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.مەن پاقىلار شاھزادىسى بولىمەن.قانداق قېيىنچلىقىڭ بولسا ئېيت!مەن تەلىپىڭنى بەجانىدىل ئورۇندايمەن،-دەپتۇ. مەرۇپ: -مېنىڭ ھېچقانداق قىينچلىقم يوق،دەپ يولغا ماڭماقچى بولغانىكەن،پاقا شاھزادە ئۇنىڭغا بىر تال تىرنىقىنى بېرىپ: -بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە مۇشۇ تىرنىقىمنى كۆيدۈرۈسەڭ،مەن يېنىڭدا ھازىر بولىمەن،-دەپتۇ. مەرۇپ دادىسى بىلەن ئۇكسىنىڭ جان تالىشىپ ياتقانلىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يولنى شۇنداق تېز بېسىپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە بىر يىگىت ئۇچراپتۇ.ئۇ يىگىتىمۇ ئاچلىق ۋە ئۇسۇزلۇق دەردىدىن يىقىلغانىكەن.مەرۇپ ئۇ يىگىتنىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كومزىكىگە قارسا دادىسى بىلەن ئۇكسىغا يەتكۈدەكلا سۇ قالغانىكەن.شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرماي دەرھال يىگىتىنى يۆلەپ سۇدىن بىر ئوتلىتىپتۇ. بۇ يىەىتىمۇ مەرۇپنىڭ ئىنتايىن ۋاپادار،كۆيۈمچانلىقنى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپتۇ.مەرۇپنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدىن پۈتۈن كائىنات تەسىرلىنىپ شۇ زاماتلا ئىشكى ئالدىدىن ئۆتۈدىغان بىر دەريانى ھازىر قىلىپ بېرىپتۇ.يۇرتتىكلەر دەريا سۈيىدىن ئىچىپ تەشناللىقنى قاندۇرۇپ،مەرۇپقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ.مەرۇپنىڭ دادىسى بىلەن ئۇكسىمۇ ساقىيىپتۇ.ئۇلار خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتتا چاشقان ئاپتى يۈز بېرىپ،دېھقانلارنىڭ ئاشلىقلىرىنى بۇزۇن-چېچىپ،خەلقنى يەنە ئاچارچىلىقتا قويۇپتۇ. مەرۇپىڭ دادىسى قاسىم ئاخۇن قانداق قىلىش توغرسىدا باش قاتۇرۇپ،ئامال تاپالماي تۇرغاندا مەرۇپنىڭ يادىغا قارا مۈشۈك پادشاھ بەرگەن موي كەپتۇ.ئۇ،بۇنى كۆيدۈرگەنىكەن.شۇ ھامان مۈشۈك پادشاھ مەرۇپنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپتۇ-دە: -شەپقەتچىم،قانداق تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟-دەپ سوراپتۇ.مەرۇپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتقانىكەن،مۈشۈك پادشاھ: -ئۇنىڭ ئامالىنى مەن قىلاي،-دەپ قول ئاستىدىكى بارلىق مۈشۈكلەرنى يىغىپ چاشقانلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ دېھقانلار چاشقان ئاپتىدىن قۇتۇلۇپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي يۇرتتا چېكەتكە كۆپيىپ،يۇرتنى يەنە ئاپەت قاپلاپتۇ.مەرۇپ پاقا شاھزادە بەرگەن تىرناقنى كۆيدۈرگەنىكەن،پاقا شاھزادە ھازىر بوپتۇ.ئۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ھەممە پاقىلارنى يىغىپ چېكەتىلەرنى پاكىز يۇقتىش توغرسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ يۇرت خەلقى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ مەرۇپنىڭ يۇرتقا ۋە قېرىنداشلىرىغا بولغان چەكىسز ۋاپادارلىقى تىللاردا داستان بوپتۇ. مەزكۇر ئەسەر ‹‹تارىم غۇنچلىرى››ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 10-ساندا ئېلان قىلنغان.
|
|