تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 1

ئۆزقۇت:ۋاپادار ئوغۇل(چۆچەك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

ئەگەشكۈچى

264

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
29
مۇنبەر پۇلى
168
ئىشەنىچ
29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 00:09:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
ۋاپادار ئوغۇل
(چۆچەك)
   ئۇزاق زامانلار ئىلىگىرى مۇئەللەقتىكى قوياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا كائىناتتىكى بارلىق دەريا-ئېقىن ۋە قۇدۇقلار،ئوت-چۆپ،دەل-دەرخلەر قۇرۇپ،نۇرغۇن ئادەم ھايۋانلار ئۆلۈشكە باشلاپتۇ.
   شۇ مەزگىلدە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىنسانلار ئارسىدىمۇ ئاپەت ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەچكە،نۇرغۇن ئادەم ۋە جانلىقلار ئۆلۈشكە باشلاپتۇ.
   شۇ يۇرتتا قاسىم ئاتلىق بىر كىشى ياشايدىكەن.ئۇنىڭ مەرۇپ ۋە سەلەي ئسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.بالىلار بىر-بىرىدىن ئىشچان،ئاق كۆڭۈل،ئەقىللىق ۋە ۋاپادار ئىكەن.
   قۇرغاقچىلىقنىڭ دەستىدىن دادىسى بىلەن ئىنىسى ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ قاپتۇ.مىدىرلىماي ياتقان دادىسى بىلەن ئۇكسىغا قاراپ مەرۇپىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كېتىپتۇ.مەرۇپ يىراقلارغا بېرىپ سۇ ۋە ئوزۇقلۇق تېپىپ كېلىپ دادىسى ۋە ئۇكسىنى قۇتقۇزماقچى بولۇپ كومزىكىنى كۆتۈرۈپ سەپەرگە چىقىپتۇ.
   مەرۇپ قۇرۇپ كەتكەن ئورمانلىق ۋە چۆل-جەزىرىلەردىن،كەڭ كەتكەن قۇملۇقلاردىن ئېشپتۇ.ھېچ يەردىن سۇ ۋە ئوزۇقلۇق تاپالماي،ئۇسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردىدىن ھالسزلىنىپ،يېقىلىپ قاپتۇ ۋە كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.چۈشدە ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي:
   -ئوغلۇم،دەرھال ئورنۇڭدىن تۇر،كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭساڭ،بىر دەريا بار،كومزىكىڭىنى توشقۇزۇپ ئۆيۈڭگە قايت،قېرىندىشڭنى قۇتقۇز!-دەپ نىدا قېپتۇ.
   مەرۇپ چۆچۈپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تەستە تۇرۇپتۇ-دە،دادىسى ئۇكسىنى ئېسىگە ئاپتۇ،ماغدۇرسىز تېننى تەستە سۆزرەپ،كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ يول ئاپتۇ.مەرۇپ نۇرغۇن چۆل-باياۋان،قۇم-بارخانلىرىنى ئارقىسدا قالدۇرۇپ،ھېلىقى دەريا بويىغا كەپتۇ.مەرۇپ دەريادا ئېقىۋاتقان سۇنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كېتپتۇ.كومزەككە لىق سۇ ئېلىپ ئۆيگە قاراپ مېڭىپتۇ.
   مەرۇپنىڭ قانغۇدەك سۇ ئىچىكۈسى،سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينىغۇسى،راھەتلەنگۈسى بولسىمۇ،لېكىن دادىسى ۋە ئۇكسىنىڭ ئۇسۇزلۇققا بەداشلىق بېرەلمەي،بىرەر كېلشمەسلىكىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،تېز يول يۈرۈپتۇ.
   مەرۇپ شۇنداق تېز كېتۋاتسا يولدا نىمجان بولۇپ ياتقان بىر قارا مۈشۈك ئۇچراپتۇ.ئۇنىڭ قورسقىدا بالىسى بار ئىكەن.مۈشۈك ئۇسۇزلۇقتىن ئاران-ئاران تىنۋاتقانىكەن.مەرۇپ مۈشۈكنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقنى كۆرۈپ،ئۇنى تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنماي،سۇنى قولغا ئېلىپ ئۇچۇملاپ ئىچۈرۈپتۇ.مۈشۈككە شۇئان ماغدۇر كىرىپ مىياڭلاپ كېتىپتۇ.مۈشۈك مەرۇپقا:
   -ئەي شەپقەتچىم،ساڭا نېمىدە رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن.مەن ئەسلىدە مۈشۈكلەر پادشاھى ئىدىم.يولدىن ئېزىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ يىقىلىپ قالغانىدىم.سەن مېنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن مەنمۇ ساڭا بىر ياخشلىق قىلاي.ئەگەر بېشىڭغا كۈن چۈشسە،مۇشۇ مويۇمنى كۆيدۈرسەڭ،مەن ئالدىڭدا ھازىر بولىمەن،-دەپ تۈكىدىن بىر نەچچە تال يۇلۇپ بىرىپ كېىتىپ قاپتۇ.
   مەرۇپ يولدا ئۇچقاندەك كېتۋاتسا ئۇنىڭغا ئاچلىق ۋە ئۇسۇزلۇق دەردىدە يىقىلىپ قالغان بىر پاقا ئۇچراپتۇ.مەرۇپ ئۇنىڭغىمۇ ياخشلىق قېلىپ سۇدىن ئىچۈرۈپتۇ.پاقىنىڭ تېنىغا جان كىرگەندىن كېيىن مەۇرۇپقا:
   -مېنى قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭغا كۆپ تەشەككۈر،سېنىڭ بۇ ياخشلىقىڭغا جاۋابەن بىر ئۆمۈر خىزمتىڭنى قىلساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.مەن پاقىلار شاھزادىسى بولىمەن.قانداق قېيىنچلىقىڭ بولسا ئېيت!مەن تەلىپىڭنى بەجانىدىل ئورۇندايمەن،-دەپتۇ.
   مەرۇپ:
   -مېنىڭ ھېچقانداق قىينچلىقم يوق،دەپ يولغا ماڭماقچى بولغانىكەن،پاقا شاھزادە ئۇنىڭغا بىر تال تىرنىقىنى بېرىپ:
   -بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە مۇشۇ تىرنىقىمنى كۆيدۈرۈسەڭ،مەن يېنىڭدا ھازىر بولىمەن،-دەپتۇ.
   مەرۇپ دادىسى بىلەن ئۇكسىنىڭ جان تالىشىپ ياتقانلىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يولنى شۇنداق تېز بېسىپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە بىر يىگىت ئۇچراپتۇ.ئۇ يىگىتىمۇ ئاچلىق ۋە ئۇسۇزلۇق دەردىدىن يىقىلغانىكەن.مەرۇپ ئۇ يىگىتنىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كومزىكىگە قارسا دادىسى بىلەن ئۇكسىغا يەتكۈدەكلا سۇ قالغانىكەن.شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرماي دەرھال يىگىتىنى يۆلەپ سۇدىن بىر ئوتلىتىپتۇ.
   بۇ يىەىتىمۇ مەرۇپنىڭ ئىنتايىن ۋاپادار،كۆيۈمچانلىقنى كۆرۈپ،ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپتۇ.مەرۇپنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدىن پۈتۈن كائىنات تەسىرلىنىپ شۇ زاماتلا ئىشكى ئالدىدىن ئۆتۈدىغان بىر دەريانى ھازىر قىلىپ بېرىپتۇ.يۇرتتىكلەر دەريا سۈيىدىن ئىچىپ تەشناللىقنى قاندۇرۇپ،مەرۇپقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ.مەرۇپنىڭ دادىسى بىلەن ئۇكسىمۇ ساقىيىپتۇ.ئۇلار خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتتا چاشقان ئاپتى يۈز بېرىپ،دېھقانلارنىڭ ئاشلىقلىرىنى بۇزۇن-چېچىپ،خەلقنى يەنە ئاچارچىلىقتا قويۇپتۇ.
   مەرۇپىڭ دادىسى قاسىم ئاخۇن قانداق قىلىش توغرسىدا باش قاتۇرۇپ،ئامال تاپالماي تۇرغاندا مەرۇپنىڭ يادىغا قارا مۈشۈك پادشاھ بەرگەن موي كەپتۇ.ئۇ،بۇنى كۆيدۈرگەنىكەن.شۇ ھامان مۈشۈك پادشاھ مەرۇپنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپتۇ-دە:
   -شەپقەتچىم،قانداق تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟-دەپ سوراپتۇ.مەرۇپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتقانىكەن،مۈشۈك پادشاھ:
   -ئۇنىڭ ئامالىنى مەن قىلاي،-دەپ قول ئاستىدىكى بارلىق مۈشۈكلەرنى يىغىپ چاشقانلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ دېھقانلار چاشقان ئاپتىدىن قۇتۇلۇپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي يۇرتتا چېكەتكە كۆپيىپ،يۇرتنى يەنە ئاپەت قاپلاپتۇ.مەرۇپ پاقا شاھزادە بەرگەن تىرناقنى كۆيدۈرگەنىكەن،پاقا شاھزادە ھازىر بوپتۇ.ئۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ھەممە پاقىلارنى يىغىپ چېكەتىلەرنى پاكىز يۇقتىش توغرسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ يۇرت خەلقى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ مەرۇپنىڭ يۇرتقا ۋە قېرىنداشلىرىغا بولغان چەكىسز ۋاپادارلىقى تىللاردا داستان بوپتۇ.
   
   مەزكۇر ئەسەر ‹‹تارىم غۇنچلىرى››ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 10-ساندا ئېلان قىلنغان.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 09:26, Processed in 0.105558 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش