تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 602|ئىنكاس: 3

خۇدىسوننىڭ NBA غا قايتىش ئېھتىماللىقى ۋە شىنجاڭنىڭ چىمپىيۇنلۇق چۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 00:11:23

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 24-ماي سىنا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرى؛   ئامرىكا تاراتقۇسى 《RealGM》نىڭ پەرەز قىلىشىچە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسى خۇدىسون قايتىدىن NBA غا قايتىپ بىرىشنى ئۈمۈت قىلدىكەن، نۆۋەتتە نۇرغۇن كوماندىلار ئۇنىڭغا قىزىقىۋىتىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پىيادىلىكلەر كوماندىسىمۇ بار ئىكەن.
ئالدىنقى پەسىللىك CBA بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ دەم ئىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن، خۇدىسوننىڭ ۋاسكېتبول قەدىمى توختاپ قالغىنى يوق، ئۇ ھازىر بۇ يىل ياز پەسىللىك NBA سىناق مەشىقى ئۈچۈن تىرىشىپ تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، كۆپلىگەن مەشىق لاگېرلىرىنىڭ مەشىقىگە قاتنىشىپ، NBA غا قايتىپ بىرىش يەنىلا ئۇنىڭ نىشانى.  《RealGM》نىڭ پەرىزىچە، نۇرغۇنلىغان NBA كوماندىلىرى ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇدىسونمۇ ئۆزىنىڭ ئەمىلى كۈچىنى ئىسپاتلاپ، بىر NBA كوماندىسىدىن ماكان تېپىشنى خالايدىكەن.
ئالدىنقى پەسىللىك CBA بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە، خۇدىسون ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك شەخسىي قابىلىيىتى، تاشقى سىزىقتىن توپ چۈشۈرۈشتىكى ئاجايىپ قابىلىيىتى، ئۈتكۈر بۆسۈپ ئۆتىشى، يەكمۇيەك ئېلىششتىكى پۇختا تېخنىكىسى، تولۇپ تاشقان جىسمانى كۈچى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۈزىنى ئېچىپ قويغان.  ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە خۇدىسون تۇلۇق مەيدانغا چىقىپ، 47 مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىر مەيدانىدىمۇ چۈشۈپ قالمىغان، ئوتتۇرچە 36.5 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 26 نۇمۇر، 7.9 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان، 4.9 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.
2010-2011 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ، خۇدىسون CBA بىرلەشمىسىگە ئۇدا تۆت پەسىل كۈچ قوشقان، ئايرىم-ئايرىم گۇاڭدۇڭ، چىڭداۋ، دۇڭگۇەن، شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان، ھەر بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە ئوتتۇرچە ھەر بىر مەيداندا 21.6 نۇمۇر، 33.6 نۇمۇر، 27.5 نۇمۇر، 26 نۇمۇرئالغان. بىر نەپەر نۇمۇر ئالغۇچى ئارقا مەيدان بىك بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مەيلى كۈچلۈك ماھىرلار بىر قەدەر كۆپ بولغان گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بۇلسۇن ۋە مەيلى ياش كوماندا بولغان چىڭداۋ كوماندىسى بولسۇن ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ رولىنى مۇقىم جارى قىلدۇرغان.
شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە  2-4 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، بۇ پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى بىيجىڭ كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قۇيۇپ، تۆتىنچى قىتىم  ئىككىنچى بولدى. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى، ئۇلار ھەمىشە چىمپىيۇنلۇققا ئەڭ يىقىن يەردە يىقىلىپ چۈشىۋاتىدۇ. يىڭى پەسىلدە يەنە باشتىن باشلاش ئۈچۈن شىنجاڭ كوماندىسىمۇ خۇدىسون بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما خۇدىسوننىڭ قايتىدىن NBA غا قايتىپ بىرىش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمايدۇ.
ياڭ جىڭمىن يىڭى توي قىلغانلىقى، ئائىلىسىگە بىرىپ كىلىش قاتناش قۇلايلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، شاڭخەي كوماندىسىغا يۆتكەلگەنلىكتىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئارقا مۇداپىيە سىپىدە بىر نەپەر ئاساسلىق ئەزا ئازلىدى، ئەگەر خۇدىسون قايتىدىن NBA غا قايتىپ كەتسە ئۇنداقتا بۇ پەسىلدە شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيۇن بۇلۇش ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن، چۈقۇم كۈچلۈك ماھىرلار بىلەن توختاملىشىپ، بۇ مۇھىم بوشلۇقنى تولدۇرۇشى كىرەك.



http://waskitbol.com/portal.php


بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 10:08, Processed in 0.098486 second(s), 19 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش