- تىزىملاتقان
- 2014-5-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-2
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 351
- نادىر
- 0
- يازما
- 74
 
- تۆھپە
- 149
- مۇنبەر پۇلى
- 193
- ئىشەنىچ
- 149
| ئەلگە يەتسۇن نەپ
ئىمانگۈل ئابدۇراخمان
دەيدۇ دانا خەلقىم مېنىڭ ، ئەردىن ئەرگە نەپ ، ياخشىلىق قىلالمىساڭ ، يامانلىق قىلما دەپ ، يەرگىمۇ يالغان ئېيتساڭ ، يەرمۇ دەركەن خەپ ، بۇرچ ئادا بولسۇن تولۇق ، ئەلگە يەتسۇن نەپ .
سەھرادا خۇجايىننىڭ ھالى راس خاراب ، ھەقىقەتنى بىلدى چاكار بىر قاراپ ، شەھەردە يۈرۈپتىمىز مودا چاچ تاراپ ، بۇرچ ئادا بولسۇن تولۇق ، ئەلگە يەتسۇن نەپ.
ئوقۇشقا ماڭدى خوشال ، ئوقۇيالمىغان ، دوختۇر كۆردى ئايال ، داۋالىنالمىغان ، نەدە بار ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ، بۇرچ ئادا بولسۇن تولۇق ، ئەلگە يەتسۇن نەپ .
ھاجەتمەنگە ياراشتى ، دەردىگە داۋا بولدى ، كۆڭۈل كۈلدى قاراشتى ، كېسەلگە شىپا بولدى ، كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچتى ، دىللار نۇر زىيا بولدى ، بۇرچ ئادا بولسۇن تولۇق ، ئەلگە يەتسۇن نەپ .
كۆرىسەن ھاياتتا كۆرمىگەننى ئۆلمىگىنىڭ ، ئىشەنمەيسەن قۇرۇق گەپكە ، مىڭلاپ ئاڭلىغىنىڭ ، ئۇشبۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىمىگىنىڭ ، بۇرچ ئادا بولسۇن تولۇق ، ئەلگە يەتسۇن نەپ .
سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆستۈم ، چانمايمەن يېزامدىن ، سەھرايىم ئانا ۋەتىنىم ، ئەزىردۇر مال -دۇنيادىن ، يىراقتۇر -يىراق ئاۋام خەلق ، ئېغىۋا تىك قىيادىن ، (شەھەردە ياشىدىڭ ، ياشنىدىڭ ، تاندىڭ ئاتا-ئانادىن ، ) بۇرچ ئادا بولسۇن تولۇق ، ئەلگە يەتسۇن نەپ.
دەيدۇ دانا خەلقىم مېنىڭ ، ئەردىن ئەرگە نەپ ، ياخشىلىق قىلالمىساڭ يامانلىق قىلما دەپ ، يەرگىمۇ يالغان ئېيتساڭ ، يەرمۇ دەركەن خەپ ، بۇرچ ئادا بولسۇن تولۇق ، ئەلگە يەتسۇن نەپ .
|
|