تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 638|ئىنكاس: 3

يۇقىرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 20:52:57
خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن  « خوتەن ئۇدۇن لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » 2014-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنگىچە خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  ئىلىپ بىرىلدى.
  بۇ قىتىمقى خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ  مۇسابىقىسىگە دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،  پەخىرلىك ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان مۇختەر، قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەردان تۇرسۇن، شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى مۇرات ئادىلجان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خەن لىي، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خاستېرقاتارلىق داڭلىق ۋاسكېتبولچىلىرىمىز خوتەندىكى مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن كوماندىلارغا تەكلىپ قىلىنىپ  مۇسابىقىگە قاتناشتى.
  2014-يىلى5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ھەل قىلغۇچ  مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىگىدىكى  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى 87-73 نەتىجە  بىلەن مەردان تۇرسۇن يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  ئۈچۇنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە  خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى  89- 82 نەتىجە بىلەن   قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى خوتەن دىلپاك كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
   بۇ قىتىمقى «خوتەن ئۇدۇن لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى» قىزغىن كەيپىيات ۋە ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلاشتى.  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە  ئۇدۇن ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئۆي جازىلىرى شىركىتى كوماندىسى چىمپىيۇنلۇققا، خوتەن ئوۋلوبا ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، خوتەن يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسى كوماندىسى  ئۈچۇنچىلىككە ئىرىشتى. نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.


ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە پۈتۈن مەيدان سېن فىلىمى

  بىرىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIxOTIy.swf

ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIzMzY4.swf

ئۈچۈنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIyNjY1.swf

تۆتىنچى چارەك مۇسابىقە سېن كۈرۈنىشى

http://player.56.com/v_MTEzMzIzOTYw.swf

مۇسابىقىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر


بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 16:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 09:31, Processed in 0.104964 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش