تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1735|ئىنكاس: 11

خوتەندە ئۇيغۇر-قازاق چېلىشىش پالۋانلىرى مۇسابىقىلەشتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:40:10
    چېلىشىش – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ئىگە،  ئەجدادتىن-ئەۋلاتقىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ، مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان، تارىخى ئۇزۇن  قەدىمىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر.  ئۇيغۇرلار ھېيت-ئايەم، دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدا پەيتلىرى، بازار كۈنلىرى قاتارلىق ۋاقىتلاردا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ.
   خوتەن دىيارى- ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىىغا نىسپەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا، چىلىشىش تەنتەربىيە ھەركىتى بىر قەدەر كەڭ ئۇمۇملاشقان رايۇنلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، خوتەندە، كىچىك بالىلاردىن تارتىپ قىرىلارغىچە ھەممىسى بۇ تەنھەركەت تۈرىنى ياخشى كۈرىدىغان بۇلۇپ، چېلىشىش خوتەندىكى ئادەم ئەڭ كۆپ قاتنىشىدىغان تەنھەركەت تۈرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
     خوتەندە خوتەن شەھرىنى مەرگەز قىلىپ، ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيىلەر ۋە قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، ئالتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەر ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن ھالقىپ ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كۆزگە كۈرۇنگەن چىلىشچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، خوتەننىڭ سەھۋالىم چىلىش مەيدانىدا ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم دىگۇدەك چوڭ تىپتىكى چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرلىدۇ.
    كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى  خوتەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى قاراقاش دەرياسى ئېلىش بېشى قۇرۇلۇشى يېنىغا جايلاشقان كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى خوتەن خەلقىنىڭ قەدىمىي سەيلىگاھلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ جاي خوتەن ناھىيسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 41 كىلو مېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن بوستانلىقىنىڭ ئاھالىلەر تولىمۇ زىچ ئولتۇراقلاشقان بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىدا ھەر يىلى 5- ئايلاردىن توققۇزىنچى 10- ئايلارغىچە ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىسى قىزىپ كېتىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم ساياھىتى مازار تاۋابىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر سەھۋالىمدا ساياھەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، داۋاننىڭ ئۈستىدىكى كۆھمارىم غۇجامنىڭ مازىرىنى تاۋاپ قىلىپ دۇئا قىلىدۇ ۋە شۇ غۇجامنىڭ نامىنى ۋەسىيلە قىلىپ ( تىلغا ئېلىپ ) تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى تېلىشىدۇ. بۇ جايدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ۋە ناھايىتى جەلىپ قىلىدىغان بىر جاي كۆھمارىم غارىدۇر. كۆھمارىم غارىنىڭ سىغىمچانلىقى 63 كوادرات مېتر كېلىدۇ. بۇ جاي ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، قوغدىلىش دائىرىسى 250 كوادرات مېتىر كېلىدۇ. غارنىڭ ئىچى گۆر شەكىلدە بولۇپ، ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى ئىككى ئۆيگە بۆلۈنگەن. ئوتتۇرىدا غارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقىش ئۈچۈن ياساپ قويۇلغان ياغاچ پەلەمپەيلىك شۇتا بار. غارنىڭ كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ غار سۈنئىي ھاسىل قىلىنغان بولماستىن، بەلكى تەبىئي جايدەك بىلىنىدۇ. غارنىڭ ئىچى ۋە ئىچىدىكى تاشلار قاپقارا ئىسلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستىگە چىقىشتا قول چىراغ ياكى شام بىلەن يۇرۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. غارنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىن بىر كىلو مېتىر يىراقلىقتا ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ قالدۇق تاملىرى، كۆمۈر پارچىلىرى ۋە گەج سۇۋاق پارچىلىرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ياشىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇيۇملار بايقالغان بولۇپ، بۇرۇن بۇ جاينىڭمۇ كىشىلەرنىڭ ياشاش ماكانى بولغانلىقىنىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. كۆھمارىم ساياھەت ئورنىغا كېلىدىغانلار ئاساسەن خوتەن شەھرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسىدىن بولۇپلا قالماي، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيىلىرىدىنمۇ كېلىدۇ. بەزى دېھقانلار ئىش – ئەمگەكتىن سىلىككەن ۋاقىتلىرىدا كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىغا چىقىپ بىر تال گۆشگىردىنى ئېلىپ ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ، دېڭىز سۈيىدەك كۆپكۆك پاكىزە، سۈزۈك سۇلارنى قېنىپ – قېنىپ ئىچىپ جاھاننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىنى خوتەن خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت بوشلۇقى، دېيىشكە بولىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى خۇتەن بوستانلىق ۋە فولكلور مەدەنىيتىنىڭ تىپىك ئۈستى ئۇچۇق مۇزىيى، دېيىشكە مۇناسىپ ئورۇن بولۇپ، سەيلىگاھ قىزىغان ۋاقىتلاردا چار بازار شەكلىدىكى سودا – سېتىق ئەۋىج ئالىدۇ. كۆھمارىم سەيلىسى لايقا يېزىسىنىڭ داڭلىق كۆك شاپتۇلى تازا مەي باغلاپ پىشقان مەزگىللەردە بەك قىزىيدۇ. كىشىلەر كۆھمارىم داۋىنى ئۈستىدە تۇرۇپ قاراقاش دەرياسىنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنلىرىنى، رەتلىك تاراملىرىنى يىراقتىن تاماشا قىلىدۇ. قاراقاش دەرياسى ئېقىنىنىڭ باش قىسمىدىكى يەنى جەنۇب تەرەپتىكى بەھەيۋەت تاغ چوققىلىرىغا نەزەر سالىدۇ ۋە داۋاننىڭ شىمالىي تەرپىگە جايلاشقان زۇمرەتتەك ياپيېشىل خوتەن بۇستانلىقىغا تويماي قارىشىدۇ. سەيلىگاھنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىدىن باشقا، مىللىيچە چېلىشىش، سارغايدى ئويۇنى، مەدداھلىق، دارۋازلىق، سودا - سېتىق قاتارلىق پائالىيەتلەر كىشلەرنى جەلپ قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپتۇر.
    چېلىشىش __ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، خوتەندە چېلىشىش ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. سەھۋالىم سەيلىگاھىدا ھەر ھەپتىنىڭ تۆتى كوللېكتىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. چېلىشىش __ سەھۋالىمدىكى لايقا يېزىسىغا قاراپ ئاقىدىغان ئۆستەڭنىڭ كۆۋرۈكى ( زاكۇ ) دىن ئۆتۈشكىلا يولنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئويمان يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. چېلىش خەلق ئارىسىدىكى كىشىلەر تەرىپدىن تەشكىللىنىدۇ، ناھايىتى ئادىللىق بىلەن باشقۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا يېڭىپ چىققۇچىغا مۇئەييەن دەرىجىدە مۇكاپات بېرىلىدۇ. چېلىشىش ئويۇنىنى چوڭلاردىن تارتىپ كىچىكلەرگىچە ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. بۇ پەقەت ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلق ئىچىدىكى كۈچتۈڭگۈر، قاۋۇل پالۋانلارنىڭ ئۆز ماھارىتى، كۈچى ۋە غەيرەت – شىجائىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر سەھنىدۇر. بۇ چېلىشىشقا خوتەن ناھىيىسى، خوتەن شەھرى، قاراقاش ناھىيىسى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيە ۋە ۋىلايەتلەردىن داڭلىق چېلىشچىلارمۇ كېلىدۇ. ھەر يۇرت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ چېلىشچى پالۋانلىرىدىن پەرخىرلىنىدۇ.
تارىختا ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەھۋالىم سەيلىگاھىدا قاراقاش دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككىگە ئايرىلىپ مىللىيچە چېلىشىش پائالىيىتىنى داۋام قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەۋلاتلارئەجداتلار ئىزىدىن مىڭىپ تىخىمۇ تاكامۇللاشتۇرماقتا....
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خوتەننىڭ سەھۋالىم چىلىش مەيدانىدا مىللىيچە چېلىشىش پائالىيىتى داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى. بۈگۈنكى چېلىشىش مۇسابىقىسىدە خوتەندىكى ئۇيغۇر چېلىشىش پالۋانلىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان قازاق چېلىشىش پالۋانلىرى ئۆز-ئارا مۇسابىقىلەشتى.

  ئۇيغۇر-قازاق چېلىشىش مۇسابىقىسى سېن فىلىمى

http://player.56.com/v_MTE0NDY0NzA5.swf

مۇسابىقىگە ئائىت سۈرەتلەر

























ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

473

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
236
مۇنبەر پۇلى
237
ئىشەنىچ
236
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 19:52:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4

تېما

2

ئەگەشكۈچى

803

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
407
مۇنبەر پۇلى
401
ئىشەنىچ
407
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 16:09:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ىمىدىگەن ئىسىل ئىش بولغان ،خەلقىمىز ئۈرغۇن ۋادىللىرىنى ئەسلەتتى 750-يىللىردىكى ئەجداتلارنىڭ شاللىق تارىخىنى ئەسلەتتى

2

تېما

4

ئەگەشكۈچى

384

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
ئابدۇرېھىمجان
تۆھپە
93
مۇنبەر پۇلى
272
ئىشەنىچ
93
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 19:37:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ىمىدىگەن ئىسىل ئىش بولغان
كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:15:28
ئويغۇر قازاق ئوزبېك ھەممىز قېرىنداش تۈرىك مىللەتلىرى ياخشى بوپتۇ

53

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1371

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
بەشبالىق@
تۆھپە
321
مۇنبەر پۇلى
833
ئىشەنىچ
321
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 10:01:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتكۇ ياخشى بولغان ئىكەن بىراق،ماھارەت كۆرسەتكۈچىلەرنى يىراقتىن سۆرەتكە تارتقانلىقتىن ئەسەردىكى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيە غۇۋا بولۇپ قىلىپتۇ.

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

480

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
156
مۇنبەر پۇلى
312
ئىشەنىچ
156
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 16:14:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوغۇز نەسللىكلەر ئۆز ئارا چېلىشىپ تۇرغىنى ياخشى...

96

تېما

33

ئەگەشكۈچى

8767

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3220
مۇنبەر پۇلى
4029
ئىشەنىچ
3220
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 21:18:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پائالىيەت بوپتۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 09:21, Processed in 0.120789 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش