جاھانغا پاتمايتتى ئەركەكنىڭ قەھرى ، قىلىچتەك ئۆتەتتى ئەركەكنىڭ لەۋزى . قەيەرگە كەتكەندۇ ئۇشبۇ ئەركەكلەر ، ئەجەپمۇ ئۆتۈلدى ئەركەكنىڭ قەدىرى .
ئاياللار ئۆيلەردە ئەركەكلەر ئىشلەپ ، تېرىقچە نەرسىنى ھالالدىن چىشلەپ . قەيەرگە كەتكەندۇ ئۇشبۇ ئەركەكلەر ، ئەجەپمۇ ئۆتۈلدى ئەركەكنىڭ قەدىرى .
ئاياللار يىغلىدى تۆكۈپ يېشىنى ، ساتتى ھەم ئۆزىنىڭ ئىپپەت تېنىنى . ئىدىغۇ ئاياللار مىللەتنىڭ جېنى ، تۆكۈلدى كۆزلەردىن يۈرەكنىڭ قېنى .
تېپىلدى ئەركەكلەر رومكا ئىچىدىن ، تاماكا ھەم نەشە ئاقنىڭ قېشىدىن . قاچانمۇ ئويغىنارمىز غەپلەت ئىچىدىن ، ئەجەپمۇ ئۆتۈلدى ئەركەكنىڭ قەدىرى .
مەنبە : ئۈندىداردىن يۆتكەپ بىسىلدى «ئاسېر» 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى
|