ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
ئۆسۈش ‹‹ماھىرى››
ھېكايە قاراساي يېزىسنىڭ غۇنچە ئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەسۇمخان 50 ياشنىڭ قارىسنى ئالماي تۇرۇپلا چاچلىرىغا ۋاقتىسز ئاق كىرگەن،بەللىرى تۇرمۇشنىڭ ئېسق-سوغۇقى بىلەن يادەك ئىگىلىگەن،ھاسىغا چۈشۈپ قالغان تۇل خوتۇن ئىدى. مەسۇمخان ئائىلىسنىڭ ئىقتسادىي ياخشى بولمغاچقا،قىش-ياز يېزا بازىرىدا تەنزە ئېچىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن قىزى ئاسىيەنى ئالىي مەكتەپتە تەسلىكتە ئوقۇتقانىدى. قىزى ئاسىيەمۇ ئانسىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى بىلىپ تۇرغاچقا، ئالىي مەكتەپتە تىرىشپ ياخشى ئوقۇپ،ھەر يىلى ‹‹دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى›› ئېلىپ ئوقۇغان،ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتھانسىدىنمۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆتكەنىدى.لېكىن، تەقدىر بۇ ئائىلە بىلەن قىرىشقاندەك ئاسىيە باشقا بىر يېزىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ قالغانىدى. مەسۇمخان قىزىنىڭ خىزمتنى ئۆزى يۇرتى_قاراساي يېزىسغا يۆتكەش ئۈچۈن تالاي قېتىم ئىدارىدىكى چوڭ-كىچىك رەھبەرلەرگە دېگەن بولسىمۇ،ھەل بولماي ئاۋارە بولۇپ يۈرەتتى.قوشىنىلىرىنىڭ بالىلىرىنى يۆتكەپ كەلگەنلىك خەۋەرىنى ئاڭلغان ھامان ئولتۇرالماي قالاتتى. ئۇ بۈگۈن سەھەردە قىزى ئاسىيەنىڭ ئىشى بىلەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يەنە كەلدى. مەسۇمخان ئىدارە ئالىدىغا كەلگەن ۋاقتىدا ئشچى-خىزمەتچىلەر ئەمدى ئشقا چۈشكەنىدى. ئاللىقانداق خىياللار بىلەن باشلىق ئشخانسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن مەسۇمخان ئشىك ئالدىدا بىردەم تۇرۋېلىپ،ئشكنى يەڭگىل چەكتى. -تاك،تاك،تاك. -كىرىڭ،ئىشىك ئوچۇق،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ قولغا ئەمدى ئېلىپ تۇرغان گېزىتنى شېرە ئۈسىتگە قويۇپ. مەسۇمخان ئەمدى ئايغى چىققان بالىدەك تەمترەپ،ھودۇققان ھالدا كىرىپ كەلدى. -ياخشى تۇردىڭىزمۇ بالام،-دېدى مەسۇمخان چىرايغا خۇش تەبەسۇم بېرىپ. ئىدارە باشلىقى سەمەت مەسۇمخاننى كۆرۈپ ئەرۋاھى مىڭ گەز ئۇچىتى.بىر يىلىدىن بېرى بېشنى تولا ئاغرتقان بۇ ئايالنى كۆرگەن ھامان قويۇق چاچلىرى تىك تۇراتتى. -كەلسلە،مېنى چۈشەپ قالغان ئوخشايلا! قېنى ئولتۇرسىلا،-دېدى قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالدا. مەسۇمخان ئىدارە باشلىقنىڭ قوپال مۇئاملىسىدىن كۆڭلى شېكەستە بولۇپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى بېسۋىلىپ،تارتىنىپ دېگۈدەك مىڭ تەسلىكتە ساپاغا يەڭگىلگىنە ئولتۇردى. -ھە،ئەتىگەندە كېلىپ قاپتۇققۇ،يەنە ھەقاچان يالغۇز قىزلىرىنىڭ ئشى ئۈچۈن كەلگەن ئوخشماملا؟-دېدى سەمەت تەنە ئارىلاش. -شۇنداق بالام،دۇنيالىقتا شۇ بىرلا بالام بار ئىدى،دادىسى رەھمەتلىك ئش ئۈستدە يارىلىنىپ،داۋالىنىش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپ، تەسلىكتە ئوقۇتقانىدىم،لېكىن قېيىشقاندەك ... -بولدى،بولدى،-دېدى سەمەت مەسۇمخاننىڭ گىپىنىڭ بىلىگە تېپىپ ،- مەن سىلىگە تولا دەپ كەتتىم، كادىرلارنىڭ خىزمتنى تەڭشەش خالغانچە بولىدىغان ئىش ئەمەس ،كادىر يۆتكەشتە ئىدارىنىڭ قاتتىق تۈزۈمى بار. -جېنىم بالام،شۇ بالامنى بىر ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىغا يۆتكەپ قويغان بولسىڭىز،سلىدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا رازى بولار ئىدىم.ئۆيۈمدە مەندىن باشقا ئادەم بولمغاچقا تۇرمۇشتا بەك قېينىلىپ قالدىم،-دېدى مەسۇمخان كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا. -يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كەلگەن بولسا ئاللىبۇرۇن قىزىڭىزنى مەھەللىڭىزگە يۆتكەپ قوياتتىم. بۇ ئىشقا ئامال يوق،قايىتىپ كېتىڭ،-دېدى سەمەت قوللىرىنى شلتاپ. _دېگىنىڭىزغۇ بەرھەق بالام،لېكىن يېقىن قۇشىنىمىزنىڭ بىر بالىسى تېخى تونۇگۈن مەھەللسىگە خىزمتنى يۆتكەپ كەپتۇ،شۇڭا مەن سىزنى بىر ئامال قىلىپ ... -سىز گەپ چۈشنەمسىز يوق،بالىڭىزنى يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ.مېنىڭ ۋاقتىمنى تولا ئالماي ئشخانىدىن چىقىپ كەتسىلە،بالىلىرىنى يۆتكەيمەن دەپ ئاۋارە بولمسلا،-دېدى سەمەت گەپنى كېسىپ.ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەھدىت،زەردە چىقىپ تۇراتتى. -بالام بىر ئامال ... -مەن سىلىنى مېنى ئاۋارە قىلماي چىقىپ كەتسلە دەۋاتمەن،-دېدى سەمەت ئاغزىدىن تۈكۈرۈكلىرىنى چاچىرتىپ. -بالام شۇ قىزىمنى... مەسۇمخان قاپساپ كېلۋاتقان يىغىسنى تەسلىكتە بېسىپ زور ئۈمىد بىلەن ئاخىرقى گەپلىرىنى دەۋاتاتتى.لېكىن بۇ بىچارە موماينىڭ گەپلىرى ۋە بىزىرىپ ئولتۇرشىدىن جاق تويغان ئىدارە باشلىقى سەمەت ئورندىن چاچراپ تۇرۇپ: -يوقال،تولا بېشمنى ئاغرىتىماي،ئشخانامدىن چىقىپ كەت!!!-دېدى. ئىدارە باشلىقنىڭ ئاچچىقلاپ دېگەن گەپلىرىدىن مەسۇمخاننىڭ يۈرىكى ئىغىپ، پۈتۈن بەدىنى ھەسىرەت،ئەلەم،ئاچچىقتىن جاقىلداپ تىترەشكە باشلىدى.ئارقىدىنلا ئورۇندىن تۇرۇشغا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ،يىقىلىپ چۈشتى. مەسۇمخاننىڭ ئايىلىنىپ كەتكەنلىكنى كۆرگەن سەمەت دەرھال باشقا ئشخاندىكى خىزمەتچلەرنى چاقىرغاچ،جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفۇن بەردى.ھايال ئۆتمەي جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى كېلى، دوختۇرلار مەسۇمخاننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.بۇ كۈتۈلمگەن ۋەقەدىن ئىدارە ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتتى. سەمەت شوپۇرىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئەۋەتىپ، موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەسۇمخان دوختۇرخانىغا بېرىش يولدا ئۆلۈپ كەتتى. سەمەت مەسۇمخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈم ئشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدى.شۇ كۈنىلا ئاسىيەنى ئۆز يۇرتغا يۆتكەپ قويدى. ئىدارىدىكى ئشچى-خىزمەتچلەر ئىدارە باشلىقنىڭ مەسۇمخان ئائىلىسىگە قىلغان خالس خىزمەتلىرى،ئاسيەگە قىلغان ياخشلىقلىرىنى توختماي ماختىشاتتى. ئىدارە باشلىقى سەمەتنىڭ ئشلىرىدىن خەۋەر تاپقان ناھيلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبرلىرىمۇ شۇ كۈنىلا ئۇنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ،ئۇنىڭ ئامما ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئشلىرىنى ئۇچۇرۇپ-ماختاپ خەۋەر بەردى. يىل ئاخىردا ئىدارە باشلىقى سەمەتنىڭ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارسىگە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىق بولۇپ يۆتكلىپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالدى. (مەزكۇر ھېكايە ‹‹ئشچىلار ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2014-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈندىكى ‹‹قارلىق چوققا››بېتىدە ئېلان قىلغان)
|