تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 821|ئىنكاس: 3

ئاياللاردىكى بىر تۈرلۈك سەلبىي قاراش ۋە ئەرلەردىكى مۇھىم بىر ئال...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

3

ئەگەشكۈچى

399

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
99
مۇنبەر پۇلى
255
ئىشەنىچ
99
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 17:05:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان بىر تۈرلۈك سەلبىي قاراش ۋە ئەرلەردىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك

    ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان بىر تۈرلۈك سەلبىي قاراش:
    ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىناقلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆمۈر بۇيى جاپا چىكىدۇ. شۇڭا ئاياللار مۇشۇنداق تۈگىمەس جاپالارنى تارتقانلىقى ئۈچۈن «بىز ئاياللار جاپا تارتىشقىلا تۆرىلىپتىمىز، بىز نىمانداق جاپاكەش؟، بىز نىمانداق بىتەلەي؟» دەپ ۋايسايدۇ، ياكى بەزىدە «ئەر كىشى بولۇپ قالغان بولساق بوپتىكەن» دەپ ئويلاپمۇ قالىدۇ. مانا بۇ ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان بىر تۈرلۈك سەلبىي قاراش بولۇپ، بىراق ئاياللاردىكى بۇ خىل بىر قانچە تۈرلۈك قاراش ئەمەلىي تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن بارلىققا كەلگەن.
    ئاياللارمۇ توغرا ئېيتىدۇ، ئايال بولماقمۇ تەس، تۈگىمىس ئۆي ئىشلىرى، شۇ ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋار ئېلىش، يەنە كېلىپ خىزمەت قىلىش ….. دىگەندەك تۇرمۇشتىكى تۈگىمەيدىغان تالاي ئىشلار ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇندىماي نېمە ئامال؟.
    دىمەك بىر ئۆمۈر جاپا تارتىدىغان گەپ. ئاياللار ئايال بولغانلىقى ئۈچۈنلا جاپا چىكىشكە ھەقلىق ئەمەس، بەلكى مۇشۇ جاپالىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن بەختىنى قوغداشقىمۇ ھوقۇقلۇق. شۇڭا ئاياللار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى قوغدىشى كېرەك ئەلۋەتتە.
    ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان ئىجابىي قاراش:
    ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى تارتقان جاپالىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزىگە پەقەت بېسىم قىلىۋالماسلىقى، ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇشى، بەلكى شۇ جاپالىرىنىڭ بەدىلىگە يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى ئەمگەك مىۋىسىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە تىرىشىشى، سەۋر قىلىشى ۋە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. مانا بۇ ئاياللاردىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا بولغان ئىجابىي قاراش.
    ئاياللار مانا مۇشۇنداق يىراقنى كۆرەلىگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ئىناق ئائىلە قۇرۇپ ئائىلىسىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزالايدۇ. بالىلىرىنى ئەخلاقلىق، ساپالىق ۋە ئىستىقباللىق قىلىپ تەربىلىيەلەيدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ جاپالىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئەڭ زور بەخت ئەمەسمۇ. بۇلارنى دىمىسە قايسى بىر ئايالنىڭ جاپا تارتقۇسى بار دەيسىز.
    شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئانىلىرىمىز تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن جاپالىق-قىيىن ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، نۇرغۇن ياراملىق ئەۋلاتلارنى قالدۇرغان ۋە يېتىشتۈرگەن ئەمەسمۇ؟. بىراق ئاياللارنىڭ بۇ تۆھپىسىنى ئائىلىدىكىلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى «قوللاش بولغاچقا ھەردەم، ئاياللار ماڭىدۇ بەردەم» دېگەن ئەقلىيە سۆز ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان.
    ئەرلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى مۇھىم بىر تۈرلۈك ئالاھىدىلىك:
    ئەر بولماقمۇ ئاسان ئەمەس، ئەرلەرنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى شۇنداق ئېغىر تۇرۇغلۇق ئۇلار ئۆزىنىڭ «ئەر» بولۇپ تۆرەلگىنىدىن نارازى بولغىنىنى پەقەت ئاڭلاپ باقمايمىز. نۇرغۇن ئەرلەر شۇ ئائىلىنى دەپ بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەيدۇ ھەم ياشايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى «ئەر» دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن، ئۇلارنىڭ «ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى» ھەم «ئائىلە باشلىقى» بولۇشىمۇ ھەقلىق ئىكەن. شۇڭا ئەرلەر ئايالىنىڭ كەينىدە قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ ھەم ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشىنىمۇ خالىمايدۇ. ئەرلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى مانا بۇ خىل فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىگى ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، ھەم ئۇلارنى غەيرەتلىك ۋە چىداملىق قىلىپ پىشىپ يېتىلدۈرىدۇ.
شۇڭا مەيلى ئەر ياكى ئايال بۇلايلى بىر تۇرمۇشتا بىر-بىرىمىزگە يول قۇيۇشىمىز، بىر-بىرىمىزنى تۇلۇقلىشىمىز، بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئاسرىشىمىز ۋە ئۆزئارا كۈيۈنىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلالىساقلا ئاندىن كۆزلىگەن مەقسىدىمىزگە يېتەلەيمىز ھەم ئىشلىرىمىزدا ئۇتۇق قازىنالايمىز.
    دىمەك، مەيلى ئەر ياكى ئايال بۇلايلى، بىز تېخىمۇ ئۈمىتۋار بولۇپ ئائىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئائىلىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەر-ئايال بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. مۇشۇنداق قىلالىساقلا ئائىلىدىكى ئورنىمىزنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىيالايمىز، شۇنداقلا ئائىلىمىزنىڭ ۋەيران بولۇشىنى توسۇپ قالالايمىز.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-13 09:12, Processed in 0.105579 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش