تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 926|ئىنكاس: 1

يالپۇز ھەققىدە رىۋايەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

3

ئەگەشكۈچى

399

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
99
مۇنبەر پۇلى
255
ئىشەنىچ
99
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 11:14:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالپۇز ھەققىدە رىۋايەت

    بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ دائىم مەيدىسى ئاغرىپ قىيلىنىدىكەن .ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىغان ئامالى قالماپتۇ. لېكىن ئاغرىقتىن خالاس بۇلالماپتۇ. ئاخىرى ئۆلەر ۋاقتىدا ئوغلىغا: «مەن جان ئۈزگەندىن كىيىن، مىنىڭ مەيدەمنى ئېچىپ كۈرۈڭلار، مىنى بىر ئۆمۈر ئازاپقا سالغان كىسەلىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىپتۇ.
بۇۋاي ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ. ئوغلى دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە ئۇنىڭ مەيدىسىنى يېرىپ كۈرۈپتۇ .دەرۋەقە بۇۋاينىڭ مەيدىسىدىن چۆچەك (قاچا) شەكلىدىكى كىچىككىنە كاللەك بىر نەرسە چىقىپتۇ. بۇنى بۇۋاينىڭ ئوغلى يېنىدىن ئايرىماي سۇقلاپ يۈرۇپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇۋاينىڭ ئوغلى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كىلىپ، بېلىدىكى پوتىنى يىشىپ بۇلاقنىڭ ئەتراپىدا قۇيۇق ئۆسكەن يالپۇزنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قۇيۇپ، ئۈزى نېنىنى سۇغا چىلاپ يىيىشكە باشلاپتۇ، قۇرسىقى تويغاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ پۇتىسىنى قۇلىغا ئاپتۇ، ئەمما ھېلىقى كاللەك نەرسە كۈرۇنمەپتۇ. ئۇ بالا ئەتراپىنى يىڭنە ئىزدىگەندەك ئزدەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ھېلىقى كاللەك نەرسە چۈشكەن جايدىكى يالپۇزلارنىڭ ئۈستى قارامتۇل مايلىشىپ قالغان ئىكەن. شۇ چاغدىلا ئۇ نەرسىنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ. يىگىت مەھەللىگە قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى باشقىلارغا سۆزلەپ بىرىپتۇ. كىشىلەر بۇلاق بۇيىدىكى يالپۇزدىن ئېلىپ كىلىپ، مەيدىسى ئاغرىيدىغانلارغا قاينىتىپ ئچكۈزۇپتۇ. كىسەللەر يازدا يىڭى پېتى، قىشتا قۇرۇتىۋېلىپ تاماققا قۇشۇپ يەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي مەيدە ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار سەللىمازا ساقىيىپ كىتىپتۇ.
ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر يالپۇزنىڭ دۇرىلىق خۇسۇسىيىتىنى بىلگەن ئىكەن.
مەنبە: تەۋپىق تورى

5

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2064

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1361
مۇنبەر پۇلى
764
ئىشەنىچ
1361
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 12:20:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يالپۇز ھەققىدە ئەسەر يازغانتىمغۇ؟يازغۇچىلار تورىدا ھازىرمۇ بار؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-13 11:28, Processed in 0.097342 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش