تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1150|ئىنكاس: 1

ئادەم سودىسى ئەشەددىيلەشكەن مولدوۋا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

3

ئەگەشكۈچى

399

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
99
مۇنبەر پۇلى
255
ئىشەنىچ
99
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 13:43:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم سودىسى ئەشەددىيلەشكەن مولدوۋا

    ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شەرقىي ياۋروپادىكى مولدوۋادا ئادەم سودىسى ئەشەددىيلەشكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، 2008-يىلى بىر يىلدىلا 25 مىڭ ئادەم (% 42 ى بالا) چەت ئەللەرگە سېتىۋېتىلگەن . ئەرلەر قۇرۇلۇش مەيدانى ياكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا سېتىلىپ مەدىكارلىق قىلسا، ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيە، رۇسىيە، سىپروس، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلگەن. سەھرالىق قىزلار ئوقۇيالماسلىق، ئىشسىزلىق، ئائىلە زوراۋانلىقى قاتارلىق پىشكەللىكلەر سەۋەبىدىن ئاسانلا ئادەم بىدىكچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىكەن.
    خەلقئارا كۆچمەنلەر ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ مولدوۋانىڭ پايتەختى كىشىنېۋدىكى كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ھەر يىلى قۇتقۇزۇۋېلىنغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن 300 ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ئېلىپ بارىدىكەن. ۋېكتورىيە شۇ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي زۇلۇم سەۋەبىدىن، داۋالاش ئورنىدىكىلەر بىلەن كۆز ئۇچرىشى بولۇپ قىلىشتىن قورقۇپ، ھامان يەرگە ياكى دېرىزە سىرتىغا قاراپ ئولتۇرۇۋالاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق چېغىدىكى يېقىن دوستى تەرىپىدىن ئادەم بىدىكلىرىگە سېتىۋېتىلىپ، مەجبۇرىي خېرىدار كۈتۈشكە زورلانغان. كۆنمىگىنىدە قاتتىق تاياقلارغا قالغان. . ۋېكتورىيە ئوخشاش تەقدىردىكىلەر ئاز ساندا ئەمەس. تەخمىنەن 800 مىڭدەك ئاياللار ۋە بالىلار ئالداپ سېتىلىپ، قاتتىق ئۇرۇش، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
مەنبە: ئىز تورى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-13 10:09, Processed in 0.101601 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش