بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كارىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-9 18:12
قىلپ باقامدۇق«تور پروگراممىسى» ئەسسىلامۇ ئەلەيكوم تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرمەنلىرى ۋە بارلىق تورداشلار ،ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا تورىمىز نامىدىن چوڭقۇر سالام يوللايمىز . ئەجىر مېھنەت يولىدا باسقان ھەربىر قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي. جەمئيىتىمىزتەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئىز باسارى ئىقتىساس ئىگىلىرى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھەر قايسى قاتلامدىكى ياشلىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەۋەككۈلچىلىكىنى ئاشۇرۇش ، ئەركىن پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق سىناپ بېقىشنى خالايدىغان ،بىز قىلىپ باقمىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئۆزى بىۋاستە قاتنىشىش ۋە بىۋاستە ھېس قىلىدۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ تەڭرىتاغ تورىمىز «قىلىپ باقامدۇق» تېمىسىدىكى ئۇنۋېرسال خارەكتېرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش تور تېلۋىزىيە پىروگىراممىسىنى ئىشلەپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ياقتۇرۇپ كۆرىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز . سىلەرنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر ۋە قوللىشىڭلار بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدىكى ماياك بولىدۇ . قەدىرلىك كۆرۈرمەن ، ھەر ساندىكى قىزىققارلىق ۋە نادىر مەزمۇنلار تۇرمۇشىڭىزغا ئازراق بولسىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلىسە ئەجەپ ئەمەس. قېنى ئۇنداقتا «قىلىپ باقامدۇق» پروگراممىسىغا مەرھەممەت !
|