بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-8 11:24
ماركىسىزملىق مىللەت ئۇقۇمىدىكى تۆت بەلگە ھەققىدە ئىخچام تىزما مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
گىرمان پەيلاسوپى گېگىل مۇنداق دەيدۇ:«بىرمىللەتتە ئاسمانغا دېققەت قىلىدىغانلار بولسا ئاندىن بۇ مىللەتتە ئۈمىد بار؛بىرمىللەت پۇتىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرسە،ئۇنداق مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولمايدۇ».
مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغىنى مۇنداق تۆت بەلگە دەپ قاراش (ماركىسزم مىللەت قارىشى)نىسبەتەن ئۇمۇمىيلىققا ئىگە: مىللەتكە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسلىق بەلگە: 1- ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل.ھەربىرمىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىقتىسادىي،سىياسى،ئىدىيە-مەدەنىيەت پائالىيتى ۋە ئالاقە ئېلىپ بېرىشتىكى قورال. 2- ئورتاق تېرىتورىيە بولۇپ،بۇ جان ساقلاش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى تەبئىي شارائىتنى كۆرسىتىدۇ. 3- ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش،مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقە. 4- ئورتاق پىسخىك ساپا بولۇپ، بۇ دېگەنلىك ئورتاق قىزىقىش،تارىخى ئەنئەنە،ئۆرپ-ئادەت،مىللىي غۇرۇر قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.بۇ ئالاھىدىلىك مىللەتنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئەڭ رۆشەن بەلگىدۇر. بىر مىللەت مەدەنىيتىنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئۇلى ـــ زېمىن ۋە يېزىق. مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بولسا مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات.ئىجادچانلىق مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. مىللەتكە كېرەك بولغىنى:مىللىي روھ،ئىتتىپاقلىق،مىللىي مەدەنىيەت،ئۆزىنىڭ تارىخى. مەدەنىيەت ـــ ئىنسانىيەت ياراتقان روھىي ۋە ماددىي بايلىقلارنىڭ يىغىندىسى. مىللىي مەدەنىيەت ـــ ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ماددىي مەدەنىيەت:يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەك،تۇرالغۇ،ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدۇ. مەنىۋى مەدەنىيەت:تىل،يېزىق،ئەدەبىيات،ئىلىم-پەن،سەنئەت،پەلسەپە،دىن،ئۆرپ-ئادەت،بايرام ۋە ئەنئەنە قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.مىللى مەدەنىيەت شۇ مىللەتنىڭ تارىختىكى تەرەققىيات سەۋىيسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ،شۇنداقلا شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئاساستۇر.
شۇڭا،مىللەت توپى كۆڭۈل بۆلۈشكە،ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەنىۋى مەدەنىيەت مەسلىلىرىنى يىغىنچاقلىساق تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
مىللىي تىل ـــ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى مىللىي يېزىق ـــ ئۇيغۇر يېزىقى تەتقىقاتى مىللىي ئەدەبىيات ــ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى مىللى مائارىپ -ئۇيغۇر مائارىپى مىللەتنىڭ ئىلىم-پېنى ـــ ئۇيغۇرئىلىم-پەن كاتېگورىيسى، تارىخى،بۈگۈنى مىللىي سەنئەت ـــــ ئۇيغۇر سەنئىتى تەتقىقاتى مىللەتنىڭ پەلسەپىسى ـــ ئۇيغۇر پەلسەپىسى تەتقىقاتى مىللەتنىڭ دىنى ــــ ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان دىنلار تەتقىقاتى،دىنشۇناسلىق مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ــــ ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتى مىللەتنىڭ بايراملىرى ـــــ بايراملار ئۈستىدىكى ئەتراپلىق تەتقىقات مىللىي ئەنئەنە ـــــ ئۇيغۇر ئەنئەنىسى
رۆشەنكى،بىر مىللەت ساغلام تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن،مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي،ماددىي مەدەنىيەتكىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قەتئى سەل قارىماسلىقى،ماددىي مەدەنىيەتنىڭ ئاساس ,مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقى،ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىشى كېرەك.شۇنداقلا،مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ماددىي مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى شاخچىلىرىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى،مەلۇم تەرەپلەرنى زىيادە كۈچەپ تەكىتلەپ،مەلۇم تەرەپلەرگە ئېتىبارسىز قارىماسلىقى كېرەك. «ئىككى مەدەنىيەت»قۇرۇلۇشى دېگەنلىك دەل مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىياسى مەدەنىيلىك دېگەن ئاتالغۇمۇ باربۇلۇپ،سىياسى مەدەنىيەت دېگىنىمىز، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىپ ئېرىشكەن سىياسى نەتىجىلىرىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھ: توپلام نەزەرىيسى نۇقتىسىدىن تىزىپ چىقىلدى.
پايدىلانمىلار: مىكروسوفىت بىڭ ئىزدىگۈچى www.bing.com
|