مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايونى مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايونى ــ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزا ھەزىرتى موللام كەنتىنىڭ تاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ،11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس ، مۇتەپەككۇر،مائارىپچى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇد كاشىغەرىي دەپنە قىلىنغان جاي. ساياھەت رايۇنىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 43كىلومىتىر كىلىدۇ.314دۆلەت يولى ساياھەت رايۇنىنىڭ يېنىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا قاتناش شارائىتى ئىنتايىن قولاي.ئومۇمى يەر كۆلىمى 2930مۇ بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىي يادىكارلىق بويىچە قوغدىلىدىغان كۆلەم 234مۇ كىلىدۇ. ساياھەت رايونى چوڭ دەرۋازا، ھەيكەل ، ھاي -ھاي تىرەك، مەقبەرە، مەدرىس خارابىيىسى، مەسچىت، كۆرگەزمىخانا، زەر بۇلاق، توققۇز قازناق ئىزى، راۋاق، ئەجدىھار غارى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. مەقبەرە 12-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياسالغان بولۇپ، 900يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ مەقبەرە قەبرىگاھ، ئايۋان، تىلاۋەتخانا، تۆت مۇنار، گۈمبەزلىك دەرۋازىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ تىپىك ئۇيغۇر بىناكارلىق خۇسۇسىيتىگە ئىگە قۇرۇلۇش ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئورۇن 1983-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن،2006-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈن تەرىپىدىن 6-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بىكىتىلگەن.2010-يلى 9-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت رايۇنى بولۇپ باھالانغان. مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايۇنى قەشقەر ۋېلايىتى بويىچىلا ئەمەس پۈتكۈل ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچىمۇ مۇھىم قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە ساياھەت رايونى ھىساپلىنىدۇ. 2013- يىلى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 3مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن ساياھەت رايونىنىڭ دەرۋازا، ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋىلىش مەركىزى، ساياھەتچىلەر يولى قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسسەلىرى يېڭىلىنىپ يېڭىچە قىياپەتتە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلدى.
سۈرەتتە:شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى،ياش شائىر قەيسەر تۇرسۇن مەھمۇد كاشىغەرىي ساياھەت رايۇنىدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن :مامۇتجان نۇرمۇھەممەد(ئاققاش)خەۋېرى،فوتوسى ئادرىس:قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى تېلېفون:13899146980
|