- تىزىملاتقان
- 2013-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-25
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 74
- نادىر
- 0
- يازما
- 12

- 真实姓名
- مەربىيە
- تۆھپە
- 0
- مۇنبەر پۇلى
- 46
- ئىشەنىچ
- 0
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marbiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 11:12
مېنىڭچە بۇ قىز مەكتەپتىن بېرىلگەن تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلىكىدە تېزراق ئىشلەپ بولۇپ دەرىستىن سىرتقى كۇرسقا بېرىشقا ئالدىراۋاتقان بولسا كېرەك. بۇ رەسىمدىن بەزىبىر مەكتەپلەرنىڭ بالىلارغا تاپشۇرۇقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمىنىڭ قانچىلىق ئېغىرلىقىنى كۆزدىن ساقىت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە كەلسەك بالىنىڭ ئۆزىدىكى تىرىشچانلىققا باغلىق. بەزى بالىلار تېنچ مۇھىتتا زېھنىنى يىغىۋالالايدۇ،بەزى بالىلار مۇھىت قانچە شاۋقۇن - سۈرەن بولسىمۇ زېھنىنى يىغىۋېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. ئاپتوبۇسنىڭ بىر توختاپ، بىر قوزغىلىپ مېڭىپ ئادەملەرنى سىلكىپ ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇشمۇ خېلى تەسكە توختايدىغان شارائىتتا بۇ قىزچاقنىڭ شۇنچىلىك بېرىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ قىزچاقنىڭ زېھنى شۇنداق ئوچۇق بولسا كېرەك. بۇنىڭدىن ئون نەچچە كۈن ئىلگىرىكى تور خەۋىرىدە خېنەنلىك 9 ياشلىق بىر قىزچاقنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ ئاقبالداق سېتىپ، كوچا چىرىغىنىڭ يورۇقىدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ بەس - مۇنازىرىسىنى قوزغىغان ئىدى.
|
|