تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 530|ئىنكاس: 0

چىلىدىكى يەر تەۋرەشتە 300 ئايال جىنايەتچى قېچىپ 26 سى تۇتۇلغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

3

ئەگەشكۈچى

399

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
99
مۇنبەر پۇلى
255
ئىشەنىچ
99
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 18:40:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
300 نەپەر ئايال جىنايەتچى چىلىدا يەر تەۋرىگەندە تۇرمىدىن قېچىپ بۇنىڭدىن 26 سى تۇتۇلغان

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-ئاپرېلدىكى تېلگىراممىسى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىلىدا كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن بولغان چىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر ئىكۋىكتا 300 نەپەر جىنايەتچى تۇرمىدىن قاچقان نولۇپ، ھەممىسى ئايال ئىكەن. نۆۋەتتە چىلى ھۆكۈمىتى ھەربىي قۇشۇننى شەھەر تەرتىپىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە 2 ئادەم ئۆلگەن. چىلى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 300 كىشىلىك قوراللىق كۈچ تەرتىپنى قوغداشقا ئەۋەتىلگەن. يەنە 100 نەپەر زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساقچىلىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مۇشۇ رايۇنىغا بارماقچى بولغان. چىلى ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، كەم دىگەندە 26 كىشى يېڭىۋاشتىن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىكۋىك ئىشتاتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچى تەرەپ ساقچى كۈچىنى تەڭشەپ ماي قاچىلاش پونكىتى ۋە تاللا بازارلىرىنى قوغدىغان. بېيجىڭ ۋاقتى  2-ئاپرېل سەھەردە چىلىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز بۇيىدا 8.2 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن بولۇپ، دېڭىز تاشقىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە 2 ئادەم ئۆلگەن. چىلى دۆلەتلىك جىددى ھالەت ۋە ئاممىۋىي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان تۇنجى دېڭىز تاشقىنى چىلىنىڭ دېڭىز بۇيىدىكى شەھىرى ـــ پىساگۇۋ، ئىكۋىك ۋە پاتاچى قاتارلىق شەھەرلىرىگە يىتىپ بارغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چىلى زوڭتوڭى شۇ كۈندىكى بارلىق پائالىيەت-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتقان.مەنبە:
http://news.163.com/14/0402/11/9OQQQSGB00014JB6.html#fr=email

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 01:52, Processed in 0.098894 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش