تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 459|ئىنكاس: 3

ئاتۇشقا مۇھاببەت ...2

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

0

ئەگەشكۈچى

384

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
63
مۇنبەر پۇلى
228
ئىشەنىچ
63
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 13:01:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇشقا مۇھاببەت

مەن ئاتۇشتا قىران بويىدا،
يۇرتۇمنىڭكى ھەر بىر تويىدا.
ئانا يۇرتنىڭ باغرىغا قانماي،
ياشاتىمەن گۈلدەك قوينىدا.

چاقماق دەريا ئاقىدۇ سىرلىق،
كۆكتە قۇياش باقىدۇ ئىللىق.
سۇتۇق بۇغرا يۇرتى بۇ ئاتۇش،
تارىخ ياتار نەچچە مىڭ يىللىق.

ئانا يۇرتۇم مېھرىبان شۇنچە،
باغلىرىدا ئېچىلغان غۇنچە.
تەۋپىق ئۆتكەن تۇنجى دەرسنى،
ئانا تىلدا ھەم ساپ ئۇيغۇرچە.

ئاسمان-زىمىن شاھىد تارىخقا،
بۇغرا خاقان قىلغان ئۇرۇشقا.
ئاشىقتۇرمەن ئەزەلدىن-ئەزەل،
كىندىك قېنىم تامغان ئاتۇشقا.

رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇشتا يېزىلدى

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1277

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
583
مۇنبەر پۇلى
685
ئىشەنىچ
583
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 15:18:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىلىپتۇ ئاپىرىن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

31

تېما

0

ئەگەشكۈچى

384

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
63
مۇنبەر پۇلى
228
ئىشەنىچ
63
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 13:28:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەتلىرمىز
رۇستەم قاراسۇ
بىزدىن بالدۇر خوشلۇشۇپ كەتكەن،
بىر مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئاتلىق.
يىتۈشتۈرگەن تالاي ئەزمەتنى،
قالقان كەبى مۇشتلىرى قاتتىق.

قۇيۇپ كەتتى ياراملىق شاگىرت،
بۈگۈن ئۇلار زەپەرلەر قۇچتى.
ۋارىسلىرى ئەلنىڭ كۆكىدە،
قاناتلىنىپ بۈركۈتتەك ئۇچتى.

مۇھاممەد چوڭ شەرەپ قازاندى،
توختى چوڭمۇ قالمىدى چەتتە.
پالۋانلارنىڭ باتۇرلىقىنى،
تەسۋىرلەش تەس تىل بىلەن خەتتە.

ئابدۇرىھىم ،سېرىك قازاقمۇ،
شۇ ئۇستازدىن تەلىمنى ئالغان.
يەر چىشلەتتى رەقىبلىرىنى،
مۇش ئاتالدى يۇمۇلغاچ ئالقان.

تەڭرىتاغنىڭ قوينىدىن چىقىپ،
يەتتە ئىقلىم كىزىپ ئۇچۇڭلار.
ھەي ئەزمەتلەر سىلەر پەخرىمىز،
ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇڭلار.
رۇستەم قاراسۇ 2014.يىل6.ئاي28.كۈنى










كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 09:27, Processed in 0.099497 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش