تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 3418|ئىنكاس: 6

ئۈچ بۇرجەكلىك مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 15:46:47
ئۈچ بۇرجەكلىك مۇھەببەت

(رازۋىدكا پوۋسىت)

راخمانجان رۇسۇل سۇلتانى

    بۈگۈن ياغقان قار بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ بولۇڭ- پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ ئاق لىباس كەيگەن تۈسكە كىرگۈزۈپ، دەل-دەرەخلەرنىمۇ خۇددى ئەتىياز پەسلىدىكى چېچەكتەك رىۋايەت تۈسكە ئوخشۇتۇپ قويغاندى. شۇنداق بولغاچمىكىن لەيلى تاكسىغىمۇ ئولتۇرماي بۇ گۈزەل مەنزىردىن ھۇزۇرلانماقچى بولۇپ پىيادە يولغا چىقتى. ئۇ بۈگۈن بەكلا خۇشال، ئۇنىڭ قارلىق كوچىدىكى ئاياغ ئىزلىرى بۇ شەھەرگە گۈل باسقاندەك ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىزغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ قار ئۇچقىنىغا ئايلىنىپ بۇ گۈزەل زېمىنغا سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. تولىمۇ پاك قار ئۇچقۇنلىرى زېمىندىكى بارلىق مەينەتچىىكلەرنى بېسىپ ھەممە ياقنى بىر خىل ساما چېچەكلىرى بىلەن قاپلىغانىدى. ئۇنىڭ ئىزىدىن بىر خىل قار يولى ھاسىل بولۇپ، ئۇ يول خۇددى پۈتكۈل ئالەمنى، مۇھەببەتكە تولغان قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغاندەك، يۈرىگى ئاشۇ قارغا ئوخشاش يەڭگىل سوقماقتا.
    سېخى ئاسماندىن لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان قار تەرەپ-تەرەپتىن چاقنىغان چىراغ نۇرىدا كېچە ئاسمىنىدىكى كۆچكەن يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقاندەك بۇ شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۇرىۋەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇستا بىر رەسسام بولۇپ قالمىغىنىدىن ئۈكۈندى. ئەگەر ئۇ بىر رەسسام بولغان بولسا بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تېخىمۇ غايىۋى سىزىۋالغان بولاتتى. لېكىن ئۇ بۇخىل مەنزىرىنى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىسى بىلەن قوشۇپ مۇھەببەتكە تولغان قەلبىگە سىزىۋالدى...
لەيلى يوقارقىدەك خىياللار ئىلكىدە ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «لەيلى-مەجنۇن كەچلىك كولۇبى» غا يېتىپ كەلگەنلىگىنىمۇ سەزمەي قالدى. بۇ كولۇپنىڭ ئىسمى بۇرۇن «بىر جۇپ توز چايخانىسى» ئىدى، بىراق بۇ چايخانىنىڭ خوجايىنى زىيان تارتىپ غالىب بىلەن لەيىگە ئۆتۈنگەنىدى.
    غالىب مۇھەببەتكە سادىق بولۇش ئۈچۈن چايخانىنىڭ تىجارەت دائىرسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ «كولوب» قا ئۆزگەرتتى ۋە كولۇبنىڭ ۋىۋىسكىسىنى «لەيلى –مەجنۇن كەچلىك كولۇبى» غا ئۆزگەرتىپ ئاجايىپ كۆركەم ۋىۋىسكا ئاستى. كولۇپ ئەزالىق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەزا سانى مىڭدىن ئاشتى، كولۇبنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن ياشلار بولۇپ، ئەزالارغا كولۇبنىڭ يولغا قويغان مۇلازىمىتىدە يېرىم باھا ئېتىبار قىلىناتتى. شۇڭا بۇ كولۇبنىڭ تىجارىتى كۈندىن كۈنگە روناق تېپىپ، ئەزا سانىمۇ ھەر كۈنى قوش خانىلىق سان بويىچە كۆپەيدى...
    لەيلى كولۇبقا بارغاندا تانسا-ئوسۇل ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، غالىب بىر قىز بىلەن تانسا ئويناۋاتاتتى. «باشقا ھەر قانداق قىز بىلەن ئوينىسا خىيالىمغا كەلمەيتتى، ئەجىبا ئۆتكەندە مەن ئالاھىدە ئەسكەرتكەن تۇرۇغلۇق يەنە شۇ ‹نايناق› نى تېپىۋاپتۇ-يا؟» لەيلى يوقارقىلارنى ئويلاپ، زالنىڭ بۇرجۈگىدىكى كېيىم ئاسقۇچقا ئاسماقچى بولغان نوركا پەلتۇسىنى تۇتقان پېتى خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن مۇيەسسەرنىڭ غالىبنى بىراۋ يەۋىتىدىغاندەك نازلىق بېقىشلىرىنى كۆرۈپ، چىداپ بولالماي زالدىن چىقتى. بۇنى كۆزى ئىشىكتە، كۆڭلى دەككە-دۈككىدە، قولى مويەسسەرنىڭ بېلدە تانسا ئويناۋاتقان غالب كۆرۈپ قالدى ۋە موزىكىنىڭ تۈگىشىنى كۈتمەيلا مۇيەسسەرنىڭ قولىقىغا بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاپ توپنى بۆسۈپ لەيلى تەرەپكە ماڭدى، بۇ چاغدا لەيلى زالدىن چىقىپ بولغان بولۇپ، شارپىسى بىلەن قول سومكىسى سول بېلىكىگە ئاسقىنىچە ئارقىسىغىمۇ قارىماي يۈرۈپ كەتتى.
    -لەيلى توختاڭ!- دېدى غالىب ماشنا توختۇتۇش مەيدانىدىنمۇ ئۆتۈپ بولغان لەيلىنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىراپ،- كېلىپلا كەتمەكچى بولىۋاتامسىز؟ مەن سىزنى ئەمدى كېلەلمەيدىغان بولدى-دەپ ....،- غالىب سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋېتىپ لەيلىنىڭ سومكا كۆتەرگەن سول قولىنى تۇتتى،- ئۇنداق قىلماڭ، مەن... مەن... مۇيەسسەر بۈگۈن يىگىرمە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى باشلاپ كەپتىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دېگەن ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى شىرىگىمىز تۇرسا، شۇڭا... غالبىنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىنى لەيلى چۈشنەلمىدى.
    شۇنداق، كولۇبقا ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ھەر خىل شەرتلىرى، ئېتىبار «سىياسەت» لىرى بار بولۇپ، ئەگەر بەش ئەزا تەرەققى قىلدۇرسا بىر ئادەمنىڭ ئەزالىق ھەققى ئەزا تەرەققى قىلدۇرغان كىشىگە قايتۇرىلاتتى، ئوننى تەرەققى قىلدۇرسا ئىككى ئادەمنىڭ ئەزالىق ھەققى بىلەن موكاپاتلانغاندىن سىرىت، ئۆزىدىن ئەزالىق ھەققى ئېلىنمايتتى، بىراق، ئۇ ...
لەيلى ئويلىغانسىرى پۇل ۋە بايلىقنىڭ دۇنيادىكى ھەممە قۇلۇپقا چۈشىدىغان «ھەممىباب» ئاچقۇچ ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدى ۋە پۇل دېگەن ئادەمنىڭ بارلىق ئاجىزلىقلىرىنى ياپىدىغان ئوق ئۆتمەس نىقاب، رەزىللىكنى يوقىتىدىغان خىسلەتلىك دورا ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئەمدى بىخ سۈرۈپ غۇنچە باغلاشقا قەدەم قويغانىدى، بىراق ئۇ بىر مۇيەسسەرىيەتنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر مەھرۇمىيەتنىڭ ئۆزىگە تېكىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىغانىدى. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ گېلى قۇرۇپ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى، يۈرىگىنىڭ بېغىشىغا بىرسى يىڭنە سانجىۋاتقاندەك، يۈرۈكىنىڭ بېغىشىدىن تۇتىۋېلىپ، گال پىچاقتا تېلېۋاتقاندەك ئېچىشىپ كەتتى. كۈندەشلىك دېگەن بەك يامان ئىكەن، «ھازىرغۇ باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەلدىن ئۆتەر، كېيىنچە رەسمى ئەر-خوتۇن بولۇپ، بىر ياستۇققا باش قويغاندا قانداق قىلغۇلۇق، بۈگۈنغۇ شېرىك سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى، كېيىنچۇ، كېيىن «ئۈچىنچى شەخىس» سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆستۈڭدە ‹مانتا› يېسە قانداق قىلغۇلۇق؟ كىشلەرنىڭ ‹ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ھەممىسى ‹ئۈجمە كۆڭۈل› دېگىنى راست ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ‹قەسەم› لىرى قەيەرگە كەتكەندۇ؟ بولدىلا، بۈگۈنلا ئايرىلىپ كېتەي...» لەيلى ئاخىرىنى ئويلاشقا پېتىنالمىدى.
    -بىزنىڭ ئىشىمىز مۇشۇ يەردىلا ئاخىرلاشسۇن!- دېدى لەيلى خېلىدىن كېيىن خۇددى قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغان ئادەمدەك بېشىنى سىلكىپ، ماڭا ئۇنتۇلماس ساۋاق بەرگەنلىڭىگىز ئۈچۈن رەھمەت!
    -ئۇنداق دېمەڭ-لەيلى!- دېدى بايامدىن بىرى خۇددى نېرۋىسىدىن ئازغان ئادەمدەك چەكچەيگىنىچە خىيال سۈرۈپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تۇرغان لەيلىدىن ئەنسىرىگەن غالب ئۇنىڭ گەپ قىلغانلىقىدىن خىيالىنى يوشۇرۇپ،- بىز تونۇشقىلى بىر-ئىككى ئاي بولمىغان تۇرسا...،- غالب نېمە دېيىشنى بىلمىگەندەك بىر ئاز تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن بېگىز قولىنى بورنىغا تىقىپ بورنىنى كوچىلاپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى،- مەن قەسەم قىلىپ بېرەي، مۇيەسسەر بىلەن ئارىلىقىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوق، راست دەۋاتىمەن...
    -بولدى قىلىڭ، سىزنىڭ قەسەملرىڭىز ئەمدى مېنى ئىشەندۈرۈلمەيدۇ!- دېدى لەيلى غالىبنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- قەسەم ئەرلەرنىڭ نىقاۋى ئوخشايدۇ، ھازىرغىچە قانچە قېتىم قەسەم قىلدىڭىز، مەن ئىشەندىم، ئىشەنگەنىدىم، بىراق بۈگۈنكى ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، تانسا ئوينىغان ھەممە قىزلار قولىنى ئەرلەنىڭ مۈرىسىگە قويسا ئۇ بوينىڭىزغا گىرە سېلىۋاپتۇ-يا؟ ئۇ ‹مېكىجىن› نىڭ نازلىق بېقىشلىرىدىن مەست بولۇپ كەتكەنلىگىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈمغۇ؟!...
-...
-...
    لەيلىنىڭ ئاچچىغى بەكلا كەلگەنىدى، ئىككەيلەن ئۇزاق تالاشتى، بىر-بىرىگە ھەرگىز يول بەرمىدى، ھەر قانداق نەرسىنى باشقىلار تارتىۋالغاندا، مەھرۇم قالغاندا ھەممىدىن قىممەتلىك بىلىندىغان ئوخشايدۇ. لەيلى شۇنداق ئويلىدى. ئۇ غالبنىڭ «ماشنا بىلەن ئاپىرىپ قوياي» دېگەن گېپىنى قېتىغىمۇ ئالماي غالىبنى سىلكىۋېتىپ شىۋىرغانلىق قاردا شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. تېڭىرقاش، ئىشەنچىسزلىك، قار لەپىلدەپ ياغماقتا. بايام كەلگەن چاغدا سېلىنغان چېغىر يوللارمۇ تۈزلىنىپ كەتكەن بولۇپ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىراۋ تەرىپىدىن يۈگەنلىنىپ، دەشتى-باياۋانغا ئالداپ كېلىنىپ رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋېتىلگەن ئاشىقتەك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى سۇسلاپ، يوقىلىش ئالىمىگە سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك قار-مۇزلار دۇنياسىغا تاشلاندى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاقارغان دۇنيا، كۆز ئالدىدا ئاقارغان زېمىن، كۆكتىن لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان ئاق چاچقۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانسىرى ئۆزىمۇ قار ئۇچقىنىغا ئايلىنىپ كەڭ زېمىنغا سىڭىپ كەتكۈسى كېلەتتى-يۇ، بايامقى مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ئەجرىگە، ياق، سۆيگۈسىگە ئاسىيىلىق قىلغان غالبقا بولغان غەزەپ –نەپرىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ باراتتى...
    لەيلى لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا، ھوشقۇيتۇپ چىقىۋاتقان شىۋىرغانغا پىسەنت قىلمىدى، ئۇ غالبنىڭ ماشنا بىلەن ئاپىرىپ قويۇشقا ماقۇل دىمىگەن ھالەتتىمۇ تاكسى بىلەن كەتسە بولاتتى، بىراق ئۇنىڭ تولىمۇ كۆتۈرۈشلىك كەلگەن بۇ مېھرلىك زېمىنغا، ياق، ھەر قەدەمدە «غاچ-غاچ» ئاۋاز چىقىرىدىغان، دۇنيادىكى ھەممە مەينەتچىلىكنى بەندىگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن باغرىغا باسقان قارغا دەسسەپ ماڭغۇسى كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ماڭغانلىقىنى، قانچە سائەت ماڭغانلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدى، ئەمما ئۇ ھاياتنىڭ خىلمۇ-خىل بوياقلار ئارىلاشقان بوياقچىنىڭ كۆپى ئىكەنلىگى جەزىملەشتۈردى. ئەمما ئۆزىنىڭ قايسى رەڭگە تەۋە ياشاۋاتقانلىقىغا بىر نەرسە دىيەلمىدى، ئۇ ئۆزىگە مۇناسىپ رەڭدە ياشىغان بولسا، بۇنداق ئازاپلانمىغان بولاتتى، قار بىلەن قاپلانغان ئاسفالىت يولدا بىر-بىرىنى قوغلاپ كېتىۋاتقان قوڭغوزدەك ماشنا چىراغلىرىنىڭ كۈچلۈك نۇرىنىڭ ئاپئاق قارغا چۈشۈشتىن قايىتقان ئەكسى نۇر خۇددى ئۇنىڭ ھاياتىغا باغلانغان نۇردەك ئۇنىڭ غەش بولغان كوڭلىغا بىر ئاز ئۈمۈد ئاتا قىلغاندەك تۇيۇلاتتى، نۇر بار يەردە بىر خىل گۈزەللىك باردەك تۇيغۇ سىرلار ئىچىدە قەدىمىنى تېزلەتتى...
    لەيلى گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە ئۆيىگە كېلىپ ئىشككە ئاچقۇچ سالاي دەپ تۇرۇشىغا يانفونىدىن ئۇچۇر سىگنالى كېلىپ ئاچقۇچ قولىدىن چۈشۈپ كەتتى، «بەلكىم غالبتىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ ئانچە خىيالىغا كەلمىگەندەك ئۆيىگە كىرىپلا ئۇچۇرنى كۆرۈشكە ئالدىرىدى.
    ئۇچۇر غالبتىن كەلمىگەن بولۇپ، بىر ناتۇنۇش نومۇردىن كەلگەن سۈرەتلىك ئۇچۇر ئىدى، ئۇ سۈرەتنى كۆرۈپلا ئايلىنىپ كەتكىلى تاس-تاماس قالدى، يانفون تۇتقان قولى تىترەپ، يۈرۈكى قېنىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق سوقۇپ كەتتى، ئۇ تېخى پەلتۇسىنى، ئوزۇن قونجۇلۇق، ئېگىز پاشنىلىق ئۆتۈگىنى سالمىغان ئىدى، سۈرەت ئۈچ پارچە بولۇپ، ئۇ تېخى بىرىنچى سۈرەتنىلا كۆرۈپ ئاشۇنداق ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى، ئۇ غەيرەتكە كېلىپ ئىككىنچى، ئۈچىنچى سۈرەتكە قاراپلا «لاسسىدە» ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇ سۈرەتلەر غالب بىلەن مۇيەسسەرنىڭ شەھۋانى سۈرىتى بولۇپ، لەيلى ئەمەس، باشقا ھەر قانداق ئادەم قارنىغا سىغدۇرالمايتتى، ئۇ خېلىغىچە ئېسىگە كېلەلمىدى، ئۇ تېخى ئۇچۇرنى كۆرمىگەنىدى، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، ئۇچۇرنى ئوقىدى، ئۇچۇردا؛ «تېخى تانسا ئويناۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ شۇنچە چېچىلدىڭمۇ، ‹بازار چاققاننىڭ›، قورسوغۇمدا غالبنىڭ بالىسى بار، كەشىڭنى دەرھال توغرىلاپ، ئۆز يولۇڭغا ماڭ!!!» دەپ يېزىلغانىدى. لەيلى ئەمدى چىداپ بولالماي يانفونىنى غەزەپ بىلەن ئاتتى، يانفون پارە-پارە بولۇپ كەتتى، شۇ تاپتا بىر قىز بالا ئۈچۈن ئېيىتقاندا بىر بالا-قازا، ناھايىتى زور كېلىشمەسلىك تۈرتەكلىشىپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقاندەك، يۈرۈگىنى بىرىسى بېغىدىن تۇتۇپ كۈچەپ تارتىۋاتقاندەك، قەلبىنى ياۋا مۈشۈك ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن تاتلاۋاتقاندەك، كۈزنىڭ سېرىق ھەرىسى نەشتىرىنى يۈرىكىگە سانجىۋاتقاندەك، ئىكەكتە ئىكەكدەۋاتقاندەك، گال ھەرىدە ھەرىداۋاتقاندەك سىزىم پەيدا بولۇپ، ھۇشۇدىن كەتتى...
(2)
     غالب ئىچكى ئۆلكىدىكى بىر نوقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەمۇرلىق ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بۇ مەركىزىي شەھەردىكى بىر مەمۇرىي ئورۇنغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ئۈچ يىلغا قالمايلا بۆلۈم باشلىقى بولدى.  بۆلۈم باشلىقى بولغىچە يۇقىرىغا ئۆرلەش مەسىلىسى توغرىسىدا ئانچە ئويلۇشۇپ كەتمىدى، ئەمما بۆلۈم باشلىقى بولغاندىن كېيىن ئوقۇش تارىخى، ئەمەلىي ئىقتىدارى جەھەتتىن خېلى تۆۋەنلەرنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا قول شىلتاپ يۈرگەنلىگىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەش ئويى بىخ سۈرۈپ، بەكلا باش قاتۇرىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ ھەيران ئىدى، ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا ئوقالمايۋاتاتتى، ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە، خىزمەتكە قاتناشقان دەسلەپكى چاغلاردا «پاكلىق، ئەقىلى ۋە ئېھتياتچانلىق كىشىنى بەختىكە ئىگە قىلىدۇ، گۈزەل ئەخلاق-پانى دۇنيانى يورۇتۇپ تۇرىدىغان مەشئەل، سېنى كۆزلىگەن نىشانىڭغا يەتكۈزىدىغان، يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان كومپاس، گۈزەل ئەخلاق ۋىجدانلىق كىشىدىلا بولىدۇ. تالانىت ۋە مۇۋەپپەقىيەت گۈزەل ئەخلاقلىق كىشلەرگىلا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ھاياتلارنى قىزغىن سۆيۈشكە، ۋىجدانى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ياد ئېتىشكە دەۋەت قىلىدۇ...» دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما بۆلۈم باشلىقى بولغاندىن كېيىن بارا-بارا ئۆزىنىڭ «ياشاش پەلسەپىسى» نى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىكى ئېسىل پەزىلەتلەر كەلمەسكە كەتكەندەك قىلاتتى. كىشلەرگە تېگىشلىك ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار تۈگەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، بىر قېتىملىق ئويۇن-كۈلكىدىن يوقاتقان نەرسىنىڭ نەچچە يىلدا ئەستايىدىللىق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەرسىدىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدى. ئۇ ھەممە ئىشنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان بولىۋالدى، خېلى كۆپ مەمۇرلارنىڭمۇ كاللىسىنى خىزمەتكە ئوتتۇز پىرسەنت ئىشلەتسە، پۇل تېپىشقا يەتمىش پىرسەنتىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» بولىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، شۇنداق ئىكەن، ئۇ پۇلنى قانداق تاپىدۇ؟ ئۇ جەمئىيەت تەكشۈرۈپ، ئەمىلى ئۆسكەن خېلى بىر قىسىملارنىڭ خىزمەت بىلەن تىجارەتنى بىرلەشتۈرۈپ، تاپقان پۇلىنى ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشىگە سەرپ قىلىپ، سالغان مەبلىغىنى بىر قانچە يىلدىلا قايتۇرىۋېلىپ، بېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوقۇپ، ئولتۇرسا-قوپسا مۇشۇنى ئويلايدىغان، چۈشىدىمۇ ئەمەل چۈشەيدىغان بولىۋالدى. ئۇ باشقىلار ئېرىشەلمىگەنگە ئېرىشىش بەخت، بايلىقنىڭ يۆلەنچۈك، كۈنلۈك ئىكەنلىگىنى، پۇل بولسىلا گەپ يوللۇق، لەۋزى ھالال بولىدىغانلىقنى پەرەز قىلدى، بىراق خۇشاللىقنىڭ خاپىلىقى بولغاندەك بايلىقنىڭمۇ خەتىرى بارلىقىنى، ھەسەلنىڭ ھەرىسى، گۈلنىڭ تىكىنى بارلىقىنى ئېسىگە ئالغىنىدا ئۇنىڭ خۇشلۇقىغا ياندىشىپ كېلىۋاتقان تۈگىمەس ئەندىشلىرىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىپ، ھوقۇق، مال-دۇنيانىڭ جەلب قىلىش كۈچىنىڭ قىزلاردىنمۇ جەلىبكار بولىدىغانلىقىغا قايىل بولدى، ئۇ بازار تەكشۈرۈش، جەمئىيەت تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇنىڭ توي قىلدىغان ۋاقتىدىن بىر قانچە يىل ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەڭتۈشلىرى ئىچىدە ئۇ بىردىنبىر بويتاق ئىدى، ئۇنىڭ چىرايى، ئوتتۇز ياشقا بارمايلا بۆلۈم باشلىقى بولغانلىقىنى... قاتارلىق ئەۋزەل شارائىتى بىلەن ھەرقانداق ئورۇندا ئىشلەيدىغان بىرەر قىزغا تەلەپ قويسا ھەرگىز ياق دىمەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ھەتتا ئۇنىڭ ئىدارىسىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئورۇنلاشقان قىزلارمۇ ئۇنىڭغا سەپسېلىۋاتقانلىقىنى بېلەتتى، بىراق جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقان كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن يېرىم يىل كېيىن باشقا بىر ئىدارىغا ئورۇنلىشىپ ھازىر بىر بالىنىڭ دادىسى بولغان ساتتار ئىسىملىك دوستى ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىپ، بىر بوتولكا ھاراقنى تىكلەپ قويۇپ ئۇنىڭغا دېدى؛
    -توي قىلىدىغان ۋاقتىڭ بولۇپ ئۆتۈپ كەتتى، مانا مەنمۇ سەندىن كېيىن خىزمەتكە قاتنىشىپ بىر بالىنىڭ دادىسى بولدۇم، ئىناق ئائىلە قۇرىۋالدىم،- ئۇ غالبنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىككى رومكىغا لىق قويۇپ، ئىچىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى،- ئاتا-ئاناڭمۇ ياشىنىپ قالدى، ئۇلار ئۆتكەندە كەلگەندە بىر قانچە قېتىم دېدى،- ئۇلار يەنە بىر رومكىدىن ئىچكەندىن كېيىن بىر قانچە قىزنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى،- مۇشۇ قىزلارنىڭ ھېچقايسىسى ياق دىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ مەيلى ئائىلە شارائىتى ۋە ياكى ھازىرقى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىدىن ئالغاندىمۇ بىر-بىرىڭلارغا ماس كېلسىلەر...
    -بۇ ئىشلارنى مېنى ئويلىمايدۇ-دەمسەن!- دېدى غالب قورومىدىن ئاغزىغا سالغاچ ساتتارنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- بىراق ھازىر ساڭا شۇنداق تۇيۇلغان بىلەن، سەن شۇنداق ئېغىز ئاچتىڭمۇ، ئۇلار شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ...،- غالب بىرنى «ئوھ» تارتىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى،- ھازىر «قېرى بويتاق» لارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شەھەر قىزلىرىنىڭ بولۇپمۇ خىزمىتى بار قىزلارنىڭ شەرتى ۋە مودا قوغلاشقانلىقى...
    -شەرتنى ئورۇنلىساق بولىدىغۇ؟- ساتتار ھەيران قالغان قىياپەتتە سوئال نەزىرى بىلەن غالبقا تېكىلدى.
    -قانداق ئورۇنلايسەن؟- غالب ساتتارنى ھاراق قويۇشقا ئىما قىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ھازىر شەھەر قىزلىرى بىلەن توي قىلىشتا ئۆيى بولۇش، ماشنىسى بولۇش، ھوقۇقى بولۇش دېگەندىن ئىبارەت «ئۈچ بولۇش» مودا،- ئۇ ساتتار قۇيغان بىر رومكا ھاراقنى «خوش» دىمەيلا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن قولىنىڭ كەينى بىلەن ئاغزىنى ئېيتىۋېتىپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېدى،- مەن ساڭا ئوخشىمايمەن، مېنىڭ ئاتا-ئانام دېھقان، ساڭا ئۆينى داداڭ ئېلىپ بەردى، ئويلاپ باقمامسەن، مېنىڭ ئاتا-ئانام ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بۇنداق چوڭ شەھەردە ئۆي ئېلىپ بېرىشكە تۈگۈل، تويغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېرىپ-كېلىش كىراسىنىمۇ مەن ئۈستۈمگە ئالمىسام بولمايدۇ...
    -ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە!- ساتتار بايام قۇيغان ئىچكەن بىر رومكا ھاراقنى كوتىرىۋېتىپ غالبنىڭ سۆزىنى بۆلدى،- مېنىڭ ئۆينى دادام ئېلىپ بەرگەن بىلەن، ئايالىم قالغان شەرتلەرنى قويمىدى، مانا بىر ئوبدان ئۆتۈپ كېتىۋاتىمىزغۇ؟
    -بۇ ئايرىم ئەھۋال،- دېدى غالب داستىخاندىكى كىشمىشتىن بىر ئۇچۇم ئېلىپ ئاغزىغا سالغاچ،- سەن مۇنداق بىر ھېساباتىنى قىلىپ باق، 100 كۇۋادىرات مېتىرلىق بىر ئۆي ئېلىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ سىرتىدىراق ئالساڭ يەتتە-سەككىز يۈزمىڭ يۈەن كېتىدۇ، سەن قانچە يىلد يەتتە-سەككىز يۈز مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالىسەن؟ ھازىر بىر بالاڭ بار، بىر بالا بىلەن توختاپ قالغىلى بولمايدۇ، ئۆتكەندە بىر گېزىتتە «بىر بالا تۇغۇلۇپ ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە قانچە پۇل كېتىدۇ؟» دېگەن ماۋزۇدا بىر سىتاتىستىكا ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭدا ئېيىتىلىشىچە، بىر بالا تۇغۇلۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە باھا ئۆسمەي ھازىرقى سەۋىيە بويىچە ھېسابلىغاندا بەش يۈزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت كېتىدىكەن، ئىككى بالىنىڭ بىر مىلىيۇن يۈەندىن ئاشىدىغان گەپ...،- غالب سوۋۇپ قالغان چېيىنى ئاغزىنى تولغۇزۇپ بىر ئوتلىغاندىن كېيىن «ئوھ» دىۋىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- ئەر-خوتون ئىككىڭلار ئايدا يەتتى مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالدى دەيلى، سىلەر قانچە يىلدا بىر مىلىيۇن يۈەن ئىش ھەققى ئالىسىلەر؟- ئۇ ساتتارنىڭ ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتتى،- خوش، مائاشلىق خوتون دېگەن بىلەن، مائاش ئالغان خوتوننىڭ مائاشى ئۆزىگە يەتمەيدۇ...
    -نېمە دىدىڭ، ئۈچ مىڭ نەچچە يۈز يۈەن يەتمەمدا؟- ساتتار ھەيران قالغاندەك غالبقا چەكچەيدى.
    -سەن تەپسىلى ھېسابلاپ باق!- دېدى غالب مەنمەنلىك قىلغاندەك كىرىلىپ،- ھازىر ئاياللار ئىچىدە بولۇپمۇ خىزمىتى بار ئاياللار ئىچىدە مودا قوغلۇشۇش، قارىغۇچىلارچە باشقىلارنىڭكىنى دوراش ناھايىتى ئېغىر، بىزدە «يوتقا بېقىپ پۇت ئۇزات» دەيدىغان ئەقلىيە بار، ئەمما ھازىر بۇ گەپ ئىستېمالدىن قالدى، ئەگەر بىر ئايال «چەتئەل» نىڭ دەپ بىر پالازنى ئۈستىگە ئارتىۋالسا، ھەممەيلەن بىر ئىككى كۈنىگە قالمايلا قوبۇل قىلىپ، بەس-بەستە ئۈستىگە ئارتىۋالىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا، «يوتقان» نىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قارىماي، پۇتىنى ئۇزتىۋاتىدۇ، بۇ مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا «مودالىشىش ساراڭلىقى»، باشقىلارنى دوراش «ساراڭلىقى»، ئۆزنىڭكىنى ياراتماسلىق ياكى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە باشقىلارنىڭكىنى قارا قويۇق قوبۇل قىلىش «ساراڭلىقى»، يېڭىچە رېئاللىق سۈپتىدە باش كۆتۈرىۋاتقان «مەدەنىيەت ساراڭلىقى» ۋە ئېلانلىشىۋاتقان پۇچەگلىك ھادىسىسى،- ئۇ ھاراقتىن بىر رومكا ئىچىۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- ھازىر ئاياللارنىڭ چەتئەل گىرىملىرىنى ئىشلىتىش مودا، ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىسىنى ئىمىتمەي سۈت پاراشۈكىدا بېقىش مودا، ئايفون مودا، نوركا چاپان مودا، ئۆي بېزىگەندە كىتاب ئىشكاۋى ياساتماي گىرىم جازىسى ياسىتىش مودا... «مودا» بولىۋاتقان نەرىسلەرنى قوبۇل قىلماي، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كېيىملىرىنى كېيىش، تەبىئى گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىش پۈچەكلىك ، يېڭىلىققا ئىنتىلمەسلىك، مۇتەئەسىپلىك، مەتۇلىق، ئېقىمغا ئەگەشمەسلىك...
    -بەللى، بەللى!- دېدى ساتتار چاۋاك چېلىپ،- سەن توي قىلماي تۇرۇپ ئائىلىدىكى، ياق ھازىرقى زامان ئاياللىرىدىكى ناھايىتى ئىنچىكە تەپسىلاتلارغىچە خۇددى ئۆزۈڭ باشتىن كەچۈرگەندەك شۇنچە ئىنچىكە، شۇنداق تەپسىلى سۆزلىدىڭا؟- ساتتار ياتاق ئۆيگە قاراپ قويغاندىن كېيىن ئاۋازىنى پەسەيتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- مەن بۇلارنى ئۇنچە تەپسىلى ھېسابلاپ كەتمەپتىمەن، سادىغاڭ كېتەي، سىز يېتىلگەن جەمئىيەتشۇناس دېسە بولغىدەك، دېگەنلىرىڭ توغرا، بولار بىزنىڭ ئۆيىنىڭ كارتىنى بوپتۇ،- ساتتار يەنە بىر قېتىم ياتاق ئۆيگە قارىۋىتىپ ئاۋازىنى تېخىمۇ پەسەيتتى،- بىزنىڭ رازىيە بىر ئايدا كام بولغاندا ئىككى-ئۈچيۈز يۈەنلىك گىرىم بويۇمى ئىشلىتىدۇ...
    -مەن جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە باشلىغىلى ئىككى يىل بولدى، تەكشۈرگەندىمۇ بەك ئىنچىكلىك بىلەن تەكشۈردۈم، تېخى نۇرغۇن «مودا» توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدىم...
    -دېگەنلىرىڭ توغرا!- ساتتار ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،- قارىمامسەن، مودا ھەر يىلى ئەمەس، ھەر ئايدا ئالمشىپ تۇرىدىكەن، قىزىق ئىش، ئايالىمنىڭ ئېيىتىشىچە ئاياللارنىڭ كالتە ئىشتىنىمۇ مودا بوپتىمىش، ئۆتكەن ھەپتە ئايالىم كورىيەنىڭ «ئاياللار كالتە ئىشتىنى مودا بوپتىكەن» دەپ 600 نەچچە يۈەنگە بىر كالتا ئىشتان ئېلىپ كىرىپتىكەن، ئىككىمىز قىزىرىشىپ قالغان ئىدۇق.
-...
-...
    ئىككەيلەن بەك قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ئۆيدىن ساتتارنىڭ ئايالى سارىيە چىقتى؛
-بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ئەتە يەنە خىزمەتكە بارمىساق بولمايدۇ،- سارىيە ئىككەيلەننىڭ بايامقى «مودا» توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ قالغانمۇ ياكى راستىنلا ئۇيقۇسى كەلگەنمۇ چىرايى تۈرۈلگەن ئىدى.
    -كەچۈرۈڭ!- دېدى غالب داستىخانغا قويغان يانفونىنىڭ سائىتىگە قاراپ،-راست بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ-ئەمەسمۇ؟ مەن ماڭاي...
    -مۇشۇ ئۆيدە قۇنۇپ قېلىڭ-بولمىسا!- دېدى سارىيە تۈزۈت يۈزىسىدىن.
    -بولدى، رەھمەت، بىنا ئۆيدە مېھمان قوندورماسلىقمۇ مودا...
    ھا، ھا، ھا!- ھەممەيلەن تەڭ كۈلۈشۈپ، سارىيەنىڭ بايامقى سۈرۈن چىرايىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى...
(3)
    تەلەي كىشلەرگە بەزىدە بىمەنە چاقچاق قىلىدۇ، سەللا ئېھتىيات قىلمىساڭ ئۇ كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ھاللاردا بىلىم، ئەقىلمۇ ھەر خىل ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ، سەن ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارىغان ئادەم توساتتىنلا ئەڭ ئىشەنگىلى بولمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ» دېگەن ئەقلىيە سۆز بىكار چىققان ئەمەس، بەزىلەر سېنى پۈۋلەپ ئاسمانغا چىقىرىپ، ئاندىن يەرگە ئۇرالايدۇ. ئۇنداق كىشلەر ھەر خىل تاكتىكىلار بىلەن سېنى دەڭسەيدۇ، پەملەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەييارلىقسىز تۇرغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ساڭا قول سالىدۇ. كىشلىك ھايات خۇددى ئويۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ مۇقەدىمىسى ۋە خاتىمىسى بولىدۇ، كىشلىك ھاياتنى قەدىرلەيدىغان كىشلەر ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىنىمۇ ياخشى باشلاش بىلەن بىرگە خاتىمىسىنىمۇ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.
     غالب دوستى ساتتارنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مائاشلىق ئاياللار بىلەن توي قىلماسلىق قارارىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرۈپ، جاۋغىيىدا كۈلۈپ قويدى، ئۇ بۇرۇن بىر ئائىلىنىڭ ھازىرقى ئىستېمال چىقىمىنى قىياسەن ھېسابلىغان ئىدى، ئەمما ساتتارنىڭ ھېساباتىدىن قارىغاندا ئۇ كام ھېسابلاپ قويۇپتۇ. ساتتارنىڭ ھېساب قىلىپ بىرىشىچە، ئايالىنىڭ گىرىم بويۇمى ئۈچۈن ئۈچ-تۆت يۈز يۈەن «مودا قوغلىشىش» ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىڭ يۈەن (بەزى ئايلاردا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ)، بالا باققۇچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى بىر مىڭ بەش يۈز يۈەن، بالىغا تۇغۇلغاندىن تارتىپ چەتئەلنىڭ سۈت پاراشۈگىنى ئىچكۈزگەن بولۇپ، ھەر ئايدا چىقىمى ئەڭ ئاز بولغاندا ئېيىغا بىر مىڭ بەش يۈز يۈەن، ئائىلە ماشنىسىنىڭ سوغورتا ھەققى، ماشنا توختۇتۇش ھەققى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، ھەر ئايدا قايتۇرىدىغان ماشنا قەرزى ئىككى مىڭ يۈەن، تېلېفون ھەققى، خوجۇلۇق باشقۇرۇش ھەققى، توك، سۇ، سىملىق تېلېۋىزىيە ھەققى قاتارلىقلار مىڭ يۈەن، ئايىغى تۈگىمەس توي-توكۈن، كەلدى-باردى بەش يۈز يۈەن..... بۇلارنى قوشقاندا سەككىز مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان گەپ، لېكىن ئىككەيلەننىڭ ئايلىق مائاشى يەتتە مىڭ يۈەندىن سەللا ئاشىدىكەن، ئۇلار يىمەمدۇ، ئىچمەمدۇ؟ ماشنىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇپ بولغىچە ماشنىمۇ كىرەكتىن چىقىدۇ، ھازىرقى ئىستېمال سەۋىيىسىدە بىر ئائىلىنىڭ يىمەك-ئىچمىكى ئۈچۈنلا قانچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىر ئۆيگە باغلانغان ھەر قانداق ئەرگە ئايان، بالىلارنى ئوقۇتۇش قاتارلىقلارغا تۇغۇلغاندىن تارتىپ پۇل يىغمىسا تېخى بولمىغان...
    غالب ساتتارنىڭ «مەن نىمىشقا قەرزدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى ئەمدى ئۇقىۋاتىمەن» دەپ ئەندىكىپ كەتكەنلىگىنى قايتا ئېسىگە ئېلىپ ئۆزىنىڭ توغرا تاللىشىدىن مەمنۇن بولغاندەك جاۋغىيىدا كۈلۈپ قويدى...
    غالب شۇ كۈندىن باشلاپ چۈشىدىكىدەك خىيال قىلىدىغان، خىيالىدەك چۈش كۆرىدىغان، ئويغاقتەك ياتىدىغان، ئۇخلىغاندەك ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ ساتتارنىڭ ئائىلە ئىستېمال ھېسابىتىدىن كېيىن ئەندىشە ئىچىدە كۈلەتتى، ئويغاقلىقى بىلەن ئۇخلىغىنى، خۇشلۇقى بىلەن ئەندىشىسى، شاتلىقى بىلەن ئەنسىزلىكى... ئارىلىشىپ كېتەتتى، كېچە –كۈندۈز تولىمۇ مۇرەككەپ ھېسلاردا بولاتتى، توغۇلىشىدىن تارتىپلا ئۇنىڭ «زۇۋۇلىسى» نى ئاشۇنداق كىچىك ئۈزگەندەك تەقدىردىن، ئاتا-ئانىسىدىن ئاغرىناتتى، ئاشۇ پۇلىنى غازاڭدەك خەجلەۋاتقانلاردىن، سىرتقا چىقسىلا ئۇنىڭ ماركىسىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ئېسىل ماشنىلارغا تومۇچۇقتەك قىزلارنى چىقىرىپ، يان ئەينەكنى ئېچىپ قويۇپ كۆز-كۆز قىلىۋاتقانلاردىن نەرى كام؟! ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئويلىغاندا بىردە ھەۋىسى قوزغالسا، ئارقىدىنلا ھەسەت قىلاتتى. گېلى قۇرۇپ، كۆزى قاراڭغۇلىشاتتى، كۆكرىگى چىڭقىلىپ، بەدىنىنىڭ قانداقتۇر بىر يېرىگە يىڭنە سانجىلغاندەك، تۈكچا چەككەندەك، گال پىچاقتا تېلىۋاتقاندەك، تىلىنغان يەرگە تۇز سەپكەندەك ئېچىشاتتى...
    غالب يوقارقىدەك گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە يېقىندىن بۇيان ئىككى قېتىم كىرگەن كىچىك بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ كەلگەنلىگىنمۇ تۇيماي قالدى، ئۇ تاللا بازىرى كىچىك، ئەمما ئۇنىڭدىكى ماللارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇ تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنىغا جاۋغىيىدا كۈلۈپ سالام قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ-بۇنىڭ باھاسىنى سورىدى، خوجايىن قىزمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ باھاسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن يەنە كۈلۈپ كېتىپ سورىدى:
    -ئەپەندىم، سىز بۇ تاللا بازىرىغا ئۈچىنچى قېتىم كىرىشىڭىز،- دېدى قىز ھەيران قالغانلىقىنى يوشۇرالماي،- ھەر قېتىم باھاسىنى سورايسىز، ئەمما بىرەر نەرسە سېىۋالمايسىز، ئەگەر بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، سىزگە كىرگۈزگەن باھادا بېرەي، بۇنىڭ بىلەن سودام يۈرۈشۈپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس،- قىزنىڭ ئىككى مەڭزىدىكى زىنىقى ئاجايىپ روشەن كۆرۈندى.
    -ھە، ياق، مەن مۇنداقچە سوراپ قويدۇم،- غالب بىر ئاز ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە قىزىرىپ كەتتى ۋە ئارقىدىنلا دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ بىر سوپۇننى قولىغا ئېلىپ باھاسىنى سورىدى.
    -بۇ تۈركىيەنىڭ ھازىر مودا بولىۋاتقان سوپونى،- دېدى قىزچاق «مودا» دېگەن گەپنى ئاجايىپ ئورغۇ بىلەن،- قورغاق تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، ھەر خىل تەمرەتكىنى داۋالايدۇ...،- يەنە سوپۇننىڭ قانداقتۇر خۇسۇسىيەتلىرىنى سۆزلىگەندىن كېيىن باھاسىنى دېدى،- مەن قىرىق يۈەندىن كىرگۈزگەن، شۇ باھادا بېرەي، ئەسلى ئەللىك يۈەندىن سېتىۋاتاتتۇق...
    -نېمە؟ بىر دانە سوپۇن...،- غالب سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
    -شۇنداق ئەپەندىم، ھازىر ئاياللار ئىچىدە بۇ مودا، ئەگەر ئېلىپ بارسىڭىز ئايالىڭىز خۇش بولۇپ كېتىدۇ،- دېدى قىز يەنە سوپۇننىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي چۈشەندۈرۈپ.
    -مەن تېخى توي قىلمىدىم،- دېدى غالب بوينىغىچە قىزىرپ،- ھە، قانچە پۇل بولسا مەيلى، سىز ساتقان باھادا پۇل ئېلىپ قېلىڭ!- غالب مەيدە يانچۇقىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئېلىپ مەرتلىك بىلەن تەڭلىدى.
    -مەن ئۈزۈم دېگەن، سىزگە كىرگۈزگەن باھادا بېرىمەن،- قىزچاق غالبنىڭ تەكەللۇپىغا ئۇنىماي ئاتمىش يۈەن قايتۇرۇپ بەردى.
-...
-...
    ئىككەيلەن قايتۇرغان پۇلنى بىر قانچە قېتىم «ئالدىم-بەردىم» ئوينىغاندىن كېيىن ئاخىرى قىز ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
    غالب ئەسلىدە يىگىرمە يۈەنگە بەرسىمۇ ئالمايتتى، ئۇ كوڭلىغا بىر پىلاننى سوقۇپ بىر قېتىم مەرتلىك قىلغۇسى كېلىپ قىزدىن سورىدى؛
    -دۇكىنىڭىزنىڭ پايدىسى قانداقراق؟
    -يامان ئەمەس!-دېدى قىز سوراپ بولغىچە جاۋاب بېرىپ،- مەن ھەرگىز ساختا مال تۇتمايمەن ھەم بەك چىڭلىقمۇ قىلىپ كەتمەيمەن،- قىز بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن قوشۇپ قويدى،-ئاچقىلى ئىككى يىل بولدى، ئىككى يىلدىن بۇيان بىر ئۆينىڭ خەج-خارتىنىڭ، ئۆزۈمنىڭ كېيىم-كېچىگىنىڭ دەردىنى تارتىپ ئەللىك كۇۋادىرات مېتىرلىق بىر ئۆي سېتىۋالدىم....
    -نېمە، بىر ئۆينىڭ دەردىنى؟ ئۇنداقتا ئۆيىڭىزدە كىملەر بار؟- غالب ئەسلى «سىز توي قىلغانمۇ؟» دەپ سورىماقچى ئىدى، بىراق ئۇ ئاغزىنىڭ ئۇچىغا كەلگەن گەپنى يوتۇۋېتىپ «ئۆيدە كىملەر بار؟» دەپ سورىدى.
    -ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز تۇرىمەن!- دېدى قىز بىر ئاز خىجىل بولغاندەك،- بىر ئادەم بولسىمۇ، بىر قانچە ئادەم بولسىمۇ بىر ئۆيگە ئاساسەن ئوخشاش چىقىم كېتىدۇ، بىزنىڭ ئۆي بەك يىراق جايدا، سەھرادىكى ئۆيىمىزدە ئانام بار، دادام...،- قىزچاق دادىسىنىڭ ئىسىمىنى چىقىرىپلا يىغلاپ كەتتى.
    -كەچۈرۈڭ!- دېدى غالب خىجىل بولغاندەك ئالقىنىنى ئۇۋىلاپ،- مەن، مەن... غالب نېمە دىيىشنى، قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلەلمىدى.
    -كېرەك يوق،- دېدى قىزچاق غالبنى ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ،- دادام ئۆلۈپ كەتكەن... –قىزچاق ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى...
    ئۇ قىزنىڭ ئىسمى لەيلى بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ چەت بىر ناھىيىسىدىن ئىدى، ئۇ كىچىگىدىنلا تىرىشچان، كۆيۈمچان، نومۇسچان قىز بولۇپ، دەل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالي مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان كۈنى دادىسى قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش چۈشى بەربات بولدى. ئۇ يىغلىدى، قاقشىدى، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى سىدىق ئاكا لەيلىنىڭ پەرۋىشكارى، ۋاپا، ئىنساپ، ساداقەتنىڭ ياراتقۇچىسى ئىدى، لەيلىنىڭ جىسمىغا ھالاللىق ۋە كۈچ-قۇدرەت بەرگەن، بىر ئۆمۈر مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ ياشاشقا ئۆز ئەجىرى، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسەتكەن، تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ پەرزەنتى ئۈچۈن ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ، تارتقان جاپالىرىنى خۇشاللىق، ئەرلىك، دادىلىق ئىستىكىم دەپ بىلەتتى، ئۇ پەرزەنتلىرىنى غورورلۇق، ۋىجدانلىق بولۇشقا ئۈندەيتتى. دادىسىنىڭ ئۆلىمى ئۇنىڭغا بەكلا ھار كەلدى، دادىسىنىڭ ئۆلىمى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆتىرىلگەن قوياشنى قويۇق بولۇت بېسىپ جاھاننى بۇلۇت قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن چاقنىغان يولتۇزلار ئۆچتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلغان گۈللەر توزىدى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايرىشىمۇ ئاخىرلاشتى...
     لەيلى نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناھىيە نامرات دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تەرەققى قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ تېزراق ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار قاتارىدا لەيلىمۇ بار ئىدى، ئۇ تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى، بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن تېخنىكا ئۈگەنسە، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر يىلغا قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە كۆزى ئېچىلىپ، تىجارەت يولىنى ئۈگىنىۋالغاننىڭ سىرتىدا ئۆيىگە ئون نەچچە مىڭ يۈەن ئېلىپ كېلىپ، تۇل ئانىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئانىسىنى غەمدىن خالاس قىلدى، دۇئاسىنى ئالدى، پەرىشتە سۈپەت ئانا قىزىدىن پەخىرلەندى...
     ھۆكۈمەت يىلدىن يىلغا نامراتلارنى يۆلەش سالىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاياللارغا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ، ئۇلار ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىدى، لالە بۇ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، يېزا بازىرىغا بىر تاللا بازىرى ئېچىش پىلانىنى يوللىۋىدى، ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەستىقلاپ ئەللىك مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ بىر تاللا بازىرى ئاچتى. ئۇ سودا ئىشلىرىغا مۇھەببەت باغلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەشكىلنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا ئىرادە قىلدى، ياشىنىپ قالغان ئانىسىغا، ئۇنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن يورتىغا ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزۈشكە ۋەدە قىلدى، مىھرى ۋاپانى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ جېنى قىلىپ، ئۇنى ساپ ۋە چىن مەنىگە ئىگە قىلدى، مىسكىن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، دىللارغا سۆيگۈ بېغىشلىدى، ئاجىزلار توپىغا مىننەتسىز كۆيۈنۈپ، سەخسىيەتسىز يارىدەم بېرىشتەك ئىنسانى تۇيغۇنى دىللار قەسرىگە مۇجەسسەملىدى، ھاياتلىق داستىخنىنى كەڭرى يېيىپ، ساداقەت مىۋىلىرىنى ئاجىزلار ھۇزۇرىغا سونۇپ، مىسكىنلەرنىڭ دۇئاسىغا، يورتىنىڭ، تەشكىلنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغاندىن سىرىت بىر يىلدىلا قەرزىنى قايتۇرۇپ، خېلى كۆپ دەسمايىغا ئىگە بولدى...
لەيلىنىڭ بۇنداق تېز روناق تېپىشىدا ئاساسەن ئۇ بۇ مەركىزى شەھەردىكى بىر قانچە داڭلىق شىركەتنىڭ «ۋاكالىتەن سېتىش» ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشىپ، ئىشەنجىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ پايدىنىلا كۆزلىمەي، ئىناۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگىنى ئۈچۈن ئۇ شىركەتنىڭ نامىنى چىقاردى، ئۇ بىر قېتىم بۇ مەركىزى شەھەرگە مال كىرگۈزۈشكە بارغاندا بۇ شىركەت ئۇنىڭغا تاللا بازىرى ئېچىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويىۋىدى، ئۇ سەمىمى بولسىلا سودىنىڭ چوڭ شەھەردە روناق تاپىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، يورتىدىكى تاللا بازىرىنى ئاكىسىغا تاپشۇرۇپ، بۇ مەركىزى شەھەردە ھازىرقى تاللا بازىرىنى ئاچقانىدى، ئۇ ئۆز كەسپىگە مۇھەببەت باغلىغاچقا، ھايات مۇساپىلىرىدىكى توساقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈمۈد دەرۋازىسىنىڭ ئىشىكىنى چىكەلىدى، پارلاق كۈچ ئاتا قىلدى، خالىس بېغىشلاش ۋە تەقدىم قىلىش روھىنى يېتلدۈردى، ھاياتنى نۇرلاندۇرۇپ، بەخت يولىنى گۈل-چېچەكلەر بىلەن ئورىدى...
    غالب لالىنىڭ شەرگۈزەشتىسىنى ئاڭلاپ سەھرالىق ئاددى بىر قىزنىڭ مۇھەببەت، سۆيگۈنى چۈشىنىشنىڭ ئالي مەكتەپنىڭ تولۇق كورسىنى پۈتتۈرۈپ، بىر قانچە يىل خىزمەت قىلغان بىر دۆلەت مەمۇرىيىنىڭ چۈشىنىشىدىنمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىگىنى، ئۆزىنىڭ سەھرالىق بىر قىزغا قىلغان ئىشىنىڭ ئۇننىڭ بىرىنىمۇ قىلالمىغانلىقىدىن خىجىل بولدى، مۇھەببەتنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن، ئىناقلىق بىرلىكنىڭ، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، شەكسىز مېھرى-ۋاپانىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئەگەر لالە قۇشۇلىسىلا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ توي قىلىپ ئىناق، باي-باياشات ئائىلە قۇرۇشقا بەل باغلاپ، ئىسىم كارتىسىنى بەرگەندىن كېيىن كېلىۋاتقان يەكشەنبە كۈنى بىر سەيلىگاھقا تەكلىپ قىلدى.
-تاللا بازىردىن ئايرىلالمايمەن!- دېدى لەيلى بىر مۇنچە سەۋەب كۆرسىتىپ.
-بىر كۈندە قانچىلىك پايدا ئالاتتىڭىز؟ ئەگەر بەك ۋاز كېچەلمىسىڭىز بىر كۈنلىك ئالىدىغان پايدىڭىزنى مەن بېرەي،- دېدى غالب ئۆزىنىڭ مەرتلىگىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك.
-ھى، مەسىلە پايدىنى كۆزلەش ئەمەس،- دېدى لالە چۈشەندۈرۈپ،- مېنىڭ يىراق-يېقىندىكى خېرىدارلىرىمنىڭ ئىشەنجىسىنى يەردە قويسام بولمايدۇ، مېنىڭ بەزى خېرىدارلىرىم ئاران كېلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدە بىر قانچە ئون يۈەنلىك تاكىسغا ئولتۇرۇپ بىر قانچە يۈەنلىك سودا قىلىش ئۈچۈن بۇ تاللا بازىرىمغا كېلىدۇ، بۇ يەردىن سېتىۋالغان نەرىسلەر بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئەتراپىدىكى تاللا بازارلىرىدىمۇ بولىشى مۇمكىن، ئۇلار شۇ يەردىن سېتىۋالماي نېمە ئۈچۈن بۇ تاللا بازىرىدىن سېتۋالىدۇ، بۇ يەردە ئېتىقاد مەسلىسى بار، سەمىمي ئادەم بولۇش ھەممىدىن مۇھىم....،- لالە يەنە قانداقتۇر خېلى-خېلى ئادەملەر چۈشىنىپ يېتەلمەيدىغان نوقتىدىن قائىدە سۆزلەپ غالبنى ئېغىز ئاچۇرمىدى.
-ئۇنداقتا سىز ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن پاراڭلىشايلى،- دىيەلىدى غالب بېگىز قولىنى بۇرنىغا تىقىپ بورنىنى كوچىلاپ،- ئۇنداق بولسا ئەتە كەچتە «چېچەك ئاچقان ئارزۇ» چايخانىسىدا سىزنى ساقلايمەن.
-بولىدۇ، ماۋۇ گېپىڭىز بولىدۇ!- لالە تېزلا ماقۇل بولۇپ، ئەتە كەچ سائەت يەتتىدە «چىچەك ئاچقان ئارزۇ» چايخانىسىدا كۆرۈشۈشكە ۋەدە قىلىشتى.
(4)
     لەيلى غالبنىڭ نېمە ئۈچۈن چايخانىغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدى، دىمىسىمۇ يىگىرمە تۆت ياشقا كىرىپ قالغان سەھرالىق قىزلارنىڭ بىر قانچە بالىسى بار، ئۇنىڭ يورتىدىكى ناھايىتى ياخشى ئېقىۋاتقان تاللا بازىرى، تۇل ئانىسىنى تاشلاپ بۇ شەھەرگە قايتىپ چىقىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرىمۇ ئاشۇ «باش ئاغرىقى» ئىدى، «قىز بالا دېگەن خان كۆۋرۈكى، ئۇنىڭدىن بايمۇ ئۆتىدۇ، كەمبەغەلمۇ ئۆتىدۇ» دېگەن راست، ئۇنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ تېخى قىرىقى توشمايلا ئۆيىگە ئەلچى كىرشىكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا چىققان لايىقلار ئىچىدە ئۆز دىمەتلىكلەرمۇ، پۇلدارلارمۇ، نامراتلارمۇ، ھەتتا ئايالى ئۆلۈپ كېتىپ بىر –ئىككى بالىسى بىلەن قالغان ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارمۇ بار ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئارزۇسىمۇ ئۇنى كۆزىنىڭ ئوچۇقىدا بىرەر ئادەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ نەۋرە كۆرۈش، ئۆمرى يار بەرسە بېرەر ئىككى بالىسىنى بېقىپ بېرىش ئىدى، ئۇ ئانىسىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشىنەتتى، ئەمما ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەچكە، بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتنى، سەھرا تۇرمۇشىنى چۈشەنگەچكە «ئۆينىڭ قۇلى» بولۇپ قېلىشنى خالىمىدى، ئۇ ئۆز كۇچىغا، ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ بىرەر ئىگىلىك تىكلەپ، ئانىسىنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇش، ھالال ئەجرىگە تايىنىپ ياشاشنى مەقسەت قىلغان ئىدى، بۇ شەھەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ بۇ باش ئاغرىقى ساقايماي، يەنە يۇرتىدىكى ئەھۋاللار تەكرارلاندى، ئۇ ھەقتە بوزەك قىلىشلارغا، خورلۇققمۇ ئۇچرىدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئەمدى ئۇ مۇۋاپىق لايىق بولسا بېشىنى ئوڭشىۋېلىشنى ئويلىغانىدى، خورلۇقلاردىن بەزى كىشلەرنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلۇشتا بىرەر يۆلەنچۈكنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى بىلەن ھەر قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەندە ئانىسنىڭ بىرنچى بولۇپ دەيدىغان گېپى «بېشىنى ساقايتىش» بولغاچقا، ئانسىغا تېلېفون قىلىشتىنمۇ بېشى قاتىدىغان، تېلېفون ئېلىۋېتىپ «ئانام ئاشۇ گەپنى تىلغا ئالمىسىكەن» دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى...
لەيلى مۇرەككەپ خىياللار ئىلكىدە «چېچەك ئاچقان ئارزۇ» چايخانىسىغا بارغاندا غالب چايخانا ئالدىدا ساقلاپ تورغانىدى.
    -كەچۈرۈڭ، يولدا ماشنا توسۇلۇپ قېلىپ كېچىكىپ قالدىم،- دېدى لەيلى غالبتىن كەچۈرۈپ سوراپ،- مەن...،- ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋىتىپ «ۋىللىدە» قىزاردى.
-كېرەك يوق،- دېدى غالب كۈلۈپ تۇرۇپ،- مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلغان، مۇشۇ كەمدە بۇ شەھەر كوچىسىغا ماشنا پاتماي قېلىۋاتىدۇ،- غالب بېگىز قولى بىلە بورنىنى كولاپ قويدى.
ئۇلارغا غالب زاكاز قىلىپ قويغان ئايرىمخانىغا كىرىپ بولغۇچە سوڭدۇشۇپلا كىرگەن مۇلازىم تاماق تىزىملىگىنى تەڭلەپ دېدى؛
-قېنى، نىمىگە زوقۇڭلار بارىكىن؟- مۇلازىم تاماق تىزىملىگىنى ئۇلارغا بېرىپ، ئىككى ئىستاكانغا چاي قويۇپ ئالدىن لەيلىنىڭ ئالدىغا قويىۋىدى، لەيلى قويۇپ بولغان چاينى غالبنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ دېدى؛
-ئالدىن ئەرلەردىن كېلىدۇ!
-بولدى، قويۇڭ!- دېدى غالب تۈزۈت قىلغاندەك چاينى يەنە لەيلىنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ،- مەن ئۇنداق زىغىرلاپ كەتمەيمەن،- ئۇ مۇلازىمغا قاراپ قويغاندىن كېيىن چاخچاق قىلدى،- قىزلار دېگەن ئەلۋەتتە قىزلارنىڭ قاياشى-دە!
-بىزنىڭ بۇ يەرگە كۆپ ھاللاردا جۇپ-جۇپى بىلەن كىرىدۇ،- دېدى مۇلازىم قىز خىجىل بولغاندەك،- مەن بۇ جەھەتتە دىققەت قىلماپتىمەن، كەچۈرۈڭلار...
     -ياق، مەن چاخچاق قىلىپ قويدۇم!- دېدى غالب مۇلازىمنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ،- ھەر ھالدا «يېرىم دۇنيا» نى ھۆرمەتلگەن، ئۇلارنىڭ قەدرىگە يەتكەن ياخشى،- غالب لەيلىنىڭ ئاشۇنچىلىك كىچىك ئىشتىمۇ ئۆزىنى ھۆرمەتلەپ يوقارقى گەپنى دېگەنلىگىدىن كوڭلىدا رازى بولۇپ، توغرا تاللىغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى، «گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، مىجەزدە ئىكەن-دە!» دەپ ئويلىدى غالب. قارىغاندا، خۇش پېئىللىق، سىلىق سۆزلۈك بولۇش ئاياللارنىڭ چىرايىنىمۇ گۈزەللەشتۈرۋەتسە كېرەك، بىر قانچە يىلدىن بۇيان جەمئىيەت تەكشۈرۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ، بولۇپمۇ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پۇل ۋەسۋەسچىلىگى ئىچىدە ئاياللارنىڭ چىرايغا دىققەت قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلغان غالب لەيلىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق، گۈزەل قىز ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭغا تويماي قارايتتى، ئۇنىڭدىن بىرەر قوسور ئىزدەشكە تىرىشاتتى-يۇ، ھېچقانداق ئېۋەن تاپالمايتتى، ئۇ ھەتتا تامىقىنى چاكىلداتقانلىقىنىمۇ سىزەلمىدى...
    -ئەپەندىم، بۇيرۇتىدىغان نەرسىلەرنى بۇيرۇتىۋەتكەن بولسىڭىز، - دېدى مۇلازىم قىز غالبنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ.
    -ھە،- دېدى غالب ئەندىككەندەك،- قېنى، لەيلى سىز بۇيرۇتۇڭ، تارتىنماي بۇيرۇتۇڭ!- ئۇ قولىدىكى تاماق تىزىملىگىنى لەيلىگە تەڭلىدى.
-...
-...
    ئۇلار خېلىغىچە «ئالدىم-بەردىم» ئوينىدى، تالاش-تارتىش قىلىشتى، ئەمما لەيلى زىنھار ئۇنىماي غالب بۇرۇتۇشقا توغرا كەلدى، گەرچە ھەربىر خىل قوروما، تاماق تۈرىنى ئېيتىپ، لەيلىنىڭ «تەستىقى»نى ئالماقچى بولغاندا «پۇلغا ئامراق» غالبنىڭ يۈرۈگىنى سوغورىۋاتقان بىئارام بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۇنجى قېتىمدىلا «پىخسىق» ئاتىغى ئېلىپ قېلىشتىن ئەنسرەپ، لەيلىنىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي ئۆزىنى سىخى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قانچە خىل قوروما بىلەن تاماقنى ئارتۇق بۇيرۇتىۋەتتى.
    مۇلازىم قىز چىقىپ كەتتى، غالبنىڭ توختىماي كاستىيۇمىنىڭ سول تەرەپتىكى يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ بىر نەرسە ئاختۇرىۋاتقاندەك قىلغىنىغا ھەيران قالغان لەيلى ئۇنىڭدىن سورىدى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ؛
-بىرەر نەرسىڭىزنى يوقۇتۇپ قويدىڭىزمۇ؟
-ھە، ياقەي،- غالب بوينىغىچە قىزىرىپ كېتىپ دۇدۇقلىدى،- ھە، مەن...
لەيلى غالبنىڭ چىرايىدىن ۋە ئۇنىڭ ھۇدۇقۇشىدىن ئۇنىڭ بىر ئىشنى يوشۇرىۋاتقانلىقىنى جەزىم قىلىپ زادى قويۇش بەرمىدى؛
-بىرەر مۇھىم نەرسىڭىزنى يوقۇتۇپ قويۇپسىز-دە!
-ھە، ياق، ئۇنداق ئەمەس،- دېدى غالب بېگىز قولى بىلەن بۇرنىنى كولاپ،- ھە، مۇنداق ئىش،- غالب قولىنى بۇرنىدىن ئالغاندىن كېيىن يەنە كاستىيۇمىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ دېدى،- لەيلى، كۆزىڭىزنى يۇمىڭە!- ئۇ تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتى.
-نېمە؟ نىمىشقا كۆزۈمنى يۇمىمەن؟-لەيلى تېخىمۇ ھەيران قالدى.
-...
-...
     ئۇلار راسا تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقاندا قورومىلار ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشىنى ئۇزۇپ قويدى.
-قېنى، تارتىنماي ئېلىڭ!- دېدى غالب ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى چوكىنى چوكا قېپىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ لەيلىگە تەڭلەپ،- ھەرگىز تارتىنماڭ، بۈگۈنكى كېچە بىز ئىككىمىزگە مەنسۇپ، ئالدىرىماي پاراڭلىشايلى.
-بولدى، مانا،- لەيلى ئۆزىنىڭ ئالدىدا قويۇلغان چوكىنى ئالدى،- ئۇنى ئۆزىڭىز...،- لەيلى سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتكەندىن كېيىن تۈزۈت يۈزىسىدىن قورومىدىن بىر چوكا ئېلىپ غالبقا دېدى،- سىزمۇ ئېلىڭ!
ئۇلار بىر-بىرىنى زورلىشىپ قورومىلارغا ئېغىز تەگمەكتە. ئەمما غالبنىڭ بىر قولىدا چوكا تۇتۇپ لەيلىنىڭ ئالدىدىكى تەخسىگە قوروما تولۇقلىغان بىلەن سول قولىنى توختىماي كاستىيۇمىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ ئالغانلىقىدىن ئىچى سىقىلغان لەيلى يەنە سوراشقا مەجبۇر بولدى؛
-غالب، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماي قانداق گەپ بولسا ئۇچۇق دېسىڭىزچۇ!- دېدى لەيلى ئاغزىغا ئاپىرىپ بولغان قورومىنى ئالدىدىكى تەخسىگە قويۇپ؛
-ھە، ھېچقانداق ئىش يوق،- غالب خۇددى بىرەر ئىشتىن چۈچۈگەن ئادەمدەك ئەندىكىپ ۋە يەنە سول قولىنى يانچۇقىغا سالدى،-ھە، بىز ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ قولىڭىزنى چىقىرىڭ!
-...
-...
    ئۇلار يەنە تالاش-تارتىش قىلىشتى، غالب ئۆز گېپىنى تەكرارلايتتى، لەيلى سەۋەبىنى سورايتتى.
    لەيلى ئاخىرى كۆزىنى يۇمۇپ، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن سول قولىنى تەڭلىدى. غالب يانچۇقىدىن بىر قۇتىنى چىقىرىپ، خۇددى ئاغزىنى ئاچسىلا بىر نەرسە ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ئاۋايلاپ بىر تال ئۈزۈكنى چىقىرىپ لەيلىنىڭ نامسىز بارمىقىغا سېلىپ قويۇپ دېدى؛
-ئەمدى كۆزۈڭىزنى ئېچىڭ!
-بۇ نېمە ئىش؟- لەيلى غالبنىڭ نېمە ئۈچۈن توختىماي يانچۇقىغا قولىنى سالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ قەستەن سورىدى.
-بۇ... بۇ ھېچقانداق ئىش يوق،- دېدى غالب دۇدۇقلاپ بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك- بۇ... بۇ... بۈگۈن... ياق، مەن سىزگە رەسمى توي تەكلىۋى قويدۇم،- غالب لەيلىنىڭ يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئولتۇرغانلىقىنى، شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ سۆزىنى يۈرەكلىك بىلەن داۋام قىلدى،- ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»، شۇڭا بۇ كۈننى تاللىدىم...،- غالب يەنە بىر مۇنچە چۈشەنچىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ گەپلەر لەيلىنىڭ قولىقىغا كىرمەي ئۇنى چوڭقۇر ئويغا پاتۇردى...
     راستىنى ئېيىتقاندا لەيلىنىڭ كوڭلىغا ئاللىبۇرۇن كەلگەندى، ئۇ يىگىرمە تۆت يىللىق ھاياتىدا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولمىدى؟ ئۇنىڭ ئاشۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا يېتىلگەن خاراكتېر ۋە ياقا يورتتىكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئېرىشكەن تەجىرىبە-ساۋاقلار ئۇنىڭغا ئۈگەتتىكى، ئادەم ھاياتىدىكى ھەربىر پۇرسەتنى قان-تەرى بىلەن سوغۇرۇپ، تۇرمۇشقا بولغان ئىنتلىشى بىلەن پەرۋىشلىشى كېرەك. چۈنكى بىر قېتىملىق پۇرسەت ھايات زەنجىرىنىڭ بىر تال ھالقىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ زەنجىرنىڭ بارلىق ھالقىلىرى مۇستەھكەم غايە ۋە مەسئۇلىيەتچان تىرىشچانلىق ئارقىلىقلا تۇتىشىدۇ. ئادەم ھايات سىناقلىرىدا نېسىپ بولغان ئەجىر مىۋىسىدىن يېقىن ئادەملىرىنى تەڭ بەھرىمەن  قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرۈش، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئاياللارغا نىسبەتەن ئېرىگە، ئەرلەرگە نىسبەتەن خوتونىغا سادىق بولۇپ، بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ، مېھنەت شاتلىقى ئىچىدە ئۆتۈش ۋىجدانى بىر ئىنساننىڭ تىكلەشكە تېگىشلىك غايىسى ۋە ئېتىقادى، ئايال كىشى دېگەن ئۆزى سىزىۋالغان نىقاپ ئىچىدە ياشىماسلىقى كېرەك. كىشلەر بولۇپمۇ ئاياللار ھايات مۇساپىسىدا، كىشلىك تۇرمۇش جەريانىدا ئۈجمە كۆڭۈللۈك بىلەن كىشلەرنىڭ پۇلىغا، پۇل-دۇنياسىغا قىزىقىپ ئويلىمايلا كۆڭۈل بېرىپ پۇشايمانغا قالغاندا، تاتىرىپ كەتكەن لەۋلىرىنى قىپقىزىل بويىۋالىغىنى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىگىنى دات باسقان بولىدۇ. سارغايغان يۈزىنى ئاپپاق ئۇپىلار بىلەن توسوۋالغىنى بىلەن ئاھ ئۇرغان نەپەسلىرىدە تاتىرىپ سارغايغان مىسكىنلىگىنى يوشۇرالمايدۇ، يىرىڭداپ كەتكەن قەلبىنى كوچىلاپ قاناتقاندەك ئازاپلىنىدۇ....
     -قورومىلار سوۋۇپ قالدى!- غالب لەيلىنىڭ خىيالىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئارىدىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى،- ئۇ لەيلىنىڭ تېخى ئىچىپ بولالمىغان چېيىنى يەڭگۈشلەپ قويغاندىن كېيىن «ئۇنىڭ جاۋاب بەرمىگىنى قوشۇلغىنى» دەپ پەرەز قىلىپ، چىرايىدىكى جىددىلىكى يوقالغاندەك ئۆزىنى يەڭگىلىك ھېس قىلىپ لەيلىنىڭ ئالدىدىكى تەخسىگە قوروما سېلىپ دېدى،- ھازىرلا جاۋاب بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ دېگەن ئۆمۈر ئىشى...،- غالب ئائىلە، نىكاھ، كىشلىك تۇرمۇش... قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا خۇددى پىسخولوگىيە مۇتەخەسسلىرىدەك سۆزلىدى، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى، نىكاھ قارشى قاتارلىقلارنى كەلگۈسى ئىناق، بەختلىك ئائىلە قۇرۇش ئويلىرىنى ھەتتا لەيلىنىڭ ھەممە ئەھۋاللىرىنى ئوقۇپ مۇشۇ قارارغا كەلگەنلىرىنى يوشۇرماي سۆزلىدى.
     -مەن ئويلۇشۇپ باقاي!- دېدى لەيلى تېخى باياملا قولىغا سېلىنغان ئۈزۈكنى سىلاپ يەردىن ئۈستۈن قارىماي،- مەن ئانامنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ باقاي،- بۇ، بۇ... بۇنى ھازىرچە قوبۇل قىلالمايمەن!-لەيلى قولىدىكى ئۈزۈكنى چىقىرىشقا ئورنىۋىدى، غالب دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى؛
     -بولدى، ئەگەر مېنىڭ تەلۋىمىگە ماقول بولمىغان تەقدىرىمۇ بۇنى قايتۇرماڭ، ئەگەر قوشۇلمىسىڭىز، ياق، ناۋادا ئانىڭىز قوشولمىغان ھالاتتىمۇ، بىز دوست بولۇپ ئۆتسەك بولىدۇ، مەن بايا دىدىم، بۈگۈن «ئاشىق-مەشۇق»لار بايرىمى...،- لەيلىنىڭ جىم تۇرغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن قوشۇپ غالب قويدى،- ئەگەر بۇ ئاددى سوۋغىنى قوبۇل قىلمىسىڭىز مېنى تاۋىمىغان بولسىڭىز...
-بۈگۈن بۇنداق بايرام ئىكەنلىگىنى ئەسلا بىلمەيدىكەنمەن،- لەيلى تىكىلىپ قارىيالمىدى.
-...
-...
    ئۇلار ئۇزاق پاراڭلاشتى، ھەر ئىككەيلەن خۇشال ئايرىلىپ، غالب تاكسى بىلەن لەيلىنى ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن كۆزى قېيمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ياتىغا كەتتى...
(5)
     كۈنلەر تۈنلەرنى، ھەپتىلەر ئايلارنى قوغلاپ ھەش-پەش دىگىچە ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، لەيلى ياندۇرقى ھەپتىلا ئۆزىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى، ئەمما ئانىسىنىڭ «ياقا يورت، بالام ئالدىنىپ قالارمۇ» دېگەن ئەندىشىلەر بىلەن تازا قۇشۇلمىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، غالب ئاجايىپ ۋەدىلەرنى بېرىپ، تالاي «قەسەم» لەرنى قىلىپ ئانىنىڭ كوڭلىنىمۇ تىندۇردى. بۇنىڭ بىلەن غالبنىڭ ئۈمۈدكە تولغان ئەندىشلىك دەملىرى، شادلىققا قوشۇلۇپ كەتكەن ئازابلىرى چۈشىدەك بىلىنسىمۇ، خۇددى بايلىق تۈڭلۈكتىنمۇ، ئىشكتىنمۇ كىرىۋاتقاندەك خۇشاللىقتىن تېنى يايراپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ چۈشىدىكىدەك خىيال قىلاتتى، خىيالىدىكىدەك چۈش كۈرەتتى. ئويغاقتەك ياتاتتى، ئۇخلىغاندەك ئولتۇراتتى، بەزىدە لەيلىنىڭ يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئويغاقلىقى بىلەن ئۇخلىقىنى، خوشلۇقى بىلەن ئەندىشسىنى، شادلىقى بىلەن ئەنسىزلىكى... نى ئارىلاشتۇرۇپ، تۇغۇلىشىدىنلا شۇنداقتەك، ئەلمىساقتىن تارتىپ شۇنداق ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. لېكىن ئۇ ئىمكان قەدەر بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىپ، ئاجايىپ يېقىنچىلىق ھېس قىلاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەتكە سادىقلىقىنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، چۈشتە ئۇنىڭغا تاماق توشويتتى، بەزىدە تاللا بازىرىدا ئۆزى قېلىپ، لەيلىنى تاماق يەپ كېلىۋېلىشقا، ھەتتا بەزىدە تاماق ئېتىشكە، ئۇششاق چۈششەك ئىشلىرىنى قېلىۋېلىشقا يولغا سېلىۋېتەتتى.
     لەيلىمۇ غالبقا تاللا بازىرىنى ئۇنداق ئوڭاي تۇتقۇزىۋەتمىدى، غالب لەيلىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق سىنقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، تاللا بازىرى دېگەندە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشكەندە، دەم ئېلىش كۈنلىرى سودا ياخشى بولىدۇ. ئۇلار تونۇشقاندىن بۇيان، بولۇپمۇ لەيلى رازىلىق بەرگەندىن بۇيان ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاساسەن غالب تۇردى، ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ كېلىپلا لەيلىنى ئارام ئېلىشقا ياكى ئۆيىدە تاماق ئېتىشكە ئەۋەتىپ، ئۆزى يالغۇز قالاتتى ۋە تاماق پىشقانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن «غەلە» نى ئالدىرىماي ساناپ لەيلىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ لەيلىگە ئۆتكۈزگەندە، ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن بىر ئىككى مىڭ يۈەن ئارتۇق سودا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، غالبقا ئوخشۇتۇپ تاماق ئېتىپ بېرىدىغان بولدى، غالبمۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر قانچە مىڭ يۈەن، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئون نەچچە مىڭ يۈەن «غەلە» نى سانىغاندا خۇددى گۈزەل جاناننىڭ چېچىنى سىلىغاندەك يېنىش-يېنىشلاپ سىلاپ كېتەتتى، خىياللىرى يىراقلارغا پەرۋاز قىلاتتى، ئۆزىنى، پۇلىنى، لەيلى بىلەن ئىككىسىنى چېتىپ تۇرغان ئولۇق نەرسىنىڭ مۇشۇ پۇل ئىكەنلىگىنى، ھېچكىم ئېرىشەلمىگەنگە ئېرىششنىڭ تېپىلغۇسىز بەخت، قولىدىكى بايلىقنىڭ يۈلەنچۈك، بېشىنى ئاپتاپ چاقاي دېگەندە كۈنلۈك ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئاشۇ «ئۇلۇغ نەرسە» بولغاندىلا گېپى ئەڭ يوللۇقى غالب، لەۋزى ھالال، كاللىسى ئىشلەيدىغان ئەقىللىغىمۇ، بىلىملىكىمۇ غالب بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشنەتتى، بۇنداق چاغلاردا بىر ئاز ئەندىشە قىلغان بىلەن يۈرىكىمۇ يوغىناپ باراتتى، ئەنسىزلىكلەرنىڭ ئورنىنى ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېسىپ تېخىمۇ مۇرەككەپ خىياللارغا غەرق بولاتتى...
لەيلى غالبنىڭ نەزىرىدە تاڭ شەپىغىدەك جەزبىدار، ئەترەگۈلدىنمۇ چىرايلىق، سەھرا ھاۋاسىدەك ساپ، كۆكلەپ چىققان نوتىدەك نازۈك ۋە تەبىئەتلىك قىز ئىدى. غالب ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىنى شۇنچە بەختلىك ھېسابلايتتىكى، ئۇنداق بەختكە ھېچقانداق نەرسىنى تەڭ قىلغۇسى كەلمەيتتى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردا، ئۇنىڭ بىلەن كەلگۈسى توغرسىدا پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان غۇنچىدەك ھۆسنىگە قاراپ تويمايتتى. بۇنداق چاغلاردا لەيلى شەلپەردەك قىزىرىپ، «نىمانداق ئوغرى مۈشۈكتەك قارايسىز؟» دەپ سەھرا قىزىغا خاس يۈزى تۈۋەنلىگىنى ئىپادىلىگەندە، ئۇنىڭ چىن يۈرىگىدىن ئۇرغۇپ چىققان ساددىلىق، تېنىدىن تاراۋاتقان قەلبىنى لال قىلغۇچى مەستخۇش ھىدىدىن مەست بولغىنىچە شېرىن خىيال، تاتلىق ئۈمۈدلەرگە ئەسىر بولاتتى. ۋىسال ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ كۈلگەن پەيت -باغدا ھەر خىل گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلغان، پەسىل قۇشلىرى ئۇلارغا جۈر بولۇپ ناۋا ئەيلاۋاتقان، مەجنۇن تاللار بىر-بىرىگە چىرمىشىپ، سۆيگۈ شارابىدىن مەست بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشكەن باھارنىڭ خاسىيەتلىك كۈنلىرىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى بەخت ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى، رومانتىك قىش پەسلى ئاخىرلىشىپ باغدا ھەر خىل گۈللەر قايتىدىن ئېچىلىشقا، ھەرخىل مىۋىلەر چېچەكلەپ مىۋە بېرىشكە، ئانا تۇپراققا چېچىلغان ئورۇقلار بىخ سۈرۈشكە باشلىدى، قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر كاككۇك «كاككۇك، كاككۇك، كاككۇك!» دەپ نالە قىلدى.
     -لەيلى!- دېدى غالب خۇددى ئۆز-ئۆزىگە شىۋىرلىغاندەك ناھايىتى بوش ئاۋازدا،- ئاۋۇ كاككۇك نېمە دەيدۇ؟- ئۇ بۇ سۇئالنى لەيلىدىن سورىغاندا، نىمىشقىدۇر ئوتلۇق بىر تۇيغۇ لەۋلىرىنى سۆيۈپ ئۆتكەندەك تاتلىق بىر سىزىم ۋۇجۇدىنى چۇلغۇپ، تېنى قوياش نورىغا پۈرگەنگەن گۈل-گىياھلارغا كاككۇك قونغاندەك تىترەپ كەتتى، غالب ئۆزىچىلا كۈچلۈك ھاياجاندىن نەپسى يېتىشمەيۋاتقاندەك چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئۇنىڭ دىمىقىغا گۈللۈكنىڭ نەمخۇش ھىدى بىلەن گۈل ھىدى قوشۇلۇپ ئۇرۇلۇپ، باياتىندىن بىرى ھەرخىل خىياللارغا غەرق بولغان نىرۋىلىرى تىنچلىشقا باشلىدى. خىياللىرى گۈللۈككە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇغا ئەگىشىپ، ئۇنى «ھۆپپىدە» ئېچىلغان گۈللۈككە باشلاپ كىرىپ كەتتى...
-ئەسلى ئۇ كاككۇك ئەمەس، زەينەپ!- دېدى لەيلى غالبنى خىيال دېڭىزىدىن تارتىپ چىقىپ،- ئەسلىدە كاككۇك بىلەن زەينەپ، بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇقلار بولۇپ ئۇلار مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، ھايات-ماماتتىمۇ، شاتلىق ۋە قايغۇدىمۇ بىرگە بولۇشقا قەسەم قىلىشقان، تالاي ۋەدىلەرنى بېرىشكەن، ئەمما...،- لەيلى «كاككۇك بىلەن زەينەپ» ئەپسانىسىنى سۆزلەۋىتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
     -نىمىگە يىغلايسىز؟- دېدى غالب يانچۇقىدىن پاكىز يۇيۇپ، چىرايلىق قاتلانغان قول ياغلىقىنى چىقىرىپ لەيلىگە تەڭلەپ،- ئۇ دېگەن بىر رىۋايەت، سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىڭىزنى مەن بىلىمەن، سىز بىزنىڭمۇ ئاشۇ «كاككۇك بىلەن زەينەپ» تەك ئايرىلىپ كېتىشىمىزدىن قۇرقۇپ يىغلاۋاتسىز، سىز ماڭا ئىشىنىڭ، ئاسماندىكى ئاشۇ ئاي گۇۋاھ،- غالب بىگىز قولى بىلەن ئاسماندىكى ئاينى كۆرسىتىپ قەسەم قىلىۋاتاتتى، لەيلى بىر قولى بىلەن غالبنىڭ ئاغزىنى بىر قولى بىلەن بۇلۇتلار ئارىسىدىن ماراپ چىقىۋاتقان ئاينى كۆرسىتىۋاتقان قولىنى تۇتىۋالدى؛
     -كاككۇك بىلەن زەينەپمۇ ئاشۇنداق قەسەملەرنى قىلىشقان ئەمما ئۇلار ئاخىرى ئايرىلىپ كەتكەن،- دېدى لەيلى بېشىنى غالبنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ،- بىزمۇ ئاشۇ كاككۇك بىلەن زەينەپ قىسمىتىگە يولۇقۇپ...
     -ئۇنداق دېمەڭ!- دېدى غالب لەيلىنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ،- بىز ھەرگىز ئۇنداق قىسمەتلەرگە يولۇقمايمىز، ئۇ رىۋايەتنى مەنمۇ ئاڭلىغان، ئۇلار بىر-بىرىگە شۇنداق سادىق بولسىمۇ، ئەمما  ئۇلار يامان نىيەتلىك مەلئۇنلار تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن...،- غالب ئۇلارنىڭ ئايرىلىش سەۋەبلىرىنى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق سۆزلەۋاتقاندا كاككۇك يەنە ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلغۇدەك سايراپ غالبنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
-ئېيتىلىشىچە، ئەسلى بۇ سايرىغان كاككۇك بولماستىن زەينەپ ئىكەن، زەينەپ ھەر قېتىم كاككۇك دەپ سايرىغاندا ئاغزىدىن قان ئاقارمىش...،- لەيلى يەنە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
-...
-...
     ئۇلار بىر-بىرىگە تەسەللى بېرىپ، مەڭگۈ ئايرىلماسلىق ھەققىدە «ئۇلۇغ قەسەم» لەرنى بېرىشىپ بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككەيلەننىڭ كۆڭلى بىر زامانلاردا بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ بارلىق يۈندىلىرىنى، غەلدە-غەشلىرىنى ئېقىتىپ ماڭغان «غەربى دەريا» (شىخابا) سۈيىدەك تولىمۇ غەش بولدى. ئەتراپنى گۇگۇم پەردىسى قاپلىغان بولۇپ، تولۇن ئاي بولۇتلۇق ئاسماندا تەنھا كېزىپ يۈرەتتى، تولۇن ئاي ئەتراپىدا بىرەر تال يۇلتۇزمۇ كۆرۈنمەيتتى، ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالدىن خۇددى ئۆزلىرىنى يۇلتۇزلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئاشۇ ئايدەك تولىمۇ غېرىپ ۋە مىسكىن سەزمەكتە ئىدى...
(6)
     غالب لەيلىنىڭ چىن يۈرۈگىدىن چىقىۋاتقان كۆڭۈل سۆزلىرىدىن، تېخى توي قىلماي تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئەقىدىسىدىن ئاجايىپ سۆيۈنەتتى، ئاشۇ ئەقىدىگە سەۋەب بولغان مۇھەببىتىدىن، شۇنچە يىل جەمئىيەت تەكشۈرۈپ، مىڭلار ئىچىدىن تاللىغان لەيلىدىن ھۇزۇرلىناتتى، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئەقلىگە، بايلىقىغا تايىنىپ ئېرىشىدىغان باشقارما باشلىقى، نازىر دېگەنگە ئوخشاش ئەمەللەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، چوڭ ئەمەل دېگەننىڭ نەقەدەر شېرىن ۋە نەقەدەر قۇدرەتلىك بولىدىغانلىقىغا جەزم قىلىپ ئاغزىنى چاكىلدىتىپ قوياتتى. ئۇ ئاشۇلارنى ئويلاپ، بۇ ئويىدىن زادىلا يانالمايدىغاندەك، ئۆزىنى باشقا بىر ئانىدىن، باشقا بىر قاندىن يارالغاندەك ھېس قىلىپ، ئەمەل ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ مەزمۇت «شوتا» ھازىرلاش ئۈچۈن تاللا بازىرىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئويىنى لەيلىگە ئېيتىۋىدى، لەيلى ئۆزىنىڭ قارشىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛
     -بۇ قارشىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق ھازىر ئېقىۋاتقان باشقىچىراق بىر تۈرگە مەبلەغ سالساقمىكىن دەيمەن!- لەيلى بىرەر ئىشنى ئويلىغاندەك بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- مېنىڭچە ھازىر يىمەك-ئىچمەك كەسپى ئەڭ ئاقىلانىلىك، چۈنكى شەھەردە ئادەم كۈندىن كۈنگە كۆپۈيىۋاتىدۇ، بەزى ئىستېمال بويۇملىرى سېتىۋالسىمۇ، سېتىۋالمىسىمۇ بولىدۇ، كىچىكىپ سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئادەم كۈنىگە ئۈچ ۋاق تاماق يىمىسە بولمايدۇ، كونىلاردا «پادىشاھلىقتىن يىقىلساڭ ئاشپەز بول» دەيدىغان گەپ، مېنىڭچە مۇشۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ بېقىڭ...،- لەيلى يەنە نۇرغۇن قائىدىلەرنى سۆزلىگەن بولسىمۇ بۇ گەپلەر غالبنىڭ  قولىقىغا كىرمىدى، ئىككىلىنىپ قالدى؛
-بىراق، بىز بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولمىساق؟- غالب نېمە قىلارىنى بىلمەي بۇرنىنى كولىدى.
-شۇ كەسىپنىڭ ئەھلىلىرى بىلەن بىرلەشسەك بولىدۇ،- دېدى لەيلى چۈشەندۈرۈپ،- بەزىلەر كەسىپ ئەھلى بولسىمۇ مەبلىغى يوق ياكى ئادىمى يوق ۋەياكى يۆلەنچۈكى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا مەن مەبلەغ چىقىرىمەن، سىز يۆلەنچۈك بولىسىز...
-بەللى، بەللى!- دېدى غالب ئورنىدىن دەس تۇرغانچە تېقىمىغا ئۇرۇپ،- يەنىلا سىز ئەتراپلىق ئويلايدىكەنسىز، بىز كۆپ ئوقۇغانلارزە...،- ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋېتىپ بۇرنىنى كولىدى.
-...
-...
     ئۇلار ئۇزاق مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن غالب يەنىلا جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە ئاتلاندى، غالب ھەممە بازارنى ئارىلىدى، خېرىدارلارنىڭ، تىجارەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، ئۇ تىنم تاپماي بازار تەكشۈرۋېتىپ بىر ئېلانغا كۆزى چۈشۈپ خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتتى. ئۇ ئېلان بىرەيلەننىڭ بىر كىچىك ئاشخانىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدىكى ئېلانى بولۇپ، ئاخىرىغا ئاشخانىنىڭ ئادىرىسى، ئۆتۈنىدىغان كىشىنىڭ تېلېفون نۇمۇرى قاتارلىقلار يېزىلغانىدى. ئۇ ئاۋال ئېلاندىكى تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن تېلېفون ئورىۋىدى، قارشى تەرەپنىڭ زىل ئاۋازى ئۇنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلب قىلدى.
     -ئاشخانامغا كەلسىڭىز يۈز-تورانە مەسلىھەتلەشسەك بولىدۇ!- دېدى قارشى تەرەپ ئاجايىپ ناز بىلەن،- كېلىشىپ قالىمىز، قاچاندا كەلسىڭىز بولىۋىرىدۇ،- قارشى تەرەپ ئاشخانىسىنىڭ ئورنى، خېرىدارى قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇردى.
     غالب ئەسلى لەيلىنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ «سوقۇپ» كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كەچ كىرىپ قالغانلىقىغا قارىماي شۇ ھامانلا تاكسى توسۇپ بىر قانچە مىنوتتىلا يېتىپ باردى.
ئاشخانا ئاۋات كوچىغا جايلاشقان بولسىمۇ چۆلدەرەپ قالغاندەك قىلاتتى، ئۇ بىر شىرەگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، چاي ئىچىپ ئولتۇرغان ئىككى خېرىداردىن باشقا ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە كۆڭلى «لەككىدە» بولۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا بىلىگە پەشتامان تارتقان، بۇدرە چاچ بىر ئايال بىر چەينەك چاي بىلەن بىر پىيالىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ۋە گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇنىڭ چاينەك تۇتقان قولى بىلەن پىيالە تۇتقان قولى تىترەيتتى.
     -مۇيەسسەر سىز؟- دېدى غالب دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ھەيران قالغانلىقىنى يوشۇرالماي.
-غالب سىز؟- ئۇ ئايالمۇ غالبتىن بەكرەك ھەيران قالدى بولغاي، ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي قاققان قوزۇقتەك جايىدىلا تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ چەينەك تۇتقان قولى بىلەن پىيالە تۇتقان قولى بايامقىدىنمۇ بەكرەك تىترەپ كېتىۋاتاتتى.
-ئەكىلىڭ، مەن ئالاي!- دېدى غالب مۇيەسسەرنى ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قولىنى تەڭلەپ،- سىز، سىز...،- ئەسلىدە غالب مۇيەسسەرنىڭ كېيىنىشى، چىرايىدىكى سولغۇنلىقىغا قاراپ «سىز مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلەمسىز؟» دەپ سورىماقچى ئىدى، بىراق ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يوتىۋىتىپ، گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى،- بايام مەن تېلېفوندا بىرەيلەن بىلەن كۆرۈشكەن، شۇڭا... شۇ ئايالنى ئىزدەپ...،- غالب يەنىلا گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى.
-...
-...
غالب بىلەن مۇيەسسەر خېلىغىچە دۇدۇقلىشىپ ئاران دېگەندە بىر-بىرىنىڭ مەقسىدىنى چۈشنىشىتى.
مۇيەسسەر غالبنىڭ ئونۋىرستېتىكى پاراللىل ساۋاقدىشى بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى مۇيەسسەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى ياشلىق باھارىنى پۈتۈنلەي ئېلىپ كەتكەنىدى، ئەگەر غالب ئۇنىڭ ئۈستى كالپۇگىدىكى مەڭدىن، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قېشىدىن تونىمىغان بولسا ھازىرقى ھالىتىدىن ھەرگىز تونىمىغان بولاتتى، مۇيەسسەردە ئەينى چاغدىكى خېلى كۆپ ئوغوللارنى مەھلىيا قىلىدىغان چىراي، ئوغوللارنى رام قىلىدىغان نازاكەت، ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمايدىغان گەپدانلىقى، جەزبىدارلىق، قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازى، ھەر قانداق ئادەمنى بىھۇش قىلىدىغان قامەت... لەردىن قىلچە ئەسەر قالمىغان بولۇپ، تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چېچىنى كەستۈرۈپ بۇدرە قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭ مەڭزىدىكى زىنىغىمۇ يوقاپ پىچاقتا شىلسىمۇ بىر توغرام گۆش چىقمايدىغان بىر تېرە، بىر ئۇستىخانغا ئايلانغانىدى.
-ھە، قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟- غالب نېمە قىلارىنى، نېمە دېيىشىنى بىلمەي ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى.
-يامان ئەمەس،- دېدى مۇيەسسەر بىر ئىشتىن خىجىل بولغاندەك تىرنىقىنى تاتلاپ.
-بالا-چاقىڭىز باردۇر؟- غالب يەنە سورىدى.
-...
-...
غالب مۇيەسسەرنىڭ تېخىچە توي قىلمىغانلىقىنى ئوقۇپ تېخىمۇ ھەيران قالدى ۋە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاپ ھېسداشلىقى قوزغالدى.
مۇيەسسەر ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاندا غالب گەرچە «قولى يەتمەيدۇ» غانلىقىنى بىلسىمۇ ئۇنى قوغلاشقان ئىدى، ئەينى چاغدىكى مۇيەسسەر غالبنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىگىنى دىمىسە، ئۇنىڭدەك «سەھرالىق» نىڭ تازا ئەدىپىنى بەرگەن ھەتتا مەكتەپتە باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتكەن بولاتتى، ئۇ بەلكىم غالبنىڭ ئاشۇ «ئەمەل» ىلىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىدىمۇ ئۇنى چىرايلىق رەت قىلىپ، غالبقا بۇ نىيىتىدىن يېنىشنى، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئەسكەرتىپ «ئوسال» ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. غالب ئەينى چاغدىمۇ ئۇنىڭ چىرايىغا ئەمەس ئۇنىڭ پۇلىغا كۆيگەنىدى، ئۇ چاغدا مۇيەسسەر خەجلىگەن پۇلنى خېلى-خېلى پۇلدارلارنىڭ، ھەتتا نازىر-ئىدارە باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ خەجلىيەلمەيتتى، مۇيەسسەر كەيگەن كېيىمىنى ئوقۇغۇچىلار كېيەلمەيتتى، شۇڭا ئۇ بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ رەت قىلىنغىنىغا تەن بەرمەي قايتا-قايتا تەلەپ قويغان بولسىمۇ، مۇيەسسەر يەنىلا رەت قىلغانىدى.
غالب شۇنىڭدىن بۇيان ھەرگىز تەن بەرمەي مۇيەسسەرنىڭ پۇلىنىڭ زادى قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاشقا ئاتلاندى. ئۇ، ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىدىكى خىزمىتىنىڭ قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مۇيەسسەرنىڭ ئارقىسىغا ئادەم سالدى، مۇيەسسەر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلاشمايتتى، ئۇنىڭ ئارىلىشىدىغىنى جەمئىيەتتىكى پۇلدارلار بولۇپ، غالب بۇنىڭ تېگىگە زادىلا يېتەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇيەسسەر شۇ كۈنلەردە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئوقوغۇچىلار ياتىغىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال غالبنىڭ مۇيەسسەرنى پايلىشىغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلدى. غالب بۇنىڭغىمۇ تەن بەرمەي شەخسى رازۋىدكىچى ياللاپ مۇيەسسەرنى كۈزەتتى. مۇيەسسەر ئەسلىدە زەھەر ئەتكەسچىلىرى، پۇل يۇيۇش شايكىلىرى بىلەن ئارىلاشقان بولۇپ، مۇيەسسەر ئۇلارنىڭ بۇ شەھەردىكى ئالي مەكتەپلەرگە قويغان «گۇماشتىسى» ئىدى...
غالب ئۇلارنىڭ يىغىلىدىغان جايى، ئۇچرىشىدىغان ئورنى قاتارلىقلارنى تەپسىلى ئىگىلىگەندىن كېيىن شەھەرلىك زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىدىگە مەلۇم قىلدى، زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىدىكىلەر بۇ دېلوغا بەكلا قىزىقىپ، قاۋۇل رازۋىدكچىلارنى، بىر قانچە «كۆز –قولاق» نى مەخسۇس ئاجرىتىپ تورنى كەڭ يېيىپ، بىراقلا بىت-چىت قىلىشقا ئاتلاندى.
رازۋىدكا قىلىش بەلگىلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بىر كۈنى «قۇلاق» نىڭ ئىشەنچىلىك ئاخباراتى ئارقىلىق زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىدى مەلۇم بىر جايدا زەھەر سودىسى بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، تورنى يىغىش قارارىغا كەلدى، ئەمما ھېلىگەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ «كۆز –قولاق»ى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىدىنىڭ «كۆز-قولاق» لىرىدىن يامان كەلدىمۇ، بىر قانچە زەھەر چەككۇچىنىلا «قۇربانلىق» قىلىپ ئۆزلىرى قۇتۇلۇپ قالدى، ئۇ «قۇربانلىق» لار ئىچىدە مۇيەسسەرمۇ بار ئىدى...
مۇيەسسەرگە كىم يارىدەم قىلدى بۇ بىر «سىر» ئىدى، ئۇ تۇتۇلۇپ ئەتىسلا «توختۇتۇش» ئورنىدىن قايتىپ چىقىپ خۇددى پارغا ئايلانغاندەك بۇ شەھەردىن غايب بولدى...
(8)
بەزىدە تەلەي كىشلەرگە بىمەنە چاقچاق قىلىدۇ. كىشلىك تۇرمۇشتا بەزى كشىلەر سەللا ھاماقەتلىك قىلسا، «تەلەي» ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق چاغدا ھازىرنى كۆزلەپ كەلگۈسى بىلەن ھېساپلاشمايدىغان كشىلەرگە نىسبەتەن ئەقىلىمۇ، ئېھتىياتمۇ ھەتتا قورساقتىكى «ئوماچ» مۇ سىناقتن ئۆتەلمەيدۇ. ئۆزىگە ئەڭ ئىشەنچىلىك بىلىنگەن كۈن ئەڭ ئىشىنىپ بولمايدىغان كۈن بولىدۇ، ھۇشيارلىق تازا كېرەك بولغان چاغدا ئۆزىچىلا غايب بولىدۇ، «زادى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېگەندىن ئىبارەت پۇشايمان ئاشۇ «ئويلاپ باقمىغان» ئادەمنى ئاسمانغا چىقىرىپ، ئارقىدىنلا شوتىنى تارتىۋىتىدۇ، ئادەتتە ئوڭ كۆز سول كۆزگە دۈشمەن، ئەگەر ئارىنى قاڭشار توسۇپ تۇرمايدىغان بولسا بىر-بىرىنى يەۋىتىدۇ، كىشلىك تۇرمۇشتا ئالغان ھەربىر قەدەم، قىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزنى دەڭسەپ كۆرۈش لازىم، خىزمەت، كىشلىك تۇرمۇشتا ھەر قانداق ئادەمنىڭ رەقىبى بولىدۇ، رەقىبىڭ كۆرۈنۈشتە ساڭا ھېسداشلىق قىلغاندەك تۇرغان بىلەن سېنى ماختاپ پەلەككە چىقارغان ۋاقتى دەل سېنى دەڭسىگەن ۋاقتى، پەملىگەن ۋاقتى، يەنە بىر تەرەپتىن ھېچقانداق تەييارلىقسىز تۇرغان ۋاقتىڭدىن پايدىلىنىپ قول سالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، بۇنداق چاغدا ماھارەتكە تايىنىشنى تاللىغاندىن كۆرە ئامىتىڭگە تايانغىنىڭ تۈزۈك، كىشلىك تۇرمۇشتا ئەڭ ئوڭاي ئەستە قالىدىغان ئىش ئەڭ ئۇنتۇشقا تېگىشلىك ئىشتۇر، ھەر قانداق نەرسە ھامان باشقىلار قولىمىزدىن تارتىۋالغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك كۆرىنىدۇ...
مۇيەسسەرنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلدى، ئەگەر ئۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئوڭوشلۇق قايتىپ چىققىنى بىلەن مەكتەپكە قايىتسا ھامان ئاشكارا بولۇپ «چاۋىسى چىتقا يېيىلاتتى»-دە، مەكتەپتىن قوغلىناتتى، شۇڭا ئۇ ئىز-دىرەكسىز يوقولۇپ، جېنىنى ياقىغا ئالدى، بۇ ئىشتىن غالبنىڭ خەۋىرى بولسىمۇ لىكىن مۇيەسسەردىن ئۈمۈدىنى ئۈزەلمەي مەكتەپكە ئىنكاس قىلمىغانىدى.
مۇيەسسەرنى ئەسلىدە «زەھەر گوروھى» دىكىلەرنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىدىدىكى يۇشۇرۇنغان «يۆلەنچۈك» ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ، ئۇنى «ئالتۇن ئۈچ بۈرجەك» كە يېقىن بىر شەھەرگە «ئورۇنلاشتۇرغان» ئىدى. ئۇ ئۇ شەھەردە بىر ئاشخانا ئېچىپ، ئۇ ئاشخانىنى زەھەر يۆتكەش «ئوۋا» سى قىلدى، ئۇ يەردە ناھايىتى كۆپ پۇل تاپتى، لېكىن ئۇ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ئىدى، ئەگەر ئۇ ئاشۇ «سودا» ئارقىلىق زەھەر خومارىنى بېسىقتۇرمىسا ھەر قانچە پۇلى بولغان تەقدىردىمۇ بۈگۈنگە ئۇلىشالمىغان بولاتتى، ئۇ بىر ستودنت تۇرۇپ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، قانداق يولغا مېڭىۋاتقانلىقىنى بېلەتتى، كىشلىك تۇرمۇشنىڭ رەھىمسىز دولقۇنلىرى ئۇنى ئەسكى-تۈسكىلەر دۈۋىلىنىپ قالغان قىرغاققا سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك، غېرىپلىقنىڭ ئەلەملىك تۇيغۇلىرى تومور-تومورلىرىدا تۈرۈلۈپ ئېقىۋاتقاندەك ھېسياتتا ئەلەم يوتاتتى-يۇ، ئۆزىنى تارتىشقا ئامالسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە رازۋىدكىچىلارنى ئەۋەتىپ زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە، ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئارام بەرمىدى، ئۇ مىخقا ئۈسسۈپ، شوخىغا دەسسەپ، زەھەر يۇتۇپ ياشاشنىڭ نەقەدەر قېيىن ئىكەنلىگىنى، ئەگەر مۇشۇنداق كېىتۋەرسە ھامان بىر كۈنى ئاشكارىلىنىپ ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بېلەتتى، شۇڭا ئۇ ئاشۇلارنى ئويلاپ، بولتۇرنىڭ بېشىدا قايتىپ كېلىپ، بۇ مەركىزى شەھەردىن پاناھلىق ئىزدېدى...
مۇيەسسەر نىمىلا قىلغان بىلەن ئالي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان، ئۇنىڭ تويۇق يولغا مېڭىشىدا ئاساسەن ئۇنىڭ پۇلغا، مال-دۇنياغا ئامراقلىقى سەۋەبچى، ئۇ ئاخىرى بۇ يەكۈننى ئۆزى چىقاردى. ئۇ تويۇق يولغا ماڭغان بىلەن بۇنىڭ ھامان بارسە كەلمەس يول ئىكەنلىگىنى بېلەتتى، ئەمما زەھەردىن ئۆزىنى تارتالمايتتى، ئۇ تىرىشمىدى ئەمەس، پۇشايمان قىلمىدى ئەمەس، ئۇ ئەنە شۇنداق قېيىن مەسلىگە دۇچ كەلگەن چاغلاردا، قۇرۇق خىيال قىلغاندىن كۆرە كىتاب ئوقۇيتتى، كىتابتىن يول ۋە «نىقاب» ئىزدەيتتى.
مۇيەسسەرنىڭ بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىشى نىقابلىنىشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، رەقبلىرىنى قايمۇقتۇرماقچى، ئۇلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى چېچىۋەتمەكچى، ئۇ گەرچە ھەر قانداق ئىشنىڭ بىر قانچە قېتىم تەكرارلانسا، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ سىرىنى بىلىۋالىدىغانلىقىنى ئويلىغان بولسىمۇ، داۋاملىق ياشاش ئۈچۈن، زەھەر خۇمارىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق نىقابلىنىپ باقماي بولمايتتى...
مۇيەسسەرنىڭ بۇ ئاشخانىسى ئۇنىڭ تەلىۋىدىن چىقالمىدى، بىرى ئاشخانا بەك كىچىك، ئايرىمخانا ئەسلى يوق، بۇنداق ئەھۋالدا تېخىمۇ چېنىپ قالاتتى، شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن ۋاقىتلىق بولىسمۇ بۇ شەھەرگە پۇتىنى تىقىۋېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇۋاپىقراق ئورۇن ۋە يۆلەنچۈك ئىزدىمەكچى بولدى. ئۇ ئەتراپلىق ئويلۇنۇش ۋە ئىزدىنش ئارقىلىق بىرەيلەن بىرەر يىل داۋاملاشتۇرۇپ تاقىۋەتمەكچى بولغان «بىر جۇپ توز چايخانىسى» نى ئىجارىگە ئالماقچى بولۇپ يوقارقى ئېلاننى چىقارغانىدى.
ئېلان چىقرىلغان كۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى دىگىدەك مۇيەسسەرنى ئىزدەپ كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، بىراق ئۇلارنىڭ ھېچقايسى مۇيەسسەرنىڭ «دىتى» غا ياقمىدى. ئۇ يەنە تاقەت قىلىپ «كو خېرىدار» كۈتىۋاتقاندا غالب بىلەن ئۇچرۇشۇپ، خۇددى پايانسىز دېڭىزدا كومپاسقا ئېرىشكەن كېمىچىدەك كۆڭلى جايىغا چۈشتى.
-ھەممىسى سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىچە بولىدۇ،- دېدى مۇيەسسەر ئۆز پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېرىشش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ،- مەن سىزنىڭ ئىشلەمچىڭىز، خوجايىن يەنىلا ئۆزىڭىز...،- مۇيەسسەر يەنە نۇرغۇن پېلان، ئاجايىپ مول كىرىم، پارلاق كۈلگۈسى... قاتارلىقلارنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ پۇلغا ئامراق غالبنى تېخىمۇ ئىشەندۈردى ۋە ئۆزىگە باغلىۋالدى...
مۇيەسسەرنىڭ ساختىلىق ئىشلتىپ ئۆز مەنپەئىتىنى غالبنىڭ مەنپەئەتى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قىلىچە سىزەلمىدى، مۇيەسسەرنىڭ يەتمىش پىرسەنت مەبلەغ سالغان ئادەم خوجايىن بولمايدىغانلىقى غالبنى مۇيەسسەرنىڭ بەخت ئاتا قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ، نەزىرىدىكى ئوبيېكت بىلەن سوبيېكتىنىڭ رەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، زادى كىمنىڭ ئىلتىپات قىلغۇچى، كىمنىڭ ئىلتىپاتىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىكەنلىگىنىمۇ بىلەلمەس قىلىپ قويدى، غالبنى ئۆز ئىلتىپاتىدىن بەھرىمەن قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ، سىكونت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئالدىنىشنىڭ ئۆمۈر بويى داغا قويىدىغانلىقىنى بېلەلمەي بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتى، ئۇ خۇشاللىقنىڭ خاپىلىقى بارلىقىنى، بايلىقنىڭ خەتىرى، گۈلنىڭ تىكىنى بارلىقىنى ئەسلا ئويلىمىدى. تېخى «ئېغى بىلەن بېغى يوق» ئىشتىن روھىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ، بېگىز قولى بىلەن بورنىنى كولايتتى، ئېرىشمەي تۇرۇپ ئېرىشىشتىن تۇغۇلغان خۇشلۇق ھېسلىرىنىڭ غالىبىيىتىنى ئىسپاتلاشقا، بۇ غەلبنى تېزراق لەيلىگە يەتكۈزۈپ، غەلبە خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئالدىرايتتى. روھىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى. كۆڭلى ئالەمنى كېزەتتى، دۇنيانى كۆرۈپ تۇراتتى، خۇددى قوياش ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆتۈرىلىۋاتقاندەك، يولتۇزلار ئۇ ئۈچۈن چاقناۋاتقاندەك، يەر شارى ئۇنى دەپ ئايلىنىۋاتقاندەك، گۈللەرمۇ ئۇنى دەپ ئېچىلىۋاتقاندەك، قۇشلارنىڭ ناۋا قىلىشىمۇ، زىرائەتلەرنىڭ ئاينىشىمۇ... غالب ئۈچۈنلا بولىۋاتقاندەك مەستخۇش بولاتتى، خىياللىرى ئالەمنى كېزەتتى، كۆكتە پەرۋاز قىلاتتى، كوچا-كوتاڭلاردا، بولۇڭ-پۇچقاقلاردا، كشىلەر توپى ئارىسىدا، دوست-دۈشمەنلەرنىڭ، كۆرەلمەسلەرنىڭ قېتىدا ئۇچۇپ يۈرەتتى، پۇل-بايلىق، مال-دۇنيا ئىشىكتىنمۇ، تۈڭلۈكتىنمۇ ئېقىپ كىرىۋاتقاندەك، ھېسى –تۇيغۇسىدىكى بايلىق دۈۋىسىگە تويماي قارايتتى، سۆيۈنەتتى، ئىپتىخارلىناتتى، مەغرۇرلىناتتى...
(9)
غالب بۇ خۇشخەۋەرنى لەيلىگە يەتكۈزگەندە خۇشلۇقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ قالغانىدى.
-نەدىمۇ بۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن؟- دېدى لەيلى غالبنىڭ تۈكرۈگىنى چاچرىتىپ سۆزلەپ كەتكەنلىرىگە تازا ئىشەنگۈسى كەلمەي،- نەدىمۇ يەتمىش پىرسەنت مەبلەغ سالغان ئادەم ئوتتۇز پىرسەنت مەبلەغ سالغان ئادەمنى خوجايىن قىلىپ، غەلە ئۈستىدە ئولتۇرغۇزىدىغان «ياغ بىلەن چۆپ» تەك ياخشى ئىش بىزگە ئۇچرىسۇن؟-لەيلى نېمىلەرنى ئويلىدىكىن خېلىدىن كېيىن قوشۇپ قويدى،- يەنىلا ئېھتىيات قىلغىنىمىز تۈزۈك، ئاۋال بىز قىلماقچى بولغان كەسىپنىڭ ئىستىقبالى، خېرىدار مەنبەسى، ئورۇننىڭ ئورنى... قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ بېقىپ قارار چىقىرىش، تاسادىپى ئامەتكە يولۇققاندا يۇقىرى دەرىجىدە ھۇشيار بولۇشى كېرەك، قاتتىق ھاياجاندىن تۇغۇلغان ئوشتۇمتۇت ھەرىكەت ئېھتىياتكارلىقنى بۇزۇپ، موللاق ئېتىشقا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن...،- لەيلى خۇددى قاقۋاش سودىگەردەك تۇرمۇشتا يۈز بېرىۋاتقان ئەمەلى مىساللارنى، ساۋاقلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ خېلى ئۇزاق سۆزلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ گەپلەر پۇل، بايلىق، مال-دۇنيا، ئەمەل ۋەسۋەسچىلىگىدە ساراڭ بولايلا دېگەن غالبنىڭ قولىقىغا كىرمىدى.
-مېنى تەكشۈرمىدى-دەمسىز؟- دېدى غالب ئورنىدىن تۇرۇپ،- مەن تەكشۈردۈم، ئۇ مەبلەغ سالغۇچىدا پۇل بولغان بىلەن ئىقتىدار يوق، شۇڭا ئۇ «پۇل بىكار تۇرسىمۇ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاز بولسىمۇ پۇل تاپسۇن» دېگەن گەپ،- ئۇ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن بېگىز قولى بىلەن بورنىنى كولاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرى،- ئۇنىڭ ئۈستىگە توختام بىزنىڭ نامىمىزدا تۈزۈلىدۇ، كەچلىك كولۇبنىڭ نامىمۇ بىزنىڭ نامىمىزدا بولىدۇ...،- غالب يەنە نۇرغۇن چوڭ «داۋلې» لارنى سۆزلەپ لەيلىنى قىزىقتۇردى.
-...
-...
ئۇلار يەنە ئۇزاق تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن پۇلنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ۋە باش دىرىكتۇرنىڭ، شۇنداقلا تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ لەيلى نامىدا بولۇشى لەيلىنى تېخىمۇ قىزىقتۇرغان ئىدى...
لەيلى غالب بىلەن بىرگە تەكشۈرگەندىن باشقا، ئۆزى ئايرىم تەكشۈرۈپمۇ بۇنىڭدىن قوسۇر تاپالمىدى، لېكىن كۆڭلىدا «شۇنچە مەبلەغ سالغان ئادەم نېمە ئۈچۈن ‹ئىشلەمچى› قاتارىدا ئىشلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كولۇپ نامىنى لەيلىنىڭ ئىسىمى ئاتاشقىمۇ قوشۇلىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئېسىگە ئېلىپ بىرئاز غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما غالبنىڭ «ھەل» بېرىپ چۈشەندۈرۈشلىرى، مۇيەسسەرنىڭ «بىچارە» قىياپىتى ئۇنى ئىشەندۈرۈپ، ئىككى ھەپتىگە قالمايلا بارلىق رەسمىيەت، بېزەكچىلىكلەرنى پۈتتۈرۈپ، رەسمى ئىشقا چۈشتى...
ئىشلار ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇردىكىدىنمۇ ياخشى بولدى، لەيلى بۇنىڭدىن ھەيران ئىدى، غالب ھەر كۈنى كەچتە بىر قانچە مىڭ يۈەن نەق پۇلنى لەيلىنىڭ قولىغا تۇتقازغاندا لەيلىنىڭ خۇمار كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، ئىككى مەڭزىدىكى زىنىقى بۆلەكچىلا چىقاتتى، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببەت ئوتلىرى گۈلخان بولۇپ ياناتتى، توينى تېزراق قىلىۋېتىش ئىستىگى تېخىمۇ كۇچىياتتى.
كولۇبنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار «سىياسەت» لىرى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى بولۇپمۇ ياشلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىشى بىلەن كىرىم تېخىمۇ ئېشىپ باردى، ھەممە كىرىم-چىقىم كومپيوتىرغا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلغاچقا لەيلىنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئۇ ھەركۈنى كولۇبقا بارمىسىمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا قانچە پۇل كىرىم بولغانلىقىنى، قانچە پۇل ساپ پايدا ئالغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى، شۇڭا غالب بىلەن لەيلى بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ سودا ئېڭىنىڭ يوقىرلىقىدىن، كاللىسىنىڭ ئىشلىگەنلىكىدىن، زېھىننىڭ ئۆتكۈرلىگىدىن، ئامىتىنىڭ كەلگەنلىگىدىن كۆرۈپ، نەپرەتلىنىشىكە قارىغاندا سۆيۈشنى تېزگىنلەشنىڭ تەس بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ بىر يامان غەرەزنىڭ بارلىقىنى تېخىمۇ سەزمىدى، ئۇلاردا قارشى تەرەپنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئېھتىياتچانلىقىنى، غەرىزىنى سىزىۋالالمىدى، كونىلار «ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دەپ بىكار ئېيىتمىغان. كىشىلىك ھاياتتا ئادەملەرنىڭ پەزىلىتى ۋە مىجەزىنى بىلىشنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئەمەلىيەتتە كىرىمنىڭ كۇنسايىن كۆپۈيۈپ بېرىشىنى غالب بىلە لەيلىنىڭ پەرىزىدىكىدەك بولماستىن بەلكى مۇيەسسەرنىڭ پىلانى بويىچە بولىۋاتاتتى، غالب بىلەن لەيلى ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، مۇيەسسەرنىڭ جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش پىلانىنىڭ، ئەمەلگە ئېشىشىغا كەتمەن چېپىۋاتاتتى.
ئەسلىدە مۇيەسسەر ئۆزىنىڭ تويۇق يولغا مېڭىپ قېلىشنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىزلىگىدىن، ۋىجدانسىزلىقىدىن كۆرمەي جەمئىيەتتىن كۆرۈپ، ئۇزاق ئويلۇنۇشلاردىن كېيىن پىلانىنى تۈزۈپ، بۇ «توزاق» نى قورغانىدى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى نابۇت قىلىش، ئۆزىنىڭ ئاچچىقنى چىقىرىش ئۈچۈن بۇ يەردە سېتىلىدىغان ھەر خىل ئىچىملىكلەرگە ئىشپىرىس ئارقىلىق خومار قىلىش دورىسى ئۇردى (سالدى)، ھېلىقىدەك ئېتىبار بېرىش «سىياسىتى» نى چىقاردى، جامائەت سورۇنلىرىدا تاماكا چىكىشنى چەكلەشتىن ئىبارەت «ئەۋزەل» لىكتىن پايدىلىنىپ، «تاماكا چىكىش ئۆيى» تەسىس قىلىپ، ئۇ ئايرىمخانىلارنى زەھەر چىكىش ئوۋىسىغا ئايلاندۇردى، بۇ يەرگە بىر قېتىم كىرىپ قالغان كىشلەر بۇ يەرنىڭ چېيىنى ئىچمىسە، بۇ كولۇبنىڭ سوغوق ئىچىملىكىنى ئىستېمال قىلمىسا خۇماردىن چىقمايدىغان قىلىپ قويدى، ئۇنىڭ بۇ سۈيقەستىدىن غالب بىلەن لەيلىنىڭ قىلىچە خەۋىرى يوق بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى كىرىۋاتقان كىرىم بىلەنلا بولۇپ كەتتى.
مۇيەسسەرنىڭ دىلى ئەگرى بولغاچقا ھەقىقى مەقسىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇستا كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ساداقنىڭ كىرىشىنى تارتقانلىقىنى سەزمىگەن پەيتىنى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى پەيت قىلىپ، ئۆز سۈيقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى. ئۇ غالبنىڭ چىكىدىغان تاماكىسىنى ئۆزى تەمىنلەش نامى بىلەن ئۇنىڭغا زەھەر سۈيىدە سوغورۇلغان تاماكا بېرىپ، ئۇنى زەھەرگە خۇمار قىلدى، ئىچىملىكىگە خومار دورىسى ئۇرۇلغان ئىچىملىكنى بېرىپ، باشقا جايدىكى ئوخشاش ماركىلىق ئىچىملىكنى ئىچسىمۇ ھېساب بولمايدىغان ھالاتكە چۈشۈرۈپ قويدى، پۇلغا ئامراق غالب مۇيەسسەرنىڭ «كۆڭۈل سوۋغىسى» دىن دېلى سۆيۈنۈپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيىتتى...
مۇيەسسەرنىڭ «ئۆچ ئېلىش پىلانى» تولۇق ئەمەلگە ئېشىپ بولمىغان ئىدى، ئۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يەنە تېخىمۇ رەزىل پىلاننى ئويلاپ يەتكەن بولۇپ، قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە غالب تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى؛
-مۇيەسسەر، نىمىشقىلىقىنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن، سىز بەرگەن تاماكىدىن باشقا تاماكىنى چەكسەم زادىلا خوماردىن چىقمايدىغان، ئاشۇ تاماكىنى چەكمىسەم پۇت-قوللىرىم تارتىشىپ تىترەيدىغان بولۇپ قالدىيا، بۇ قانداق ئىش؟
-ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى ئوڭايغۇ!- دېدى مۇيەسسەر ھېچ ئىشنى سەزمىگەندەك خۇپسەنلىك قىلىپ،- بۇندىن كېيىن شۇ تاماكىنى چەكسىڭىزلا بولىدىغۇ!
-ياق، مەن شۇ ماركىدىكى تاماكىنى باشقا دۇكاندىن ئېلىپ چىكىپ باقتىم، پەقەت ھېساب بولمىدى،- غالب ھەيران قالغان قىياپەتتە مۇيەسسەرگە قارىدى ۋە مۇيەسسەر جاۋاب بەرمىگەندىن كېيىن قوشۇپ قويدى،- ئىچىملىكمۇ شۇنداق، «قىزىل بۇغا» نى باشقا جايدىن ئېلىپ ئىچىپ باقتىم، ئۇمۇ ئۇسسۇزلۇقۇمنى باسالمىدى.
-سىز ساختىسىغا ئۇچراپ قالغان ئوخشايسىز!- دېدى مۇيەسسەر يەنىلا خىيالغا كەلمىگەندەك ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ،- ھازىر ئانىدىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنىڭ ساختىسى بار...
-دادىنىڭچۇ؟- غالب كۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن قوشۇپ قويدى.- دادا بىلەن ئانىنىڭ ساختىسى يوق!
-ئەلۋەتتە بار!- دېدى مۇيەسسەر كېسىپلا،- دادىنىڭ ساختىلىقىنى ئانا بىلەن DNA نى تەكشۈرۈش ئەسۋابىلا بىلىدۇ.
-بولدى، چاقچاققا ئايلاندۇرمىسىڭىزچۇ!- دېدى غالب ھەيران قالغان قىياپەتتە مۇيەسسەرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ،- مەن راست دەۋاتىمەن، سىز تاماكا ۋە ئىچىملىكلەرنى قەيەردىن كىرگۈزۈسىز؟
-مەن ئەلۋەتتە ئەڭ چوڭ توپ تارقىتىش مەركىزىدىن كىرگۈزىمەن،- مۇيەسسەر يەنە ئوقمىغان كىشى بولىۋالدى،- بولدى، بۇ گەپنى تالاشمايلى، بۇندىن كېيىن مۇشۇ يەردىكى تاماكىنلا چىكىڭ، مۇشۇ يەردىكى ئىچىملىكنى ئىچىڭ،- ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن بىر ئىش ئېسىگە يەتكەندەك ئولتۇرغان جايىدىن چاچراپ تۇردى،- ھە، راست، سىز تاماكا بىلەن ئىچىملىك گېپىنى چىقارمىغان بولسىڭىز، ئۇنتۇپ قالاركەنمەن، بىز تاماكا ۋە ئىچىملىك كىرگۈزىدىغان توپ تارقىتىش تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنىنىڭ سىز بىلەن بىر تونۇشۋالغۇسى بارىكەن، بۈگۈن كەچتە «گۈزەل ئاي» رىستورانىغا تەكلىپ قىلغان، بىرگە بارايلى!
-بولدىلا، مەن بارماي، كەچتە لەيلىنىڭ ئۆيىگە تاماققا بارماقچى ئىدىم،- دېدى غالب رەت قىلىپ.
-ئۇنداق دىمەڭ، ئۇلار بىزگە پايدىنى ئۆتۈنۈپ ئەرزان باھادا بېرىدۇ،- دېدى مۇيەسسەر غالبنىڭ قولىغا ئېسىلىپ خۇشامەت قىلغاندەك،- ئەسلىدە بىز تەكلىپ قىلساق  توغرا بولاتتى، چۈنكى كىرىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاماكا بىلەن ئىچىملىكتىن كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز، شۇڭا ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلمايلى،- ئۇ بىردەم تۇرىۋېلىپ قوشۇپ قويدى،- لەيلىڭىزگە بىر ئاخشام كۆرمىگەنگە چىدىمىسىڭىز، تېلېفون قىلىڭ، لەيلىڭىزمۇ بارسۇن،- ئۇ «لەيلىڭىز» دېگەن گەپنى تولىمۇ ئورغۇلۇق ئېيىتتى.
-...
-...
غالبنىڭ ھەر خىل باھانىلىرى كارغا كەلمەي، ئۆزى يالغۇز بېرىشقا ماقۇل بولۇپ، مۇيەسسەر بەرگەن تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى.
(10)
غالب بىلەن مۇيەسسەر «گۈزەل ئاي» رىستورانىغا يېتىپ بېرىپ زالغا كىرىشىگە چىرايلىق كېيىنگەن بىر مۇلازىم قىز ئۇلارنى «888» نومورلۇق ئايرىمخانىسىغا باشلاپ كىردى، ئايرىمخانىدا يېشى ئوتتۇزلاردىن ئاشقان ئىككى ئەر ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، ھەر ئىككەيلەن گەردىنىگىچە چاچ قويىۋالغان ئىدى، ئەگەر غالب ئۇلارنى ئالدىدىن كۆرمەي ئارقىسىدىن كۆرسە چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى. ئۇلارنىڭ كېيىۋالغان كالتە يەڭلىك كوينىگىنىڭ رەڭگىمۇ توق قىزىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشىغا پەقەت ماس كەلمەيتتى. مۇيەسسەر تېلېفوندا تونۇشتۇرغان بولسا كېرەك، كىرىپ بولغىچە ئىككەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى تەڭلىدى؛
-لەيلى-مەجنۇن كولۇبىنىڭ خوجايىنىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
-بۇ ياق بىزنى ئەرزان باھادا مال بىلەن تەمىنلەۋاتقان تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنى ئەسمەت!- دېدى مۇيەسسەر ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان ياداڭغۇ چىراي، خۇددى ياپۇن پاكارلىرىدەك كوتمەك بۇرۇت قويىۋالغان ئېگىزرەك بىرىسىنى كۆرسىتىپ،- بۇياق شۇ تاللا بازىرىنىڭ مۇئاۋىن دىرىكتورى كامالەت بولىدۇ،- ئۇ غالبقا قاراپ ئۇ ئىككەيلەنگە تونۇشتۇردى،- بۇ ياق لەيلى-مەجنۇن كولۇبىنىڭ خوجايىنى لەيلىنىڭ ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان مەجنۇن بولىدۇ...
-ھا، ھا، ھا!- ئىككەيلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ، مۇيەسسەرنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
-ئۇنداق ئەمەس!- دېدى غالب بوينىغىچە قىزىرىپ،- ئىسمىم غالب.
-...
-...
ئۇلار خېلىغىچە چاقچاق قىلىشقاندىن كېيىن قورومىلار كىرىشىكە باشلىدى.
ئەسلىدە خېلى بۇرۇنلا تەييارلىق قىلغان ئىدۇق،- دېدى تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنى ئەسمەت بىر بوتولكا «ئولياڭيې» ھارىقىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىككى رومكىغا تولدۇرغاندىن كېيىن ھاراقنىڭ ماركىسىنى كۆز –كۆز قىلغاندەك غالب تەرەپكە قارىتىپ قويۇپ،- بىراق مۇيەسسەرنىڭ كوڭلىدە نېمە ئىش باركىن باھانە كۆرسىتىپ ھازىرغا سوزىۋەتتى،- ئۇ ھاراقنىڭ بىرىنى غالبقا تۇتقاندىن كېيىن بىر رومكىنى ئۆزى ئېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- قېنى خوشە! قالغان ھەممە گەپلەر مۇشۇ ھاراقنىڭ ئىچىدە،- ئۇ رومكىنى سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن غالبقا تەڭلەپ، سوقۇشتۇرغاندىن كېيىن تولدۇرۇلغان رومكىدىكى ھاراقنىڭ ھەممىنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن رومكىنىڭ ئاغزىنى پەسكە قارىتىپ «مەن تولۇق ئىچىۋەتتىم» دېگەن مانانىنى بىلدۈرۈپ ئاخىرىدا قوشۇپ قويدى،- داستىخىنىمىز چۆپچۈل بولۇپ قالدى، ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىلەر...
-بۇ داستىخاننى بىز سېلىشقا تېگىشلىك ئىدى،- دېدى غالب ھاراقنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن قوروقدالغان رومكىنى ساھىپخانىغا تەڭلەپ،- بىراق كولۇبنىڭ ئىشىنى رەتكە سېلىۋالغۇچە ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق،- غالب گەردىنىنى قاشلاپ ئۆزرە خالىق ئېيىتتى.
-ئۇنداق بولامدىغان،- تاللا بازىرىنىڭ مۇئاۋىن دىرىكتورى كامالەت مۇيەسسەر بىلەن جۇپ قويۇلغان ھاراقنى قولىغا ئېلىپ،- سىلەر دېگەن بىزنىڭ چوڭ خېرىدارىمىز تۇرساڭلار، داستىخاننى ئەلۋەتتە بىز سالىمىز،- ئۇ رومكىنى مۇيەسسەر بىلەن سوقۇشتۇرغاندىن كېيىن قوشۇپ قويدى،- مەيلى داستىخاننى قايسىمىز سالايلى، بىز ياخشى شىرىكلەردىن بولۇپ قالدۇق، قالغان يۈرەك سۆزلىرىمىز مۇشۇ رومكىنىڭ ئىچىدە، ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۈچۈن خۇشە!
مۇيەسسەر تۈزۈت قىلمايلا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن رومكىنى ساھىپخانىغا بېرىپ ئالدىدىكى قەغەز بىلەن ئاغزىنى سۈرتۈپ دېدى؛
-غالب باش دىرىكتور دېگەندەك، داستىخاننى بىز سېلىشقا تېگىشلىك ئىدى. لېكىن بىز راستىنلا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق،- ئۇ بىر ئىشنى ئويلانغاندەك بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن غالبقا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- باش دىرىكتۇر ماڭا بىر قانچە قېتىم دېگەن، ئېيىپ مەندە، كەچۈرۈڭلار، بۇنىڭ ئورنىنى چوقۇم تولدۇرىمىز...
-...
-...
ئۇلار بىر-بىرىنى ماختاپ، بىر-بىرىنى ئۇچۇرۇپ، ياغلىما تەلپەك، تۈزۈت گەپلەر بىلەن سورون قىزغىن داۋاملاشماقتا، بىر بوتولكا «ئولياڭيې» تۈگمەي تۇرۇپلا يەنە بىر رومكا تىكلەندى. داستىخان ناھايىتى مول بولۇپ، تېخى چوكا تەگمىگەن قورومىلار ئەكىرگەن پېتى تۇراتتى.
-بۇنىڭ ئاغزىنى ئاچمايلى!- غالب بۇرنىدىن چىقارغان بېگىز قولى بىلەن يېڭى تىكلەنگەن بوتولكىنى كۆرسىتىپ،- مەن ھاراقنى ئانچە كۆپ ئىچەلمەيمەن...،- غالبنىڭ يانفونى سايراپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويدى.
-لەيلى –مەجنۇننى يوقلىما قىلىۋاتىدۇ،- دېدى مۇيەسسەر كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ھا، ھا، ھا!-ھەممەيلەن تەڭ كۈلۈشتى.
-كۈچۈرۈڭلار، مەن تېلېفوننى ئېلىۋالاي،- غالب ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى.
-تېخى توي قىلماي تۇرۇپ بۇنداق يوقلىما قىلسا، توي قىلغان بىلەن ئىش بارمۇ-نېمە؟- ئەسمەت چاقچاق قىلىۋىدى، غالب ئاڭلىماسلىققا سېلىپ چىقىپ كەتتى ۋە مۇيەسسەرگە شەرت قىلىپ بولغاندىن كېيىن قوشۇپ قويدى،- بۇ ياخشى ئىش، مۇيەسسەر تېزراق بولۇڭ!- ئۇ ئىشككە بېرىپ قاراپ تۇردى.
مۇيەسسەر يانچۇقىدىن پاراشوكسىمان بىر نەرسىنى ئېلىپ كامالەتكە بەردى. كامالەت دەرھال پارا شوكسىمان بىر نەرسىنى ئىچىۋاتقان «ئوۋلياڭيې» نىڭ بوتولكىسىغا تۈكۈپ، شالدىقشىتقاندىن كېيىن ئاغزىنى بالدۇرقىدەك ئېتىپ ئەسلىدىكى قويغان جايغا قويۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلدى.
-مەن بىرگە باشلاپ كېلەيلى دېسەم ئۇنمىدىڭىز!- دېدى مۇيەسسەر سۆزلىشىپ بولۇپ جايىدا ئولتۇرىۋاتقان غالبقا چاقچاق قىلىپ،- سىزنى يوقلىمغا ئۈلگۈرمىدىڭ دەپ سوراق قىلمىغاندۇ؟
-بولدى، چاقچاق قىلماڭ!- دېدى غالب خىجىل بولغاندەك،- ئىش قىلىپ ئاياللارنىڭ ئىستىروي قىلىپ تۇرغىنى ياخشى ئىش...
-ھا،ھا،ھا!- ھەممەيلەن كۈلۈشتى.
-بەخت ھارىقى!- دېدى ئەسمەت بايامقى بوتولكىدا ئاشقان ھاراقنى بىر رومكىغا تولدۇرۇپ قويۇپ،- پۇل بايغا، سۇ سايغا ئاقىدۇ، دېگەندەك، بەختمۇ باش دىرىكتورغا ئېقىپتۇ،- ئۇ ھەممەيلەنگە قاراپ مەنىلىك كۈلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ گېپىنى ئۆزى تەستىقلاپ، كېيىن ئەكىرگەن بوتولكىنىڭ ئاغزىنى ئاچقىلى تەمشەلدى.
-بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولايلى!- دېدى غالب بىر ئىشنى سىزىپ قالغاندەك،- مەن ئىچىپ بېرەي، مۇشۇ بىر رومكا ھاراقنى تۆتىمىز تەڭ ئىچەيلى!
-ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟- دېدى ئەسمەت ئورنىدىن تۇرۇپ،- بۇنداق ئىش دېگەن ئوننىڭ، ياق يۈزدىن بىرىدىمۇ كام ئۇچرايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ دىمەكچىمەنكى نۆۋەتمۇ سىزگە كەلگەن، بىز تېخى بۇنىڭدىن قىزغىنىۋاتساق، سىز بېشىڭىزغا قونغان بەخت قۇشىنى ئۇچۇرىۋەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ياخشى كۆڭلىڭىز بىزگە تېگىل بولدى، سىز يالغۇزلا بەھرىمەن بولۇڭ!
-...
-...
ئۇلار بىر-بىرىدىن گەپدان ئىدى، غالبقا ھەرگىز يول بەرمەي، ئىچىشكە مەجبۇرلىدى، غالب ئۇلارغا گەپ تېپىپ بېرەلمەي تولدۇرۇپ قويۇلغان رومكىنى بىر كۈتۈرۈپلا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ئۇمۇ رومكىنىڭ ئاغزىنى پەسكە قارىتىپ ھەممەيلەنگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن دېدى؛
-مەن ھەر قايسىڭلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئولتۇرغۇنۇم ئۈچۈن يۈزۈڭلارگە كېلەلمەي قولۇڭلارنى قايتۇرمىدىم،- ئۇ بىگىز قولى بىلەن بورنىنى كولىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئىچەلمەيمەن، كەچۈرۈڭلار!
-بولىدۇ!-دېدى ئەسمەت ئىككىنچى بوتولكىنى كامالەتنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ،- بۇ چاينى بىزنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتۇر قويىدۇ، ئەگەر مۇئاۋىن دىرىكتورنىڭ قولىدىن بىرنى ئىچىپ قوياي دەپ قالسىڭىز  بز قارشى چىقمايمىز، ئەگەر زادى ئىچمەيمەن دىسىڭىز بىز ھەرگىز زورلىمايمىز، بۇنى دوستىغا زورلايدىغان نەرسە ئەمەس...،- ئەسمەت يەنە بىر مۇنچە تەكەللۇپ سۆزلەرنى قىلىپ غالبنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇردى.
ئىككىنچى بوتولكا ھاراق ئىككى ئايلاندى، ئەمما غالبقا قۇيۇلمىدى. ئىككىنچى قېتىم ئايلىنىپ ئۈچىنچى قېتىم ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كامالەت بىر رومكىغا تولدۇرۇپ قويۇپ مۇيەسسەرگە تەڭلەش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشىغا مورات كامالەتنى توختۇتۇپ دېدى؛
-باش دىرىكتورنىڭ قولىدىن ئىچىپ مۇئاۋىن باش دىرىكتورنىڭ قولىدىن بىرەر رومكا ئىچمىسەم سەت بولىدىغاندەك، شۇڭا بۇ رومكىنى مەن ئىچسەم.
-ماۋۇ گېپىڭىز بولىدۇ،- دېدى كامالەت رومكىنى دەرھال غالبقا ئىككى قوللاپ تۇتۇپ،- مېنى تاۋىغىنىڭىزغا رەھمەت،- ئۇ ئەسمەتكە قاراپ قويغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ دېدى،- كولۇبىڭلارنىڭ سودىسىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشى ئۈچۈن مەن باش دىرىكتورنىڭ مەسلىھەتىنى ئالمايلا، بۇندىن كېيىن سىلەرگە بېرىدىغان مالنىڭ باھاسىنى يەنە ئون پىرسەنت چۈشۈرۈپ بېرىشنى جاكارلايمەن،- ئۇ «قانداق قىلىمىز؟» دېگەندەك ئەسمەتكە قارىدى.
-سىزنىڭ قارارىڭىزنى ھۆرمەت قىلىمەن!- دېدى ئەسمەت ئورنىدىن تۇرۇپ،- مېنىڭمۇ شۇنداقراق ئويۇم بارئىدى.
-بىزنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!- دېدى غالب ناھايىتى خۇشال بولۇپ،- بۇ يارىدىمىڭلەرگە بىزمۇ چوقۇم ياخشى جاۋاب قايتۇرىمىز...،- غالب رومكىنى ئاغزىغا تەڭلەۋاتقاندا ئەسمەت توختىتىۋالدى.
-توختاڭ!- ئۇ ئۈچ رومكىنى كامالەتنىڭ ئالدىغا تىزغاندىن كېيىن دېدى،- كامالەت، بۇلارغىمۇ تولدۇرۇپ قويۇڭ.
كامالەت ئۈچ رومكىغا تولدۇرۇپ قۇيغاندىن كېيىن ئۆزى بىر رومكىنى ئېلىپ قېلىپ قالغان ئىككى رومكىنىڭ بىرىنى ئەسمەتكە، بىرنى مۇيەسسەرگە بېرىپ، قۇماندان ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق قىلغاندەك ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ دېدى؛
-دوستلىقىمىزنىڭ مەڭگۈ بۇزۇلماسلىقى، سودىمىزنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن خۇشە!
-...
-...
ئۇلار خېلىغىچە غالبنى «ئۇچۇردى»، لېكىن غالب ناھايىتى تېزلا مەست بولۇپ، ھېچ نەرسىنى سەزمەس ھالەتكە كەلدى، ئۇ تاغدىن-باغدىن سۆزلەيتتى، ئۇلارغا چوقۇم ياخشى جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرەتتى، ئەسمەت، كامالەت، مۇيەسسەر ئۆز پىلانىنىڭ ئوڭوشلۇق ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىغا تەنتەنە قىلىشىپ، كېيىنكى بىر بوتولكا ھاراقنىمۇ تۈگەتتى.
-ھېلىقى ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغانمۇ؟- ئەسمەت ئىككەيلەندىن سورىدى.
ئاللىقاچان ئورۇنلاشۇرغان!- دېدى ئەسمەت بىلەن مۇيەسسەر تەڭلا بېشىنى لىڭشىتىپ.
پېلان بويىچە ئەسمەت بىلەن كامالەت غالبنى كۆتەرگەندەك ئېلىپ ماڭدى، ئۇلار غالبنى رىستوراننىڭ ئالتىنچى قەۋىتىدىكى «666» نومورلۇق ياتاققا ئېلىپ چىققاندا مۇيەسسەر ئۆزى ئېلىپ كىرگەن ئاپئاق كىرلىكنى كارۋاتقا سېلىۋاتاتتى. ئۇلار غالبنى كارۋاتقا ياتقۇزغاندىن كېيىن پېلان بويىچە مۇيەسسەرگە «خۇن ھەيدەش ئوكولى» نى سالدى ۋە ئارقىدىنلا غالبنىڭ مۇيەسسەرنىڭ كېيىمىنى سالدۇرغانلىق ۋە ئۇنى كارۋاتقا باسقانلىق ساختا كۆرۈنۈشنى ياساپ ئۇنى يانفون بىلەن سۈرەتكە تارتىۋالدى.
-قالغان ئىشلار ئۆزىڭىزگە قالدى،- دېدى ئەسمەت تولىمۇ مەغرۇر ھالدا،- ھەر ئېھتىمالغا قارشى بايامقى كۆرۈنۈشلەرنى مېنىڭ يانغۇنىمغا كۆچۈرىۋالاي، ماڭا ئۇچۇر قىلىپ يوللىۋېتىڭ!
ئۇلار ناھايىتى ئەتراپلىق پىلانلىغانىدى، ھەممە ئىشلار پېلان بويىچە بولىۋاتاتتى. ئەسمەت بىلەن كامالەت يەنە تازا رازى بولمىغاندەك، ئىككەيلەننىڭ قىپ يالىڭاچ ھالىتىنى ئۆزىنىڭ يانفونىدا قايتا-قايتا سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن قالغان ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم «ئورۇنلاشتۇرۇپ» ياتاقتىن ئايرىلدى...
(11)
غالب خېلى ۋاقچى ئويغاندى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ بىر ئايالنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ چىڭ قۇچاقلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ «بۇ چۈشۈم بولسا كېرەك» دەپ كۆزىنى يۇمدى، ئۇ ئەسلىدە چۈش كۆرمىگىنىدى، ئۇ كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ «بۇ چۈشۈم بولسىكەن» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى، بىراق مۇمكىنمۇ؟ ئۇ تېخىچە خىيال سۈرىۋاتاتتى، «بۇ چۈشۈم بولسىكەن» دەپ ئويلاۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭغا گىرە سېلىپ ياتقان ئايال چىقىرىغىنىچە قولىنى غالبنىڭ بوينىدىن ئاجرىتىپ ئورنىدىن دەس تۇردى، ئۇ ئورنىدىن دەس تۇردى-يۇ، يەنە دەرھال يوتقاننى تارتىپ ئېلىپ ئۆزىنى يۆگەپ ئۈن سېلىپ يىغلىغىلى تۇردى!
-مەن ئۆلەي، مۇشۇمۇ ئادەم قىلىدىغان قىلىق بولدىمۇ؟!
-بۇ نېمە ئىش؟- دېدى غالب چەكچەيگىنىچە مۇيەسسەرگە قاراپ،-سىلەر، سىز،- ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.
-بۇ نېمە ئىش دەپ يەنە مەندىن سورايسىزغۇ؟- مۇيەسسەر يوتقان بىلەن يالىڭاچ تىنىنى يۆگەپ ئولتۇردى،- قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ ئەمدى مەندىن سورامسىز؟ ھې! ئۇ، ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
-سىلەر، سىز ماڭا قىلتاق قۇرۇپسىلەر-دە!- غالب ئەتراپقا ئالاقىزادىلىك بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن يەرگە قالايمىقان تاشلانغان كېيىم-كېچەكلەر ئارىسىدىن ئاۋال كالتا ئىشتنىنى تېپىپ كەيدى، ئاندىن قالغان كېيىملىرىنى تېپىپ كەيدى.
-قىلتاقنى سىز قۇردىڭىزمۇ ياكى مەنمۇ؟- دېدى مۇيەسسەر يىغلاپ تۇرۇپ.
-...
-...
ئىككەيلەن بىر-بىرىگە يول بەرمەي ئۇزاق تالاشتى، مۇيەسسەر يىغلىغان پېتى بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ غالبنىڭ ئاغزىنى ئاچۇرمىدى ۋە يوتقاننى قاتلىۋېتىشنى باھانە قىلىپ كىرلىكنى غالبنىڭ يۈزىگە ئېتىپ ۋارقىردى؛
-سىز باسقۇنچىلىق قىلىپ مېنىڭ قىزلىقىمنى ئېلىپ بولۇپ يەنە «سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي» دەپ بەك ھۆكىرەيسىزغۇ؟- مۇيەسسەر ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان گېنراللاردەك ئىككى قولىنى بىقىنىغا تېرەپ گېدەيدى،- ئەگەر لەيلىدىن قول ئۈزۈپ مېنى ئەمرىڭىزگە ئالمىسىڭىز ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن، ھازىرلا دېلو مەلۇم قىلىمەن...
-نېمە؟ قىزلىقىمنى ئېلىپ، باسقۇنچىلىق؟- غالب دىمىقىدا كۈلۈپ مۇيەسسەرنىڭ سۆزىنى بۆلدى،- ھې، ئوتتۇز ياشقا كىرگەن ئادەمدە قىزلىق نېمە ئىش قىلىدۇ؟
-قىزلىق نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ھى! ئۇنداق بولسا بۇنى ج خ ئورۇنلىرى ئايرىسۇن!- مۇيەسسەر بايام غالبنىڭ يۈزىگە ئاتقان كىرلىكنى يەردىن ئېلىپ، ئالدىرىماي قاتىلغاندىن كېيىن يانفونىنى چىقىرىپ كېچىدىن بۇيان تارتقان سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ بايامقىدىن بەكرەك ۋارقىرىدى،- كىرلىكتىكى قان قىزلىقىمنىڭ پاكىتى، مان بۇ سۈرەتتىكىلەر سىزنىڭ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىڭىزنى پاكىتى...
-بۇ گەپلەرنى كېيىن دېيىشەيلى!- دېدى غالب سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن «لاسسىدە» بوشاپ،-سىلەر مېنى قاپقانغا دەستىپسىلەر...
-يەنە شۇنداق دەيسىزغۇ؟- دېدى مۇيەسسەر غالبنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- زادى كىم كىمنى قاپقانغا دەسسەتتى، بۇنى ج خ ئورۇنلىرى ئايرىسۇن!- ئۇ يانفونىنى قولىغا ئالدى.
-نېمە قىلماقچىسىز؟- غالب يانفوننى ئېلىۋېلىپ سورىدى.
-دېلو مەلۇم قىلىمەن!- دېدى مۇيەسسەر غالبنىڭ قولىغا ئېسىلىپ،- ئەگەر مەن دېلو مەلۇم قىلسام سىز يالغۇز باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەنلا ئەيبلەنمەيسىز، زەھەر سېتىش، زەھەر چېكىش، زەھەر چەككۈچىلەرگە سورون ھازىرلاپ...
-نېمە؟ -غالب دەرھال مۇيەسسەرنىڭ كارنىيىدىن ئېلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، - بۇ نېمە دېگىنىڭىز، سىلەر مۇشۇنداق ئىپلاسلقلارنىمۇ قىلدىڭلارمۇ؟ ھېلىقى ئىككەيلەن زادى كىم؟
-قويىۋېتىڭ!- دېدى مۇيەسسەر غالبنىڭ قولىنى سىلكىپ ئېلىۋېتىپ، ئۇلار كىم بولاتتى؟ ئۇلار مۇشۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ زەھەر گوروھىنىڭ كاتىۋاشلىرى، سىزنىڭ ئەڭ يېقىن شىرىكىڭىز.
-بولدى، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ!- غالب مۇيەسسەرنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن قولىنى ئاپىرىۋىدى، مۇيەسسەر ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىر قەدەم ئارقىسىغا چىكىنگەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- سىز ئۇلار بىلەن چەمبەرچەس باغلاندىڭىز، ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تارتىش، باشقىچە تاللاش يولىڭىز يوق...،- مۇيەسسەر يەنە ئىككى قولىنى بىقىنىغا تىرىدى،- بىز دېگەن ۋاقتى كەلگەندە ھەر قانداق قىلىپ جاننى ياقىغا ئالالايمىز، ئۇلارنىڭ بىر قانچىدىن ئىسمى، بىر قانچىدىن كىملىگى بار، ئەمما سىزچۇ، سىز دېگەن دۆلەت مەمۇرى، ئەينى چاغدا مەن سىزنى ئىزدەپ بارمىدىم، سىز مېنى ئىزدەپ كەلدىڭىز، ئۇنداق ئەمەسمۇ-يا؟...
مۇيەسسەر تېخىچە سۆزلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ قالغان گەپلىرى غالبنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، ئۇ ئارقىسىغا ئوچۇپ كېتىدىغاندەك ئارقىسىغا داجىدى، ئەگەر ئۇنىڭ ئارقىسىدا كېچىدىن بىرى ئەيشى-ئىشرەت قىلغان كارۋات بولمىغان بولسا ئىدى، راستىنلا ئارقىسىغا «ئۇچۇپ» كەتكەن بولاتتى، ئۇ «لاسسىدە» ئولتۇرۇپ قالغاندىن كېيىن بېشىنى قاماللىغانچە ئويغا پاتتى؛ ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى پەلسەپە ئوقوتقۇچىسىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئېسىگە كەلدى؛ كىشلىك تۇرمۇشتا كىشلەر ھەر خىل سىناقلارغا دۈچ كېلىدۇ، ئوڭوشسىزلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، بۇنداق چاغلاردا ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماسلىق ھەم ئالدىراپ ۋاز كەچمەسلىك، تاسادىپى يۈز بەرگەن ۋاقەلەرگە يۇقىرى دەرىجىدە ھۇشيار بولۇش لازىم. قاتتىق ھاياجاندىن تۇغۇلغان ئۇشتۇمتۇت ھەرىكەت ئېھتىياتچانلىقنى بۇزىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى دەل سېنىڭ موللاق ئېتىشقا سەۋەبچى بولۇش مۇمكىن، كىشلىك تۇرمۇشتا ئادەمدە ئېغىر-بېسىق ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا، قاتتىق غەزەپلەنگەن ياكى قانائەتلەنگەن چېغىدا كۆپرەك غەيرى خىياللار تۇغۇلىدۇ، سكونت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەسەبىيلىك سېنى ئۆمۈر بويى داغدا قالدۇرۇشى مۇمكىن، يامان نىيەتلىك كىشلەر ئېھتىياتچان كىشلەرگە توزاق قۇرۇشتا رەقىبىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاشنى ھەمدە رەقىبىنىڭ ئوي-پىكرىنى بىلىپ بېقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار مەخپىيەتنى بىلۋېلىش ئۈچۈن ئىرادىسى ئاجىز كىشلەر روھىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئىچكىرلەپ كىرىدۇ. ئۇنداق چاغدا سەن ئۆزۈڭنى تۇتىۋېلىشىڭ، بولۇپمۇ ھاياجېنىڭنى بېسىۋېلىشىڭ كىرەك، ئەگەر ھاياجېنىڭنى، ئالدىراڭغۇلۇقنى، ئاچچىغىڭنى بىسىۋالالمىساڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە، مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالىسەن... تەكەللۇپ بىلەن ئېيىتىلغان خۇشامەت سۆزلىرىگە مەپتۇن بولما، ئۇنداق سۆزلەر سېنى ئالداشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، بەزىلەر شۇنداق ئۇستاتكى، ئۇلار ئېزىتقۇ دورىسى ئىشلەتمەيمۇ سېھىرگەرلىكنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئۇنداقلار سېنى ماختاپ-ئۇچۇرۇپ، پۈرەدەككە چىقىرىپ قويۇپ شوتىنى تارتىۋېتەلەيدۇ. ئۇنداقلارنىڭ ۋەدىسى ساڭا قۇرۇلغان قاپقان. ھەرگىز شۆھرەتپەرەسلىك قىلما، شۆھرەتپەرەس ئادەم باشقىلارنىڭ خۇشامىتىگە ئوڭاي ئالدىنىدۇ، ساختا ھۆرمەت ئالدامچىلىقنىڭ شىكەر يالتىلغان ئوقى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولاي دېسەڭ ئۇلارغا ھەيۋە قىلما، گېدەيمە... غالب ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى، «ئوقۇتقۇچۇم ئەۋلىيا ئىكەن» دەپ ئويلىدى، «مۇئەللىم ئۇ مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمنى ئالدىن كۆرگەندەك، ماڭىلا قاراتقاندەك... ئەمما مەن ئىسىمدە ساقىلىماپتىمەن....» ئۇ تېخى باياملا ھاياجىنىنى باسالماي ئەخماقلىق قىلىپ قويغىلى تاس-تاماس قالغان ئىدى، ئۇ بايام مۇيەسسەرنىڭ كارنىيىنى بوغقاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، نەخ مەيداننى يىغىشتۇرۇپ ئۆزىنى چەتكە ئالماقچى بولغانىدى، ئۇنىڭدىن باشقا خىياللارنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈرگىنىدى، مۇئەللىمنىڭ تەلىمى ئۇنى تېخىمۇ زور ھالاكەتتىن ساقلاپ قالدى...
-نېمە، بەك شۈك بولۇپ كەتتىڭىز، بايامقى ئاچچىغىڭىز نەگە كەتتى- غالبجان؟- مۇيەسسەر ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلدى،- ئۇنچە غەم قىلىپ كەتمەڭ، مەن دېگەن شەرتلەرگە كۆنسىڭىزلا ھەممە ئىش سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك بولىدۇ. مەقسىدىڭىزگە يېتەلەيسىز، خىزمەتتە ئۆسىسىز، مال-دۇنياغا ئىگە بولىسىز، بىر ئۆمۈر راھەت-پاراغەتتە ياشايسىز، ئادەم بۇ دۇنياغا نېمە دەپ كېلىدۇ، راھەت-پاراغەتتە ياشايمەن، دەپ كېلىدۇ-ئەمەسمۇ؟
-قانداق شەرتىڭىز بار؟- غالب بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇيەسسەرگە تېكىلدى.
-مېنىڭ شەرتىم ناھايىتى ئاددى، ھېلىقى نايناقتىن ئايرىلىپ مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىز...
-بۇ... بۇنداق قىلساق...،- غالب دۇدۇقلىدى.
-...
-...
ئۇلار ئۇزاق تالاشتى، غالبنىڭ لەيلىدىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى، بىراق مۇيەسسەر ئۇنىڭغا تەھدىت سالدى، ئۇنىڭ ھازىر قۇشۇلماي ئىلاجى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا، پوۋسىتلاردا زەھەر گوروھىنىڭ ئاجايىپ چېكىدىن ئاشقان، ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكلىرىنى، ئەسكىلىكلىرىنى كۆرگەن، ئاڭلىغان.
زەھەرلىك يېلاننىڭ قۇۋلىقىنى پەرقلەندۈرۈش تەس، ئۇ ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، سېنى ئىشەندۈرگەندىن كېيىن چاقىدۇ. ئاق كۆڭۈل كىشلەر ئوڭاي ئالدىنىپ قالىدۇ. يالغان ئېيتىپ باقمىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ گېپىگە ئوڭاي ئىشىنىپ كېتىدۇ. ئۆزى پۇل خەجلەپ ساۋاق سېتىۋالغانلار قېيىن ئەھۋالدىن زىرەكلىك بىلەن قۇتۇلالايدۇ، بەدنىيەتلەر ئالدىدا ئاق كۆڭۈللۈك كارغا كەلمەيدۇ. دىلى ئەگرى كىشلەر ھەقىقى مەقسىدىنى يوشۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ، مۇيەسسەر ئەينى چاغدا تولىمۇ بىچارە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ غالبنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن، زەھەر گوروھى قەست قىلىشى نىيىتىدىن يانىمىغان ئىكەن تېخىمۇ ھۇشيار بولۇشى كېرەك...
غالب ئۆزىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پۇلغا ئامراقلىقى، ئەمەل پەرەسلىگى سەۋەبچى بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇ ھەسرەت، تىڭىرقاش، ئۆكۈنۈش، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەش ئىچىدە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىگىنىمۇ سەزمىدى. ئىنسان دېگەن ھەر قانداق زەربىگە چىدايدىغان، ھەر قانداق بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يارىتىلغانىكەن...
غالب مۇنداق خۇلاسىغا كەلدى؛ مەلۇم بىر ئىش ئادەمگە تۇيۇقسىز تەسىر قىلغاندا، ئادەم ھەددىدىن زىيادە جىددىلىشىپ كېتىدىكەن، نىرۋىسىدىكى غىدىقلىنىش كۇچىيىپ تېخىمۇ نازۇكلىشىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئىشنىڭ تولىمۇ ئەرزىمەس ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ، پۇشايمانغا قالىدىكەن، بۇ بىر خىل پاسسىپ پىسخىك ئەھۋال بولۇپ بۇنى «نىرۋىنىڭ ھەدددىن زىيادە غىدىقلىنىشى»، يەنە بىر خىل قىلىپ ئېيىتقاندا «ئەكسى تۇرمۇز ھادىسىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن...
-بەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز!- دېدى مۇيەسسەر غالبنىڭ خىيالىنى بۆلۈپ،- كېلىشىمنامىنى تۈزىۋېتەيلى!
-نېمە؟ كېلىشمنامە؟- غالب ھاڭ-تاڭ قېلىپ مۇيەسسەرگە سۇئال نەزىرى بىلەن تېكىلدى.
-شۇنداق كېلىشمنامە!- دېدى مۇيەسسەر ناھايىتى ئورغۇلۇق قىلىپ،- تېخى باياملا لەيلىدىن ئايرىلىپ مەن بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلغان، ئەمدى ئۇ گېپىڭىزدىن يېنىۋالدىڭىزمۇ؟
-ياق، يېنىۋالغىنىم يوق، بىراق، بۇنىڭغىمۇ كېلىشم تۈزۈش كېتەمدۇ؟- دېدى غالب تېخىچە ھەيران قالغاندەك بېشىنى چايقاپ.
-...
-...
ئىككەيلەن بۇ ئىش توغرىسىدا خېلىغىچە تالاشتى، ھەتتا مۇيەسسەر پىشىنى قېقىپ چىقىپ كەتمەكچىمۇ بولدى، بىراق، غالب ئاخىرى لەيلىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغان ۋە يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدىلا مۇيەسسەر بىلەن توي قىلىدىغان، ئەگەر كېلىشمگە خىلاپلىق قىلسا دېلو مەلۇم قىلدىغان... بولۇپ تىلخەت يېزىپ بېرىپ ۋاقتىلىق قۇتۇلدى...
(12)
غالب شۇ كېچىنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدى، ئۇ ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا قىسىلاتتى، ئۆتكەن ئىشلارنىڭ چۈش بولۇپ قېلىشنى ئۈمۈد قىلاتتى، ئۇ، ئۇخلىماي چۈش كۆرەتتى، ئويغاقتەك ياتاتتى، ئۇخلىغاندەك مۈگدەيتتى، ئۆزىچىلا نىرۋىسىدىن ئاداشقان ئادەمدەك ئەندىشە ئىچىدە كۈلەتتى، شادلانغاندەك بولۇپ ئارقىدىنلا قايغۇراتتى، ئويغاقلىقى بىلەن ئۇخلىغىنى، خوشلۇقى بلەن ئەندىشىسى، شاتلىقى بىلەن ئەنسىزلىكى ئارىلىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ دېلو مەلۇم قىلىش خىيالىغىمۇ كەلدى، بىراق شۇ ھامان يالتايدى، ئۇنى مۇيەسسەر دېگەندەك ھېچكىم زورلىمىغانىدى، مۇيەسسەرنى ئۆزى ئىزدەپ بارغان، توختامنى ئۆزى تۈزگەن، ھەر كۈنى پايدىسىنى ئۆزى ئايرىغان، زەھەرگە ئۆزى خومار بولغان، ھېچكىم ئۇنىڭغا زورلىمىغان.
ئۇ ئەزەلدىن تەييارغا ھەييار بولۇشنى ئويلايتتى، ئۇ داۋاملىق پۇلدار ئايالدىن بىرنى تېپىپ، ئەرمەك ھايۋانلاردەك بىر ئۆمۈر راھەت-پاراغەتتە ياشاشنى، ئۇنى «شوتا» قىلىپ يوقىرىغا ئۆرلەشنى ئارزۇ قىلىپ، ئايلىقچى ئاياللارنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئايلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ گىرىم بويۇملىرىدىن ئاشمايدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ لەيلىنى تاللىغان، ئاخىرىدا مۇيەسسەرنى تاپقان، مۇيەسسەرنىڭ شىكەر يالتىلغان «كۆڭۈل» سۆزلىرىدىن سۆيۈنگەن، ئاشۇ كۆڭۈل سۆزلىرىگە سەۋەب بولغان كەچلىك كولۇبىدىن، ئاشۇ كولۇبنى قۇرغان ئۆزىدىن ھۇزۇرلانغان. بايلىقنىڭ نەقەدەر شېرىن ۋە قۇدرەتلىك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلغان، ئەمما قۇدرەتلىك، شېرىن نەرسىنىڭ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى، قانچە قۇدرەتلىك، قانچە شېرىن بولسا، شۇنچە خەتەرلىك، قانچە سېھىرلىك بولسا، شۇنچە ئەندىشىلىك بولىدىغانلىقىنى، خۇشاللىقىنىڭ خاپىلىقى بارلىقىنى، بايلىقنىڭ خەتىرى، ھەسەلنىڭ ھەرىسى، گۈلنىڭ تىكىنى بارلىقىنى ئويلىمىغانىدى...
غالب زادى نېمە قىلىشىنى بېلەلمىدى، ئۇ ئويلىغانسىرى تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكەتتى، گېلى قۇرۇپ، كۆزى قاراڭغۇلىشاتتى، كۆكرەكلىرى چىڭقىلىپ، ئىچىنىڭ قانداقتۇر بىر جايلىرىدىكى نازۈك بىرىگە يىڭنە سانجىغاندەك، بەزىدە جاراھەتكە مۇچ ئۇنى سەپكەندەك ئېچىشاتتى...
ئويلاۋىرىپ ئۆز-ئۆزىگە قىلىۋاتقان تاپا-تەنە، باشقىلار تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان بېسىم-تەھدىت، قۇرۇلغان قاپقان-توزاق، ئىشلىتىلگەن سۈيقەست ۋە ھېلە-نەيرەڭلەرنى ئەسلەپ ئۆزىگە نەپرەتلىنەتتى، پۇشايمان قىلاتتى...
تۇيۇقسىز كەلگەن تېلېفون غالبنى خىيالدىن ئويغاتتى، تېلېفون لەيلىدىن كەلگەنىدى؛
-نىمانداق يوق بولۇپ كېتىسىز؟-دېدى لەيلى زەردە بىلەن،- ئىككى كۈن بولدى، سايىڭىزنىمۇ كۆرسەتمەيۋاتسىزا؟
-مەن، مەن... ئىدارىنىڭ ئىشى...
-كەچتىمۇ ئىدارىڭىزنىڭ ئىشىمۇ؟- لەيلى ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئالدىرىماي سۆزلىدى،- ئاخشام كولۇبقا مەن بارغان ئىدىم، سىز يوققۇ؟ ھېلىقى نايناقمۇ يوق،- لەيلى «نايناق» دېگەن گەپنى ناھايىتى ئورغۇلۇق ئېيىتتى.
-...
-...
غالب ھەر قانچە قىلىپمۇ لەيلىگە چۈشەندۈرۈپ بولالمىدى، ئەسلىدە لەيلى، مۇيەسسەر، غالبلارنىڭ ئوتتۇرىدا بىر توختام شەكىللەنگەن بولۇپ، توختامدا ھەر كۈنلىك ھېساباتنى بوغۇپ، شۇ كۈنلىك كولۇپ ئىجارىسى، باشقا چىقىملارنى چىقىرىۋېتىپ، قالغان پايدىنىڭ يەتمىش پىرسەنتىنى لەيلىگە تاپشۇرۇش، ھەر كۈنلىك ھېساباتنى ھەر كۈنى كەچ سائەت ئون ئىككىدىن بۇرۇن لەيلىنىڭ كومپيوتىرىغا يوللاپ بېرىش... قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلغان بولغاچقا لەيلى ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىگەن. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ھېساباتنىڭمۇ قەرەلىدە يوللانمايۋاتقانلىقى، پات-پات ھەر ئىككەيلەن يانفونلىرىنى ئېتىۋېلىپ تەڭلا يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقى قاتارلىقلار ئىشلار لەيلىنىڭ گومانىنى تېخىمۇ قوزغىغان ئىدى...
غالب ئىككى قاشنىڭ ئارىسىدا بەكلا سىقىلىۋاتاتتى، ئۇ ھارۋىنى ئۇيانغا سۆرىسە «ئوق سۇنىدۇ، بۇياققا سۆرىسە كۇدا يېرىلىدۇ». ئۇ ئالدىغا مېڭىشقىمۇ، ئارقىغا يېنىشقىمۇ بولمايتتى، شۇڭا ئۇ دائىم قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، چىرايىدا ئەندىشە بولۇتلىرى ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ تەبەسسۇم قىلمىغىلى بىر قانچە كۈن بولۇپ قالدى، ئۇ لەيلىنىڭ ئالدىدا بىر خىل، مۇيەسسەرنىڭ ئالدىدا بىر خىل ئادەم بولۇپ ياشاشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ ساختا كۈلكىسى لەيلىنى تېخىمۇ بىئارام قىلاتتى، گۇمانىنى تېخىمۇ قوزغايتتى. بىر كۈنى لەيلىنىڭ ئالدىلا زەھەر خۇمارى تۇتۇپ چاندۇرۇپ قويغىلى تاس –تاماس قالدى، شۇ كۈنى ئۇنى مۇيەسسەردىن كەلگەن تېلېفون قۇتقۇزۇپ قالدى، ئۇ ئىدارىدىن جىددى تېلېفون كەلگەنلىگىنى باھانە قىلىپ، لەيلىنىڭ قېشىدىن ئايرىلدى ۋە دەرھال كولۇپقا بېرىپ بىر تال چېكىۋالغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلدى...
لەيلى غالبتىن رەسمى گۇمان قىلدى، ئۇ باشقا ئىشتىن ئەمەس، مۇيەسسەرنىڭ ئۇنى ئازدۇرۇشىدىن گۇمان قىلدى، ئۇ بىر دۆلەت مەمۇرىنىڭ باشقا بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ قويۇشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن يۈز ئۆرىشىدىن گۇمان قىلغانىدى، شۇڭا ئۇ تاپ باستۇرماي غالبنىڭ كەينىگە چۈشتى، ئۇ دەسلىۋىدە ئارىدا توختام بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنلىك كىرىم-چىقىم ۋە بارلىق ھېساباتنىڭ كومپيوتىر ئارقىلىق بولىۋاتاتىدۇ، دەپ قاراپ بىر قانچە كۈن كۆرۈشمىسىمۇ كارى بولمايتتى، ئەمما غالبنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى كەيپىياتى، تاغدىن سورسا، باغدىن جاۋاب بېرىدىغان «تاققۇ-تۇققۇ» گەپلىرىدىن ئەجەپلىنەتتى، شۇڭا ئۇ «كەچلىك كولۇب» قا بىر قانچە قېتىم ئۇشتۇمتۇت باردى، ھەر قېتىم بارغاندا بىنۇرمال ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئۇنى بىر قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇردى، ھېلىقى كۈنىمۇ ئۇ غالب تېلېفون قىلغاندا ئۆزىنىڭ بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، غالبنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ، قەستەن بارغانىدى، شۇڭا ئۇ بېرىپلا غالب بىلەن مۇيەسسەرنىڭ قۇچاقلىشىپ، مۇيەسسەرنىڭ غالبنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ تانسا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قەتئىي ئايرىلىپ كېتىش قارارىغا كېلىپ، غالب ئاپرىپ قوياي دېىسمۇ، باش ئۇرۇپ يالۋۇرسىمۇ «پىشىنى قېقىپ» قايتىپ كەلدى، «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك ئاچچىغىنى باسالماي ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ تۇرغاندا مۇيەسسەرنىڭ «قورسۇغۇمدا غالبنىڭ بالىسى بار» دەپ يوللىغان ئۇچۇرى ئۇنىڭغا بەكلا ھار كەلدى...
لەيلى شۇ كۈندىن باشلاپ غالبتىن كەلگەن تېلېفوننىمۇ ئالمىدى، كەچتە غالب ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئىشىكىنى ئاچمىدى، ھەتتا كولۇبنىڭ پۇلىنى ئېلىۋېلىشىنى ئېيىتقاندىمۇ پەرۋا قىلىدى، ھەتتا غالبنىڭ تاللا بازىرىغا كېلىپ ئاۋارە قىلىشىدىن قورقۇپ بىر قانچە كۈن تاللا بازىرىنى تاقاپ قويدى.
قارشى تەرەپنى ياخشى كۈزىتىپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىل، باشقىلارنى پەرەز قىلىش، ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىش ئۈچۈن «ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا» دېگەن ئەقلىيە سۆزىنى ئېسىڭدىن چىقارما. ئادەمنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىش كىشىلىك ھاياتتا ئىنتايىن سىرلىق ئىش بولۇپ، مىتالنى ئاۋازىغا قاراپ، ئادەمنى ئۇنىڭ يۇرۇش-تۇرشىغا، ئالاقە قىلغان ئادىمىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش كېرەك، چىرايلىق سۆزلەرنى قىلغان كىشى ئەسكى ئىشلارنى قىلالايدۇ، گەپ-سۆز، مېڭىش-تۇرۇش، كىشلىك ئالاقە ئادەمنىڭ خىسلىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ، قاتتىق ھاياجان ئادەمنى ئەقىلدىن ئازدۇرۇپ قويىدۇ...
ئىشىكنىڭ قېقىلىشى لەيلىنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى، ئۇ ئىشىكنى ئۇرغان كىشىنىڭ غالب ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىپ ئاچمىدى، ئىشىك قايتا قېقىلدى، يەنە ئاچمىدى، ئۇ يانفۇنىنىمۇ تاقىۋەتكىنىدى.
-بۇ مەن، ئىشكىنى ئاچقىن-لەيلى!- دېدى بىر تونۇش ئاۋاز، ئۇ غالب بولماستىن لەيلىنىڭ بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر دوستى زۈمرەت ئىدى.
لەيلى دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ، زۇمرەتنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
-نېمە بولدۇڭ، نەچچە كۈندىن بۇيان يانفۇنىڭ ئېتىك، كومپيوتىرىڭنىمۇ ئاچمىدىڭ- ئادەمنى ئەنسرىتىپ،- دېدى زۈمرەت خۇددى مېھرىبان ئانا ئۆز قىزىنى باغرىغا باسقاندەك ئۇنى قۇچاقلاپ ۋە ئۇنى مېھمانخانىدىكى كىرىسلوغا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن قولىنى ئوۋىلاپ تۇرۇپ سورىدى،- ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ئىش بولىسمۇ ئالدىرىماي سۆزلە، زادى ساڭا نېمە ئىش بولدى؟
-...لەيلى جاۋاب ئورنىغا زۇمرەتنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
-زادى نېمە ئىش بولدى، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماي دېسەڭچۇ!-دېدى زۇمرەت خېلىدىن كېيىن لەيلىنىڭ سەلدەك ئېقىۋاتقان يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ،- ھەر قانداق ئىش بولسا ئوچۇغىنى دېگىن، بىز بىرلىكتە چارىسىنى قىلايلى!
لەيلى يەنە خېلىغىچە يىغلىۋالغاندىن كېيىن غالبنىڭ ئىشلىرىنى يىپىدىن يىڭنىسگىچە سۆزلەپ بەرگەندىن كېين ئىچى بوشاپ قالدىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چاي دەملىدى.
-مۈشۈنچىلىك ئىشقىمۇ شۇنچە ئۈزۈڭنى تاشلىۋەتكەن بارمۇ؟-دېدى زۇمرەت چايدىن بىر ئوتلاپ،- بولدى، ئايرىلىپ كەتكەن بولساڭ، ئازاپلانماي خۇشال بول، بىر شائىرنىڭ «ئالدانىم سىزگە، ئالدانغىنىمدىن بولدىڭىز خۇشال، ئۇنتۇلماس ساۋاق بەرگىنىڭ ئۈچۈن، بولدۇم مەنمۇ سەندىن بەك خۇشال» دېگەن بىر شېئىرنى ئوقىغان. بۇنى مەن ئۆز ئەينى دىيەلمىگەن بولىشىم مۇمكىن، ئەمما ئاشۇ مەنىدە ،- زۇمرەت چاينى يەنە بىر ئوتلاپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- ئىسىڭدە بولسا كېرەك  مەن دەسلەپ تازا قۇشۇلمىغان، ئەمما سەن ئۇنىڭ «پاختىكىڭ بولاي، تورغۇيۇڭ بولاي» دېگەندەك ياغلىما تەلپەك گەپلىرىگە ئىشىنىپ كەتكەن، بولدى، قەددىڭنى رۇسلا، ھەرگىز ئىچىڭگە ئالما، سەنغۇ تېخى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىدىڭ، توي قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىدىغان، بىر –ئىككى بالىغا ئىگە بولۇپ ئاجرىتىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بارغۇ؟
-...
-...
ئۇلار ئۇزاق پاراڭلاشتى، بىر-بىرىگە تەسەللى بېرىشتى، ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتى، زۇمرەتمۇ بويتاق بولغاچقا زۇمرەت قونۇپ قېلىشقا ماقۇل بولۇپ ئورۇق راسلاۋاتقاندا ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى.
-بۇ چۇقۇم غالب،- دېدى لەيلى ئىشىككە قاراپ،- بولدى ئاچمايلى...
ئىشىك يەنە قېقىلىپ ئارقىدىنلا بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى؛
-بىز شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن، ئىشىكنى ئېچىڭ!
ئىككەيلەن سۇئال نەزىرى بىلەن تەڭلا بىر-بىرىگە قارىشىپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى. بىر مىنوت ئۆتتى، ھېلىقى ئاۋاز قايتا تەكرارلاندى، زۇمرەت ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ مۈشۈك كۆزدىن قارىۋىدى، راستىنلا ساقچى پورمىسى كەيگەن بىر قانچەيلەننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، لەيلىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئىشىكنى ئاچتى.
راستىنلا ئىككى ئايال ساقچى، ئىككى نەپەر ئەر ساقچى قورال تەڭلىگەن پېتى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئەتراپقا ۋەھىمىلىك سەپسالدى ۋە ئىككى ئەر ساقچى تازلىق ئۆيىدىن تارتىپ ئاختۇرغاندىن كېيىن بېرەيلەن سورىدى؛
-لەيلى دېگەن قايسىڭلار؟
-مەن... مەن بولىمەن!- دېدى لەيلى ئالدىغا بىر قەدەم چىقىپ تولىمۇ ھەيران قالغان قىياپەتتە.
-سەن زەھەر سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلىسەن!- دېدى بىر ئايال ساقچى خىزمەت فورمىسىنىڭ يان يانچۇقىدىن بىر ۋاراق تۇتۇش بويرۇقىنى لەيلىگە كۆرسىتىپ ۋە يەنە بىر ئايالنى شەرەتلىدى، ئۇ ئايال ساقچى يانچۇقىدىن كويزىنى ئېلىپ لەيلىگە سالغاندىن كېيىن زۇمرەتكە بۇرۇلۇپ سورىدى،- سەن كىم بولىسەن؟
-مەن لەيلىنىڭ يېقىن دوستى زۈمرەت بولىمەن!- ئۇ يانچۇقىدىن كىملىگىنى ئېلىپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، كويزا سېلىنغان ئىككى قولىنى يىغىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان لەيلىنى كۆرسىتىپ دېدى،- مەن بىر كەسپى ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى، مەن پارتىۋىلىگىم بىلەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، لەيلى ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ، سىلەر خاتالاشتىڭلار، ئۇ ھەرگىز ئۇنداق ئادەم ئەمەس...
-گۇۋاھلىقنى سوتقا چىققاندا بەرسىڭىز بولىدۇ!- دېدى بايام لەيلىگە كويزا سالغان ئايال ساقچى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- ئەمما بىزنىڭ بۇ ھەقتە تولۇق دەلىل-ئىسپاتىمىز بار،- ئۇ ئايال قالغان ئۈچەيلەنگە ئۆينى ئىشارەت قىلىۋىدى، ئۇلار ئۆينى تەپسىلى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، تازىلىق ئۆيى، تازىلىق ئۆيىدىكى گىرىم بويۇملىرى، يوتقان-كۆرپە، چىنە-چەينەك، كېيىم-كېچەكىنىڭ يانچۇقلىرى، ھەتتا ياستۇق، قازان-قۇمۇچ، كارۋات ئىچى-ئاستى... قاتارلىق ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ بىر نەرسە تاپالماي زۇمرەتنىڭ خىزمەت ئورنى، ئادىرىسى، كىملىك نۇمۇرى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى تەپسىلى يېزىۋالغاندىن كېيىن دېدى؛
-سىزمۇ گۇمانلىق، ۋاقتىنچە قايتىپ تۇرۇڭ، بۇ ئۆيگە پىچەت چاپلايمىز!- ئۇلار زۇمرەتنى قارىتىپ تۇرۇپ پىچەت چاپلىغاندىن كېيىن سورىدى،- بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچى سىزدە بارمۇ؟
-ياق!- دېدى زۇمرەت تېخىچە ھەيرانلىقتا.
ئۇلار لەيلىنى ساقچى ماشنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى...
(13)
زۇمرەت كېچىچە كىرپىك قاقمىدى، ئۇ چىقمىغان دۆڭ، چۈشىمىگەن ئويمانلىق قالمىدى، لېكىن ئۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى. ئۇ تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ناشتىمۇ قىلماي ئۇدۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىدىگە بېرىپ، ج خ ئىدارىسىدىكى ئىشەنچىلىك بىر تونۇشىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتى؛
لەيلى-مەجنۇن كەچلىك كولۇبى شەھەر بويىچە ئەڭ زور زەھەر سېتىش، زەھەر چېكىش ئوۋىسىغا ئايلانغان بولۇپ، پەرزەنتلىرى زەھەرلەنگەن خېلى كۆپ ئاتا-ئانىلار ج خ ئىدارىسىغا ئەرز قىلغان، ج خ ئىدارىسى خېلى بۇرۇنلا ئۇ يەرگە «كۆز-قۇلاق» ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ھەممە ئىشتىن خەۋەردار ئىدى، ئۇلار «ئاسمانغا تور، يەرگە قاپقان» قۇرۇپ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرىدىن تارتىپ، مۇيەسسەر، غالب، ھەتتا لەيلىلەرگىچە نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، قاتتىق كۈزەتكەن، بىرەر كۈن ئەمەس، بىر سائەتمۇ ئۇلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ۋە تۈنۈگۈن ئاشۇ كولۇپتا چوڭ بىر زەھەر سودىسى بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تورنى يىغىپ، ھېلىقى ئىسمىنى ئەسمەت، كامالەت ئاتىۋالغان زەھەر گورۇھىنىڭ بۇ شەھەردىكى كاتىۋاشلىرىنى، مۇيەسسەر، غالب قاتارلىق گۇماشتىلىرىنى ۋە ئىچكى ئۆلكىدىن ناھايىتى كۆپ زەھەر يۆتكەپ كەلگەن ئىككى نەپەر زەھەر ئەتكەسچىسىنى ۋە كولۇبنىڭ ئىگىسى بولغان لەيلىنى، كولۇبتا زەھەر چېكىپ، زەھەرگە خۇمار بولغان ئاتمىش نەچچە نەپەر ياشنى بىراقلا قولغان چۈشەرگەن ئىدى....
-باشقىلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى بىلەن مېنىڭ كارىم يوق، بەلكىم ئۇلار پاكىتقا ئاساسەن تۇتۇلغاندۇ؟- دېدى زۇمرەت ج خى ئىدارىسىدىكى ئىشەنچلىك تونۇشىغا جەرياننى ئاڭلاپ بولغاندىن بېشىنى چايقاپ،- لېكىن مەن لەيلىنى ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇۋېلىشقا نازارىلىق بىلدۈرمەن...
-ھاياجىنىڭىزنى بېسىۋېلىڭ!- دېدى زۇمرەتنىڭ تونۇشى ئەسقەر ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،- لەيلى-مەجنۇن كولۇبىنىڭ لەيلى نامىدا ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت پاكىتلار يېتىپ ئاشىدۇ.
-ئۇ ئالدانغان، زەھەر گوروھى لەيلىنىڭ سادىلىقىدىن پايدىلانغان!- دېدى زۈمرەت ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى شىلتاپ.
-بولدى، بۇ ئىشنى بىز تالاشمايلى!- دېدى ئەسقەر زۇمرەتنى شىللىسىدىن تۇتۇپ كىرسىلودا ئولتۇرغۇزۇپ،- بۇ مەسلىنى ئىككىمىز ھەر قانچە تالاش-تارتىش قىلىشساقمۇ ھەل قىلالمايمىز ۋە لەيلىنى ئاقلىيالمايمىز،- ئۇ بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك قوشۇپ قويدى،- باشقىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، لەيلى ئوتتۇز پىرسەنت مەبلەغ سېلىپ، قانداقسىگە پايدىنىڭ يەتمىش پىرسەنتنى ئالىدۇ.
-...
-...
ئىككەيلەن بىر-بىرىنى قايىل قىلالماي ئۇزاق تالاشتى، بۇ ئىشلار خۇددى ئەسقەر ئېيىتقاندەك، ئىككەيلەن ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس ئىدى، دېگەندەك لەيلىنىڭ ئالدانغانلىقى راست، ئەمما ئۇنىڭ يەتمىش پىرسەنت پايدىنى ئالغانلىقىمۇ راست ئەمەسمۇ؟!
زۇمرەتنىڭ يېقىن تونوشى ئەسقەر زۇمرەتنىڭ توي قىلىدىغان يىگىتى بولۇپ، ئۇ ياش تۇرۇپلا ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىدىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ئىدى. زۇمرەت ئاخشام لەيلىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپلا ئەسقەرگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ تېگىنى  ئوقۇپ بېقىشنى تاپىلىغان، ئەسقەرمۇ شۇ ھامان ئىسسىق ئورنىدىن تۇرۇپ كېچىلەپ ئېلىپ بېرىلغان سوراققا قاتنىشىپ يوقارقىلاردىن خەۋەر تاپقانىدى...
ئەسقەرگە ئىدارە باشلىقىدىن تېلېفون كېلىپ زۇمرەت كېتىشكە مەجبۇر بولدى، لېكىن ئۇنىڭ كاللىسىدىن زادىلا ئۆتمەيتتى.
«ھۆرمەتكە ئىگە بولاي دېسەڭ، سېنى باشقىلارنىڭ بەك قىزغىن سۆيۈشىدىن ساقلان» بۇ گەپنى كىم دېگەن بولغىيىتتى؟ شۇنداق بۇ گەپ راست، نەپرەتلىنىشكە قارىغاندا سۆيۈشنى تېزگىنلەش تەس ئىكەن، زۇمرەت ھەر قېتىم لەيلى غالبنىڭ تەرىپىنى قىلغاندا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ غالبنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى تىلغا ئېلىپ ماختانغاندا «مۇھەببەت بىلەن ھۆرمەت ھەرگىز بىر ئىش ئەمەس، ئېھتىيات قىل!» دەپ ئاگاھلاندۇراتتى. مۇھەببەت تۇيغۇسى ئاشىق-مەشۇقلارنى، يېڭىدىن مۇھەببەت باغلىغانلارنى ھەددىدىن زىيادە ئىشەندۈرۋېتىدىكەن...
زۇمرەت تېگى يوق خىياللار ئىلكىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىدى، ئۇ دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىكەن، بىر تونۇش دوختۇرنى تېپىپ بىر ھەپتىلىك كېسەللىك ئىسپراپكىسى ئالدى، ئۇنى ئىدارىغا تاشلاپ بېرىپ، لەيلىگە يارىدەم قىلماقچى ئىدى، توغرا قېيىنچىلىققا قالغان ئادەم، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلار بىرەرسىنىڭ يارىدەم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ...
    زۇمرەت ھەقىقەتەن دوستلۇققا يارايدىغان قىز ئىدى، دوست دېگەن دوس بولغۇچىنىڭ يەنە بىر ھاياتى، ھەقىقى دوست بىر-بىرىگە سەمىمى، ئاقكۆڭۈل كۆرىنىدۇ، دوستلارنىڭ ياخشى كۆڭلى ھەر قانداق ئىشنى ئاسانلاشتۇرالايدۇ. شۇڭا زۇمرەت قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ دوستىنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىشقا، ئۇنىڭغا يارىدەم قىلىشقا ئاتلىنىپ ئېسى-يادى لەيلنىڭ ئىشىدا بولدى، ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالاتتى، بەزىدە تۇيغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالاتتى...
زۇمرەت بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەسقەر ئارقىلىق يەنە مۇنۇلاردىن خەۋەر تاپتى؛
    زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىدى ئۇلاپ سوراق قىلىش، ئۆز-ئارا بەتلەشتۇرۇش، پاكىتلارنى بېكىتىش ئارقىلىق ئەسمەت، كامالەت ۋە مۇيەسسەر ئەڭ چوڭ زەھەر يۆتكەش، سېتىش گۇرۇھىنىڭ كاتىۋاشلىرى بولۇپ، غالب گەرچە دۆلەت مەمۇرى بولسىمۇ، پۇل، مال-دۇنيانىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئۆزى زەھەرگە خومار بولۇپ، زەھەر چېكىپلا قالماي نۇرغۇن زەھەرنى سېتىش، نۇرغۇن ياشلارنى زەھەرلەش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن، ئەسمەت، كامالەت، مۇيەسسەر قاتارلىق زەھەر گوروھىدىكىلەرنىڭ ھەممە پىلان ۋە قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ پاكىتلىرى تولۇق قولغا چۈشكەن بولۇپ، غالب بىلەن لەيلىگە قورغان قىلتىقى، بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى تولۇق پاش بولغان، بولۇپمۇ ھېلىقى كۈنكى ئادەم قېلىپىدىن چىققان رەزىلىكنىڭ سىن لىنتىسى، يانفۇندىكى سۈرەتلىرى قولغا چۈشكەن بولۇپ، زەھەر گۇرۇھىنىڭ ئىنتايىن رەزىللىگىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. مۇيەسسەرنىڭ «قۇرسۇقۇمدا بار» دېگەننى نىقاب قىلىپ، كېپىلگە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن لاباراتورىيىلىك تەكشۈرۈتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ راست قوسقىدا بارلىقىنى ئېنىقلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، مۇيەسسەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەمدە غالبقىمۇ يۇقتۇرۇپ جەمئىيەتتىن ئۆچ ئالماقچى بولغانلىقىلىرىغىچە ئەمەلىلەشتۇرۇپتۇ.
    ئەسقەرنىڭ ئېيىتىشىچە، ئەسمەت بىلەن كامالەتكە ئۆلۈم جازاسى، مۇيەسسەرگە بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىدە گەپ يوق ئىكەن، لەيلىگە بىر ئاز ئۇۋال قىلىنغان بولۇپ، گەر ئۇ زەھەر گوروھىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن «كولۇب» نىڭ ئۇنىڭ نامىدا بولغانلىقى، ئوتتۇز پىرسەنت پاي قۇشۇپ، يەتمىش پىرسەنت پايدىغا ئېرىشكىنى ئۈچۈن ئون يىللىقتىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ مۇمكىنچىلىگى چوڭ ئىكەن...
2014-يىل مارت
ئادىرىسى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مەكتىپى پەيزاۋات شۆبىسى
تېلېفونى: 13999086084   چچى نۇمۇرى: 2262493780

6

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1136

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
606
مۇنبەر پۇلى
550
ئىشەنىچ
606
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 09:35:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئىسىت نىمانچە ئېچىنىشلىق ھە ،

باھا سۆز

سەيياھ بەك تەسىرلىك يىزىلىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 14:32

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

11

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
9
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-29 19:14:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi kan japa tartip siz

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

15

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
13
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 12:09:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نېمە ئىش بولۇپ كەتتە بۇ~ھەجەپ ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى

باھا سۆز

سەيياھ ياخشى يىزىلىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 14:30
سەيياھ ياخشى يىزىلىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 14:29
سەيياھ ياخشى يېزىپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 22:02
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 22:01:06
بۇ ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ.رەھمەت سىزگە.

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

287

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
139
مۇنبەر پۇلى
139
ئىشەنىچ
139
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 13:54:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايە تولىمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ،قەلەملىرىدىن نۇر چاقنىسۇن !

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

132

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
54
مۇنبەر پۇلى
86
ئىشەنىچ
54
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 13:32:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hata bisilhan bir kadam ,adamni umurluk puxaymanha kalduridu.ibrat alsak bulidikan.
تەۋپىق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 14:46, Processed in 0.166943 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش