تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1766|ئىنكاس: 8

بۈگۈنكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەخلاق ئەھۋالىغا قىسقىچە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

89

تېما

10

ئەگەشكۈچى

1996

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
271
مۇنبەر پۇلى
1376
ئىشەنىچ
271
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 11:18:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەخلاق ئەھۋالى

تورغا يوللىغۇچى:مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

    ئەرەب جەمئىيتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن دېيىش كېرەك.بەزى ئەنئەنىچى ئەرەب ئالىملىرى ئىسلام ئەخلاقىنى ئۇمۇمىي تۇرمۇش شەكلى سۈپىتىدە بايان قىلىپ،بۇ شەكىل ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا تاقىشىدۇ،دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئىسلام دىنىنى بەدەلى گۇناھ تۇيغۇسى،بويسۇنۇشچانلىق،ئاقىلانە كۈچ-قۇۋۋەت ۋە تەبئىي يۈزلىنىشتىن ئىبارەت تۆت مۇھىم مەزمۇنغا  يىغىنچاقلايدۇ. مانا شۇنىڭدىن ئىسلامىيەتنى «تەبىىئى»ئىجتىمائى ئېتىكا سېستىمىسى دەپ شەرھىيلەيدۇ. بۇ ئامىللار ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىكىسىنى قايتا  بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىپ،بۇ ئەنئەنىۋى ئېتىكا ئىنسانىيەتنىڭ مەسلىلىرىنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلدى، شۇڭا بۈگۈن بۇ خىل ئېتىكا ئەندىزىسىگە زامانغا لايىق مۇئامىلە قىلىنسىلا كۇپايە دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار ئىسلام دىنىنى ھەرىكەت ھالىتىدىكى مەدەنىيلىك،بۇ دىن ھازىر غەربنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىپلا قالماستىن بەلكى ئىككى خىل مەدەنىيلىكنىڭ توقۇنۇشىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.يەنى ئۆز-ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشقا يېڭىۋاشتىن يېقىنلىشىش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈستىدىكى تۇقۇنۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.ئىسلام دىنى ئۇزۇن يىللار رىمۇنت قىلىنماي قالغان  ناھايىتى چوڭ قەدىمكى بىناغا ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ ئۇلى ئىنتايىن پۇختا بولسىمۇ،لېكىن بەزى قىسىملىرىنى ھەقىقەتەن قايتىدىن ياساشقا توغرا كېلىدۇ،دەپ قارايدۇ.
    ئەمەلىيەتتە1920-يىلدىن1950-يىللارغىچە غەرب مەدەنىيتى ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا بولغان خىرىسى كۈچىيىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىدا ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. بۇنداق ئۆزگىرىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ زورايدى.
    ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى مىسىرلىق يازغۇچى شەرۋى خانىم1923-يىلى خەلقئارا ئاياللار ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رىمغا كېتىۋېتىپ،پاراخۇتتا بېشىدىن چۈمبەلنى ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىپ،چۈمبىلىنى ئېلىۋەتكەن تۇنجى ئەرەب ئايالى بولۇپ قالغان.شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەب دۇنياسىدا غەربنى دوراشتىن ئىجتىمائى بۆلۈنۈش،ئەخلاقتا چېكىنىش پەيدا بولدى. دۆلەتلەرنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۆزگىرىشمۇ پەرقلىق بولدى.
    سەئۇدى ئەرەبىستانىدا شەرىئەتكە ئەمەل قىلىنىدۇ.شۇڭا ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
مىسىردىكى ئەخلاق ئەھۋالى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىگە ئوخشىمايدۇ.1952-يىلىدىن كېيىن مىسىردا ئەخلاق ئىسلاھاتى تەييارلاندى.ئىسلاھاتچىلار ئەنئەنىۋى ئېتىكا قارىشى ھۇرۇنلۇق ئامىللىرىنى پەيدا قىلدى،ۋاقىتنىڭ ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.ئېتىكا قارىشىنى مەقسەتلىك ئىسلاھ قىلىش كېرەك،دەپ قارىدى.نەتىجىدە ئىجتىمائى ئەخلاق،نىكاھ،ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە  غايەت زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى.بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئىجابىي تەسىرى رۆشەن بولدى.ئاياللار ھوقۇقى مەسلىسىدە ئاياللارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتىرىلدى،ئۆز قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئاياللارنىڭ قىزىق سۆز تېمىسى بولۇپ قالدى. كەسپىي ئەخلاق تەشەببۇس قىلىندى،مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ياخشى ئۆلچەملىرى پۇقرالار ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى.لېكىن،بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىمۇ رۆشەن بولدى.يەنى غەرب ئېتىكا قارىشىنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا،ئەخلاق جەھەتتە  قاتىللىق قىلىش،زەھەر چېكىش،شەھۋانىي جىنايەت سادىر قىلىش،زىناخورلۇق قىلىش،ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئادەمنى ئەنسىرىدىتىغان ئەخلاقسىز قىلمىشلار كۆپەيدى. مەسىلەن:زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش مىسىردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ تۈرى كۆپەيدى.نەشە،ئەپيۇن،خىروئىن،كوكايىننىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغان بولدى.مىسىردا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارنىڭ يېشى بارغانسىرى تۆۋەنلىگىلى تۇردى(تېخىمۇ كۆپ چۇڭقۇر تېمىلارئۇيغار تورىدا).ھەتتا 10ياشقا كىرمىگەن بالىلارمۇ زەھەرچېكىشكە خۇمار بولۇپ قالدىد.زەھەرلىك چېكىملىك ئاشكارىلاشتى.زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش ئاشكارا خەلقئارالاشتى. ھەتتا چېكىشكە بولىدىغان پوچتا ماركىلىرى چىقتى.ماركىنىڭ كەينىگە سۈركەلگەن شىلىمسىمان ماددا ئادەمنىڭ مەركىزى نېرۋا سېستىمىسنى غىدىقلايدىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم 1-ماركىنى چېكىپ دەسلەپ خامۇش بولغاندىن كېيىن1-2سائەت روھلىنىپ كېتىدۇ.ئاندىن كېيىن ھاڭۋاقتى بولۇپ قالىدۇ،ئىچى ئېلىشىدۇ،ياندۇرىدۇ،يەنە چەككۇسى كېلىپ تۇرىدۇ.زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى پەيدا قىلغان سەۋەبلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەخلاق سەۋەبىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئۇنى چەككەنلەر زەھەرلىك چېكىملىك ئادەمنى مەنىۋى جەھەتتىن يېنىكلىتىپ قويىدۇ،خۇشاللاندۇرىدۇ،دەپ قارايدۇ.بۇنىڭغا ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىكى،ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشى،ئاتا-ئانا تەربىيسىنىڭ بوشاپ كېتىشى،جەمئىيەتكە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەملىكى،ئۈمىدسىزلىك كەيپىيات قاتارلىقلارمۇ سەۋەبچى بولغان.
    ئامماندىمۇ ئەنئەنىۋى ئىسلام ئېتىكا قارىشى خىرىسقا دۇچ كەلدى.ئەڭ رۆشەن ھادىسە شۇ بولدىكى،ئاممان كوچىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئايال ساقچىلار پەيدا بولدى.ئۇلار يېشىل يوپكا،ئاق كۆڭلەك،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ،ساقچى شەپكىسى كېيىپ،ئاق-قارا بالداقلىق رېمىن تاقىدى.بۇ ئايال ساقچىلارنىڭ كوچىلاردا تەرتىپ ساقلىشى ئاممان جەمئىيتىدىكى ھەرساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئىگە بولدى.بۇ،ئەرلەرن تالانىڭ ئىشىنى قىلىش،ئاياللار ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىش دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئەخلاققا قىلىنغان خىرىس.
    ماراكەشتىمۇ جىنايەت سادىر قىلىش كۈنسايىن ئېغىرلاشتى.ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ساقچى ئەمەلدارى خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ،ئىككى يىلدا 518ئايالنىڭ ئىپپىتىگە چېقىلغان ئەھۋال كۆرۈلدى.
     تۇنىستا ئاياللار نىكاھلىنى توختامى تۈزۈشكە ھوقۇقلۇق،ھېچقانداق ئادەمنىڭ ھامىيلىقىنى كېرەك قىلمايدۇ.كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى مەنئىي قىلىنغان.سوت ھەرقانداق نىكاھتىن ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى بېجىرىدۇ.ئايال ھېچقانداق سەەب كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا بولىدۇ.
    باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ بەزى ئەخلاق قاراشلىرىدا ۋە ئەخلاق ئەھۋالىدا ئۆزگىرىشلەر بولدى.ئەڭ ئۇمۇميۈزلۈكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەخلاق قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بولدى. يەنى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزگە،شەخسلەرنىڭ بانكا،سۇغۇرتا شىركىتى،ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئېچىشىغا،پاي چېكى سودىسى قىلىشىغا يول قويۇلدى.چەتئەللەرنىڭ چېكىنى سېتىۋېلىپ غايەت زور پايدا ئېلىشمۇ تەدرىجى قانۇنلاشتى.
    ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بۆلۈنۈش ھالىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن،ئەرەب دۇنياسىدىكى ئېتىكا پەرقىمۇ چوڭ بولدى. بۇنى ئېتىكا جوغراپىيسىگە دائىر بىرەر چوڭ كىتاب يېزىپ مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ۋەھالەنكى، ئۇمۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا،ئىسلام دىنى داۋاملىق مەۋجۇتلا بولىدىكەن،سىرتقى دۇنيا بىلەن،بولۇپمۇ غەرب بىلەن قارشىلىشىدىغانلىقىنى مۇقەررەر ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ،لېكىن ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ھېلىمۇ ئۆز رۇلىنى جارى قىلىۋاتىدۇ. سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش يەنىمۇ تەرەققىي قىلسىمۇ بۇ جەريان ئىسلام تەرتىپى بىلەن بىللە داۋاملىشىدۇ.
مەنبە:ئابدۇللاجان كېرەم تەرجىمە قىلغان«بۈگۈنكى زامان ئىسلام-ئەرەب پەلسەپىسى»ناملىق كىتابنىڭ 364-بېتىدىن368-بېتىگىچە بولغان مەزمۇندىن ئېلىندى.  
بەخىت_ ئەقلىيلىك ۋە قىزغىنلىقنىڭ قوشۇلۇشىدىن كېلىدۇ.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
5
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 14:23:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەپ ياۋايىلىرى تىرورلۇق ۋە دىنى ئەسەبىيلىك ئىچىدە گۇمران بۇلدۇ.21-ئەسىردە ئەرەپ ياۋايىلىرىنىڭ نالە پەرياتلىرى پۇتكۇكۇل ئالەمنى بىر ئالىدۇ.تۇركى قەۋىملەر ئەرەپ ياۋايىلىرىنىڭ رەزىل جىنايەتكار ئىدلوگىيسىدىن يىراق تۇرشى كېرەك
.بۇگۇنكى مەدىنى جەمىيەتتە
ھەر قانداق ئىلغار ئىديە بولغان تەغدىردىمۇ زورلاپ تېڭىشقا بولمايدۇ .زورلاپ تېڭىشنىڭ دەردىنى بىز ئۇيغۇرلار يەتكۇچە تارتۇق .تارىخ بىزنى ئىزچىل زورلاپ كەلدى .ئەڭ چوڭ كەمسىتىش -باشقا قەۋىملەرنىڭ ئىشەنگەن ئىلاھىنى ھاقارەتلەشتۇر.ھەر قانداق قانلىق تۇقۇنۇشنىڭ كەينىدە بىر مۇستەبىت ھۆكۇمراندۇر.دەل زورلاپ تېڭىلغان ئىديە بى ئەجەل ئۆلگەنلەرنىڭ بى ھۇدە تۆكۇلگەن قانلارنىڭ جاۋاپكارىدۇر .مەنچە مەيلى پىرخون ،پاھىشە ،ھەمجىنىس،دىھقان،دىۋانە،سەرگەردان ۋە ياكى مۇسۇلمان ،كومنىسىت،خىرىستان،بۇددىست،ھىچ قايسىسى كەمسىتىلمەسلىكى كېرەك.«پەقەت مۇستەبىت،پارخور،چىرىك،خىيانەتچى بولمىسلا»ھەممە-دىنى ،ئۆرۇپ- ئادىتى ،مىللىتى ،ئىرقى، جىنسىگە قارىماي ئورتاق ھۆرمەتلىنىشى كېرەك ،بارچە ىئنسانلارئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى،تۇمۇش شەكلى ۋەۆزى ئىشىندىغان ئىلاھىنى تاللاش ئەركىنلىگىگە ئىگە.بىزگەكېررىكى يۇقارقىلارنى
كاپالەتكە ئىگە قىلدىغان مىخانىزىم.بىزيۇقارقىلارنى 18-قۇرۇلتاي ۋەئىككى يىغىندىن كۇتتۇق نەتىجىسىنى كەلگۇسى ئىسپاتلار.ئىسلام دىننىڭ تىىرورلوق بىلەن ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتى بار .دىننى ئاشقۇن كۇچلەرنىڭ يەھۇدى ئەرەپلەر نىڭ قالاق ئدلوگىييسىدىن قۇبىل قىلغان رەزىل ئديىسىنى خاللىغانچە داۋراڭ سېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.دىننى بۇلۇپمۇ رادىكاللىققا يۇزلەنگەن ىئسلامنى قانۇن بۇيچە قاتتىق باشقۇرۇپ ماركىسىزىم ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇپ ئازغان ئاممىنى ماركىسىزىم  بىلەن قۇرللاندۇرۇپ رىال ئەينەن دوزاقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك..قانداقتۇر قالاق موللا تىرىك مۇردا روپاشلارغا ئەمەس.ج ك پ غا ەگىشڭلار.
ەسكى تۇماققا سېسىق كاللا خېرىدار8  


ج ك پ ئەڭ ئۇلۇغتۇر ئەبەدىدۇر ھەر مۇسۇلمان ئالدى بىلەن ج ك پ نى سۇيىشى كېرەك.ئەڭ ۇلۇغ كىشلىمىز ماركىس داھمىز ماۋجۇشى باش شۇجى شى جىن پىڭ   ئالىلىرى ۋە بىزنى دوزقتىن قۇتقازغۇچى رەىىسىمىز نۇر بەكرى  

8

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3401

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1033
مۇنبەر پۇلى
2183
ئىشەنىچ
1033
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 19:31:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارشىنى كىشىلىك ئەركىنلىك قارشى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇلار كوللېكتىۋىزىملىق ئەخلاق قارشىنىڭ يەككە ھالەتتىكى ئەركىنلىك مەۋجۇت  بولۇپ تۇرغان ھالدىكى ئەخلاق قارىشىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

10

تېما

23

ئەگەشكۈچى

4955

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2741
مۇنبەر پۇلى
2359
ئىشەنىچ
2741
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 03:05:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى ماتېريال يوللاپسىز ، ئەركيار ئەپەندىم .
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تەرجىمە ئەسىرى ‹‹ ھۆكۈمرانلار دەستۇرى›› دىكى بىر ئابزاسنى دائىم ئەسلەپ قالىمەن .

    سىياسەت دېگەن رەزىل ، يىرگىنىشلەك نەرسە . ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى - ھوقوققا ئېرىشىش ۋە ئۇنى قوغداش . ئۇلار بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ ، تاللىغان ۋاستىسى ئەخلاققا زىت كىلەمدۇ كەلمەمدۇ كارى بولمايدۇ .
مەن ئويلايمەن ئوخشاش بىر شەيئىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆزەتكەندە ، ھەر كىم ھەر خىل تۇيغۇلاردا بولىدۇ . ئەمالارنىڭ كۈزىتىش ئۇسولى ئەلۋەتتە ئالاھىدە . ئىلىم - پەن تەرەقىياتى بولمىغان مۇسۇلمان توكۇرغا ، ئىلىم -پەن تەرەقىياتى ئۈستۈن بولغان مۇشرىكلار ئەماغا ئوخشىسا ، بىرى - بىرنى يۈدىمىسە مەنزىلىگە بارمىقى تەس .ئەكسىچە ھەر ئىككىلىسى ساغلام بولغان ئورگانىزىم ئىگىسى بولسا ئىشلار باشقىچە ( ياخشى) بولاتتى . ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلمىغۇچىلار گاچا ، ئاڭلىمىغۇچى گاس . روھى جەھەتتىكى بۇ خىل مىيىپلىك ئىنسانىيەت پاجىئەسىنىڭ ئاساسى .

مۇقەددەس كىتابىمىزدا ئېيتىلغان ...ئىنسان ھەقىقەتەن ئۆزىگە - ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچى . . .

ئاخىرىدا شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ . كىمىكى ياراتقۇچىنى تۇلۇق سۈپەتلېرى بىلەن تونۇشقا ئۇرۇنسا ، ئۆزىنى چۈشىنىشكە شۇنچىكى يېقىنلىشىدۇ .

189

تېما

9

ئەگەشكۈچى

6110

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3068
مۇنبەر پۇلى
2464
ئىشەنىچ
3068
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 15:04:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەپلەر ئادىمىلىكتىن ياتلاشقان مىللەتمىكىن دەيمىنا...

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

276

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
31
مۇنبەر پۇلى
266
ئىشەنىچ
31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 13:19:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 14:23
ئەرەپ ياۋايىلىرى تىرورلۇق ۋە دىنى ئەسەبىيلىك ئىچىدە گ ...

sizdak danalarinig arimizda hazirmu barlikini oyolap bakmaptikanman yaxap ketig!!!!!!!!!!!

1

تېما

1

ئەگەشكۈچى

442

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
114
مۇنبەر پۇلى
334
ئىشەنىچ
114
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 01:53:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەرەپلەرنى بەك ياقتۇرۇپ كېتەلمىدىم. ساۋاقداشلىرىم بار، ئەمما ياخشى تەسىر بەرگىنى ئاز. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقىمىز بار، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئازىراق سۆكۈپ، خەققە چوقۇنىدىغان ئىشنى ئازىراق قىلغىنىمىز ياخشى. كۇچانىڭ سوپۇنى خېمىيىلىك سوپۇندىن ئەۋزەل......
ھەرتۈرلۈك بېسىم ۋە تاجاۋۇزلار سىزدىن زىمىن، بايلىق قاتارلىق نۇرغۇن ماددىي نەرسىلەرنى تارتىۋالالايدۇ.ئەمما ئۇنۇتماڭكى، قەلىبتىكى يۈكسەك نىشان، ئېتىقاد، ئېڭىڭىزدىكى ئىدىيە ۋە كۈچلۈك تەپەككۇرنى ياراتقۇچىدىن باشقا ھېچكىم تارتىپ ئېلىپ كېتەلمەيدۇ! شۇڭا چۈشكۈنلۈك، ئۈمۈدسىزلىكتىن چوقۇم يىراق تۇرۇڭ!

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 00:53:30يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 14:23
ئەرەپ ياۋايىلىرى تىرورلۇق ۋە دىنى ئەسەبىيلىك ئىچىدە گ ...

ساڭا بىر ئىغىز تەكلىپىم ،ئەڭ ياخشىسى نامىڭنى قالپاققا ئۆزگەرتەۋال ،………

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

548

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
174
مۇنبەر پۇلى
374
ئىشەنىچ
174
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-7 12:02:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قالپاقا ئەمەس ،شاپاقا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 01:02, Processed in 0.115965 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش