قەشقەر شەھىرىدە «ئېچىل نورۇز گۈلىدەك، كۈلسۈن مىسكىن مىڭ يۈرەك» خەير-ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
ئىختىيارى مۇخبىر قەمەردىللا دولقۇن، مەرھابا ئېزىز خەۋىرى، فوتوسى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى «ئېچىل نورۇز گۈلىدەك، كۈلسۈن مىسكىن مىڭ يۈرەك» خەير-ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى «خان جەمەتى» قەھۋەخانىسىدا قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى مۇخبرلىك-ئالاقىچىلىك مەركىزى، قەشقەر «ئىچىل» پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قەشقەر مېھرىبان ياشلار خەير-ساخاۋەت ئىتتىپاق ياچېيكىسى، قەشقەر «ساخاۋەتچى ئاتىلار، ساخاۋەتچى ئانىلار» مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش گورۇپپىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى نورۇز كېچىلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ۋىلايىتىمزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە يېتىلىۋاتقان ئىشتىن سىرىتقى ناخشا چولپانلىرى، كۈلدۈرگە ئارتىسلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر نورۇزغا ئاتاپ تەييارلىغان مەزمۇنى ساغلام، شەكلى ھەر خىل ئىجادىيلىق سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، شىئىر ئوقۇپ، نورۇز ئەھلىنى ھاياجانغا چۈمدۈردى. پائالىيەت داۋامىدا پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بەس-بەستە 12 مىڭ 10 يۈەن ئىئانە قىلىپ، نەق مەيداندا ۋىلايەتلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن كەلگەن 17 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 500 يۈەندىن ۋە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 3500 يۈەن ئىئانە قىلىپ، باش باھاردا مىسكىنلەر قەلبىنى ئىللىقلىققا چۈمدۈردى.
سۈرەتتە: سەنئەت پائالىيتىدىن بىر كۆرۈنۈش.
|