باھار كەلدى نورۇز كەلدى
ئابدۇغېنى ساۋۇت ئاچارى
كۈن تۈنلەرگە، تۈن كۈنلەرگە ئۇلىشىپ، ۋاقىت بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتتى.دۈشەنبە سەيشەنبىنى دەسسەپ، چارشەنبە پەيشەنبىنى قەستلەپ، جۈمە بۇ كۈنلەرنى رەتلەپ، شەنبە يەكشەنبىگە يەتتى. قوياش ئايلاندى؛ ۋاقىت ئايلاندى؛ بىزلەر ئايلاندۇق. كۈنلەر ئايلىنىپ ھەپتىلەر بولدى؛ ئايلار ئايلىنىپ يىللارمۇ تولدى. پەسىللەر ئالماشتى. بالىلاغا بوي، قەلىبلەرگە ئوي؛ يۈزلەرگە قورۇق، ساقاللارغا ئاق ئولاشتى. رەڭدار دۇنيادىن، دەۋىر تەرەققىياتىدىن كۆزلەر قاماشتى. باھار كىتىپ باھاكەلدى، نۇرۇز كىتىپ نۇرۇز كەلدى.كەڭ كائىنات، ئۇلۇق تەبىئەت سېخىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ھەم گۈزەل، شۇنداقلا مول داستىخىنىنى يايدى.كۈللى مەۋجۇدات شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ، ئۆز مەۋجۇتلىقى ۋە ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ‹‹دۇنيا گۈزەل ھاياتمۇ گۈزەل›› ، بۇ ھاياتلىق سەھنىسى قاينام تاشقىنلىققا چۈمدى. ‹‹قۇياش ھەر كۈنى يېڭى›› كۈن، ئاي، يىللارمۇ يېڭى؛ بىز قوياشنى ھەرگىزمۇ تۈنۈگۈنكى ياكى بۇلتۇرقى قوياش دېمەيمىز؛ يەكشەنبە، دۈشەنبىنى تۈنۈگۈنكى يەكشەنبە ياكى دۈشەنبە ئىدى ، ئۇ يەنە كەپتىغۇ دېمەيمىز ھەم مەڭگۈ دېيەلمەيمىز. چۈنكى ئۇ يەنە كەلسىمۇ يېڭى، يېڭى مەنا، يېڭى تۈس،يېڭىچە ھاياتى كۈچ بىلەن كېلىدۇ. ئاي ۋە يىللار كەلسە ھەرگىز قۇرۇق كەلمەيدۇ.بىزچۇ؟ كۈن ئايلىنىپ ئايلار بولدى؛ئاي ئايلىنىپ يىللار بولدى. بىز نېمىگە ئايلاندۇق؟ دەرەخ بولسا ئۆزىنىڭ قانچىلىك يوغانغانلىقى ۋە قانچىلىك مېۋە بەرگەنلىكى، ھاۋانى ساپلاستۇرۇپ ئىنسانىيەتكە قانچىلىك ساپ ھاۋا ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلالىغانلىقى بىلەن ئۆزىنى خۇشال ۋە مەغرۇر تۇتىدۇ. سىز ۋە بىزچۇ؟ سىز بۇلتۇرقى سىز، مەن بۇلتۇرقى مەنمۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئىدىيمىزنى، ھەرىكىتىمىزنى، بىلىمىمىزنى يېڭىلىيالىدۇقمۇ؟ جەمئىيەتكە، خەلىققە بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىدۇقمۇ؟ بۇ بىر يىلدا نېمىلەرنى قىلماقچى ئىدۇق، نېمىلەرنى قىلالىدۇق، بىز بۇ بىر يىلغا ، ھاياتىمىزغا، جەمئىيەتكە قانداق جاۋاپ بېرەلىدۇق ..... نورۇز دېمەك، يېڭى يىل دېمەك، يېڭى يىلنىڭ بېشى دېمەك. نورۇز كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ ،يېڭى يىلنى كۈتىۋالىدىغان، كونا يىلغا ھېساپ بېرىپ، يېڭى يىللىق ئىشلار ئۈچۈن ۋەدە بېرىدىغان خاسىيەتلىك ئۇلۇق بىر كۈن.‹‹يىلنىڭ بېشى باھاردىن،ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن›› ئەمەسمۇ! ۋاقىت ئاتقان ئوق، ئۆمۈر ئاققان سۇ. ئاتقان ئوق مەڭگۈ كەينىگە يانمايدۇ. سۇ ئېقىپ- ئېقىپ ئاخىرى تۇپراققا سىڭىپ تۈگەپ كېتىدۇ. بىز بۇ دۇنياغا بىرلا كېلىمىز. ئېقىپ- ئېقىپ سۇدەك تۇپراققا قوشۇلۇپ كېتىمىز. ‹‹ كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق›› تۇپراقتىن چىقىپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىمىز. باھار كېتىپ باھار كەلدى، نورۇز كېتىپ نورۇز كەلدى.لېكىن، بىزلەر كەتىسەك مەڭگۈ كەلمەيمىز. نورۇز ئۆملۈك، ئىناقلىق بايرىمى،بىرلىك ئىتتىپاقلىق،باراۋەرلىك بايرىمى. باھار كەلدى نورۇز كەلدى،غەم-ئەندىشە،تەشۋىشلەر يۈرەكلەردىن كۆچ. باھار كەلدى نورۇز كەلدى، پىتنە-پاسات، غەيۋەت- شىكايەت، چېقىمچىلىق ئېغىزلاردىن كۆچ. باھار كەلدى نورۇز كەلدى، بوشاڭلىق، ھورۇنلۇق، ئېزىلەڭگۈلۈك بوسۇغۇلاردىن كۆچ. باھار كەلدى نورۇز كەلدى،بىلىمسىزلىك ،نادانلىق،ئىتتىپاقسىزلىق قەلىبلەردىن كۆچ. باھار كەلدى نورۇز كەلدى،كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشتى.بۆلگۈنچىلىك،ئادالەتسىزلىك تەڭسىزلىك مەڭگۈ مەڭگۈلۈككە كۆچ.يىراق-يىراقلارغا كەت. |