تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 374|ئىنكاس: 8

يەنە كەلدىڭ نورۇز ( نەسىر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

ئەگەشكۈچى

411

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
66
مۇنبەر پۇلى
355
ئىشەنىچ
66
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 18:36:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە كەلدىڭ نورۇز ( نەسىر )

بارلىق قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !

نورۇز ، يەنە كەلدىڭ !  تەبىئەتتىكى قار- مۇزلارنى ئىرىتىپ ، جانلىقلارنى ئويغۇتۇپ ، جاھاننى يېشىللىققا ، گۈل -چېچەككە پۈركەتكىلى ، ئىشچانلارغا تىرىشچانلىق ئاتا قىلغىلى يەنە كەلدىڭ !
مەرھابا ! قەدەملىرىڭگە نورۇز !
ئوغۇز ، سۇتۇق ئېتىنىڭ كىشنەشلىرىنى ، ئاماننىسانىڭ كۈيىنى ، مەختۇمسۇلانىڭ غورۇرىنى ، سادىرنىڭ چوقانلىرىنى ، مۇسابايىۋلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازىنى ، ماناس دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلىرىنى بىزگە ئەسلەتكىلى يەنە كەلدىڭ !
كومراجىۋانىڭ تىۋىشىنى ، << قۇتادغۇبىلىك >> نىڭ ئالماس قۇرلىرىنى ، ئالىپ ئەرتوڭانىڭ ، فارابىنىڭ ئىزتىراپلىرىنى ، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ، نەۋائىنىڭ ... يۈرەك سوقۇشلىرىنى بىزگە ئەسلەتكىلى ، بىزنى ئويغاتقىلى كەلدىڭ !
مەرھابا ئالتۇن قەدەملىرىڭگە نورۇز!
يەنە كەلدىڭ نورۇز ! خوتەن قەغەزلىرىنىڭ ھىدىنى ، ئۇيغۇر زەمبىرىكىنىڭ پۇرىقىنى ئەسلەتكىلى ،  كروران ئانىنىڭ كۆزلىرىگە ، رىزۋانگۈلنىڭ ئوچۇق كەتكەن كۆزلىرىگە قاراشنى ، تىكىلىپ قاراشنى دالالەت قىلىپ كەلدىڭ نورۇز!.
ئەتلەستە كۆينەك ، چىمەندە دوپپا ، ئوغۇزنىڭ روھىدا كەمەر ، نۇزۇگۇمنىڭ كۆز يېشىدا مارجان تەييارلاپ تەبىئەتنىلا ئەمەس ئوغۇل - قىزلىرىڭنى چىرايلىق كىيىندۈرگىلى يەنە كەلدىڭ نورۇز!.
ئاھ ، نورۇز !
بىزنى ئىسمى جىسمىمىزغا لايىق ياشاشقا ، روھىمىزنى ئويغىتىشقا ، تېخىمۇ ئويغىتىشقا  كەلدىڭ يەنە نورۇز!.
بىزدىن ، ئوغۇزنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن نۇرغۇن ئۈمىتلەرنى ، ئالەمچە گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلارنى ، بارچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى كۈتۇپ يەنە كەلدىڭ نورۇز!
مەرھابا ! قەدەملىرىڭگە نورۇز !
مەنبە : خىياللىرىم . مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغان تور بەتكە يۆتكىسىڭىز بۇلىدۇ .

51

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2336

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
700
مۇنبەر پۇلى
1354
ئىشەنىچ
700
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 00:55:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىيا كىندىكى گېزىتى كەچلىك گېزىتلىرىگە سالغايسىز؟

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

20

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
12
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 18:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ تېخىمۇ يېڭى تېملارنى يولاپ تۇرۇڭ دوس .

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

20

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
12
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 18:29:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يول سېلىپ يەنە كەلدىڭ نورۇز
تەڭىرگە ئوغۇل بولۇپ كەلگەن ئوغۇز.
مېھمىنىم بولمدىڭ كۆڭلىمدە تاغ
سەن تەمتىلمدىڭ مېڭىپ كەلدىڭ ئوغۇز.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-15 03:15, Processed in 0.113118 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش