تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 5045|ئىنكاس: 34

«ناۋا پىروگراممىسى» ۋە ئەسەر ھوقۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

67

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
1
مۇنبەر پۇلى
39
ئىشەنىچ
1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 13:32:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يىڭى ناۋا » پىروگىرامىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقى

    يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەدىنىيەت بازىرىدىكى كاساتچىلىق ھەممەيلەنگە ئايان بولغان پاكىتقا ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ شەككىللىنىشىدە ئەلۋەتتە كۆپ خىل سەۋەپلەر بار. بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان ھەمدە كۈنسايىن تەرەققى قىلىپ بېرىۋاتقان كۈنىمىزدىكى مەدەنىيەت بازىرىنىڭ ئىقتىسادى كاساتچىلىقى مەدەنىيەت، جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق توسالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.
ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيتى بىلەن شوغۇللانغۇچى ئىجادىيەتچىلەر، بۇ توغرىسىدا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدەنگۈچىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدىغان كىشىلەردۇر. شۇنى كېسىپ ئىيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئىجادىيەتچىلەر ئېرىشىۋاتقان ئىقتىسادى تولۇقلىما دۇنيادىكى نۇرغۇن قەۋىم ئىجادىيەتچىلىرىدىن تۆۋەن، ئۇيغۇر ئىجادىيەتچىلرى ئۆزى ئېرىشىشكە تىگىشلىك ئىقتىسادى تولۇقلىمىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ، ئۆز ئىجادى ئەمگىكىگە لايىق پەخرى نام، قەدىر - قىممەت ۋە ھۆرمەت ئۇيغۇر ئىجادىيەتچىللىرىگە نىسىپ بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىۋاستە سەۋەبى بولسا ئۇيغۇر جەمىيتىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ۋە ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش، ھۆرمەت قىلىش قارىشىنىڭ سۇسلىقى، ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغدىشىغا كېتىدىغان تەننەرخىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى بولىشىدىن ئىبارەت.
    ئويلاپ باقايلى، ھەممە ئىقدىسات بىلەن چۆرگىلەۋاتقان كۈنىمىزدە ئىجادىيەتچىلەر ئۆزى مەڭڭۈ شۇغۇللىنىش يولى قىلىپ تاللىغان، ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن شۇ ئىجادىيتىدىن ئۆزىگە ۋاپا كەلمىسە، ئۇ يازسا، ئۇ ئىجاد قىلسا شۇ ئىجادىيەت ئۇنىڭ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىسا؛ ئەجىبا، بىز ئۇيغۇر ئىجادىيەتچىلەردىن داۋاملىق شۇ كونا ئۆيىدە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئوتتەك قىزغىلىق، قايناق ھىسىيات بىلەن ئىجادىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەخسىيەتسىز رۇھنى نامايەن قىلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كىرەكمۇ؟ ئىجادىيەت قىممىتى، ئىجادىيەتچىنىڭ ھۆرمەت، ئىززىتىگە سەل قاراش ھېلىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، بىز مۇشۇ تەرىزدە كېتىۋېرىدىغان بولساق ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدىغىنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشقان، چۇۋالچاق ھالەتكە كېلىپ قالغان مەدەنىيەت-سەنئەت گەۋدىسى بولۇپ قېلىشى مومكىن. ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئەھۋالىنىڭ يۇقارقىدەك قاتمال ھالدا ئىكەنلىكىگە ياندىشىپ ھازىر بەزى تور ۋاستىلىرى ۋە «ناۋا»غا ئوخشاش تېلىۋىزىيە پىروگىراملىرىدا ئىجادىيەتچىلەرنىڭ مەنىۋى ئىززەتكە، ئەقەللىي ھۆرمەتكە ئېرىشىش ھوقۇقىمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ.
«يىڭى ناۋا » - شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ۋەسلىۋوت كەسپىي مەبلەغچىلىكى ھەمكارلىشىپ 2013 – يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان، كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارلىرىغا، جۈملىدىن ئىجادىيەتچىلەرگە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان، ئۆز ئىجادىيەت تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان مەيدان، سەھنە يارتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ تەسىس قىلىنغان پىروگرامما.  پىروگىرامما يولغا قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەقىقەتەن بەزى ئاكتىپ تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. تېلىۋېزىيە پىروگىراممىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كوزۇر بىر پىروگىراممىغا ئايلاندى. نىسبەتەن جانلىقلىغى، مۇسابىقە شەكلىنى ئالغانلىقى، ھەپتىدە بىر يېڭىلىنىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن زور بىر تۈركۈم كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئوخشاش تۈردىكى كونا سەنئەت پىروگىراممىلىرىغىمۇ مەلۇم خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.
كۆرۈلۈش نىسبىتى مانا مۇشۇنداق يۇقىرى بولىۋاتقان، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ ئۈچىلىسىدە ئالماشتۇرۇلۇپ بېرىلىۋاتقان بۇ پىروگرامما يۇقارقىدەك ئاكتىپ تەسىرلەر بىلەن بىرگە يەنە قەتتى سەل قاراشقا بولمايدىغان بەزى سەۋەنلىكلەرنى تۈزەتمەي ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى «يېڭى ناۋا»دىكى ئىجاديەت ھوقۇقىغا سەل قاراش مەسىلىسى.
    «يىڭى ناۋا » پىروگىراممىسىنىڭ ئەسەر – ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلغۇچىلارغا قىلغان كونكىرىت ياردەملىرى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، دۆلىتىمىزدە يولغا قويۇلىۋاتقان «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى »، «‹ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى › نى يولغا قويۇش نىزامى » دا بەلگىلەنگەن بىرنەچچە قانۇن ماددىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
     «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى » نىڭ 2- ماددىسىدا :«جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەسىرى ئېلان قىلىنغان - قىلىنمىغان بولسۇن، مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.. » دەپ بەلگىلەنگەن. «‹ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى › نى يولغا قويۇش نىزامى » نىڭ 6- ماددىسىدا: «ئەسەر ھوقۇقى ئەسەر يارىتىلىپ بولغان كۈندىن باشلاپ بارلىققا كېلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن دۆلىتىمىز پۇقىرالىرىنىڭ  ئەسەرنى ئىجات قىلىش تاماملانغان كۈندىن باشلاپ، ئەسىرىنى ئىلان قىلغان ياكى ئىلان قىلمىغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. بۇ قانۇنننىڭ 10- ماددىسىدا : «ئەسەر ھوقۇقى تۆۋەندىكىكدەك جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئېلان قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئېلان قىلىش - قىلماسلىقىنى بەلگىلەش ھوقۇقى؛ (2) ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، يەنى ئاپتورنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەرگە ئىسىمنى يېزىش ھوقۇقى؛ (3) تۈزىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى تۈزىتىش ياكى باشقا ئادەمنىڭ تۈزىتىشىگە ھوقۇق بېرىش ھوقۇقى؛ (4) ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاش ھوقۇقى؛ (5) كۆپەيتىش ھوقۇقى، يەنى مەتبەئەدە بېسىش، نۇسخا ئېلىپ بېسىش، چاپلاپ بېسىش، ئۈن ئېلىش، سىن ئېلىش، قايتا كۆچۈرۈش، قايتا سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەرنى بىرنۇسخا ياكى كۆپ نۇسخا تەييارلاش ھوقۇقى؛ (6) تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى سېتىش ياكى ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بېرىش ھوقۇقى.... (14) ئۆزگەرتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ ئۆزگىچە يېڭى ئەسەر يارىتىش ھوقۇقى.... (17) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار ..» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇننىڭ 46- ماددىسىدا بولسا «ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ، دەخلى - تەرۇزنى توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق - تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ: (1) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئېلان قىلىۋالغانلار؛ (2) باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلىنغان ئەسەرنى شۇ ھەمكارلاشقان ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆزى يالغۇز ئىجاد قىلغان ئەسەر قاتارىدا ئېلان قىلىۋالغانلار؛ (3) ئۆزى ئىجادىيەتكە قاتناشماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نام - مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە ئسىمىنى يېزىۋالغانلار؛ (4) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بۇرمىلىۋەتكەنلەر، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛ (5) باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلىۋالغانلار...» دەپ بەلگىلەنگەن.
    كونىلاردا «دوست يىغلىتىپ ئىيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ( ئىيتار) » دېگەن گەپ بار. ئەمدى مەن تەپسىلىي، كونكېرىت مىساللار بىلەن «يېڭى ناۋادا»ساقلانغان، ناھايىتى ئىغىر پاسسىپ تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرۇلۇق توختالماقچى، بۇ ئارقىلىق ئۆزۈممۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياختۇرۇپ كۆرۈپ كېتىۋاتقان بۇ پىروگىرامىنىڭ ئۆزىدىكى  خاتالىق، كەمچىللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈزۈتۈپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىشىدە ياردەمچىلىك، ئەينەكلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرماقچى.
    «يېڭى ناۋا» يولغا قويۇلۇپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھېچقايسىبىر سانىدا ماھىرلار ئوقۇۋاتقان ناخشىنىڭ تېكىستى، مۇزىكىسى، چالغۇلاشتۇرغۇچىسى؛ ئوينىغان ئىتوتنىڭ ئىجادىيەتچىسى، رىژسورى؛ دېكلىماتسىيە قىلىۋاتقان شېئىرنىڭ ئاپتۇرى دېگەندەكلەر بىرەر قېتىممۇ رەسمى يېزىقچە شەكىلدە بېرىلمىدى، ئەسكەرتىلمىدى. ئاپتۇرلارنىڭ ئۆز ئەسىرىگە ئىسىم يىزىش ھوقۇقى ئىزچىل ھالدا كاپالەتكە ئىگە بولماي كەلدى. «يېڭى ناۋا»نىڭ يۇقارقىدەك تەرەپلەرگە سەل قاراپ مېڭىۋېرىشى، پىروگىرامما گۇرۇپىسىدىكى خىزمەتچى – خادىملارنىڭ بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشى بىر قىسىم ساختىپەز، نۇمۇسسىز، ئەسەر ئوغرىللىرىغا «يېڭى ناۋا» سەھنىسىدىن ئۆز ساختىپەزلىكىنى يوشۇرىدىغان كەڭرى مەيدان ھازىرلاپ بىرىۋاتىدۇ.
    بىز ئۇيغۇرلاردا ئوغۇرلۇق قىلمىشى كىشىلەر ئومۇمىيۈزلۈك قارشى تۇرىدىغان، تەنقىدلەيدىغان قىلمىشتۇر. ھېلىمۇ ئىنىق ئېسىمدە ، كېچىكلىگىمدە قوشنىمىزنىڭ بېغىدىن تۆت تال شاپتۇل ئوغۇرلاپ قويغىنىمغا مېنى جاندىن ئەزى كۆرىدىغان دادامدىن  ئىككى شاپىلاق يەپ شۇ ئىككى شاپىلاقنىڭ يىغىسى بىلەن بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەنمەن. «يىڭى ناۋا» پىروگىراممىسىمۇ ئىش ئۇقمايدىغان، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغۇرلاشنىڭ خاتالىقىنى، ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئەقىلسىز قاتناشقۇچى ماھىرلارغا نىسىبەتەن ئۆزىنىڭ «دادىلىق » بۇرۇچىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇ خىل قىلمىشلارنى يولى-يولىدا توسۇپ مېڭىشى، داۋاملىشىپ پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. لىكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغان ئەمىلىيەت بولسا، «يىڭى ناۋا » پىروگىراممىسى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەجبۇرىيتىنى ئاكتىپلىق بىلەن دادىل ئادا قىلمايلا قالماستىن ئەكىسچە ئەسەر ئوغرىلىرنىڭ ئۆزىنى ئاپتۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىشىدىكى قوغداش كۈنلۈكى، بوراندىن پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈم بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مىسالنى سۆزلەپ بۇ نوقتىنى كۆرسۈتۈپ بەرمەكچى.
    مەن ئۆزۈممۇ ئەدەبىيات-سەنئەتكە، بولۇپمۇ شېئىرىيەتكە باشقىچە ئىشتىياقىمنى بەرگەنمەن.  شۇ سەۋەپتىنمىكىن گەرچە ئېرىشكىنىم كۆپ بولمىسىمۇ نۇرغۇلىغان ئەدەبىيات شەيدالىرى، قەلەم ئىگىلىرىدەك تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتىمەن. 2011 – يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى «ئانام بار » دېگەن تىمىدا بىر پارچە شېئىر يازغان ئىدىم.  شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئەسىرىنى ئۆز نامىمدا تىزىملاتقان مەكتەپ ئىچى تورى، كوت – كوت بوشلۇقۇمدا ئىلان قىلىپ تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەنگەن ئىدىم، بۇ شېئىرىمنى خىېلى كۆپ دوستلۇرۇم ۋە باشقا تورداشلار خېلى ياختۇرخانلىقى توغرۇلۇق ماڭا ياخشى ئىنكاس، پىكىرلىرىنى بەرگەن ئىدى. كېيىن ئۈندىدار سۇپىسى ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىللىرىدىمۇ خېلى كەڭ تارقالدى،  بۇ شېئىرىم يەنە شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ 2013 يىلى 6-ئاينىڭ 10 كۈنىدىكى شېئىرىيەت سەھىپىسىگە alimcan نامدىكى ئەزا تەرىپىدىن مېنىڭ ئىمزايىم بىلەن يوللانغان ئىدى. «يىڭى ناۋا» پىروگىرامىسىنىڭ 10- سانىدىكى 5-نومۇرلۇق ماھىر ئابدۇراخمان توختى، بۇ پىروگىراممىنڭ 2-باسقۇچىدا «ئانام بار» دېگەن تېمىدا شېئىر دېكىلىماتسىيە قىلدى. مەن بۇ دېكلىمايسىيەنى ئاڭلاۋاتقان شۇ پەيتتە خۇددى سۇ ئىچمەكچى بولۇپ خام ياغ ئوتلىۋالغان كىشىدەك بولۇپ قالدىم. ئارتۇق گەپنى قىلماي باشتا ئۆزۈمنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «ئانام بار» ناملىق شېئىر بىلەن ئابدۇراخمان توختى دېكلىماتسىيە قىلغان ئوخشاش تېمىدىكى شېئىرنى سېلىشتۇرما شەكىلدە بەرمەكچىمەن. يۇقارقى دەپ ئۆتكەن تور ۋاستىللىرىدە كەڭ تارقالغان «ئانام بار» ناملىق شېئىرمنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
ئانام بار
بەخىتلىكمەن كۆزۈمگە قارايدىغان ئانام بار،
مەن يىغلىسام يۈرىكى قانايدىغان ئانام بار.
رەنجىمەيمەن بىلمىسە قەدرىمنى گەر ئۆزگىلەر،
مېنى جاندىنمۇ ئەزىز سانايدىغان ئانام بار.
مۇزلاپ كەتسەم ھاياتنىڭ جۇدۇنىدا رەھىمسىز،
ئوتۇن ئۈچۈن پۇتىنى چانايدىغان ئانام بار.
كىيىملىرىم پارقىراق يۇيۇپ بەرگەچ مىھرىبان،
يىرتىقىمنى ئۇخلىماي يامايدىغان ئانام بار.
رەقىپلەرنىڭ توزىقى، قەستى بىلەن يىقىلسام،
مەدەت بېرىپ،بېشىمنى سىلايدىغان ئانام بار.
قالسام يارسىز يىگانە، بولۇپ تەتۈر پىشانە،
يىغلاپ تۇرۇپ ھالىمنى سورايدىغان ئانام بار.
نەپرىتى ئوق كۆڭلۈمگە ئازار قىلغان كىشىگە،
دۈشمەنلىرىم يولىنى تورايدىغان ئانام بار.
كۈلەر خۇشال، شادىمان، بەختىم كەلسە ناۋادا،
مەن غەم يېسەم ئەنسىرەپ خورايدىغان ئانام بار.
يوللىرىمغا قارايدۇ چىقىپ كەتسەم سەپەرگە،
ئامان كەلسەم ھىدىمنى پۇرايدىغان ئانام بار.
ئامرىقىمنى بەك بىلەر، كۈندە بەختىمنى تىلەر،
ھەممە ئىشىم كۆڭلىگە يارايدىغان ئانام بار.
خۇدايىمدىن تىلەيمەن دېيىشىمنى بىر كۈنى،
ئەۋرىسىنىڭ چېچىنى تارايدىغان ئانام بار.
ئابدۇراخمان توختى دىكىلىماتسىيە قىلغان ئوخشاش تېمىدىكى شېئىرنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
«بەخىتلىك مەن بېشىمنى سىلايدىغان ئانام بار،
مەن يىغلىسام يۈرىگى تىترەيدىغان ئانام بار.
مەن يىقىلسام ھاياتنىڭ ئەگرى توقاي يولىدا،
مەدەت بېرىپ  ئورنۇمدىن يۆلەيدىغان ئانام بار.
ئەجەل كېلىپ ئاتامغا ۋاقىتسىزلا خوشلاشقان
دادا بولغان بىزلەرگە شۇنداق قەيسەر ئانام بار.
مەن كۆيىمەن ئانامغا يۈرىكىمدىن سۆيۈنۈپ،
دەرتلىرىمگە دەرمانە ئەجەپ ئېسىل ئانام بار.
مۇزلىغاندا ھاياتنىڭ جۇدۇنىدا رەھىمسىز،
ئوتۇن قىلىپ ئۆزىنى قالايدىغان ئانام بار.
چىرايىمدا كۈلكە بار مەغرۇر كۈلۈپ ياشايمەن،
كۈلكەم ئۈچۈن بارىنى ئاتايدىغان ئانام بار.
قالسام يىغلاپ يىگانە مۇھەببەتنىڭ يولىدا،
يىغلاپ تۇرۇپ ھالىمنى سورايدىغان ئانام بار.
ئامرىقىمنى بەك بىلەر بۇ كۆڭلۈمنى چۈشۈنەر،
قوللىرىمنى يېتىلەپ نۇر بېرەرگە ئانام بار.
مەن تىلەيمەن ئانامنى ياشىسىكەن تۈمەن يىل،
ئانام كەتسە دۇنيادىن مېنىڭ يەنە نېمەم بار ؟ »
    بۇ ئىككى شېئىرنى بىرلا كۆررۈپ بىلىش مۇمكىنكى، ئابدۇراخمان توختى مېنىڭ ئەسىرمنى خالىغانچە بۇزۇپ، ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە دەخلى – تەرۈز يەتكۈزگەن، ئەسىرىمنى ئاياغ – ئاستى قىلىپ، دەپسەندە قىلىش ۋاستىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى «ئىجاد قىلغان». بايا دەپ ئۆتكەن تور ۋاستىللىرىدە ھېلىھەم ئېنىق ۋاقتى بىلەن مەن يازغان شېئىرنىڭ ئەسلى شەكلى ساقلاغلىق تۇرۇپتۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا كىمنىڭ ئاڭسىز ئىجادىيەت ئوغرىسى ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.
    گەرچە «يىڭى ناۋا» پىروگىرامىسى بۇ ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ئابدۇراخمان توختى ئىكەنلىكىنى ئىنىق ئەسكەرتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن  شېئىر كەينىدىكى رىياسەتچى، باھالىغۇچىلار بىلەن ماھىر ئوتتۇرىسىكى دىئالوگ يىڭى ناۋا پىروگىرامىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ۋە 5- نۇمۇرلۇق ماھىر ئابدۇراخمان توختىنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. :
«رىياسەتچى:
- يۈرەكتىن چىققان سادا يەنە ئوخشىمايدۇ، ئابدۇراخمان...
ئابدۇراخمان:
- ...
باھالىغۇچى ئا:
- ئەمدى ئابدۇراخمان سىز سەھنىگە چىقسىڭىز يىغلىتىپلا تۇرامسىز، كۈلدۈرۈڭ ئەمدى...  ئا شېئىرىڭىز بەك ئېسىلكەن، ئانا دېگەن شۇنداق ئۇلۇغ، ھەممىمىزنىڭ ئانىسى بار، تېخىمۇ ئانىلىرىمىزنى ئەسلىتىۋەتتىڭ ما شېئىرىڭ بىلەن....
ئابدۇراخمان:
- رەھمەت! ..»
    بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا نەخ مەيداندىكى ۋە تېلىۋىزور ئىكىرانى ئالدىدىكى مەن ۋە مېنىڭ ئەسلى شېئىرىمنى كۆرگەن تورداشلاردىن باشقىلارنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇراخمان توختى ئىكەن، دېگەن خاتا چۈشەنچىگە كېلىپ قېلىشى ئىنىق. ئابدۇراخمان توختىنىڭ بۇ خىل ئۆزىنى، يىڭى ناۋا پىروگىرامىسىدىكى رىياسەتچى، باھالىغۇچىلارنى، نەخ مەيدان ۋە تىلىۋىزور ئىكىرانى ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەرنى، ھەتتاكى ئۆز ئانىسنى ئالدىغان قىلمىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىندۈرىدۇ. خوش ئۇنداقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن «يىڭى ناۋا» پىروگىرامىسىغا تىل تەككۈزۈشىمىزنىڭ ئورۇنى بارمۇ؟ 5- نۇمۇرلۇق ماھىر ئۆزى بۇ ئەسەرنى «مېنىڭ ئەسىرىم» دەپ كۆتۈرۈپ كەلگەن تۇرسا، «يىڭى ناۋا» پىروگىرامىسىدىكى خىزمەتچى – خادىملار ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكى، ساختىپەزلىك قىلغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ ئەجىبا «يىڭى ناۋا» پىروگىرامىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار بارلىق مەتبۇئات، تور دۇنياسىغا قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاپتۇرنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بايقىشى كىرەكمۇ؟ مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ بۇ خىل يولسىز تەلەپنى ئوتتۇرغا قويماقچى ئەمەسمەن. مەن پەقەتلا «يىڭى ناۋا» پىروگىرامىسىنىڭ ئەسەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىجادى ئەسەرلەرنىڭ تېكىست يازغۇچىسى، موزىكا ئىجادىيەتچىسى، ئاكورتلاشتۇرغۇچىسى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتمەيدىغان، ئىلمىي بولمىغان، مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشى ئەسەر ئوغرىللىرى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، دېمەكچى  خالاس. مەن بۇ ئىش توغرىسىدا «يىڭى ناۋا » پىروگىرامىسىدىن ئارتۇقچە ئاغرىنمىغان. لېكىن، كىيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر ئىشتىن كىيىن «يىڭى ناۋا» پىروگىراممىسىدىن رەنجىپ قالدىم.  
   شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسى«يېڭى ناۋا» پىروگراممىسىنىڭ 2014 يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدە بىر خۇشاللىق ئەھۋال ئوتتۇرغا چىقتى. يەنى بۇ پىروگىراممىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرىنى، ئىجادىيەتچىسىنى ئەسكەرتمەيدىغان خاتالىقى تۇنجى قېتىم تۈزۈتۈلۈلدى. يەنە ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ تۇنجى تۈزۈتۈش يەنە ئاخىرقى قېتىملىق تۈزۈتۈش بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. چۈنكى، «يېڭى ناۋانىڭ» بۇ يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىگىدىن كىيىنكى «يىڭى ناۋا» پىروگىرامىللىرىدا يەنىلا ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى، ئىجادىيەتچىسى داۋاملىق ئەسكەرتىلمىدى. ھەمدە بۇ ئەھۋال ھازىرغىچە ئۆز پېتى داۋاملىشىپ كەلدى.
  «يېڭى ناۋا» پىروگراممىسىنىڭ 2014 يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەتچىسى ئەسەر بېشىدا ئېكراندا كىچىك خەت شەكىلىدە ئەسكەرتىلدى. تېلىۋىزور ئىكرانى ئالدىدا ئولتۇرۇپ خېلىدىن بېرى مېنى بىئارام قىلىۋاتقان ئەھۋالنى مانا ئەمدى تۈزۈتۈلۈپتۇ، دەپ خۇشاللىق ئىچىدە نومۇرلاردىن ھوزۇرلىنىۋاتاتتىم. لېكىن، شىرىپجان موللامەت قاتارلىق 9 بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ چىققان  «ئانام بار» تېمىلىق ناخشىسى مېنى ئالدىنقى قېتىمقىدەكلا بىئارام قىلىپ قويدى. بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
ئانام بار
تېكىستى : شىرىپجان موللا ئەمەت
پەرزەنتلەر ئاغزىدىن:
«بەخىتلىك مەن مېھرىبان قۇچاق ئاچار ئانام بار،
ھېرىپ كەلسەم ھالىمنى سورايدىغان ئانام بار.
داۋان ئاشماق بولسام گەر تەمتىرىسەم ھەر يەردە،
مەدەت بېرىپ بېشىمنى سىلايدىغان ئانام بار.
پۈتۈن جانۇ تەن بىلەن كۆسەي قىلىپ قولىنى،
مېھرى ئىللىق ماكاننى قوغدايدىغان ئانام بار.
دادام باقى ئالەمگە كەتكىنىدە ۋاقىتسىز،
سەككىز ئوغلان بىر گۈلنى پەرۋىش قىلغان ئانام بار.
بىر ئىگەمدىن تىلەيمەن ساقلىغىنى ھەر كۈنى،
نەۋرىسىنىڭ چېچىنى تارايدىغان ئانام بار.
ئەۋلاتلارغا ھېكىمەتلەر سۆزلەيدىغان ئانام بار. »
ئانا ئاغزىدىن:
«باغ ياسىدىم گۈل چىمەن مىۋىزارلىق باراخسان،
مېنى جاندىن ئەزىزلەپ قارايدىغان بالام بار.
مەيلى باھار مەيلى قىش، مەيلى كۈندۈز مەيلى تۈن،
يېتىپ مېنىڭ ھالىمغا ھال مۇڭ بولار بالام بار»
ئوپچى:
«بىز بەخىتلىك ئائىلە زىمىستانمۇ ياز بىزگە،
مېھرىبانلىق، ئىناقلىق، ۋاپادارلىق يار بىزگە.»
    بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپلا تاياق توقماقلار دەستىدىن ئۆزىگە ماس كەلمىگەن پوسمىنى كىيىپ يىغلاپمسىراپ ماڭا كۆز تىكىپ تۇرغان «ئانام بار» ناملىق بىچارە شىېئىرىمنىڭ دەردىدىن يۈرىگىم ئېچىشتى.  ئېنىقكى يۇقارقى شېئىرمۇ مېنىڭ ئۈستىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «ئانام بار» تېمىلىق شېئىرىمنى ئۆزگەرتىش، ئاياغ – ئاستى قىلىش ئارقىلىق «ئىجاد قىلىنغان» ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ناخشىنىڭ تېكىست يازغۇچىسى «يىڭى ناۋا» پىروگىراممىسى تەرىپىدىن شىرىپجان موللائەمەت دەپ ئەسكەرتىلدى. ئوخشاش بىر ئەسىرىمنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنىڭ «يىڭى ناۋا پىروگىرامىسى»دا ئىككى قىتىم دەخلى تەرۈزگە ئۇچىرشى مېنى سەل غەزەپلەندۈردى. «يىڭى ناۋا» پىروگىرامىسىدىكىلەرنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ ھەقىقى ئاپتۇرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكىنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ پىروگىرامىنىڭ 10- سانىدا ئابدۇراخمان توختىنىڭ يازغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان ئوخشاش بىر ئەسەرنىڭ، بىر نەچچە ئايدىن كىيىن يەنە مۇشۇ پىروگىرامما تەرىپىدىن شىرىپجان موللامەت يازغان دەپ خەلقى ئالەمگە جار سېلنىشى مېنىڭ ئانچە ئەقلىمگە سىغمىدى. ئەجىبا «يىڭى ناۋا»  پىروگىرامىسىدىكى خىزمەتچى – خادىملار شۇ دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىز، شۇ دەرىجىدە ئەقىلسىزمىدۇ؟ «يىڭى ناۋا » پىروگىراممىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدە ئەسەر ھوقۇقى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاتالغۇنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى بارمىدۇ؟ ئەگەر نوپۇزلۇق تېلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىدىكى خىزمەتچى - خادىملارنىڭ ساپاسى بۇ بولىدىغان بولسا،ئابدۇراخمان توختى، شىرىپجان موللامەتكە ئوخشاش باشقا كىشىلەردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوقمۇ نېمە؟ ئەجىبا ئەسەر ھوقۇقىنىڭ بۇ دەرىجىدە دەخلى-تەرۈزگە ئۇچىرىشىغا، ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى، ئىجادىيەت ئاكتىپلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلىشنىڭ كىچىك ئىشلاردىن تەرەققى قىلىپ جەمىيەتنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلىنىپ كېتشىگە، ئاخىرىدا مەنىۋى – مەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ چەكلىمە ۋە توسالغۇغا ئۇچىرشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرشىمىز كىرەكمۇ؟
    مەن ئەسلى بۇنچىلىك قاينىمسامۇ ئىدىم. لېكىن بەزى مەن بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىدىغان دوستلىرىم  «ئوخشاش بىر ئەسىرىڭ ئىككى قىتىم ئۆزگەرتىلسە، باشقىلارنىڭ نامىدا ئەل – جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشسە، سەن بىر قانۇن ئوقۇغان، ئادۇۋكات بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم تۇرۇپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىپ ئۆزۈڭنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىڭنى قوغدىيالمىساڭ، باشقىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەتىنى نىمەڭگە تايىنىپ قوغدايسەن ؟ » دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مېنىڭ يارامغا تۇز سەپتى. مەن «بەلكىم ‹ يىڭى ناۋا › پىروگىرامىسى ۋە باشقا ئەسەر ئوغرىللىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان كىشى مەن بىر ئادەم بولماسلىقىم مۈمكىن، مەن بىر ئادۇۋكات بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن زىيالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق، مەنپەتىنى قوغدىشىم كىرەك» دېگەن نىيەتتە ئابدۇراخمان توختى، شىرىپجان موللامەت ۋە «يىڭى ناۋا » پىروگىراممىسىنى جاۋابكار قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق – تەلەپ دەۋاسى قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم، لېكىن يۇقارقى ئىككەيلەننىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىنىڭ بىر يەردە بولماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئادىرسىنى تىپىشنىڭ قىيىن بولۇشى ۋە خىزمەتنىڭ ئالدىراش بولۇشى سەۋەبلىك بۇ پىلاندىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچتىم. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ بۇ پىكىرلىرىمنى، قورساق كۆپۈكىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش، ئىجادىيەتچى دوستلار ۋە باشقا تارقىتىش ۋاستىللىتى ئوقۇرمەن ۋە باغلانما ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقى ئېڭىنىنىڭ يۇقىرىكۆتۈرۈلىشىگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولارمىكىن دېگەن مەقسەتتە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بۇ يازمىنى يېزىپ چىقتىم.
    مەن ئاخىرىدا «يىڭى ناۋا»غا ئوخشاش نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ پىروگىرامما گۇرۇپىسىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز خىزمىتىنى ئەستايىللىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئالدىنى ئېلىپ ۋە قامچىلاپ، مىللى مەدەنىيەت جۈملىدىن مىللى مەدەنىيەت بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى، كەڭ ئۇقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ زىيالىلار قوشۇنىنىڭ بۇ ھەركەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئەسەر ھوقۇقىنى قوغدايدايدىغان، ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئاكتىپ ئىجتىمائي كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئەسەر ھوقۇقى يىتەرلىك قوغدالمىغان، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار ئەۋىج ئالغان جەمىيەتتە مەدەنىيەت بازىرىنىڭ كاساتچىلىققا يۈزلۈنۈپ، ئاخىردا مىللى مەدەنىيەتنمۇ چېكىنىش خاراكتىرلىك ئاپەتكە دۇچار بولىدۇ.
ئاپتۇر:
شىنجاڭ راۋان ئادۇۋكاتلىق ئورنىنىڭ پىراكتىكانت ئادۇۋكاتى مەمەتئېلى توختى

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

143

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
20
مۇنبەر پۇلى
121
ئىشەنىچ
20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 16:22:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئەسەرنىڭ قانچىلىك تەستە روياپقا چىقىدىغىنىنى پەقەت ئىجاد قىلغۇچىلارلا بىلىدۇ، بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئەسكەرتىلمەيلا كۆز ئالدىدا  خەقنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىنسا قانچىلىك ئىچى پۇشىدىغىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. شۆئەسەر ھوقۇقى توغرىسىدا « يېڭى ناۋا » پىروگراممىسى قويۇلۇپ، 4-سانىدىن باشلاپ مۇشۇنداق پىكىر- تەكلىپلەر چۈشكەن ئىدى. ئەمما پروگرامما باشقۇرغۇچىلار ئىزچىل « بەز يېگەن مۈشۈك»تەك كۆزىنى قىسىپلا، بۇ مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشىنى ھازىرغىچە توختاتمىدى.
يۈرەكلىك بىر ئىجادىيەتچى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئەسەر ھوقۇقى ئەرىزى قىلمىسا بۇ مەسىلە مەڭگۈ ھەل بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

20

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

真实姓名
ئايگۈل نامان
تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
16
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 17:15:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، قەلەم قۇۋىتىڭىزمۇ بەك كۈچلۈك ئىكەن، لىكىن مەن بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم ، سىز بىر ئادۇلكات  تۇرۇپ، ئۆز ھوقۇقىڭىزنى قوغدىيالماي ، ھە دەپ  باشقىلاردىن ئاغرىنىشىڭىزنىڭ ئورنى بارمۇ؟
يەنە بىرى مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ خۇسۇسىي قارىشى ، خاپا بولمىغايسىز ، مىنىڭچە باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە ئوخشىتىپ ، ئەسەر يازغاننىڭ زىيىنى يوق، باشقىلار سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى پۈتۈنلەي  ئوخشاش قىلىپ ، يەنى سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئەينەن ئۆزپىتى مىنىڭ دەپ ئىلان قىلسا ، بۇنى ئوغۇرلۇق دىسەك بولىدۇ، سىزنىڭكىدىن پايدىلانسا بولىدۇ دەپ قارايمەن ، چۈنكى مەنمۇ بەزىدە باشقىلارنىڭ ياخشى يىزىلغان ئەسىەرلرىنى ئوقۇسام ، تۇيۇقسىز ئىلھامىم كىلىپ،  شىئىر يىزىپ قويىمەن. بەزى يەرلىرىگە شۇ ئەسەرنىڭ  بەزى  مىسرالىرىنى قىستۇرىمەن، بىرەر ئورۇندا ئىلان قىلمىغان بولساممۇ گەرچە . مەنچە بۇنداق بولغاندا بەزى يىڭى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە پايدىلىق، ئۇلار داۋاملىق باشقىلارنىڭكىدىن پايدىلانمايدۇ، ئۇلارمۇ پىشىپ يىتىلگەندە ئۆزى يازىدۇ، شۇڭلاشقا سەل كەڭ قورساق ئەپۇچان  بولايلى ، بۇدۇنيا نىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن، ھەممە ئادەمگە پۇرسەت بىرەيلى.  ئەمما ناۋا پىروگىراممىسى سىز ئىيىتقاندەك ، ئەسەر ئىجادىيەتچىلىرىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرسە تىخىمۇ ياخشى بولغىدەك .

7

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1557

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
751
مۇنبەر پۇلى
792
ئىشەنىچ
751
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 17:50:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلار بۇنداق ئىشلاردا ئالدىدا   مېڭىشى كېرەك.
ھەربىر تىنىقىمىز ئۈچۈن جاۋاپ بېرىمىز.

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

800

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
166
مۇنبەر پۇلى
634
ئىشەنىچ
166
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 18:36:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2014-3-17 16:22
بىر ئەسەرنىڭ قانچىلىك تەستە روياپقا چىقىدىغىنىنى پەقە ...

بۇ خىل باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىنىدىغان ھارام تاماقلارنى چۇقۇم«ئەسەر ھۇقۇقى قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگۇلىمىلىرى بۇيىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن شېرىن ئۇيقۇسىنى تەرك قىلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقان شائىر-يازغۇچىلىرىمىزغا ئۇۋال بولىدۇ.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 19:27:47
ئەپسۇسلىنىمەن ...........ھازىرقىدەك جەمىئەتتە ئەسەر ھوقۇقۇنىڭ تىگىشلىك قوغدالمىغىنىغا  .  قوغدالمىغان ئەسەرلەرنىڭ كېيىنكى تەغدىرى نىمە بۇلا ، خالىغانچە ئوزگەرتىشلەر باشقىلارنىڭ ئوزنىڭ قىلۋېلىشى قاتارلىقلار كوپ ئوتمەي سېنىڭكىمۇ مېنىڭ مېنىڭكىمۇ ھەم  ،دىيشلاردىن بارا -بارا   بېرىپ ئوبروزچىلىق نەگە بارار كىن.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

234

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
230
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 22:51:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 12:49:27
qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2014-3-17 16:22
بىر ئەسەرنىڭ قانچىلىك تەستە روياپقا چىقىدىغىنىنى پەقە ...

مەنمۇ قوشۇلىمەن . لېكىن    قانۇن قانۇنغا ئوخشىماي قالدى ،
                                  داداڭ داداڭغا ئوخشىماي قالدى ،
                                  ئاناڭ ئاناڭغا ئوخشىماي قالدى ،
                                  بالاڭ بالاڭغا ئوخشىماي قالدى ،
                                  گۈللەر خۇشپۇراق چاچماي قالدى ،
                                  تۈزۈلگەن قانۇن ئىجرا بولماي قالدى ،
                                 خەلق قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدى .

36

تېما

52

ئەگەشكۈچى

5587

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
2682
مۇنبەر پۇلى
2727
ئىشەنىچ
2682
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 00:50:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەسەر ھۇقۇقى قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگۇلىمىلىرى بۇيىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.  ناخشا ئىيىتقان يىگىتىڭمۇ پالانى توردا پالانى يىگىت ‹‹ ئانام بار ››،دەپ شۇنداق  ياخشى بېر  شىېر يىزىپتىكەن مەنمۇ  شۇ  شىېردىن ئىلھاملىنىپ ئانام بار دىگەن شىېرنى ناۋا  سەنىسىگە ئەكىلىپ كۆپچىلىككا سۇندۇم دەپ بىر ئىغىز ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگىننى ،  ئىسىت ئۇنىڭ بىر خەلق ئو قۇتقۇچىسى بولۇپ قالغىننى ............رېجوسسور ۋە  ئابلىز رېھىم قاتارلىق باھالىغۇچىلار نىمىش قىلىدۇ ئەسەرلەرنىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە  ئاپتۇرلېرىنى سۇرۇشتە قىلماي  ،  ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزىڭىز قوغداڭ  قانۇن ئوقوپسىزغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟ ھەقىقەتنىڭ كۇچى نوچىمۇ پۇلنىڭمۇ  ناۋا پىروگىراممىسىنىڭ رەخبەرلىرې بىلىپ قالسۇن

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

552

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
143
مۇنبەر پۇلى
410
ئىشەنىچ
143
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 00:21:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايگۈل نامان يوللىغان ۋاقتى  2014-3-17 17:15
يازغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، قەلەم قۇۋىتىڭىزمۇ بە ...



         بۇنداق كەڭ قورساقلىققا ئىلىم ئەسلا يول قويمايدۇ.ئوخشىتىپ يىزىش دىگەن بۇ ئاتالغۇ
   نەدىن پەيدا بۇلۇپ قالدى.قانچىلىك ئوخشىتىپ يازمىسۇن ئۇنىڭ ئەسلى ئاپتورى ئەسكەرتىلىشى
   ئەخلاق جۇملىسىدىن.ئەدەبىياتچىلاردا ئەخلاق قارىشى سۇس بولسا بۇ تۇلۇمۇ نۇمۇسلىق ئەمەسمۇ.
   ناۋا پىروگىرامىسى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ ،ھەر بىر ناخشا موزىيكىنىڭ ئەسلى ئاپتورىنى ئېنىق
   ئەسكەرتىشى كېرەك.ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ئەسەرلەرنى سەخنىگە چىقارماسلىقى زورۆر.
   شۇ چاغدا ئەسەر ئوغۇرلىرى قىلمىشىنى ئۆزى ئۇستىگە ئالىدۇ.ناۋا بولسا پاكىت بىلەن تەمىنلىگۇچى
   بۇلۇدۇ. بولمىسا بولمىسا ئوغۇرلارغا مەيدان ھازىرلىغۇچى بۇلۇپ قالىدۇ ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 14:19, Processed in 0.123247 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش