ئاپتور:بەشكېرەم مەربىيە
ئەزىز يۇرتۇم سېغىنىپ سېنى. تۈنلەر بويى كۆزدە ئۇيقۇ يوق، ئاڭا قازغان ئۆزگە شەھەردە. سەندەك شېرىن-تاتلىق تۇيغۇ يوق.
سەندە قاپتۇ يۈرەكنىڭ تېڭى. سەندە يۇمران نوتا-چېچەكلەر، خىيالىمنى قىلىسەن ئەسىر. سەندە پىنھان ئوتلۇق تىلەكلەر،
ماڭا توپاڭ گوياكى-ئەنبەر. جاھاندا يوق سەندىكى راھەت، گەر قوينۇڭدا بولسام ھەرزامان. يۇرەكلىرىم يايرايدۇ قەۋەت،
ئەزىز يۇرتۇم بەشكېرەم ساڭا. دىلدا سۆيگۈم ئوت-بولۇپ يانىدۇ، زار بولغاندەك بالا-ئانىغا. يۈرەك قاچان ساڭا قانىدۇ؟
گۈزەل يۇرتۇم سېنىڭدەك ماڭا. جاھاندا يوق بىر ئىللىق ماكان، ئەي بەشكېرەم ماڭا سەنكەبى. يوقتۇر جەننەت ئاڭا ھېچقاچان. |