تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 106|ئىنكاس: 7

قاچان بولار دەم ئېلىش؟(ساتىرا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

6

ئەگەشكۈچى

255

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
175
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان بولار دەم ئېلىش ؟
(يېزا ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشۇم،ماڭا بىريىلدا دىگدەكدەم ئالمايئىشلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھال ئېيتىپ بەردى. مەن كۈزىتىش ئارقىلىق بۇ ئىشلارنىڭپەقەت ئورگاندىلا ئەمەس، جەمئىيەتتىكى ھەممە ساھەدە بارلىقىنىھىس قىلىپ، قولۇمغا قەلەم ئالدىم)

‹›
ئىشنىڭ بېشى دۈشەنبە،يىغىن بىلەن باشلىنار،
ھەپتىلىك ئىش-پىلانلار ئوتتۇرىغا تاشلىنار،
باشلىق سۆزلەر ئەزۋەيلەپ، قۇرۇق مۇنبەر مۇشلىنار،
كاتتا پىلان ۋەسلىدىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش!

يېتىپ كەلسە سەيشەنبە،ئۆزگىرىدۇ پىلانى،
دوقمۇشلارغا چاپلىنار، چوڭ تەشۋىقات ئېلانى،
ئالدىراشلىق ۋەجىدىن ئۆچمەس باشلىق زۇۋانى،
تەكشۈرۈشنىڭ دەستىدىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش!

چارشەنبىدە يۈگۈرەيمىز،تەييارلاشقا تۆۋەننى،
تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىدا يېپىش ئۈچۈن ئېۋەننى،
داراڭشىتىپ
پۇقراغا،داپ ئورنىدا لىگەننى،
قۇتۇلمىغاچ ھەپسىدىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش!

پەيشەنبىدە، ئارام يوق، قاينار باشلىق چېچىلىپ:
«تۇرسا تۆۋەن مۇشۇنداق، كۈلەلەمدۇق ئېچىلىپ،
ھەممىڭ ئېچىپ ئۇيقۇنى، ئىشلەش تېزدىن كۈچىنىپ!»
شۇ ئالدىراش پەسلىدىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش!

كەلسە جۈمە ئالدىراپ، يىغىن بولار چۈشكىچە،
ھەممە كادىر بارىمىز،مەسچىتلەرنى «كۈتۈش»كە.
«ئارام بولار كۆتەككە، باشقا پالتا چۈشكىچە»،
چىقمىغاچ بىز«يەسلى»دىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش!

ئۇھ دېگىلى چىقارمۇ، بىزگە ۋاقىت شەنبىدە،
ئۆتتۇق بەكلا ئالدىراش، ئەشۇ بەش كۈن ئىچىدە،
ھەممە شۇنداق ئويلىشىپ،تۇرساق تۇرمۇش غېمىدە،
باشلىق نادان ئەسلىدىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش!

سۆزلەر باشلىق ھەيۋىدە،چېچىپ بىزگە شالىنى!
ئىشلەپ شەنبە-يەكشەنبە،تولۇقلايمىز چالىنى...
كېلەر ھەپتە كۈتىمىز تەكشۈرۈشنى، ۋالىينى!
بولغاچ«قۇلاق كەستى»دىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش!

شېرىن ئارزۇ-پىلانلار شۇئان سۇغا چىلىشار،
ئۆي-ئائىلە غېمىنى بىز يوق، كىممۇ قىلىشار،
ھاردۇق يەتتى چارچىدۇق، كۆزلەرگە ياش ئولىشار،
بولغاچ يۇۋاش
نەسلىدىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش!

«قوش دەم ئېلىش بۇيرۇقى» ئىدى زۇڭلى پەرمانى،
كۈلگەن شۇچاغ ھەممىنىڭ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانى،
ياكى بۈگۈن توشتىمۇ، شۇ پەرماننىڭ پەيمانى،
نېمە ئۈچۈن بىز كەسكىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش؟!

بولسا نادان بىر توپنىڭ، يولباشچىسى-سەركىسى،
ئارام ئالماس بوشىماس، ئەل-ئاۋامنىڭ يەلكىسى،
ئۇنداقلارنى شاللايدۇ چوقۇم ئەتە-كەلگۈسى،
ئاجراپ مىلتىق«تەپكىدىن»بىز قىلغايمىز دەم ئېلىش!

مەنبە: ئىجادىيىتىم.

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

410

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
208
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا نادان بىر توپنىڭ، يولباشچىسى-سەركىسى،
ئارام ئالماس بوشىماس، ئەل-ئاۋامنىڭ يەلكىسى،

1

تېما

11

ئەگەشكۈچى

636

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
334
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ساتىرانى بەك يا خشى يېزىپىز! سىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

104

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
64
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ يېزىلاردىكى دوپپىسىنى ئەكەل دېسە بېشىنى كېسىپ بېرىدىغان نائۇستا باشلىقلارغا ئەجەب ئۆچمەن. ساتىرا بەك ياخشى چىقىپتۇ، بولۇپمۇ مۇنۇ مىسرالىرى ««قوش دەم ئېلىش بۇيرۇقى» ئىدى زۇڭلى پەرمانى، ....نېمە ئۈچۈن بىز كەسكىن، قىلالمايمىز دەم ئېلىش؟!»

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

119

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
69
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ .

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

312

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
تۇرغان ئۆمەر
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
128
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلىيەت

2

تېما

4

ئەگەشكۈچى

403

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
217
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىرا ياخشى يېزلىپتۇ، ئىچىمىزنى بۇشىتىشقىلا بولىدۇ، لىكىن ھىچكىم ئىجرا قىلالمىدى-دە.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-1-19 19:29, Processed in 0.108953 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش