تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 986|ئىنكاس: 8

8«-مارت خانىم-قىزلاربايرىمىغا بىغىشلاپ» «ئاسېر»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

21

ئەگەشكۈچى

2673

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
870
مۇنبەر پۇلى
1492
ئىشەنىچ
870
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 19:41:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   «ئاسېر» تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-5 20:28  

بۇ  پىچان ناھىيمىزنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا، ئىسسىق ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىپ مۇقۇملۇق خىزمىتى بىلەن تۇرىۋاتقان خانىم قىزلارنىڭ بىر قىتىملىق ئۆتكۈزۈلگەن ئاددىغىنە 8-مارت خانىم قىزلار بايرىمىدىن كۆرۈنىشلەر
تەبەسسۇمى شۇنچە لېۋەن
8«-مارت خانىم-قىزلاربايرىمىغا بىغىشلاپ»
تىكىستى «ئاسېر»نىڭ

تەبەسسۇمى شۇنچە لېۋەن،
قەلبى گۈزەل خانىم-قىزلار.
ھەر جەھەتتىن ئۆرنەك بىرگە،
مېھرى ئەۋزەل خانىم-قىزلار.

چېھرىڭدىن نۇرلار ياغسۇن،
پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار.
باسقان قۇتلۇق ھەر ئىزىڭلار،
تەرىقەتلىك خانىم-قىزلار.

ئەدەب-ئەخلاق مەڭگۈ ھەمراھ،
گۈل چىرايغا خانىم-قىزلار.
پۈتۈن دۇنيا قۇچاق ئاچقان،
ساداقەتلىك خانىم-قىزلار.

ھاۋا ئانا قىزلىرىسىز،
زىلۋا بويلۇق خانىم-قىزلار.
ھەممە ئۆينىڭ بىزەكلىرى،
چوڭقۇر ئويلۇق خانىم-قىزلار.

يىگىتلەرنى جەلپ قىلغان،
جارا كۆزلۈك خانىم-قىزلار.
قەلبلەردىن ئورۇن ئالغان،
شېرىن سۆزلۈك خانىم-قىزلار.

مەجنۇنلاردەك ئويغا سالغان،
خۇلقى بىلەن خانىم-قىزلار.
شوخ يىگىتنى كۆيدۈرۋالغان،
گۈلدەك يۈرگەن گۈزەل قىزلار.

مەڭگۈلۈككە تۇرمۇش قۇرغان،
گۈزەل رىشتە خانىم-قىزلار.
پاكلىق بىلەن ئۆينى تۇتقان،
كۈندۈز-كەچتە خانىم-قىزلار.

ھاياتلىقتا ياردەمچى ئۇ،
بىر نىيەتلىك خانىم-قىزلار.
ھەممە ئۇتۇق شان-شەرەپنىڭ-
دۇردانىلىرى خانىم-قىزلار.

ئۇلۇغ ئانا بولغانمۇ شۇ،
ساداقەتلىك خانىم-قىزلار.
پەرزەنتىگە كۆيۈنگىنىنى،
پاراسەتلىك خانىم-قىزلار.

پەرزەنتى تەربىيىلەشتە،
بەدىلى كۆپ خانىم-قىزلار.
ئائىلىدە خىزمەتتىمۇ،
نەمۇنىلىك خانىم-قىزلار.

چاچلىرىنى سۈپۈرگە قىپ،
يەر سۈپۈرگەن خانىم-قىزلار.
بار-يوققىمۇ چىداپ كۆيگەن،
جاپاكەشلىك خانىم-قىزلار.

ئاچا-سىڭىل ئانا جانىم،
مېھرىبانىم خانىم-قىزلار.
قەلبى تىللا تىلەكلەرگە،
غەمگۈزارىم خانىم-قىزلار.




بۇ مەدھىيەنى بۇرۇن يازغان،ھازىر باشقىدىن تەھرىرلەپ يوللۇدۇم
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

566

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
224
مۇنبەر پۇلى
342
ئىشەنىچ
224
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 19:23:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا گۇزەلىگى دۇنيادىكى بارلق خانىم -قىزلارنىڭ قولىدا ، گۇزەلىك بولمىغان دۇنيا  روھسز تەنگە ئوخشايدۇ ، بارللق ئەپەندى - يىگىتلەرنىڭ خانىم _قىزللار  بايرمىنى بىر ئومۇر تەربرىكلىشنى چىن -دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن  .

1

تېما

1

ئەگەشكۈچى

800

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
366
مۇنبەر پۇلى
416
ئىشەنىچ
366
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 00:38:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

249

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
123
مۇنبەر پۇلى
127
ئىشەنىچ
123
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:38:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بارىكاللا، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن.

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1110

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
515
مۇنبەر پۇلى
556
ئىشەنىچ
515
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 12:30:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى يىزپسىز. خانىم-قىزلارنىڭ قەدىر- قىممىتىنى تولۇق تەسۋىرلەپسىز. قارغاندا ئانىغا ۋاپادار ئوغول ، ئايالىڭىزغا
    مىھىربان ئەر ،سىڭلىڭىزبولسا مىھىربان ئاكا  ئىكەنلىگىڭىزدە شۈبىھە يوق. قەلەم قۈۋىتىڭىزنىڭ كۈنسېرى
   ئېشىشىنى تىلەيمەن، بەخىت ،ئامەت  مىھىربانلارغا قۇچاق ئاچىدۇ. تەشەككۈر.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 15:10, Processed in 0.111913 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش