- تىزىملاتقان
- 2012-12-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-18
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 206
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
  
- 真实姓名
- نىدائىي
- تۆھپە
- 0
- مۇنبەر پۇلى
- 112
- ئىشەنىچ
- 0
| تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى، 13-يانۋار خەۋىرى: ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇلارنى ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ سۈپىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى مەخسۇس تەرجىمان-ئالىملار گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى ‹‹قۇرئان كەرىم›› 13-يانۋار رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئىگىلىنىشىچە، ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەش خىزمىتى 2008-يىلى 3-ئايدا باشلانغان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ ئاكتىپ غەمخورلۇقى ئاستىدا، تەرجىمە قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئوقۇپ تەكشۈرۈش، تەھرىرلىك ۋە بېسىش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، 13-يانۋار رەسمىي تارقىتىلدى. ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ بۇ قېتىم نەشر قىلىپ تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تۆت خىل فورماتتا نەشر قىلىنغان بولۇپ، سەككىز فورماتلىقىنىڭ باھاسى 1000 يۈەن، 16 فورماتلىقىنىڭ باھاسى 380 يۈەن، 32 فورماتلىقىنىڭ باھاسى 96 يۈەن، 64 فورماتلىقىنىڭ باھاسى 52 يۈەن ئىكەن.
نىدائىي تەرجىمىسى |
|