بىر ئايال بار كۈ تىمەن 
 
  ئابلا ئىسھاق پەروزان 
  جۇلالىرى ئالماس كۆزدەك چاقنىغان،  يۈرىكىمدە چېچەك يېرىپ پارلىغان .  شەبنەملىرى سۆيۈپ دىلنى ھارمىغان،  ھاياتىمدا بىر ئايال بار كۈتىمەن .  
  نېسىۋەمگە بەرگەن مىڭلاپ تەبەسسۈم ،  شاھزادىدەك پاكىز شۇڭا يۈرۈشۈم .  مېھىرلەنگەن ئەرلەرگە خاس كۈلۈشۈم .  مېھرى ئىللىق بىر ئايال بار كۈتىمەن .  
  تاڭ يۇلتۇزى كەبى سۆيگەن كۆزۈمگە ،  سۆيگۈ - ۋاپا نۇرى بېرىپ سۆزۈمگە .  دەريا كەبى ئېقىپ كىرگەن ئۆمۈرگە ،  ئىشقى دەريا بىر ئايال بار كۈتىمەن .  
  زۇلمەت قارا چىشلىرىنى يارسىمۇ ،  جاپا - مېھنەت بەللىرىنى قارسىمۇ .  جىمى ئازاب ئۇنى ئىزدەپ بارسىمۇ،  كۈلۈپ تۇرغان بىر ئايال بار كۈتىمەن .  
  سۆيگۈ مېھىر يالقۇنىدا تاۋلىنىپ ،  بالا بىلەن ئەرگە مەھكەم باغلىنىپ .  بۇ ھاياتنىڭ ئوتلىرىدا داغلىنىپ ،  كۆيۈپ تۇرغان بىر ئايال بار كۈتىمەن .  
  ئۇ بولغاچقا لەۋلىرىمدە ناخشىلار ،  ئۇنىڭ بىلەن مېنى بىلەر ياخشىلار .  ياندا بولسا ئۇ،پاھ! گۈزەل باخچىلار ،  تىلتۇمارىم بىر ئايال بار كۈتىمەن .   
  پەرىشتىنىڭ ئۆزى ئىكەن كۈزەتسەم ،  ئۇنىڭ بىلەن كۈلكە دىلغا مۇجەسسەم ،  ھاياتىمغا ئاتا قىلغان كۈچ - بەردەم .  قەلبىم سۆيگەن بىر ئايال بار كۈتىمەن . 
  2012 – يىلى 7- مارت
  شەھرى ئۈرۈمچى  |