تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 3

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن( ئامانگۈل تۇنىياز)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

ئەگەشكۈچى

68

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
60
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن

ئامانگۈل تۇنىياز دىلچىن

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
ئەللەر سېنى مەڭگۈ يۆلەيدۇ.
قەلب تۆرىدىن چىن ئورۇن بېرىپ،
ئالتۇن بۆشۈككە مەڭگۈ بۈلەيدۇ.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
شۇ ئەمەلنى ئەل ساڭا بەرگەن.
خەلقىڭ بولماي ئەمەلدار نەدە؟
شۇ ئەل ساڭا مەدەتلەر بەرگەن.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
خەلقىڭ سەندىن ئۈمىدلەر كۈتكەن.
ئەل-خەلقنىڭ پەخرى سەن، بىلسەڭ،
ئاقىل بولۇپ سەن بۇنى چۈشەن.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
ئەللەر سېنى زىنھار ئۇنتۇماس.
مېۋە بەرسەڭ ئەل-ۋەتەن ئارا،
نام-شەرىپىڭ مەڭگۈ قۇرۇماس.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
خەلقىڭ بۇلار ساڭا مەدەتكار.
باي-زەبۇن دەپ ئايرىمىساڭ گەر،
ئاتىلىسەن پاك بىر ئەمەلدار.

دىلخانەڭدە بولسۇن شۇ خەلقىڭ،
كۆڭلۈڭ بولسۇن كەڭرى ئالەمدەك.
پاك ئەمەلدار بولساڭ سەن ئەگەر،
راست-يالغاننى ئايرىغىن كۈندەك.

قۇرۇق ئاتاق، ساختا شۆھرەتكە،
بولما مەستان، قىلمىغىن تەمە.
ئەمەلدارلىق-بىر شەرەپلىك بۇرچ،
خەلقىڭ سېنى قوللايدۇ يەنە.

كۆرەر خەلقىڭ  قىلغان ئىشىڭنى،
تارازىغا سالىدۇ سېنى.
باشلىق بولۇپ قىلدىڭ نېمە ئىش؟
خەلقىم ھامان ئايرىيدۇ بۇنى.

ئەلپەرۋار بول ئەمەلدار بولساڭ،
ئەلنى سۆيگىن ۋاپادار بولساڭ.
قىلىپ تۇرغىن ئەلگە ياخشىلىق،
چىن دىلىڭدىن مەرد ئوغلان بولساڭ.

باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن: ئامانگۈل تۇنىياز دىلچىن  

10

تېما

8

ئەگەشكۈچى

356

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
182
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىنى پەللە  قىلىپ ، ئىلھام ئېتىغا مىنىپ، ھېسسىيات دەرياسىدا سۇغۇرۇپ،مەنزىلگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىش ئاسان ئىش ئەمەس.
ياخشى چىقىپتۇ.
داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى مۇنبەر داستىخېنىدا ھەمبەھىر قىلغايسىز!...
رەھمەت.

8

تېما

12

ئەگەشكۈچى

1600

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
638
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ  شىئېر كۇچلۇك تەسىراتتىن پەيدا بولغان سەمىمى ھېسيات ئارقىلىق يېزىلغاچقا  ئوقۇغان كىشىدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرۇدىكەن.

2

تېما

6

ئەگەشكۈچى

330

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
200
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشكىلىي لۇشيەندە ماڭساڭمۇ ئاممىۋىي لۇشيەندە مېڭىشنى ئۇنۇتمىغىن، دېگەندەكرەك دالالەت ئىكىنە!
بىراۋ  دېدى تۇخۇمنى  تاشقا  ئۇرغان  نەدە  بار؟
مەن دېدىمكى تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار!
                                    ___ روزى سايىت   مىسرالىرىدىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-1-19 19:34, Processed in 0.104103 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش