تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 28

‹‹ئالۋاستى قەلئەسى››گە ئىچكىرىلەپ كىرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

5

ئەگەشكۈچى

337

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
211
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۈرەتلەردىن ھوزۇرلىنىڭ

تۇرغۇن تىيىپ

( راست ئىشلار خاتىرىسى )
قۇربان موللىنىياز

مۇقەددىمە

     كەچكى قۇياش غەربكە ئاستا – ئاستا پاتتى . قېپقىزىل كەچكى شەپەق نۇرى تەڭرىتېغىنىڭ تارماق تىزمىسى قاراتاغ ئېتىكىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى قىزىل «ئالۋاستى قەلئەسى» نى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى. ئەگرى – بۈگرى كەتكەن چوڭ – كىچىك جىلغىلار، قاتمۇ-قات ، ئاق ، سېرىق ، قىزىل ، كۈلرەڭ دۆڭلۈكلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
     خۇددى تاشلىۋېتىلگەن قەدىمىي رىم قەلئەسى قىزىل رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ ئارىلىشىپ كەتكەن ئىگىز دۆڭلۈكلەر ئارىسىدا تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى . نەزەر سېلىپ قارىغاندا شىپاڭ ، پەشتاق ، راۋاق ، بالىخانا قاتارلىقلار بىلىنەر – بىلىنمەس كۆرۈنۈپ قالاتتى .
     ئىمارەتلەردىكى نەقىش ئويمىلار خۇددى راستەكلا تويۇلاتتى . بەزىلىرى قانات قېقىپ ئىگىز ئۆرلەۋاتقان بۈركۈتكە ، بەزىلىرى ھۆركىرەۋاتقان يولۋاسقا ، يەنە بەزىلىرى يۈكۈنۈپ ياتقان تۆگىگە ئوخشايتتى .

     ئالۋاستى قەلئەسىگە كىرىش

     قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىگەن چاغ . بىز بەشىمىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ، ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنگەن باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسىدىكى «ئالۋاستى قەلئەسى» گە قاراپ يولغا چىقتۇق . بىز يېرىم سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ، قىزىل يېزىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن چەكسىز كەتكەن چۆل – جەزىرە كۆزىمىزگە تاشلاندى . يىراققا نەزەر تاشلىغاندا ئەگرى – بۈگرى ، ئېگىز – پەس تاغ قاپتاللىرى بىر – بىرىگە تۇتاشقاندەك كۆرۈنەتتى .
     _قاراڭلار، رەڭلىك تاغ ، نېمىدېگەن گۈزەل – ھە!
     «ئالۋاستى قەلئەسى» نى ئىزدەشكە بىرلىكتە ماڭغان قەھرىمان ۋارقىراپ كەتتى . ئۇ قولى بىلەن كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىساق ، بۇلۇت ۋە تۇمان لەيلەپ تۇرغان قارا تاغ ئېتىكىدىكى بىر دۆڭلۈكتە ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئاق ، سېرىق ، كۆك ، قىزىل ، قوڭۇردىن ئىبارەت بەش خىل رەڭ ئېنىق كۆرۈندى . ئۇ ئەتراپتىكى قوڭۇر رەڭلىك تاغ تىزمىلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى .
     - «ئالۋاستى قەلئەسى» ئەنە شۇ رەڭلىك تاغ ئىچىدە ، - دېدى باي ناھىيىلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئدارىسىنىڭ كادىرى قۇربان ئېلى كۈلۈپ تۇرۇپ ، - «ئالۋاستى قەلئەسى» جايلاشقان يەر شەكلى شامال يالاش يەر شەكلى ياكى يارداڭ يەر شەكلى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل يەر شەكلىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان يامغۇر ۋە شامالنىڭ يالىشى ئارقىسىدا كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇنداق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىياپىتى بىلەن ھەرخىل رەڭدىكى تەبىئىي كۆرۈنۈش شەكىللەنگەن .
     «ئالۋاستى قەلئەسى» گە يېتىپ بېرىشىمىزغىلا ، تەبىئەت ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى بىلەن بىزنى ھۇزۇرلاندۇردى . بىز بەكمۇ ھاياجانلاندۇق .
      بىز ماشىنىدا تۇيماستىنلا ئىككى دوقمۇشتىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كېيىن ، چۆل – جەزىرىلەرنى ئارقىمىزغا قالدۇرۇپ ، ئېدىرلىقلارغا كىرىپ كەتتۇق . بىردە ئۆرلەپ – بىردە پەسىيىپ ، بىردە چوڭىيىپ – بىردە كىچىكلەپ چوقچىيىپ تۇرغان تاغ قاپتاللىرى بىر – بىرلەپ كۆزىمىزگە تاشلىنىپ تۇراتتى . بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى تاغ تىزمىلىرىدا شەكلى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان خۇددى نەقىش چەككەن ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشاش نۇرغۇن دۆڭلۈكلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن ئارتۇق يول ماڭغاندىن كېيىن تۆت ئەتراپىمىز ئىپتىدائىي ، تەبىئىي گۈزەل رەڭگارەڭ خۇسۇسىيەتنى ئەكس ئەتتۈرگەن نەقىشلىك تاغ تىزمىلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى . ئۆزىمىزنى خۇددى تاشلىنىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان قەدىمىي قەلئەگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق . كۆك ئاسمىنى تىپتىنچ دېڭىزغا ئوخشايتتى . خىرە بۇلۇت يۇمشاق رومالغا ئوخشاش لەپىلدەيتتى . يۈرىكىمىز توختىماي سېلىپ كەتتى .
     بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ ھاياجىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ، «ئالۋاستى قەلئەسى» نىڭ سىرىنى قانداق ئىزدەش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق . كۆز ئالدىمىزدىكى بارلىق شەيئىلەر چەكسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان ، قايسى نىشاندىن باشلاش كېرەك ؟ دېگەن مەسىلە كۆپچىلىكنىڭ تالاش – تارتىش قىلىدىغان مەسىلىسى بولۇپ قالدى . «غەرب تەرەپكە ماڭايلى» دېدى قەھرىمان روزى ، «بۇ يولدىن ئاسان ئېزىپ قالىمىز ، بەك ئىچكىرىلەپ ماڭمايلى» دەپ سەمىمىزگە سالدى غەيرەتجان .
     باي ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇنىياز تۇراپ ، سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى قۇربان ئېلى ، ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇخبىرى قەھرىمان روزى قاتارلىق تۆتەيلەن سىرلىق ئوردىغا ئوخشايدىغان تاغ جىلغىسىغا قاراپ يول ئالدۇق.

     بىز مەپتۇن بولغان «ئالۋاستى قەلئەسى»

      قېيىر يېزىسىغا ماڭىدىغان تاشيولدىن ئايرىلىپ ، قۇم – شېغىللارنى دەسسەپ خىلۋەت ، جىمجىت ، چوڭقۇر تاغ جىلغىسىغا كىرىپ كەتتۇق . بىر ئەگمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قاراپ ھەيران قالدۇق . پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەيۋەتلىك قەدىمىي شەھەر كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى . بۇددالار سارىيى ، قاتمۇقات ئىبادەتخانىلار تاغ قاپتىلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى ...
      كۆزۈمنى يۇمۇپ يەنە قانداق كارامەتلەرنىڭ بارلىقىغا ھەيران بولۇپ تۇرسام ، بىر خىل ئاۋازنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم . بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى تېزلىشىپ كەتتى . مانا ! دۇبۇلغا ، ساۋۇت كىيىۋالغان ، قولىدا يالمان ، ئايپالتا تۇتقان ، قوش كىشىلىك سەپ تۈزگەن يىراق قەدىمىي زاماندىكى لەشكەرلەر ئاستا – ئاستا يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ . قىلىچ – خەنجەرلەر كۈن نۇرىدا پارقىراپ تۇرىدۇ . تۇيۇقسىزلا بىر مەيدان جەڭ باشلىنىپ كەتتى – دە ، ھەش – پەش دېگۈچە جەڭ بۇرغىسى چېلىنغان ، جەڭچىلەرنىڭ چۇقان – سۈرەن كۆتۈرۈشكەن ، جەڭ ئاتلىرىنىڭ كىشنىگەن ، ھەربىي قوراللارنىڭ سوقۇلغان ، ئىسسىق قانلارنىڭ ئېتىلىپ چىققان ، لەشكەرلەرنىڭ ھۆڭگىرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلانغىلى تۇردى . جەڭ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلماقتا . كۆك قەھرىدىن شىددەتلىك مۇدھىش بوران – چاپقۇن كېلىپ ھەشەمەتلىك قەدىمىي شەھەر ۋەيران بولۇپ كەتتى . يىغلاپ داد – پەرياد قىلىشقان ئاۋاز ئاستا – ئاستا پەسىيىپ ، يىراقلاپ ، ئۈن – تىنسىز يوقاپ كەتتى . ئەتراپ قايتا جىمجىتلىققا چۆمدى . شۇ پەيتتە مەن خۇددى قورقۇنچلۇق شۇم چۈش كۆرگەندەك بولدۇم. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام كۈن نۇرىدا چاقناپ تۇرغان قەلئە گاھى كۆرۈنۈپ ، گاھى يوقىلىپ ، ئېزىتقۇدەك ھەيۋەتلىك كۆرۈندى . ئەمما تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى .
     «ماڭايلى ، شىمال تەرەپكە بېرىپ قاراپ باقايلى» دەپ تەكلىپ بەردى قۇربان ئېلى . بىز ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپنى بويلاپ مېڭىپ ، ئېگىزلىكى 50 مېتىرغا يېقىن بىر ئېدىردىن تەسلىكتە يامىشىپ ئۆتۈپ ، قۇرۇپ كەتكەن بىر كىچىك ئېقىن ئارقىلىق تاغ جىلغىسىغا قاراپ ماڭدۇق . بىز ماڭغاچ ئەتراپقا نەزەر سېلىپ ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىزلىرىنى بايقىدۇق . ئەمما بۇ جايغا ئادەملەر ئاياغ باسمىغاندەك قىلاتتى . بۇ جاي قاقاسلىق بولۇپ ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ ئۆسىدۇ ، ئازدۇر – كۆپتۇر سۆكسۆك ، چاكاندىلارنى كۆرگىلى بولاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئالۋاستى قەلئەسى» دېگەن ۋەھىمىلىك نامدىن چارۋىچىلار ۋە باشقىلارنىڭ تېنى شۈركىنىپ ، بۇ جايغا ئاياغ باسمىسا كېرەك .
     يەنە 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ، بىز ئىلگىرى كۆرگەن مەنزىرىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر يارداڭلىق ئۈستىگە چىقتۇق . بۇ جاينى «ھايۋانات پادىشاھلىقى» دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايتتى . دىققەت – ئېتىبارىمىزنى قوزغايدىغىنى بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ، ئېغىزىنى يوغان ئاچقان بىر ئەجدىھانىڭ قورقۇنچلۇق ئەلپازى ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا بېشى يان تەرەپكە بۇرالغان ، يىراقلارغا نەزەر سېلىۋاتقان بىر ئەركەك شىر يېنىچە ياتاتتى . ئۇ خۇددى چۈشىدە كۆرگەن ياپيېشىل ئوتلاقلارنى ئەسلەۋاتقاندەك قىلاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا تاشپاقىنىڭ بېشىنى چىقىرىشى ، مايمۇننىڭ ئاينى تەكشۈرۈشى، تۇلپارنىڭ چېپىشى ، ئەجدىھانىڭ ھۆركىرىشى ، تۆگىنىڭ يۈكۈنۈپ يېتىشى ... قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر خۇددى راستتەكلا كۆرۈنەتتى . بۇ كۆرۈنۈشلەر بىزنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى .
      بىز يەنە مېڭىۋېتىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈشنى بايقىدۇق . 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك ياردا «غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» دا تەسۋىرلەنگەن ، بېشىغا ئالتۇن تاج ، ئۇچىسىغا كاسايا كىيىۋالغان تاڭ راھىبى تاڭسېڭغا ئوپمۇ ئوخشايدىغان بىر ھەيكەل دىققەت – ئېتىبارىمىزنى قوزغىدى . بولۇپمۇ ھەيكەل ئۇچىسىدىكى كاسايانىڭ پېشى ئالدىغا تومپىيىپ چىقىپ، خۇددى شامالدا لەپىلدەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . ئۇدۇلدىكى چوقچىيىپ تۇرغان تىك ياردا بەتبەشىرە بىر نەچچە ئون جىن – ئالۋاستىلار ئېچىنىشلىق چىرقىراۋاتقاندەك ، سۇن ۋۇكۇڭدىن ئىبارەت ئۈچ شاگىرتنىڭ ھېمايىسى بولمىغاندا «جىن – ئالۋاستىلار» تەپ تارتماستىن تاڭسىڭنىڭ گۆشىنى يېيىشكە ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى . كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرىدىن ھەيران قالدۇق ھەم بۇ مەنزىرىگە مەپتۇن بولدۇق . بىز تېلېكامېرانى ۋە فوتو ئاپپاراتنى توغرىلاپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى بىر – بىرلەپ سۈرەتكە ئېلىۋالدۇق .

    بىز ھەيران بولغان «ئالۋاستى قەلئەسى»

      بىز بىر ئېدىرلىقتىن ئاشقاندىن كېيىن يەنە بىر ئېدىرغا كەلدۇق . ماڭغانسېرى ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتۇق . غەيرەتجاننىڭ ماشىنىدىن چۈشكەن چاغدا ئەسكەرتكەن سۆزلىرى يادىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . ۋاقىت بىلىنمەيلا كەچ سائەت 6 بولۇپ قالدى . بىز ھېرىپ – چارچاپ ، قورسىقىمىزنىڭ غولدۇرلاپ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى سەزدۇق .
بىز تىك يار بېشىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ ، نان يېگەچ ، ئەتراپىمىزدىكى ئاجايىپ – غارايىپ مەنزىرىلەرگە نەزەر سېلىپ ، مەستخۇش بولدۇق . قانداقلا بولمىسۇن بىز ئادەمزات ئاياغ باسمىغان (ئادەتتە كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ) ئالۋاستى قەلئەسىدە زىيارەتتە بولدۇق . ھەممىمىز بىر قېتىملىق دالىدا ئېكسپېدىتسىيە – تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىمىزدىن سۆيۈندۇق .
     قورسىقىمىزنى توقلاپ بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن ، قايتىپ كېتىشنى قارار قىلدۇق . بىز بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ھاۋا تۇتۇلۇپ ، شامال چىققىلى تۇردى ھەمدە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى . قۇلىقىمىزغا شامالنىڭ غۇيۇلدىغان يېقىمسىز ئاۋازى ئاڭلىناتتى . بىزدە باشقىچە بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى . ئۆزىمىزنى خۇددى بىر سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق . بىز قول تۇتۇشۇپ ئېدىر – جىلغىلاردىن ئېشىپ ئۆتتۇق . بىز بىر سائەتچە ماڭغان بولساقمۇ ، ئەمما قېيىرغا ماڭىدىغان تاشيولنى تېخىچە تاپالمىدۇق . بىز يولدىن ئادىشىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق . شامال تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ . ئەتراپنى چاڭ – توزان قاپلىدى . بىز قارىغۇلارچە مېڭىشنى توختاتتۇق . پىل ھەيكىلىسىمان بىر دۆڭلۈكتە ئۆزىمىزنى شامالدىن دالدىغا ئالدۇق .
      شامالنىڭ گاھى ئاجىز ، گاھى كۈچلۈك قۇلاققا خۇشياقمايدىغان ئەنسىز غۇيۇلدىغان ئاۋازى خۇددى داد – پەرياد كۆتۈرگەن ئالۋاستىلارنىڭ ئاۋازىدەك بىلىنەتتى . ئەتراپقا قارىساق ، قاتمۇقات سېھرىي سايىلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ھاۋا بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى . چوڭ – كىچىك ھەيكەللەر خۇددى يىرتقۇچ ئالۋاستىلارغا ئايلانغاندەك ، «ئالۋاستى قەلئەسى» سۈرلۈك ، ئېچىنىشلىق ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئالۋاستى قورغىنىغا ئايلانغاندەك بولدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، «ئالۋاستى قەلئەسى» گە كىرگەنلەر قايتىپ چىقالمايدۇ . بۈگۈن بىز رىۋايەتتە دېيىلگەندەك قايتىپ چىقالمايمىزمۇ نېمە ؟ تېنىمىز شۈركىنىپ كەتتى . بىز بىر – بىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق . بىز قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان پەيتتە ، بىر قارا كۆلەڭگە يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىندى . ئالتۇن قۇياش نۇرى «ئالۋاتى قەلئەسى» نىڭ جىلغىلىرىغا چېچىلدى . جىن – ئالۋاستىلاردەك ھەرخىل ھەيكەللەر بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى .
      كەچكى قۇياش غەربكە ئاستا – ئاستا پاتتى . قىپقىزىل كەچكى شەپەق نۇرى ئالۋاستى قەلئەسىنى باشقىچە گۈزەللىككە پۈركىدى . ئەگرى – بۈگرى ، چوڭ – كىچىك جىلغىلاردا قاتمۇقات سېرىق ، قىزىل ، كۈلرەڭ دۆڭلۈكلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى . خۇددى تاشلاندۇق قەدىمىي رىم قەلئەسى قىزىل رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ ئارىلىشىپ كەتكەن دۆڭلۈكلەر ئارىسىدا تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى . نەزەر سېلىپ قارايدىغان بولساق شىپاڭ ، پەشتاق ، راۋاق ، بالىخانا بىلىنەر – بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئىمارەتلەردىكى ئويما نەقىشلەر خۇددى راستتەكلا تۇيۇلاتتى . بەزىلىرى قانات قېقىپ كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۈركۈتكە ، يەنە بەزىلىرى ھۆركىرەۋاتقان يولۋاسقا ئوخشايتتى .

    «ئالۋاستى قەلئەسى» گە نەزەر

     «ئالۋاستى قەلئەسى» دىن قايتىش نىشانىنى تېپىش ئۈچۈن ، بىز خېلىلا ئېگىز بىر دۆڭلۈككە چىقىپ قاراپ ، قايتىش يولىمىزنىڭ بىزدىن ئانچە يىراق قالمىغانلىقىنى بايقىدۇق . بىردىنلا ھەممىمىز خۇشال بولۇپ ، يولغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتۇق . بىز بىر كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن ، ماشىنىغا چىقتۇق . ناھىيىگە قايتىش سەپىرىدە بىز «ئالۋاستى قەلئەسى» نىڭ سىرىنى ئىزدەش سەرگۈزەشتلىرىمىزنى ۋە ئالغان تەسىراتىمىزنى ئۆزئارا سۆزلىشىپ ماڭدۇق . تۇنياز تۇراپ مۇنداق دېدى : «ئالۋاستى قەلئەسى» دە ئالۋاستى يوق . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ تەبىئەتنىڭ نادىر ئەسىرى . بۇ ئالاھىدە يەر شەكلى ئەپت – بەشىرىسى يىرگىنىشلىك ئالۋاستىغا ئوخشايدۇ . شامال چىققاندا چىققان ئاۋازدىن كىشىلەر قورقۇپ تېنى شۈركۈنۈپ كېتىدۇ . شۇ سەۋەبتىن بۇ جايغا «ئالۋاستى قەلئەسى» دەپ نام بېرىلىپ قالغان . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل يەر شەكلى يارداڭ يەر شەكلى دەپ ئاتىلىدۇ . ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە گۇچۇڭ «ئالۋاستى قەلئەسى» ، ئورقۇ «ئالۋاستى قەلئەسى» ، قومۇل «ئالۋاستى قەلئەسى» قاتارلىقلار بار . يەنە بۇ خىل يەر شەكلىگە ئوخشايدىغان نۇرغۇن جايلار بار . تۇنياز تۇراپ ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى : «ئالۋاستى قەلئەسى» چۆل – جەزىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، قاتنىشى قولايسىز ، ھاۋا كېلىماتى ، شەرت – شارائىتى ناچار ، كىشىلەر بۇ جاينى سەيلە – ساياھەت قىلىش جەريانىدا تەرەپنى پەرق ئېتىشى تەسكە توختايدۇ ، ھەتتا كەڭرى كەتكەن يارداڭلىققا كىرگەندە ، ئاسانلا نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ . شۇڭا بۇنداق جايغا بېرىشتا ياخشى تەجرىبىگە باي يەرلىك يول باشلىغۇچى تېپىشى كېرەك .
     تۇنياز تۇراپ باي قىزىل «ئالۋاستى قەلئەسى» نى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : قىزىل «ئالۋاستى قەلئەسى» باي ناھىيەسىدىكى مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى . بۇ جاي «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى قارا 2 – گازلىق . قىزىل مىڭئۆي ، قېيىر خەلقئارا ئوۋ مەيدانى ، قىزىل سۇ ئامبىرى بىلەن تۇتىشىپ غايەت زور ئېچىش قىممىتىگە ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

     بۇماقالىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەردىن ھوزۇرلىنىڭ:


















































بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

0

تېما

5

ئەگەشكۈچى

337

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
211
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1335225406 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 11:08  

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى قۇربان مولنىياز ۋە قەھىرمان  رۇزى ئەرچىن لەر بىلەن بىرگە بېرىشقا پۈتۈشكەن بولساقمۇ، ئائىلىدىكى جىددى ئىشلار تۈپەيلى بىرگە ھەمسەپەر بولالمىغان، بىرلىكتە تۇرۇپ سۈرەتكە تارتالمىغان ئىدىم. كىين بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۈزۈم ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش قىزىل ئالۋاستى قەلئەسى، قىزىل قىيا قىزىل تاغ سۈرەتلىرىنى سۈرەتلىرىنى تارتىپ ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. مۇنبەرداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبىرىكلەپ ئالۋاستى قەلئەسىگە سەپەر ناملىق بۇ ماقالە بىلەن بۇ بىر گۇرۇپا سۈرەتلەرنى يوللىدىم.  ماقالىدە دېيىلگەندەك بۇ سىرلىق ئالۋاستى قەلئەسىگە ساياھەت قىلغۇچىلار، كەسپىي فوتوگىرافلار ۋە ھەر خىل ئىكىسپىدىيىسچىلەرگە بۇ ماقالە ۋە سۈرەتنىڭ ئاز تولا پايدىسى يېتەر دېگەن ئۈمۈددە بۇ تىمىنى يوللىدىم.
مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

2

تېما

4

ئەگەشكۈچى

403

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
217
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئالۋاستى قەلئەسى»دىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر، بۇ راستىنلا ئاجايىباتلار يوشۇرۇنغان جاي ئىكەن، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

86

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
68
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىمۇ ياخشى يېزىپسڭز،سۇرەتنمۇ شۇنداق ياخشى تارتپسىز

8

تېما

12

ئەگەشكۈچى

1600

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
638
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  راستىنلا   بەكمۇ ھەيۋەتلىك، سۇرلۇك « ئالۋاستى » قەلئەسى ئىكەن . سۇرەتلەرنى ياخشى تارتىپسىز، ماقالىنىمۇ  مەزمۇنلۇق يېزىپسىز. ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي.

42

تېما

10

ئەگەشكۈچى

1231

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئىنكاس شاھى
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
505
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋالدۇق جۇمۇ !! يازدا اللە يول بىرىپ قالسا بىرىپ كىلەمىز !!

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

53

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
37
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاددى بىر فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارى، تارتقان سۈرەتلىرىڭىز ماڭا مەنىۋى ئوزۇق بولدى.  تېخىمۇ كۆپ  فوتو ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامەن.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

89

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
51
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆرەتلەرنىڭ مەزمۇنى بەكمۇ ياخشى يېزىلىشى بىلەن بىرگە سۆرەتلەرمۇ ناھايىتى جانلىق سۈزۈك چىقىپتۇ

21

تېما

12

ئەگەشكۈچى

584

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
286
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەجەپ ياخشى تارتىلىپتۇ سۇرەتلەر !!! توپا  تاملارنىڭ بىنالاردەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشى !تۆگۈلەرنىڭ  بۇغۇلارنىڭ  سۇرەتلىرى   مىنى مۇشۇ  ئالۋاستى سەھرىگە بىر بىرىپ كۆرەپ كىلىشكە ئۇندەۋاتىدۇ !!!!ئاللا بىر كۈنلىرىى كورۈپ كىلىشكە نىسىپ قىلا !!!!!!!!!!!!1
ئۆزى ھەققىدە:كىمىكى قىلسا كىشىگە بىھۇدە غۇرۇي ئاياغ تۇۋېىدىن قۇمۇشتەك قۇرۇي! جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممسى تەھدىرگە تەەللۇق ۋەياكى ئۇنىڭمۇ تەدبىرى باردۇر!

13

تېما

4

ئەگەشكۈچى

823

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئابدۇللا
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
341
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-1-19 19:20, Processed in 0.120863 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش