ئازغانلار ۋە ئېزىۋاتقانلار پوۋېست
ئاپتورى –ياسىنجان ئابدۇجېلىل (ھايات)
(ئاپتور ئىلى ئوبلاستتى چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
1
-ۋاي ئانام!!! ئورنىدىن ئەمدىلا تۇرغان تۇنساگۈل ئېشىك تۈۋىدە تۇرغان ئاق كىيىملىك گەۋدىدىن خۇدىنى يوقىتىپ ۋارقىراپ سالدى. -ۋاي ئانام ،ھېزىم ... تۇنساگۈلنىڭ ئىككىنچى قىتىم قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، يىنىدا ياتقان ھېزىمنى ئۇيغاتماق بولۇپ قولىنى سوزدى. بىراق ھېزىم يوق ئىدى. ئۇنىڭغىچە ئېشىك تۈۋىدىكى ھېلىقى گەۋدە تامنى سىلاشتۇرۇپ ئېلىكتىر چىرىقىنى ياندۇردى. قورقۇپ كەتكەن تۇنساگۈل ئېشىك تەرەپكە ئىسەڭگىرەپ قارىدى. ئېشىك تۈۋىدە ئەرۋاھ ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئاق روباشكىسىنى كىيگەن يولدىشى ھېزىم تۇراتتى. -سەن ،سەن ،نېمە قىلىپ يۈرىسەن ، - تېخىچە قورقۇپ تۇرغان تۇنساگۈل ھېزىمغا تىل سالدى، - ھۇ بېشىنى يەيدىغان تاز ،ئادەمنى شۇنچىمۇ قورقىتامسەن ؟ -يائاللا، ۋارقىراپ كەتسەڭ نېمە بولغاندۇدەپ ئېغىزىمغا گەپمۇ كەلمەي قالدى خوتۇن ، - ھېزىم خۇددىي ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. -يەنە نېمە بولسا بولاتتى ماڭا،- يۈرىكى ئورنىغا چۈشكەن تونساگۈل يولدىشىغا قاراپ تۇيۇقسىز كۈلۈپ تاشلىدى، - ساراڭ بولۇپ قالمىغانسەن ؟ بۇ نېمە قېلىق ئەمدى؟ - نېمىسىنى دەي ئەمدى ، -دېدى ھېزىممۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ، - بايا ئۇيغانسام زەھەر قىستاپ قاپتۇ.قارىسام بەك جىددىي .ئاستى –ئۈستۈمگە كىيسەم ئۈلگۈرۈلمەي قالماي دەپ شۇ قولۇمنى ئۇزاتساملا مۇشۇ چىققان شۇڭا... - ھۇ ،بېشىنى يەيدىغان تاز ،سەن قىلمىغان ئەمدى مۇشۇ ئىش قالغان زادى؟ - بولدى ،بولدى خوتۇن ،قورققىدەك ئىش يوق. – ھېزىم سەل تۇرۇپ تۆۋەندىكىنى قوشۇپ قويدى، - ماۋۇ ئىشنى باشقىلارغا دەپ يۈرمە يەنە! ھېزىم بىرىپ ئېلىكتىر چىرىقىنى ئۆچۈردى. ئۇ ئاستا يوتقانغا كىرىپ ، تۇنساگۈلنى يېنىغا تارتتى. -ۋاي ،نىرى تۈرە ، - تۇنساگۈل ئۇنى ناز بىلەن ئىتتىردى. ھېزىممۇ بولدى قىلماي ئۇنىڭ يەلكىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى. -ماڭا قارا ،يەنە دەپ قوياي ،ماۋۇ ئىشنى ھېچكىمگە ... -دەيمەن تازا . -قىنى شۇنداق قىلغىنىڭنى بىر كۆرەي ،- ھېزىم ئاچچىقىدا ئۇنى سېلكىشلىدى. - قولۇڭنى تارت مەندىن ، - تۇنساگۈلمۇ ئاچچىق بىلەن ئېيتتى، - مەن بۇ ئىشلارنى دەپ يۈرىدىغانغا كىچىك بالىمۇ ئەمدى. ھېزىم شۇندىلا قايتىدىن پەسكۈيغا چۈشۈپ تۇنساگۈلگە قايتا قولىنى ئۇزاتتى. تۇنساگۈل سەھەر ئۇرنىدىن تۇرۇپ ، چايغا ئوت قالىدى. ئۇنىڭغىچە ئۆيدە سۈت قالمىغانلىقىنى بىلىپ ، خوشنىلاردىن سوراش ئۈچۈن ئۇدۇل قوشنىسى ئادالەتنىڭ ئۆيىگە قەدەم تاشلىدى. ئىككى قوشنا دەرۋازا ئالدىدىلا ئۇچراشتى. - ئەسسالام ئادالەت ، - سىزمۇ ئېشىك ئالدىنى تازىلاۋىتىپسىزدە ؟ - ۋۇي تونساگۈلمۇ سىز ، - ئادالەت چۆچۈپ كەينىگە ئۆرۈلدى. - قارىسام ئۆيدە سۈت تۈگەپ قاپتۇ، - تۇنساگۈل سەل تۇرۇپ قوشۇپ قويدى، - كالىنى ئاخشام ھېزىم ئېتىزلىققا قالدۇرۇپ قويۇپ كەپتىكەن .شۇڭا ئازراق سۈت سوراپ كىرگەن قوشنام. - قىنى ئۆيگە كېرىڭ . ئادالەت ئۇنى ئۆيگە باشلىدى.ئادالەت ئۇنىڭ قولىدىكى قاچىنى ئېلىپ سۇت ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭغىچە ئۇنىڭ يولدىشى قاسىممۇ ئۆيدىن تالاغا چىقىپ كەلدى. - پاھ ، سەھەردە ھويلىدا بۇلبۇلنىڭ مۇڭلۇق سايرىغىنى بىكار ئەمەسكەندە ، مانا ئەسلى تونساگۈلنىڭ كىرىشىدىن بېشارەت بىرىپتىكەندە. –دېدى قاسىم سەت ھېجىيىپ تۇرۇپ . - تولا سەتلەشمىسىلە قاسىىماخۇن ، ھېلى ئادالەت چىقىدىغان بولسا ،بۇلبۇللىرىنىڭ تۈكى توزۇپ كەتمىسۇن يەنە .ھا ھا ھا تۇنساگۈلنىڭ تۇيۇقسىز كۈلكىسىدىن ھويلىدا دانلاپ يۈرگەن ئىككى مىكيان چۆچۈپ ،باغ تەرەپكە قاراپ قاچتى. بۇنى كۆرۈپ ھەر ئىككىسى يەنە قاقاقلىشىپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭغىچە ئادالەتمۇ ئۆيدىن چىقىپ كەلدى. ئۇ يولدىشى بىلەن تونساگۈلنىڭ كۈلۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ،قاپىقى سەل تۈرۈلدى دە ،قاسىمغا قاراپ : -چۈشلىرى بۇزۇلۇپ قالمىغاندۇ سىلىنىڭ ، ئىشلرىنى قىلسىلا ، - دېدى. تونساگۈلمۇ خىجىل بولۇپ ئۆزىنى دەرھال تۈزەپ ، گەپنى بۇرىدى. - باشقىچە چۈشۈنۈپ قالمىسىلا ئادالەت ، شۇ ئېسىمگە بىر ئىش كېلىپ قىلىپ ، كۈلۈپ سالدىم شۇ . - ئىككىڭلار تەڭ كۈلگۈدەك قانداق قىزىقارلىق ئىش ئىدى ئۇ ، - ئادالەت تەرىنى تۈردى، - قىنى مەنمۇ ئاڭلاپ باقاي تونساگۈل . گەپنى قانداق ئوڭشاشنى بىلمەي قالغان تونساگۈلنىڭ كاللسىغا تۇيۇقسىزلا ئاخشامقى ئىش كەلدى دە، ئويلانماستىنلا ئۇنى ئادالەتكە دەپ سالدى. - ھا ھا ھا ، - كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتالماي قالغان ئادالەت بېقىنىنى تۇتقىنىچە سۇپا قىرىغىلا ئولتۇرۇپ قالدى. – ۋاي ئانام ، ۋاي قانداق قىلاي، نېمە دېگەن قىززىق ئىش بۇ. - قوشنام بۇ ئىشنى باشقىلارغادەپ سالمىسىلا ھە، - تونساگۈل شۇنى دېدى دە، ئالدىراپلا ئۇ يەردىن ئايرىلدى. ئاياللار ئەنە شۇنداق . بىر گەپنى ئاڭلىدىمۇ بولدى. ئۇنى ئىككىنچى بىرىگە دېيىشكە ئالدىرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەخپىيەتلىك ساقلىتىمەن دېگەننىڭ ئۆزى بىر ساراڭلىق. تونساگۈلنىڭ ئويلانمايلا دەپ سالغان مەخپىيەتلىكى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا مەھەللىدىكى بىر قانچە ئايالنىڭ قولىقىغا بىرىپ يەتتى. ئەلۋەتتە، ئادالەتمۇ بۇنى ئۇلارغا ھېچكىمگە دېمەسلىك شەرتى بىلەن دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن كەچ كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ گەپ بۇ كىچىككىنە يېزىغا پۇر كەتتى. مەھەللە دوقمۇشىدا ئولتۇرغان بىر قانچە بىكار تەلەپلەرنىڭ ئېغىزىدىمۇ شۇ گەپ . - ھەي ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟ ھېزىمنى ئاخشىمى ئايالىنىڭ روباشكىسىنى كىيىپ ئۇخلايدىكەن دەيدىغۇ؟ - ۋاي ،سەن تىخى ئەمدى ئاڭلاۋاتامسەن ؟ ئۇ ئايالى بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان شۇنداق قىلىق چىقىرىۋاپتۇ .بۈگۈن ئايالى چىدىماي بۇ ئىشنى باشقىلارغا دەپتۇ. - ئۆزى ئايالىنىڭ روباشكىسىنى كىيىپ ،ئايالىغا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى كىيدۇرۇپ ،قوچاقلاپ ياتقۇدەك دەيدىغۇ؟ - ئاخشىمى ياتقاندا ئايالىغا يالغان بۇرۇت چاپلاپ قويىدىكەن . - بىلسەم ،بىلمىسەم بۇ شۇ ئايالىنىڭ تىپىپ چىققان ئويۇنى . ئىنسان دېگەننىڭ ئېغىزىنى توسىۋالغىلى بولامدۇ زادى؟ «ھېزىم ۋەقەسى» بىر كۈن ئىچىدىلا ئەنە شۇنداق قولاقتىن –قۇلاققا، ئېغىزدىن –ئېغىزغا يېتىپ ،شەكلى ئۆزگىرىپ ،ئاجايىپ كۈلكىلىك گەپ –سۆزگە ئايلاندى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېزىمنىڭ يېقىن ئاغىنىسى تورسۇن كەچكە يېقىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بۇ ئىشنى ھېزىمغا ئېيتىپ ئۇنىڭدىن زادى بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى. ھېزىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، نە كۈلۈشىنى ،نە تىرىكىشىنى بىلمەي قالدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا يۈگۈرۈپ چىقىپ ياندىكى ئۆيدە ئىش قىلىۋاتقان تونساگۈلنى ئۇرۇپ –چەيلىۋەتكۈسى كىلىپ كەتتى. بىراق ئۆيدە تۇرسۇن بولغاچقا ئۇ ئۆزىنى تەستە تۇتىۋالدى. ئۇ ئاغىنىسىگە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. تۇرسۇنمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى. تورسۇننى دەرۋازىغىمۇ ئۇزۇتۇپ چېقىشقا چىدىماي قالغان ھېزىم يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. يولدىشىنىڭ ئەلپازىنىڭ يامان ئىكەنلىكىدىن قورقۇپ كەتكەن تونساگۈلمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالدى. تذنساگإل بإگإن چۈشكە يېقىن بازارغا سەي –كۆكتات ئېلىش ئۈچۈن چىققاندىمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىدىغان ظئدئ. بايا ياندىكى ئۆيدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قىلىشقان گېپىنى ئاڭلىدى.شۇندىلا ئۇ ئويلانماي دەپ سالغان سۆزىدىن ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي تۇراتتى. - خەپ سېنى ، ھۇ راسۋا قانجۇق ، - ھېزىم گەپنىڭ ئاخىرىنى دېمەيلا ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى. ئۇ تونساگۈلنىڭ « مەن ئېزىپتىمەن ،بولدى قىلىڭ »دېگىنىگىمۇ قارىماي ئۇنى ھارغىچە دۇمبالىدى. بىر چاغدا ئۇرۇپ ھارغان ھېزىم بىر چەتكە بىرىپ ئولتۇردى. ئۇ يانچۇقىدىن موخۇركا خالتىسىنى ئالدى دە، بىرتال يوگىدى. تاماكىنى كۈچەپ تۇرۇپ ئىچىگە تارتتى. تۇنساگۈل ياتقان جايىدا تېخىچىلا يېغلاۋاتاتتى. - كۆزۈمدىن يوقال ! سېنىڭدەك قانجۇقنى ئەمدى كۆرەرگە كۆزەم يوق. - يوقالسام يوقالدىم ، - تۇنساگۈل بىردىنلا ئورنىدىن چاچراپ تۇردى. – نېمە گەپ قىلمىسام ھەددىڭدىن ئاشىسەن . سەن ھاراقكەش تازغا چۈشۈپ قالغان تونساگۈل يوق ئەمدى. تونساگۈل شۇنداق دېدى دە، ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. دەرۋازا قاپقىقىنىڭ داراڭلاپ ئېچىلىپ –يېپىلىشىدىن ئېسىگە كەلگەن ھېزىم بىردىنلا چۆچىگەندەك بولدى.بىر ئازدىن كىيىن ئۇ بىرنەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردى. ھېزىم دەرۋازا ئالدىغا چىققاندا تۇنساگۈل ھېچيەردە كۆرۈنمىدى. تۇنساگۈللەرنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە بولۇپ ، ھېزىم ئۇنى ئۆيىگە كەتتى دەپ پەرەز قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. بىراق ،تونساگۈلنىڭ ئانىسىدىن قورقۇپ ئۆيگە كېرىشكە پېتىنالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە كىرىشتىن نومۇس قىلدى. تونساگۈل شۇ يامانلاپ كەتكىنىچە بىر ئاي بۇ ئۆيگە قەدەم باسمىدى. 2 ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. ئايال بولمىغان ئۆي ھېزىمغا بارا-بارا دوۋزاقتەك بېلىنىشكە باشلىدى. ئۇ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تۇنساگۈللەرنىڭ چوڭ ئۆيىگە ئىككى قىتىم بىرىپ كەلدى. بىراق ھەر ئىككى قىتىم ئىش ئەپلەشمىدى. بولۇپمۇ ئىككىنچى قىتىم قىيىن ئانىسىدىن ئوبدانلا دەككىسىنى يىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى يەنە بىرقىتىم بىرىشقا ئۇنىمىدى.راستىنى ئېيتقاندا قورقتى. بىرىنچى قىتىم بارغاندا ئۆيدە قىيىن ئاتىسى بار بولۇپ تۇنساگۈل ئانىسى بىلەن بازارغا كەتكەن ئىدى. ھېزىمنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن تونساگۈلنىڭ دادىسى زىياۋدۇن ئۇنى چىرايلىق قارشى ئالدى. ئۇمۇ ئايالى گۈلسۈمدىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلىغان ئىدى. - كەل بالام ، قېنى ئۆيگە كىر ، - ھويلىدا ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان زىياۋدۇن دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەن ھېزىمنى كۆرۈپلا ئىشىنى تاشلاپ ئۇنىڭغا بۇرۇلدى. - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا ، - ھېزىم ئېسىنى يېغىپ قىيىن ئاتىسىغا سالام قىلدى. - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام ،قانداق تۇردىڭ، قىنى ئۆيگە كىر . زىياۋدۇن ئۇنى ئۆيگە باشلىدى. ئەگەر ماۋۇ قىيىن ئاتىسى بولغىنىدا ئىدى ،ئۇ بۇنچە قورقۇپ كەتمەيتتى. گەپ تۇنساگۈلنىڭ ئانىسى گۈلسۈمدە. ھېزىم قىيىن ئانىسى ھازىرلا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ، ئۇنى تىللاپ قوغلاپ چىقىرىدىغاندەك تارتىنىپقىنە ئۆيگە قەدەم تاشلىدى. ئۆيگە كىرىپ جايلىشىپ ئولتۇرغان ھېزىم ئۆيدە قىيىن ئاتىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۇردى. - ئانام ئۆيدە يوق ئوخشىمامدۇ دادا ؟ - ھېزىم قورۇنۇپقىنە سورىدى. - شۇنداق ، ئەتىگەن تۇنساگۈل ئىككىسى بازارلىق ئالىدىغان ئىشىمىز بار دەپ چىقىپ كەتكەن . مانا ھازىرغىچە كەلمىدى. بەلكىم ئەمدىلەتىن كىلىپمۇ قالار. زىياۋدۇننىڭمۇ بۇ بىچارە بالىغا ئىچى ئاغرىيتتى. بولۇپمۇ ئايالى ھەر قىتىم ئۇنى تىللاپ ئەدىبىنى بەرگەندە ئۇ ئارىغا چۈشەتتى. تۇنساگۈل بۇ ئۆيگە كەلگەندە ئايالى ئوچۇقتىن –ئوچۇقلا ئۇنىڭغا ئېرىنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۈگىتەتتى. بۇنداق چاغلاردا زىياۋدۇن ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتى. تۇنساگۈل كەتكەندىن كىيىن ئايالىغا بىر مۇنچە كايىتتى. زىياۋدۇننىڭ نەزىرىدە ھېزىم ئۇنچە يامان بالا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ رەھمەتلىك ئاتىسى ناسىرپاڭ بىلەن زىياۋدۇن قىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن. ئىككى ياشنىڭ نىكاھ ئېشىمۇ ئۇلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن بولغان. ئەگەر گۈلسۈمنىڭ مەيلىچە بولغاندا بۇنداق «ئۆيىدىن چاشقان يامانلايدىغان قەلەندەر»گە ھەرگىز قىزىنى بەرمىگەن بولاتتى. زىياۋدۇن بىلەن ناسىرپاڭ بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان ئاغىنىلەردىن. بولۇپمۇ ھېلىقى ئاپەتلىك يىللاردىكى بوران –چاپقۇنلاردا بىرگە تاۋلانغانلاربولۇپ، شۇ يىللاردىلا قىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن بولۇشقا قەسەم ئېچىشكەنىدى. ناسىر پاڭ ئەسلى چوڭ بىر باينىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ ، شۇ يىللىرى دادىسى ئەمەت باي« چەتكە باغلانغان ئۇنسۈر »لەر تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ ، مۇشۇ يېزىغا سۈرگۈن قىلىندى.ناسىرمۇ ئاتا –ئانىسى بىلەن قوشۇلۇپ بۇ يېزىغا كەلدى. بۇ دەل ناسىرنىڭ 20لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان تازا كۈچىگە تولغان مەزگىلى ئىدى. ئۇ چاغلاردا زىياۋدۇن دۈينىڭ ئات ھارۋىسىنى ھەيدەتتى. كەنت مۇدىرى ئۇلارنى زىياۋدۇنلارنىڭ ئائىلىسى قاراشلىق ئەترەتكە تەقسىم قىلدى. مۇشۇ كۈنلەردە بۇ يەرگە ئەمەت بايغا ئوخشاشلار دائىم كىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى ھالىي تولىمۇ ناچار بولۇپ ، دۇينىڭ قوراسى ئىچىدىكى ئاددىي ياتاقلار ئۇلارنىڭ يىتىپ –قوپۇشى ئۈچۈن بىرىلگەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ بۇ ئىككى ياش يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالدى. زىياۋدۇننىڭ ئانىسى بۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئارتۇقچە باش ئاغرىقى ئىلىپ كىلىشىدىن قورقسىمۇ بىراق ئەمەت باي ۋە ئايالى ئامىنەمنى ياقتۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئاپەتلىك يىللاردا بۇ ئىككى ئائىلە نورغۇن جەبىر –زۇلۇملارنى باشتىن كەچۈرۈپ ،ئۇرۇق –تۇققاندەك بولۇپ قىلىشقانىدى. تازا قاتتىق قىشنىڭ بىر كۈنى كەنت مۇدىرى ناسىرنى تاغقا ماللارنىڭ سانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. زىياۋدۇن بىرگە بىرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ كەنت مۇدىرى ئۇنىڭغا باشقا ئىش تاپىلاپ ئۇنى بارغىلى قويمىدى. ئامالسىز قالغان زىياۋدۇن ئاغىنىسىنى يالغۇز يولغا سالدى. زىياۋدۇن بۇ ئىشلارنىڭ كەنت مۇدىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇنىڭ ناسىرنىڭ ئانىسى ئامىنەمگە كۆز تاشلاپ بىر قانچە قىتىم دەككىسىنى يىگەنلىكىنى ، كەنتنىڭ بۇ پاناق مۇدىرىنىڭ دائىملا ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن ئەگىپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى. ناسىر كىتىپ ئىككى كۈنگىچە خەۋىرى بولمىدى. ئەمەت باي بىلەن ئامىنەم ئۇنىڭدىن كۆپ ئەنسىرىدى. بىراق ئەمەت باينىڭ مۇشۇ كۈنلەردە دېگەندەك سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئالدىغا چىقىشقا ئامال بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنت مۇدىرىنىڭ يالغاندىن يېتىۋاپسەن دەپ يەنە قىشتا مۇز قومۇرتىشىدىن قورقتى. زىياۋدۇن ئەھۋالدىن خەۋەر تىپىپ ، ئۆزى ھارۋىغا قىتىپ ئىشلىتىۋاتقان ئاتنى مىنىپ تاغقا قاراپ كەتتى. كەنتكە يىقىن بۇ تاغدا دۇينىڭ ماللىرى بار بولۇپ ،قىش –ياز بۇ يەردە بولاتتى. بۇنىڭغا قارايدىغان مەخسۇس ھېلىقىدەك «گىزەندى»لەر بار ئىدى. زىياۋدۇن ئۇ يەرگە چىققاندا ئۇلار ناسىرنىڭ بۇ يەردىن ئەتىگەن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. زىياۋدۇن دېمىنىمۇ ئالماي ئۇ كەتكەن يول بىلەن دەرھال كەينىگە ياندى. زىياۋدۇن يول بويى ناسىر قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزنى قوغلاپ ماڭدى. ئۇ ماڭغاچ ئەتراپقا نەزەر سالدى يىراقتىكى ئاقباش چوققىلار تولىمۇ ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. يېقىنلا يەردە پۈتۈن بەدىنى قار بىلەن چۈمكەلگەن قارىغايلار، ئۆزىنىڭ جەسۈرلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقاندەك ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تاغنىڭ ياز پەسلىنىڭلا ئەمەس ،قىش پەسلىنىڭمۇ بۇنچە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ زىياۋدۇننىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالدى. لىكىن ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا ناسىردا ئىدى. ئۇ ئاتنى ئىلدام چاپتۇرۇپ ماڭدى. بىر چاغدا ئالدىدىكى جىلغا ئىچىدىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. «قار كۆچكەن ئوخشايدۇ» زىياۋدۇننىڭ كاللىسىغا ئاللىقانداق قورقۇنچلىق خىياللاركەچتى. ئۇ ئاتنى چاپتۇرۇپ جىلغا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. 3 ناسىر ئۇرۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىشەكنى ئۇلاغ قىلىپ تاغقا چىقتى. مۇدىرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماللارنىڭ سانىنى ئالدى. بۇ يەردە بىركۈن تۇرغاندىن كىيىن ئۇلار ئالدىن تەييارلاپ قويغان توشقان ، قىرغاۋۇل ، تاغ ئۆچكىسى قاتارلىق ئوۋ غەنىمەتلىرىنى ئىشەككە ئارتىپ، ئەتىگەندىلا يولغا چىقتى. قايتىشىدا ئۇ يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن جىلغا ئىچى بىلەن ماڭدى. بۇ جىلغا ئۇدۇل مەھەللە ئىچىگە تۇتىشاتتى. ياز كۈنى بۇ يەر تاغقا چىققۇچىلارنىڭ دائىملىق يولى ئىدى. لىكىن قىش پەسلىدە يول تىپىپ مېڭىش سەل قىيىن بولغانلىقى ئۇندىن باشقا تۈرلۈك يىرتقۇچ ھايۋانلار ھە باشقا ئاپەتلەر سەۋەبىدىن بۇ يەردىن ماڭغۇچىلار ئاز بولاتتى. ناسىر يول بويى باشقىلار قالدۇرغان يول بىلەن ماڭدى. بىر چاغدا ئۇ گۇلدۇرلىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ جىلغىنىڭ ئۈستىگە قارىدى. خۇددىي تاغ سىيرىلىپ چۈشىۋاتقاندەك غايەت زور قار دۆۋىلىرى تۆۋەنگە چۈشىۋاتاتتى. قورقۇپ كەتكەن ئىشەك ئالدى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ناسىر قىچىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىشەكنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدىن چىقارمىدى. «گۈپ»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ قارنىڭ ئاستىدا قالدى. ئىسسىق بىر ھارارەتنىڭ تەسىرىدىن ئېسىگە كەلگەن ناسىر كۆزىنى ئاستا ئاچتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ كۆرگىنى ئاغىنىسى زىياۋدۇن بولدى. زىياۋدۇن بايىقى ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تىزلىك بىلەن جىلغا ئىچىگە يېتىپ كەلدى. بىراق نەچچە يۈز مېتىر ئورۇندىكى يول پۈتۈللەي توسۇلۇپ قالغان بولۇپ ، سەللا بىخەستەلىك قىلسا چوڭقۇر ھاڭغا غۇلاپ چۈشۈپ كىتەتتى. ئۇ ئاتنى يېتىلەپ ئالدىدا ئۆزى يول ئېچىپ ماڭدى. ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتتى. زىياۋدۇن ھىرىپ ھالىدىن كەتتى.بىرچاغدا ئۇ تاشنىڭ دالدىسىدا تۇرغان ئىشەكنى كۆردى. زىياۋدۇنغا قايتا جان كىرگەندەك بولۇپ ، دەرھال شۇ ئەتراپتىكى قارنى ئاچتى. ئۇ ئىشەكنىڭ ئارغامچىسىنى بويلاپ ئىزدىۋىدى ، قارغا كۆمۈلۈپ قالغان ناسىرنى تاپتى . بۇ چاغدا ناسىر پۈتۈللەي ھوشىنى يوقاتقان بولۇپ ،جانسىز نەپەس ئېلىۋاتاتتى. زىياۋدۇن دەرھال جۇۋىسىنى يېشىپ ئۇنىڭغا كىيدۇردى. ئۈستى –بېشىدىكى قارلارنى تازلىدى. بىر چاغدا ناسىر سەل ھوشىغا كەلگەندەك بولدى. - ئاداش ، ساقمۇسەن ، بۇ مەن زىياۋدۇن ، - زىياۋدۇن ئاغىنىسىنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى ئاستا يولىدى. - ئاداش ،بۇ سەنمۇ ؟ - ناسىرنىڭ ھالى تولىمۇ ناچار ئىدى. زىياۋدۇن ئۇنى ئاتقا مىنگەشتۈردى. ئالدىغا ماڭاي دېسە يەنە ئالاھەزەل يىرىم كۈن ماڭاتتى. ناسىرنىڭ ئەھۋالىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرگەن زىياۋدۇن دەرھال كەينىگە ياندى. شۇ قىتىملىق ۋەقەدە ناسىرنىڭ بىر قۇلىقى سوغۇقتا ئۈشۈپ قىلىش باھانىسى بىر مەزگىللەرگىچە ئاغرىپ يۈردى. كىيىن بارا –بارا ئاڭلىماس بولۇپ قالدى. بۇ ئىككى ئاغىنە شۇ ئىشتىن كىيىن جاپالىق كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈش توغۇرسىدا قەسەم ئېچىشتى. يىللار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئاپەتلىك يىللارمۇ ئۆتۈپ ، بەختىيار كۈنلەريېتىپ كەلدى. بىراق ناسىرنىڭ ئاتا –ئانىسى بۇ كۈنلەرنى كۆرۈشكە نېسىپ بولالمىدى. بىر قىتىملىق قاتتىق يامغۇردا ئۇلار ياتقان ئۆي كىچىسى تويۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئەمەت باي بىلەن ئامىنەم ئاستىدا قالدى. بۇ كۈنى ناسىر يەنە «ۋەزىپە»دە ئىدى. ئۇ كەلگەندە باشقىلار ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسىنى لاي توپا ئاستىدىن كولاپ چىقىرىپ قويۇشقانىدى. ناسىر يېغلاپ –قاقشاپ يۈرۈپ ئاتا –ئانىسىنى ئۈزاتتى. دۇنيادا ئۆز مېھرىبانلىرىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئايرىلىپ قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كىرەك. يالغۇز ئوغوللىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بالىسىنىڭمۇ مۇشۇ كۈنلەرگە قالغانلىقىدىنمۇ ئاتا –ئانىسى ئۇنىڭغا بۆلەكچىلا كۆيەتتى. ناسىرمۇ ئاتا –ئانىسى بىلەن بىللە بولغاندىلا ئۆزىنى خوشال ھېس قىلاتتى. مانا ئەمدى بۇ غەمگۈزارلىرىدىن ئايرىلىپ ،بىر قانىتى سۇنغاندەك بولدى. شۇندىن كىيىن ئۇ بىردىنلا بۇرۇنقى شوخ ھالىتىنى يوقىتىپ شۈكلەپلا كەتتى. زىياۋدۇننىڭ ئاتا –ئانىسى ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ بېشىنى سىيلىدى. كىيىنكى يىللاردا ناسىرمۇ بۇ يېزىدا مۇقىم تۇرالغۇ جايغا ئىگە بولدى ھەم شۇ يېزىدىكى خۇرشىدەم ئىسىملىك قىز بىلەن تۇرمۇش قوردى. زىياۋدۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېگۈدەك گۈلسۈم بىلەن توي قىلدى. ئىككى ئائىلە دەسلەپ شۇنداق ئىناق ئۆتتى. ناسىرنىڭ ئايالى خۇرشىدەم تولىمۇ ئوڭلۇق ئايال ئىدى. بولۇپمۇ «قازان بېشى»غا قولى تولىمۇ كەڭ بولۇپ، بۇ تەۋەدە ئۇنىڭ تەرىپنى قىلمايدىغانلار يوق دىيەرلىك. زىياۋدۇننىڭ ئايالى گۈلسۈم دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. باي ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتاتتى. ئۇ ھەدېسىلا زىياۋدۇننى ئۇلار بىلەن باردى –كەلدى قىلىشتىن توساتتى. بىراق جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئىككى ئاغىنىنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن بىرگە بولۇپ ، بىر كۈنى ئۇنىڭ يەنە بىر كۈنى بۇنىڭ ئۆيدە دېگەندەك بولاتتى. دەسلەپ ناسىرنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل بوشاندى. كىيىنكى يىلى گۈلسۈممۇ چىرايلىق قىزدىن بىرنى توغدى. ئىككى ئائىلە ئوخشاشلا خوشاللىققا تولدى. زىياۋدۇن قىزى تۇغۇلغاندىلا ناسىربىلەن كەلگۈسىدە قۇدا –باج بولۇشقا ۋەدە قىلىشتى. ئەلۋەتتە ،بۇ ئىشلاردىن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ خەۋەرلىرى يوق ئىدى. بالىلار چوڭ بولغاندا بۇ ئىشلارنى ئۇلار بالىلىرىغا ئاندىن ئاياللىرىغا دېيىشتى. خۇرشىدەم بۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. بىراق گۈلسۈمگە كەلگەندە ئىش ئەپلەشمىدى. ئۇ بۇئىشقا قەتئى قوشۇلمىدى.گەرچە ئىككى ياشنىڭ بىر-بىرىگە مەيلى بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تەرسالىقىنى قىلدى. ئاخىرى بىر ئۆزى يالغۇز كىلىپ قىلىپ بۇ تويغا ئامالسىز قوشۇلدى. شۇ كۈنلەردە ناسىر ئوغلى ھېزىم ئۈچۈن ئۆي ياسىماقچى بولدى. ئۆي ياسىلىپ، ئۈستى يىپىلىدىغان چاغدا ئەسلىدىكى بىرتال ياغاچ قىسقا كىلىپ قالغانلىقتىن باغدىكى بىرتۈپ سۇۋادان دەرىخىنى كەسمەكچى بولۇشتى. ناسىر چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا ھېلىقى سۇۋادان تېرەكنىڭ تۈۋىنى پالتا بىلەن چانىدى. ئەمدى ئۆرىلىشكە كۆزى يەتكەن ناسىربىلەن خۇرشىدەم دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئالدىن باغلىۋالغان ئارغامچىنى يىراقتا تۇرۇپ تارتتى. بىراق كۈچى يەتمىدى. ئامال بولمىغان ناسىر دەرەخنىڭ يېنىغا قايتا بىرىپ يەنە داۋاملىق چېپىشقا باشلىدى. يىراقتا تۇرغان خۇرشىدەم دەرەخنىڭ لىڭشىۋاتقانلىقىدىن قورقۇپ ناسىرنى بىر قانچە قىتىم ئاگاھلاندۇردى. بىراق ناسىر« مانا ئاز قالدى »دېگىنچە تېخىچىلا شۇ يەردە ئىدى. چىداپ تۇرالمىغان خۇرشىدەم يۈگۈرۈپ بارغىنچە ئۇنى تارتىپ چەتكە ماڭدى. دەل شۇچاغدا تېگى پۈتۈللەي كېسىلىپ بولغان دەرەخ ئاستا قىڭغايدى، بىراق ئەسلىدىكى يۆلۈنىشكە ئەمەس ناسىر بىلەن خۇرشىدەم تۇرغان تەرەپكە قاراپ شىددەت بىلەن ئۆرۈلدى. «گۈلدۈر –قاراس»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغان ئىككى تەننى ئېغىر دەرەخ يەرگە چاپلىۋەتتى. 4 بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئەنە شۇنداق. بەزىدە توۋۋا دەپمۇ قالىسەن . بىر ئۆمۈر قوغلىغاندىن قىچىپ ،ئارزۇ قىلغاننى قوغلاپ ئۆتىدىغان ئۆتىدىغان گەپ .بەزىدە ھاياتلىقتا بېشىڭغا شۇنداق قاتتىق كۈنلەر كىلىدۇكى ، ھەييات ،بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ ياشاپ يۈرگىنىڭگە مىڭبىر پۇشايمان قىلىسەن. ئارىمىزدا ئەل قەلبىدە قالغۇدەك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇلارنىڭ ئەل قەلبىگە ئۆچمەس ئابىدە بولۇپ ئۇيۇلغان خاسىيەتلىك ئىش –ئىزلىرى ئەۋلادتىن –ئەۋلاتقا يادلىنىپ تۇرۇلىدۇ.يەنە بىر قىسىملار بولسا گەرچە ماددىي باياشاتچىلىق ئىچىدە تۇرسىمۇ بىر ئۆمۈر قولى سىرتىغا ئىگىلمەي يا ئۆزىنى يا باشقىلارنى رازى قىلالماي نام –نىشانسىز بۇ دۇنيادىن كىتىدۇ. يەنە شۇنداق بىر قىسىم كىشىلىرىمىز باركى ، ئۇلار گەرچە ماددىي جەھەتتە يوقارقىدەك ئىشلارنى قىلالمىسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق ئۆزگىلەرنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس ئىزلارنى سىلىپ ،ئۆز يىقىنلىرىنى ئارماندا قالدۇرۇپ ئارىمىزدىن ئايرىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن يېغلىغانغا قايتىپ كىلىدىغان ئىش بولسىدى، ماۋۇ ناسىر بىلەن خۇرشىدەم ئۈچۈن پۈتۈن يېزا خەلقى ئۇلار قايتىپ كەلگۈچە يېغلاشقا رازى ئىدى. بىراق ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇلۇنغان بۇ ئىشلارغا بويسۇنماي، سەۋر قىلماي ئامال قانچە؟ بۇ دۇنيادىكى بەزى بىر ئوخشاشلىقلارغا قاراپ ھەيران قالىسەن . ئەينى چاغدا پۈتۈن يېزا خەلقى ئەمەت باي ۋە ئامىنەملەرنىڭ جەسىتىنى لاي –توپا ئاستىدىن كولاپ چىققاندا ئەنە شۇنداق ئازابلانغان ، ياش تۆككەن ، ۋاقىتسىز كەتكەن بۇ بىر جۈپلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ، ياراتقۇچىدىن ئۇلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى تىلەشكەن ئىدى. ناسىر ۋە خۇرشىدەمنىڭ جەسىتى يېنىغا ئوۋلاشقان كىشىلەردىن ياش تۆكمىگەنلەر قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئېسىگە ناسىرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى كەلدى. ئۇلارنى قوشنىسىنىڭ بالىسى بايقىغان بولۇپ ، كىشىلەر يېتىپ كېلىشكەندە بۇ بىر جۈپلەر ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقانىدى. ناسىرنىڭ بىر قولى خۇرشىدەمنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان. بەلكىم ئەنە شۇنداق ھايات –ماماتلىق دەقىقىلەردە كۆڭلى تولىمۇ سېخىي بۇ ئىنسان ئۆز جۈپتىنىڭ ھاياتلىقىنى ئويلىغان ،ئۇنى تارتىپ چىقارماقچى بولغان بولۇشى مومكىن. قارىماققا ئۇلار دۇنيادىن خاتىرجەم ھالدا بىر –بىرىگە تويماي قاراپ يېتىپ ،ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇلارنى دەرەخ ئاستىدىن ئېلىپ چىققاندىمۇ ئۇلارنىڭ قولىنى ئاجرىتىشقا بولمىدى. كىيىن چوڭلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىدى. كەچقۇرۇن، مەھەللىدىن ئۇزاپ ماڭغان ئادەملەر توپى ئىچىدە ئاق يوپۇق يېپىلغان ئىككى جىنازا لەرزان ئۈزۈپ ،ئادەملەر توپى بىلەن قوشۇلۇپ تۇپراق بېشىغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىككى ئاغىنىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ھېزىم كىتىپ باراتتى. ھېزىم كىچىك ۋاقتىدا دادىسىدىن بۇۋا –مومىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى توغۇرسىدىكى ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان ، ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن بۇۋا –مومىسى ئۈچۈن بىغۇبار قەلبى قاتتىق ئازابلانغان بولسا، مانا ئەمدى شۇ قارا كۈنلەر ئۇنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ئۇ ئۆزىنىڭ زادى نەگە كىتىپ بارغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى. بىچارە بايقۇش خۇددىي قەپەسكە سولىنىپ قىلىپ، ئۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان قۇشتەك ئۇياق –بۇياققا ئەنسىز قاراتتى. كىشىلەر توپى ھەش –پەش دېگۈچە تۇپراق بېشىغىمۇ يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار يېڭىلا كولانغان ئىككى قەبرىنى چۆرىدەپ ئولتۇردى. ئىمامنىڭ ئۇزۇن قىرائىتىدىن كىيىن مىيتلەر يەرلىكىگە قويۇلدى.ئالدى بىلەن ناسىريەرلىكىگە ئېلىپ كىرىلدى. ھېزىم يالغۇز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە، باش بولۇپ يەرلىككە كىردى. دادىسىنىڭ مىيىتىنى يەرلىكىگە ئېلىپ كىرىپ ، باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئۇنى ئورنىغا ياتقۇزدى. دادىسىنىڭ يۈزى ئېچىلغان چاغدا ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي قالدى.بىللە كىرگۈچى ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ھېزىمنى يەرلىكتىن قايتۇرۇپ چىقتى. ئاھ ، دۇنيادا ئۆز ئاتا –ئانىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆز قولى بىلەن يەرلىككىگە قويۇشتىنمۇ ئېغىر كۈنلەر بارمۇزادى؟ ئەي ،ياراتقۇچى ئاللاھ،بۇنداق ئېغىر كۈنلەردىن بەندىلىرىڭنى ساقلىغايسەن. ھېزىم ئەمدى ئانىسىنىڭ مىيىنى ئېلىپ يەرلىكىگە چۈشتى. ئانىسىنىڭ مىيىنى يەرلىكىكىگە قويۇپ بولۇپلا ئۇنىڭ پۇت –قوللىرى بوشۇشۇپ كەتتى. باشقىلار ئۇنى تېزدىن يەرلىكتىن تارتىپ تاشقىرىغا ئىلىپ چىقتى. بىراق ھېزىم پۈتۈللەي ھوشىنى يوقاتقان ئىدى. ھېزىم شۇ ياتقىنىچە خىلى ئۇزۇن يېتىپ قالدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ ،يەتتە نەزىر،قىرىق نەزىرلىرىنى يېقىلىپ –قويۇپ يۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ تۇنساگۈل بىلەن بولغان توي ئىشىمۇ كەينىگە سوزۇلدى. زىياۋدۇن بىر قانچە قىتىم ئاددىيلا قىلىپ ، ئۇلارنىڭ نىكاھىنى قىلدۇرۇپ قويۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ بىراق گۈلسۈم بۇ ئىشقا ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئەمدى ھېزىمغا ھەرگىز قىز بەرمەيتتى. شۇڭا ھەر ئاماللار قىلىپ بۇ توينى كەينىگە سۈردى. گۈلسۈم بۇ توينى بىر باھانە تىپىپ بۇزۇش قەستىگە چۈشتى. ناسىر ۋە خۇرشىدەملەرنىڭ تويۇقسىز ئۆلۈمى گەرچە ئۇنىڭ تىنىدىكى ئىنسانغا خاس بولغان بەزىبىر يەرلىرىنى تىترىتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ بىراق كىچىكىدىنلا باياشات تۇرمۇش ئىچىدە چوڭ بولغان گۈلسۈم ئۈچۈن يەنە بىر جەھەتتىن بۇ تىپىلغۇسىز بىرپۇرسەت بولدى. ئۇ قىزىنى تۇرمۇشى ھاللىق ئائىلىگە ياتلىق قىلىشنى ئويلايتتى. قىزىنى ھېزىمغا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئاغىنىسى قاسىمغا ياتلىق قىلغۇسى بار ئىدى. شۇڭلاشقا بىر قانچە قىتىم بۇ ئويىنى تۇنساگۈلگە ئېيتتى. تۇنساگۈلمۇ دادىسىدىن قورقۇپ بۇ تويغا ماقۇل بولغان بولسىمۇ يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە نارازى بولۇپ يۈرەتتى. ھېزىمنىڭ ئاتا –ئانىسى تۈگەپ ،ھېزىم گاڭگىراپ يۈرگەن كۈنلەردە تۇنساگۈل ئانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە قاسىم بىلەن بىر قانچە قىتىم ئۇچراشتى. قاسىممۇ ئۇزۇندىن بۇيان تۇنساگۈلنىڭ ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرەتتى. مانا ھەدېگەندە ئۇنىڭ ئوشۇقى ئالچۇ چۈشتى. ئانىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇلار تىزلا بىر-بىرى بىلەن تىپىشتى.كىشىلىك ھايات قارىشى جەھەتتە ئانىسىنى كىيىپلا چۈشكەن تۇنساگۈلمۇ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قاسىمنىڭ ئۆزىگە سوۋغا قىلغان ئاددىي بىرتۇغۇلغان كۈن سوۋغىسىغا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى قىزلىق پاكلىقىنى ئىسپاتلاپ باشقىلار ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىغان قىممەتلىك نەرسىىسىنى تارتىشمايلا بىرىۋەتتى. ئارىدىن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتتى. زىياۋدۇن ئەمدى ۋاقىتنىڭمۇ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ ، ئىككى ياشنىڭ تويىنى قىلىماقچى بولدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھېزىمنى چاقىرىپ بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ھېزىم ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددىي گۇناھكاردەك يەرنى تاتىلاپ ئولتۇردى. - بالام ھېزىم ، -زىياۋدۇن سەل توختىۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - داداڭ ناسىر بىلەن مەن قىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن ئىدۇق. ئىككىمىزنىڭ دوستلۇقى شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىدىكى ، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆلۈشكە توغرا كەلگەن بولسا مەن ھەرگىز بۇ ۋەزىپىدىن باش تارتمىغان بولاتتىم. زىياۋدۇننىڭ كۆڭلى بۇزۇلغاندەك بولدى. ھېزىمنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. - بۇ دۇنيادىكى نورغۇن ئىشلارغا ئىنسان بالىسى ئامالسىزكەنمىز. مانا ئاتا –ئاناڭنىڭ ۋاپاتىغىمۇ ئالتە ئاي چامىسىدا بولۇپ قالدى. بىز رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا سىلەرنىڭ تويۇڭلارنى قىلىپ ، خوشاللىقتا ئورتاقلاشماقچى ئىدۇق.بىراق رەھمەتلىكلەربۇكۈنلەرنى كۆرەلمىدى. ئەمدى بولسىمۇ شۇ ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىۋاتىمەن. قانداق بۇ ئىشقا نېمە دەيسەن؟ ھېزىم بىر مەھەل گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇمۇ ئۇزۇندىن بۇيان تۇنساگۈل بىلەن كۆرۈشمىگەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ توغۇرسىدا بىر قىسىم گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغان ئىدى. لىكىن بۇتۇغۇرسىدا زىياۋدۇنغا چىش يىرىپ بىر نەرسە دېيىشتىن نومۇس قىلدى. - تۇنساگۈل ئۆزى نېمە دەيدىكىن ؟ - ھېزىم قورۇنىپقىنە سورىدى. - نېمە ئىككىڭلار بىر نەرسە ديىشىپ قالدىڭلارمۇ بالام،- زىياۋدۇنمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئاللىقانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ ئولتۇراتتى. - ياق ،ياق ، مەن شۇ تونساگۈلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقاي دېگەن ئىدىم. - ئاتا –ئانىسى قوشۇلغاندىن كىيىن تونساگۈل يەنە دەيتتى بالام، - زىياۋدۇن ئاخىرىدىكى سۆزىنى ئۈزۈپلا ئېيتتى، - ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلارنىڭ ئىشى ئاللىبۇرۇن بىكىتىلىپ بولغان ئىش تۇرسا . شۇ گەپ بولۇپ ،ئەتىسى زىياۋدۇن بۇنى ئايالىغا ئيېتتى. تويۇقسىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر گەپنى ئاڭلاپ گۈلسۈمنىڭ چىرايى ئۆڭدى . - نېمە سىز تېخىچىلا شۇ ئويدىما؟- گۈلسۈممۇ گەپنى ئۇدۇللا ئېيتتى، - تۇنساگۈلنىڭ ئەمدى ئۇ قەلەندەرگە كۆڭلى يوق ئىكەن. - ھەي ،ئېغىزىڭقا قاراپ سۆزلە ، ئاللىبۇرۇن پۈتۈشۈپ بولغان ئىشنى مۇشۇنداقلا بۇزماقچىمىسەن. - بۇ ئىشنى ماڭا ئەمەس ئاۋۇ قىزىڭىزغا ئيېتىڭ ، - گۈلسۈم پىشىنى قىقىپ ئورنىدىن تۇردى دە، ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. زىياۋدۇن بۇ ئىش توغۇرسىدا ئايالى بىلەن بىر قانچە قىتىم چىرايلىق سۆزلەشتى. ئىش يامىنىغائايلىنىپ ، ئانا –بالىنى راسا ئەدەبلىدى. بۇكۈنلەردە قاسىمنىڭمۇ ئىلگىرىكى تۇنساگۈلگە بولغا ن مۇئامىلىىسى ئۆزگىرىپ ، ئۇنىڭدىن قىچىپ يۈرەتتى. تونساگۈل باشقىلاردىن قاسىمنىڭ تۆۋەندىكى مەھەللىدىكى ئادالەت بىلەن تىپىشۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ يەتكەنىدى. ئامالسىز قالغان تۇنساگۈل بۇ ئىشلارنى ئانىسىغا دېدى. بۇنى ئاڭلاپ گۇلسۈمنىڭ ئىلگىرىكى بىشەملىكى بىردىنلا پەسكۈيغا چۈشتى. قىزىنىڭ يامانراق بىر يەرگە بىرىپ ، شەرمەندە بولۇپ ئەل –يۇرت ئالدىدا ئىزا –ئاھانەتكە قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن گۈلسۈم ئىرى بۇ ئىش توغۇرسىدا يەنە بىر قىتىم ئېغىز ئاچقاندا ئامالسىز قوشۇلغان بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ئاي ئۆتكەندە ھېزىم بىلەن تۇنساگۈلنىڭ تويى ئاددىيلا قىلىنىپ ، تۇنساگۈل بۇ غىرىبانە ئۆيگە كۆچۈرۈپ كىلىندى. 5 تويدىن كىيىن ھېزىم تېخىمۇ شۈكلەپ كەتتى. ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولغان ئىدى. بىراق ئامال قانچە؟ زىياۋدۇن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان خۇددىي ئۆز ئاتىسىدەك بېشىنى سىيلىدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىر –چىراق ئىشلىرىدا ھېزىمنى باشقىلارئالدىدا ھېچبىر خىجالەت تارتقۇزمىدى. بۇ قىتىملىق توي ئىشىدىمۇ ھەممە نەرسىنى ئۆزى تەييار قىلدى. شۇلارنى ئويلاپ ھېزىم بۇ ئىشلارنى كۆڭلىدىن چىقىرىشقا تىرىشتى. بىراق دەردىنى ھاراقتىن ئېلىشقا باشلىدى. تۇنساگۈل بۇنى سىزەتتى. دەسلەپ ئۇمۇ بۇ ئۆيدە خۇددىي قوقاسقا دەسسەپ يۈرگەندەك يۈردى. كىيىنچە ھېزىمنىڭ ئۇ ئىشلارنى يۈزىگە سالمىغىنىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ يۈرىيدىغان بولدى. تۇنساگۈل ھەر قىتىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا گۈلسۈم ئۇنىڭغا ئىرىنى قانداق باشقۇرۇش توغۇرسىدا مەخسۇس تەربىيە قىلاتتى. تۇنساگۈلمۇ ئانىسىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى. بارا –بارا ئۇ ئۆز ئۆيىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. شۇ كۈنلەردە قاسىممۇ توي قىلدى. قىرىشقاندەك ئۇلارغا ئۇدۇل قوشنا بولۇپ قالدى. تۇنساگۈل دەسلەپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۈرۇپ يۈردى. بىراق قولۇم-قوشنىدارچىلىقتا بىر –بىرى بىلەن مەڭگۈ قىچىشىپ يۈرگىلى بولمايدىدە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قاسىم بىلەن ھېزىم ئاغىنىلەردىن. ئۇلار كۆچۈپ كىلىپ، ھەپتە بولغاندا قوشنىدارچىلىق يۈزىسىدىن ئۇلارنى چاقىرىشقا توغرا كەلدى. شۇ كۈنگىچە باشقىلارمۇ ئۇلارغا «قارشى ئېلىش چېيى»بىرىپ بولۇشقانىدى. تۇنساگۈل ئەتىگەندىلا تەييارلىققا چۈشتى. ھېزىممۇ بازاردىن كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بەردى. كەچتە چاقىرىلغان مېھمانلارئارقا –ئارقىدىن كېرىشتى. ئۇلار قاسىم ئەر-ئايالغا قوشۇپ، يەنە ئىككى قوشنىسىنىمۇ چاقىرىپ قويغانىدى. مېھمانلارغا ئالدى بىلەن ئاش تارتىلدى. ئوخشىتىپ ئېتىلگەن تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كىيىن مېھمانلارنىڭ قولىغا قايتا سۇ بىرىلىپ چاي قويۇلدى. شۇ چاغدا قاسىم: - ھېزىم ئاغىنە، ھېلىقى نەرسەڭنى چىقارمامسەن؟ - دېدى . ھېزىم ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. بىراق سىرتلاردا ئېچىپ يۈرگەن بىلەن ئۆيدە تېخى باشلىمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا –ئانىسىنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە بىر يىلمۇ توشمىدى. باشقىلار بىلسە نېمە دەپ قالىدۇ؟ قالغانلارمۇ ھېزىمغا مەنىلىك قاراشتى. ئەزەلدىنلا ئاتا –ئانىسىغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ دېلىنى رەنجىتىشنى خالىمايدىغان، نومۇسچان چوڭ بولغان ھېزىم گەپ ئايالىغا بىر نەرسىلەرنى تاپىلاپ قويۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۇدۇل مەھەللە دوقمۇشىدىكى دۇكانغا بىرىپ ، ھاراقتىن ئىككى بۇتۇلكا ئالدى. ئۇ قايتىپ كەلگۈچە تۇنساگۈلمۇ ئۇلار ئۈچۈن زاكۇسكا تەييارلاپ ئۈلگۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئەرلەر ئايرىم بىر ئۆيدە چىقىشتى. ھاراقنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ تۇنجى رومكىنى ھېزىم قولىغا ئالدى. - ئاغىنىلەر ، - ئۇ سەل تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، - قاسىمنىڭ مەھەللىمىزگە كۆچۈپ كەلگىنىگىمۇ ھەپتىدىن ئاشتى. ئەسلى ئۇدۇل قوشنا بولغاندىن كىيىن قائىدە بويىچە ئالدى بىلەن بىز چاقىرساق بولاتتى. بىراق سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ مانا بۈگۈن ۋاقتى كەپتۇ. داستىخىنىمىز ئاددىي بولسىمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئالماسلىقىڭلارنى سورايمەن. قىنى بۇ رۇمكىنى قاسىمنىڭ مەھەللىمىزگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى شەرىپى ئۈچۈن كۆتۈرۋىتەي! ھېزىم ھاراقنى بىراقلا كۆتۈرۋىتىپ ،رومكىنى ساقىيغا بەردى. نۆۋەت قاسىمغا كەلگەندە ئۇمۇ ئۆز كۆڭلىنى بىلدۇردى. - سىلەرگە كۆپ رەھمەت ،ھېلىمۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان تولا ئاۋارە بولدۇڭلار. قائىدە بويىچە مەن سىلەرنى چاقىرسام بولاتتى. ھېلىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ھېزىم ئاداش ئاۋارە بولدۇڭلار سىلەرگە رەھمەت .تۇنساگۈلگىمۇ رەھمەت. ئۇ «تۇنساگۈل»دېگەننى ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئېيتتى. ھېزىممۇ دەرھاللا ئۇنىڭغا قارىدى. قاسىم خۇددىي ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھاراقنى بىراقلا كۆتۈرۈپ ،رومكىنى ساقىيغا تۇتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە رومكىنى ئايلاندۇرۇپ ، ئۆتكەن –كەچكەن ئىشلار ھەققىدە پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇردى.ئاياللارمۇ ياندىكى ئۆيدە ئۆز –ئارا پاراڭغا قىلىشقاچ چاي ئېچىشىپ ئولتۇراتتى. قاسىمنىڭ تەرىتى قىستاپ سىرتقا چىقتى. ئۇدۇل ھاجەتخانىغا تەرەپكە ماڭغان قاسىم تۇيۇقسىز ياندىكى قازىناق ئۆيدىن نەرسە ئېلىپ چىقىۋاتقان تۇنساگۈلنى كۆرۈپ قالدى. تۇنساگۈلمۇ ئۇنى كۆرۈپ نېمىشقىدۇر مەڭدەپ كەتتى. قاسىم ئىككى تاقلاپلا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. - خوش جىنىم ، - دېدى قاسىم بىزەڭلىك بىلەن ، - مېنى بۈگۈن ئالاھىدە قارشى ئالغىنىڭغا كۆپ رەھمەت. تۇنساگۈلنىىڭ شۇ ھامان ئاچچىقى تۇتتى. ئەگەر ئۆز ئۆيى بولمىغىنىدا ئىدى، قاسىمنى تىللاپ رەسۋارىنى چىقارغان بولاتتى. - تولا كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي نېرى ئۆتە ، قىرىشقاندەك ماڭا قوشنا بولغىچە ،يېزىنىڭ قوينى كەڭ بولغاندىن كىيىن باشقا يەردىن ماكان تۇتساڭ بولمامدۇ؟ -دېدى تۇنساگۈل ئاچچىقىدىن يانماي. - ئۇنداق دېمەڭ تۇنساگۈلۈم ، سىزدىن ئايرىلغاندىن بۇيان قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەي يۈردۈم ،ئىشەنمىسىڭىز ... - بولدى ماڭا بۇ گەپلەرنى قىلما ، مەن دېگەن ھازىر ئەرلىك ئايال. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېزىممۇ سىنىڭ ئاغىنەڭ .ھېلىمۇ ھېلىقى رەسۋالىقىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئالدىدا تىلىمنىڭ بىر يىرى كۆيىدۇ. قاسىم كاپلا قىلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى. تۇنساگۈل بۇ تۇيۇقسىز ھەرىكەتتىن مەڭدەپ قالدى. ئۇ ھەر ئاماللار نى قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشاتتى. - ئەگەر يەنە مەندىن قاچىدىغان بولساڭ ، مەن بىلەن بولغان ئىشىڭنى ھېزىمغا دەپ ،سېنى بۇ ئۆيدە ،بۇ مەھەللىدە تۇرغۇسىز قىلىۋىتىمەن. ئەگەر ھېزىم سېنىڭ مېنىڭدىن ئاللىبۇرۇن بالىلىق بولغانلىقىڭنى بىلسە يەنە قانداق ئويلا؟ سېنى بۇ ئۆيدە داۋاملىق تۇرغۇزامۇ؟ كىيىنكى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇنساگۈلنىڭ ئىچىگە بىردىنلا قورقۇنچ چۈشتى. تىنچ تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇنداقلا بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرىدى.دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن تۇنساگۈل قاسىمغا ئاللىقانداق ۋەدىلەرنى بىرىپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئۇلار يىرىم كىچىگىچە ئىچىشىپ ئولتۇردى. ھاراق تۈگەپ ھېزىم يەنە بىر قىتىم دۇكانغا يۈگۈردى.ئاخىرىدا ئۇلار ئاياللىرىنىڭ زۇرلىشى بىلەن سۇرۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيلىرىگە تارقىلىشتى. ھېزىم ئېغىر مەس بولۇپ كەتكەچكە مېھمانلارنى ئۇزۇتۇپ كىرىپلا كىيىمىنىمۇ سالماي يىتىپ قالدى. بىراق تۇنساگۈلنىڭ ھارغىنىغاقارىماي ئۇيغۇسى قاچقان ئىدى. قاسىمنىڭ تۇيۇقسىز مەھەللىدە پەيدا بولۇشى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئازاب بولۇپ كەلدى.ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسىلا نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولاتتى. نېمىلا قىلمىسۇن ھازىر ئۇنىڭ ئىرى ،ئۆيى بار . ئەگەر قاسىم ئۆتكەن ئىشلارنى دەپ سالسا ئۇ مەھەللىدىكىلەر ئالدىدا يۈزىنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قاسىمنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ قىلىمەن دېگىنىنى قىلماي قالمايدۇ. ئەينى چاغدىمۇ تۇنساگۈلنىڭ بويىدا قالغاندا ئۇ قاسىمغا يىغلاپ بالدۇرراق توي قىلىشنى ئېيتقانىدى. بىراق قاسىم ھازىر توي قىلغۇسى يوقلىنى دەپ تۇرىۋالدى ھەم تۇنساگۈلنى ئۇرۇپ ،زورلاپ يۈرۈپ شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ ، ھەممىنى جىمجىتلا بېسىقتۇردى. بۇ ئىشلار تۇنساگۈلنىڭ ئېسىدىن ھازىرمۇ كۆتۈرۈلگىنى يوق .بەلكىم ئۇنى داۋاملىق ئازابلاپ كىلىۋاتىدۇ. مانا ئۇلار توي قىلىپ يىرىم يىلدىن ئاشتى. بىراق ئۇنىڭدا تېخىچە ھېچقانداق ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى. -ئاھ خۇدا ،- دەپ ئۆز –ئۆزىگە پىچىرلىدى تۇنساگۈل ، - قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن ، بىلىپ –بىلمەي قىلغان گۇناھلرىىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن. ئارىدىن يەنە بىر ئاي ئۆتتى. بىر كۈنى ھېزىم بىر ئىش بىلەن شەھەرگە كەتتى. بۇ كۈنى ئادالەتمۇ ئۆيدە يوق ئىدى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن قاسىم غىپلا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىدى. بۇ چاغدا تۇنساگۈل ھويلىدىكى چۆنەكلىكتە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن قاسىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. نېمىشقا دەرۋازىنى تاقاپ قويمىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ پۇشايمان قىلدى. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ ھويلىغا كىرىپ بولدى. ئەمدى ئۇنى قانداق ئامال بىلەن چىقىرىۋىتىشنى ئويلىدى. قاسىم ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. - جىنىم ياخشى تۇردىڭمۇ؟ ھەر كۈنى سېنى كۆرۈشكە تەققازا بولۇپ كىتىمەن. بىراق ماۋۇ ئىككىسى ھېچبىر ئىمكانىيەت قويمىدى. مانا بۇگۈن پۇرسەت كەلدى. - ئويلاپ گەپ قىل قاسىم، - تۇنساگۈل دەرھال تەرىنى تۈردى، - نېمىلا قىلغان بىلەن ھازىر ھەر ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشى بار .ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى. ئۇلارنى يەنە دەپ نېمە قىلىسەن ؟ - شۇنداقلا بولدى قىلماقچىما؟ - قاسىممۇ بوش كەلمىدى، ئۇ بىردىنلا سەنلەشكە باشلىدى، - بىلىپ قوي، ئەمدى مەندىن ھەرگىز قۇتۇلالمايسەن. ئۇ شۇنداق دېدىدە، تۇنساگۈلنىڭ قولىدىن تارتتى. تۇنساگۈل دەرھال قارىشلىق كۆرسەتتى. ۋارقىراي دېسە قوشنىلارنىڭ كىرىپ كۆرۈپ قىلىشىدىن قورقتى. ئامالسىز قالغان تۇنساگۈل يالۋۇرۇشقا ئۆتتى. - جىنىم قاسىم ، مېنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىلى قوي. ھېلىمۇ قىلغانلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئەمدى بولسىمۇ تېنىچراق ياشىغىم بار. قاسىم ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا ئەمەس ،ئۇ تۇنساگۈلنى سۆرىگە ن پىتى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. 6 تۇنساگۈل ھەرنېمە قىلغان بىلەنمۇ قاسىمغا تەڭ كىلەلمىدى. كونىلار« بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىنىڭ قىزلىقىنى تاپشۇرغان قاسىم ئالدىدا ئۇ ھامان ئاجىز كەلدى. قەلبى قانداقتۇر بىر ھاياجانغا چۆمگەن تۇنساگۈلنىڭ بايىقى خاپىغان تۇرقى ئاللىقاياقلارغىدۇر يوقىغان ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىۋالغۇسىز بىر لەززەت ئىگەللىگەنىدى. «مەن نېمە قىلىپ قويدۇم –ھە ، ئەگەر بۇ ئىشلارنى ھېزىم ۋە باشقىلار بىلىپ قالسا ماڭا ئۆلۈم ئەمەسمۇ؟» تۇنساگۈل شۇنداق قورقۇنچلىق خىياللارنى قىلسىمۇ بىراق ئاخىرىنى چىقىرالمىدى. ئۇنىڭ خىيالىغا تويۇقسىز ئادالەت كەلدى ، «ھىم ،سەن قىلغاننى مەن قىلالمامدىم ؟ ئەينى چاغدا قاسىمنى يىنىمدىن شۇنداقلا ئېلىپ كەتكەن ئىدىڭ. ئەگەر ماۋۇ يۇمشاق باش بولمىغىنىدا ئىدى بۇ چاققىچە ئاللىبۇرۇن رەسۋا بولۇپ ئەلە –مەلە ئالدىدا يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەي يۈرگەن بولماسمىدىم»تۇنساگۈل شۇلارنى ئويلاپ خىلى ۋاقىتقىچە ياتتى. بۇ چاغدا قاسىم ئاللىبۇرۇن «ۋەزىپىنى تاماملاپ» ئۆيدىن ئايرىلىپ ، كونا ناخشىسىغا غىڭشىغىنىچە بازارغا ماڭدى... «روباشكا»ۋەقەسى بولۇپ ، ھېزىم بۇ ئۆيگە بىر قىتىم كەلدى . ئىككىنچى قىتىم كېلىشكە پىتىنالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ باشقىلاردىن قىيىن ئانىسى گۈلسۈم بىلەن ئايالىنىڭ دائىم بازاردىن كىرمەيدىغان بولىۋالغانلىقىنى ، قانداقتۇر بىر داخان دېگەندەكلارنىڭ ئەتراپىنى پىرقىراپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. « ھۇ جەددال ، قىزىڭنى مەندىن قاچۇراي دەپسەندە !»ئويلىدى ھېزىم. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ساق بىر ئايغىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا بارمىدى. زىياۋدۇن شۇ قىتىم ھېزىمدىن بارلىق ئەھۋاللارنى بىلدى. قانداقلا بولمىسۇن قىيىن ئاتىلىق ئابرۇيىنى ساقلاپ ھېزىمغا بىر مۇنچە تەربىيەلەرنى قىلغان بولدى. ئۇلار شۇنچە ساقلىسىمۇ قىيىن ئانىسى بىلەن تۇنساگۈلنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. ئامال بولمىغاندا ھېزىم قايتتى. ئەتىسى ئۇ قىيىن ئانىسى بىلەن كوچىدىلا ئۇچرىشىپ قالدى. بىراق گۈلسۈم ئۇنى ھە دېگەندىلا تىللاپ كەتتى. قورقۇپ كەتكەن ھېزىمنىڭ ئېغىزىغا گەپمۇ كەلمەي قالدى. قىيىن ئاتىسىنىڭ «ئەتىگىچە بىر كەل، مەن ئۆزەم قوشۇپ قوياي»دېگىنىنىمۇ ئۇنتۇپ ، قايتا بىرىشقا رايى بارمىغان ئىدى. مۇشۇ كۈنلەردە تۇنساگۈلنىڭ ئايىقى چىقىشقا باشلىدى. ئۇ دەسلەپ يامانلاپ كەلگەندە سەل ئەندىشىمۇ قىلىپ قالدى. ئۇ ھېزىمنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدۇ. بىريەرلىرىگە كەلگەندە ئۇنىڭمۇ غۇرۇرى كۈچلۈك. ھېلىمۇ شۇنچە ئىشلارنى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قىتىملىق جىدەلدىن تۇنساگۈل ئۇنىڭ ئۆتكەن ئىشلارنى تېخىچە ئۇنتىمىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئەگەر قاسىم بىلەن «قايتا ئېغىز –بۇرۇن يالىشىپ »يۈرگىنىنى بىلىپ قالسا ئۇ چاغدا تۇنساگۈل تېخىمۇ پەس ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالاتتى.ھېزىم كەلگەن كۈنى ئۇلار كەچرەك قايتىپ كەلدى. زىياۋدۇن كەچتە قىزىغا بىر مۇنچە نەسىھەت قىلدى. گۈلسۈم بىلەن بولغان سۆھبەتتە بىرلىككە كىلەلمەي كۆپ جىلە بولدى. ئاخىرى كونا ئۇسۇلى بويىچە ئۇنىمۇ بېسىقتۇردى. بىراق ئەتىسى گۈلسۈم يولدا ھېزىمنى ئۇچرىتىپ تىللاپ راسۋا قىلغاندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىپ زىياۋدۇنغا «چىرايلىق كۇيئوغلىڭىز كوچىدا شۇنچە خەقنىڭ ئارىسىدا ئانام دەپ يۈز خاتىرە قىلماي ئانچىكى تەربىيە قىلىپ قويسام تىللاپ يۈزۈمنى يەر قىلدى»دېگەن باھانە بىلەن قىزىنى بارغىلى قويمىدى. گۈلسۈم كۇيئوغلىنىڭ بۇ يەرگە كىلەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. بىر كۈنى تۇنساگۈل بازارلىق ئالغىلى چىقتى. ئۇ بازار ئارىلاپ كېتىۋىتىپ تۇيۇقسىز قاسىمنى ئۇچرىتىپ قالدى. شۇ كۈنلەرقاسىم ئايالى ئادالەتتىن ئۇلار نىڭ ئۆيىدە بولۇنغان ئىشلارنى ئاڭلىدى. ئادالەتمۇ ئۆزىنىڭ بىلىپ –بىلمەي باشقىلارغادەپ سالغان ئىشىدىن خىجىل بولۇپ يۈرەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇمۇ تۇنساگۈلنىڭ بۇ يەردىن يوقالغىنىدىن خوشالمۇ بولدى. چۈنكى يولدىشى قاسىم بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردارئىدى. ئەينى چاغدا ئادالەت ھەر ئاماللاربىلەن قاسىمنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ ، ئۇنى تۇنساگۈلدىن يىراقلاشتۇردى. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ قاسىم بىلەن تويمۇ قىلدى. بىراق قىرىشقاندەك ئۇلارغا ئۇدۇل قوشنا بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇ قاسىمدىن ھەر ۋاقىت گۇمان قىلىپلا يۈرەتتى. لىكىن «چويلىغا توختىغىدەك »باھانە تاپالمىغاچقا ھېچبىر ئامالسىز يۈرەتتى. ھېلىقى كۈنى ئۇ ئىككىسىنىڭ ھويلىدا كۈلۈشۈپ –يايرىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىنىدە كۈندەشلىكى قوزغىلىپ ، تۇنساگۈلنى تازا تىللىغۇسى كەلدى. بىراق يەنىلا ئۆزىنى تۇتىۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنساگۈلنىڭ گەپنى ياساپ ، باشقا ياققا بۇرىۋىتىشى بىلەن ئىشمۇ تۈگىدى. -پاھ ،پاھ، تۇنساگۈلمۇ بۇ ؟ ، - قاسىم ئىككى تاقلاپلا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. تۇنساگۈل دەسلەپ چۆچىدى. ئەتراپىغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى. - نېمە گۈلۈم مېنى تونۇمايۋاتامسىز ،- قاسىم ھەر ئاماللاربىلەن ئۇنى ئۆزىگە قارىتىشقا تېرىشتى، - شۇنچە كۈنلەردىن بۇيان سىز يوق مەھەللە ئىچى چۆلدەررەپ قالدى. سىز كەتكەندىن بۇيان ھېلىقى بۇلبۇلمۇ سايرىماس بولۇپ كەتتى. ئويلاپ باقسام سىزبولغاچقىلا ئۇ مەھەللە ماڭا ئىللىق كۆرۈنىپتىكەن. مانا سىز كىتىۋىدىڭىز نېمە قىلىشىمنى بىلمەي يۈرىمەن. - ھىم، شۇنچىلىك بولۇپ كەتكەن ئادەم نەچچە كۈندىن بۇيان نەدە يۈردىڭىز ،قارىغىڭىزنىمۇ كۆرسەتمەي. – تۇنساگۈل دومسايغاندەك قىلدى. - مانا كەلدىمغۇ؟ ئۆيىڭىزگە بارغىلى بولمىسا . بايىلا گۈلسۈم ھەدەمدىن سىزنىڭ بازارغا كەتكەنلىكىڭىزنى ئاڭلاپ بۇياققا كېلىشىم. تۇنساگۈل يامانلاپ كەتكەن بۇ ئون نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنى ھېزىمدىن ئۆتەر قاسىمنىڭ بەك كۆرگۈسى كەلدى. ھېلىقى ئىشتىن كىيىن ئۇلار پات-پات ئۇچرىشىپ تۇردى. تۇنساگۈل دەسلەپ بۇ ئىشلاردىن سەل قورقاندەك قىلدى.لىكىن بارا –بارا بۇ ئەندىشىسىمۇ تۈگىدى. «تاسما يىگەن ئىت ئۆلگىچە قالماس»دېگەندەك ئۇنىڭ كونا خۇيى يەنە تۇتقانىدى. قاسىم بۇ بىرنەچچە كۈندە ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا بارمىدى ئەمەس. بىر نەچچە قىتىم باردى. بىراق ھەر قىتىمدا تۇنساگۈلنى كۆرەلمەي قايتىپ كەلدى. بۈگۈن يەنە بىر ئىشنى باھانە قىلىپ ئۇلارنىڭ مەھەللىسىگە بېرىۋىدى گۈلسۈم ئۇچراپ قالدى. ئۇلار ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ھېزىم بىلەن تۇنساگۈل توغۇرسىدا پاراڭلاشتى. گۈلسۈمدىن قىزىنىڭ بازارغا كەتكەنلىكىنى بىلگەن قاسىم ئۇدۇل بازارغا كەلگەن ئىدى. -قېنى جىنىم ،چۈشمۇ بولۇپ قاپتۇ. بىرەر قاچىدىن تاماق يىگەچ پاراڭلاشمامدۇق؟ تۇنساگۈل سەل تارتىنىپراق قاسىمغا ئەگەشتى. ئۇلار ئادەملىرى شالاڭ بىر ئاشخانىغا كىردى. ئۇ يەردە تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن قاسىم ئۇنى ۋېلىسپىتىنىڭ كەينىگە مېنگەشتۇرۇپ يېزىنىڭ چىتىگە جايلاشقان سۇ ئامبىرى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
|