تاشبۇلاق
ھېكايە
كىشلەر بۇ يايلاقنىڭ ئىسمىنى تاشبۇلاق دەپ ئاتىشاتتى . بۇ يەردىكى چارىۋچىلارنىڭ ۋە مال – چارۋلارنىڭ ئىچىملىك سۈيى مانا مۇشۇ بۇلاقتىن كېلەتتى . بۇلاقنىڭ ئەتىراپنى ئوراپ تۇرغان قىپقىزىل تاشلار ئۇزۇن يىل سۇ يالىغانلىقتىن بولسا كېرەك سىلىق ، يالتىراق بولۇپ ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى . خۇددى بىركىملەر ياساپ قويغاندەك ئىككى تەرەپتىكى تاش پەلەمپەيگە قارىغان ئادەم تەبىئەتنىڭ بۇ مۆجىزىسىگە ھەيران بولماي تۇرالمايتى . بۇلاق ئاشۇ تاشنىڭ نەق ئوتتۇرسىدىن بۇلدۇقلاپ قايناپ چىقاتتى . بۇلاقتىن چىقىۋاتقان بىر قۇلاقتەك سۈپسۈزۈك سۇ بۇ كەڭرى كەتكەن ساينى تەڭ ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتۈپ تۆۋەن تەرەپتىكى ساسلىققا قۇيۇلاتتى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا بۇ يايلاقنى چارۋىچىلارغا بۆلگەندە دادۈيجاڭلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپلا ساينىڭ كۈنگەي قاپتىلىنى تاھىرجان ئائىلىسىگە ، تەسكەي قاپتىلىنى غازىلارنىڭ ئائىلىسىگە بۆلۈپ بەرگەن بولسىمۇ بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ مال – چارۋىلىرى ئارىلىشىپ ئوتلايتتى . ئۇلار سەھەردىلا كالىلىرىنى سېغىپ سايغا ھەيدىۋېتەتتى ، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن يېلىنلىرى چىڭقىلىپ قورساقلىرى باداڭدەك بولۇپ تويغان كالىلار موزايلىرىنى ئەسكە ئېلىپ كېگىز ئۆي ئالدىغا مۆرىشىپ كېلەتتى . قويلىرىنى بولسا ھەپتىدە بىر ساينىڭ تۆۋەن تەرىپىگە چۈشۈپ بىر يەرگە يىغىپ سانىنى ئالاتتى ۋە ياغاچ ئوقۇرغا تۇز سېلىپ ئۇلارغا تۇز يالىتاتتى . بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن قويلار شۇ ۋاقىتتا ياغاچ ئوقۇر قويۇلغان يەردە توپلىشىپ ئىگىسىنىڭ تۇز بېرىشىنى كۈتۈشەتتى . تۇز يىگەن پاخلانلار تېز سەمىرىيتتى ، گۆشىمۇ تاتلىق بولاتتى ھەم ئاسان كېسەل بولمايتى .تاھىرجاننىڭ ئۆزىنىڭ 20 تۇياققا يېقىن سېغىن كالىسى 90 تۇياقتەك قويى بار ئىدى . ئۇ ھەر يىلى خولۇم – خوشنا ، ئۇرۇق – تۇغقان ، ئەل – ئاغىنىلىرىنىڭ مېلىنىمۇ قوشۇپ باقاتتى . ھالىم – ھادىس بىرەر ئىككى تۇياق قوينى بۆرە يەپ كەتمىگەننى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇ ئامانەت چارۋىلارنى كۈز بولغاندا بىر تۇياقنىمۇ كەم قىلماي ساق – سالامەت ئىگىسىنىڭ قولىغا تاپشۇراتتى .قوشمىچىلار چارۋىلىرىغا ئەكېلىپ بەرگەن تۇزغىمۇ خىيانەت قىلمايتتى . ئايالى پاتىمەممۇ ئوڭلۇق ، چاققان ئايال ئىدى .ئۇ ھەر يىلى 7- 8 قېرىن سېرىق ماي قىلىۋالاتتى ، يەنە 5- 6 مىڭ يۈەنلىك ئېرىمچىكمۇ ساتاتتى . يازنىڭ ، يايلاقنىڭ ۋە ئەمگەكنىڭ خاسىيتىدە ! شۇنداق قىلىپ ئەر – ئايال كۈزگىچە 20 – 30 مىڭ يۈەننىڭ بېلىنى قايرىپ كېلەتتى . شۇڭا ئۇلارنىڭ ماللىرى يىلسېرى ئاۋۇدى ، مەھەللىگە پىششىق خىشتىن ئۆيمۇ سالدى ، ئىككى بالىسىنى مانا مۇشۇ ئۆيدە تاھىرجاننىڭ ئاتا- ئانىسى بوينىنى قىسماي بېقىۋاتاتتى . تاھىرجان ئايدا بىر قوي سويۇپ، ئاتا – ئانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى . پاتىمەممۇ ئايدا بىر مەھەللىگە چۈشۈپ بوۋاي – مومايغا نان يېقىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ بېرەتتى ، كىر – قاتلىرىنى يۇيۇپ ، ئۆيلەرنى تازلاپ يەنە ئايدا بىر كېلىدىغان قاتار چېيىنىمۇ تۈگىتىپ خاتىرجەم بولۇپ قايتاتتى . - جېنىم بالام ، تايچىقىم ، نېمانچە جۈدەپ كەتتىڭ ، قوۋۇرغىلىرىڭ سانىۋالغۇدەكلا بولۇپ قاپتىغۇ ؟- ئاپىسى ئۇنىڭ يالىڭاچ دۈمبىلىرىنى مېھىرى بىلەن سىلىدى . بىردەم ئۇخلىۋالغىن ، مالنىڭ كەينىدىن تولا يۈگۈرۈپ ھېرىپمۇ قالغانسەن ؟ ئەكبەر ئۇيقۇغا قانمىغان كۆزلىرىنى ئېچىپ ئاپىسىنى ئېنىق كۆرۈۋالماقچى بولدى . بېشىغا ئاق داكا ياغلىق چىگىۋالغان ئاپىسى قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە تۇمان ئىچىدە ئۇنىڭدىن يىراقلاشقىلى تۇردى ....ئاپا كەتمەڭ ...ئاپىسىنىڭ ئاق كۆينىكى شامالدا يەلپۈنەتتى . جېنىم ئاپا مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ، مېنى ئالغاچ كېتىڭ ....ئۇنىڭ يىغلامسىرغان ئاۋازى غازىنىڭ جىنىغا تەگدى . - ئاناڭنى ، تۇرە ئورنىڭدىن ، ھەر كۈنى ئاشۇنداق ئالجوقا جۆيلۈپ خاتىرجەم ئۇخلىغىلى قويمايسەن .غازى ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرمەيلا ئەكپەرگە قاراپ غاراڭ – غۇرۇڭ ئاۋازدا ۋارقىردى . ئەكپەر ئېغىرلاشقان بېشىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆتۈرەلمىدى ، تاتلىق ئۇيقۇ ئۇنى ئەللەيلىمەكتە ئىدى . ئۇ ئىسسىق يوتقان ئىچىگە تېخمۇ تۈگىلىپ كىرۋالدى . - تۇر دەيمەن . تايىنچىلارنى يىغىپ كەل ، غازى ئۆرىلىپلا ئەكپەرنىڭ يوتقىنىنى قايرىپ ئۇنىڭ ئەتسىز يانپىشىغا يوغان مۇشتى بىلەن بىرنى سالدى . ئاچچىق ئاغرىق ئەكپەرنىڭ مېڭىسىگە چىقىپ كەتتى . ئۇ ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ باش تەرپىدىكى كونا پوپايكىسى بىلەن ئاياق تەرپىگە سېلىپ قويغان شىمىنى يۆگەپلا قولتىقىغا قىسىپ ئىشىكتىن چىقتى . يايلاقنىڭ ئەتىگەنلىك ھاۋاسى خېلىلا سوغوق ئىدى . ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى قارغاي كۆتىكىدە ئولتۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيدى . ئاندىن پايپاقسىز پۇتىغا نەم چوقىيىنى كىيىپلا ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرپىگە يۆلەپ قويغان تايقىنى قولىغا ئالدى . تاڭ يېڭىلا سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىدى . ئۇ تاغنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسىدىن چوڭقۇر نەپەس ئالدى . ئۇنىڭ ھەربىر كۈنى مانا مۇشۇنداق سەھەردىن ، تەننى قورۇيدىغان سالقىن شامالغا ئەگىشىپ باشلىناتتى . تىزدىن كېلىدىغان چۆپتىكى شەبنەم بىردەمدىلا ئۇنىڭ پۇشقاقلىرىنى چىلىق – چىلىق ھۆل قىلۋەتتى . ئۇ ھېچنىمىنى سەزمەيتى ، سەزمەيتى ئەمەس بۇنىڭغا كۆنۈك ئىدى . كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە پارلاپ تۇرغان قۇياش ئۆز ھارارىتنى ئۇنىڭ كىچچىككىنە تېنىگە ئايىماي چاچاتتى . قۇياش نىمىدىگەن سېخى ھە دەپ ئويلايتى بەزىدە ئۇ تايىنچىلارنى سايغا ھەيدەپ بولغاندىن كىيىن يۇمشاق چۆپ ئۈستۈدە سۇنايلىنىپ يېتىپ ئارام ئالغىنىدا . قۇياش خۇددى كۈيۈمچان ئانىنىڭ ئىللىق قۇچىقىدەك ئۇنىڭغا راھەت بېغىشلايتى ، ئۇنى سۆيەتتى ، ئەركىلتەتتى . ئاتا دىگەن تاغ ئىكەن ، ئانا دىگەن باغ ئىكەن . ئاتاسى يوق ، ئاناسى يوق ، بۇ ئالەمدە خار ئىكەن . نېمىشكىدۇر بۇ ھەر قېتىم ئۆزى بىلىدىغان بۇ بىر كۇپلىت ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپلا ئانىسىنى ئەسكە ئېلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتەتتى . ئانا سىز نىمىدىگەن تاش يۈرەك بىزنى تاشلاپ كېتىشكە قانداقمۇ چىدىغانسىز ؟ ھازىر نەلەردە يۈرىدىغانسىز «ئانا » دەپ ئاۋازىنى قويىۋىتىپ زۈمىرەتتەك ئاسمانغا قاراپ توۋلايتى . تاغلاردىن ئانا سىز قەيەردە دىگەن ياڭىراق ئەكىس سادا قايتاتتى .....
داۋامى بار ... |