تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 842|ئىنكاس: 38

«قەشقەر مەدەنىيتى» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2448

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
قەشقەر ئوغلى
تۆھپە
1196
مۇنبەر پۇلى
1034
ئىشەنىچ
1196
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:19:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قەشقەر مەدەنىيتى» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنماقچى

    قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاخبارات-نەشىريات ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژورنال «قەشقەر مەدەنىيتى» نەشىر قىلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلماقچى. نۆۋەتتە ژورنالنىڭ 1- سانى ئۈچۈن رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى جىددى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ.
   بۇ ژۇرنالدا ئاساسلىقى «قەشقەرشۇناسلىق»، «قەشقەر گۈلزارى»، «پىروزا باغچىسى»، «نەسىرلەر گۈلىستانى»، «ئەدەبىي مۇلاھىزە»، «تەقرىز»، «ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز»، «ئەدپ-سەنئەتكارلىرىمىز»، «نەزىرىمدىكى قەشقەر»، «چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر»، «مەدەنىيەت-سەنئەت»، «قەشقەر تەسىراتلىرى»، «قەشقەر كوچىلىرى»، «تەرجىمە سالۇنى» قاتارلىق كۆپ خىل سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سەنئەت، ساياھەتچىلىك، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك، ئۆرىپ-ئادەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋاللىرى كۆپ خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىدۇ. ژورنالنىڭ 1- سانى بۇ يىلقى نەۋرۇز بايرىمىدا تارقىتىلىدۇ، ژورنال پەسىللىك ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژورنىلى بولۇپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىز دائىرسىگە ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. كەڭ ئاپتورلارنىڭ بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قارشى ئالىمىز. ژورنىلىمىزغا ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلارغا قەلەم ھەققى بىرىلگەندىن سىرت، ژورنال پوچتا ئارقىلىق ئېۋەرتىپ بىرىلىدۇ.
   ژورنالنىڭ ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرىسى:
tumankol@126.com
  قەشقەر توغرىسىدا ئەسەر يازغان ۋە يېزىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ئېۋەرتىشىنى قارشى ئالىمىز. ژورنىلىمىزنى قىزىقىپ ئوقۇشنى خالايدىغان ئاپتورلارنىڭ تەپسىلىي ئاردىسىنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

78

تېما

28

ئەگەشكۈچى

7861

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2921
مۇنبەر پۇلى
3473
ئىشەنىچ
2921
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 23:53:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرتۇم    ئەزىزانە قەشقەردە   « قەشقەر ئەدەبىياتى » غا يانداش يا نا بىر ئەدەبى  ژورنالنىڭ نەشىر قىلىنىشى تولىمۇ خاسىيەتلىك ،خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ.مۇبارەك بولسۇن.

46

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2087

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
635
مۇنبەر پۇلى
1185
ئىشەنىچ
635
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 10:29:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر يۇرتىمىزنىڭ قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيە،شەھەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ژۇرنال چىقرىپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيتىنى بىيىتىشىغا كۈچ چىىقارغان رەھبەرلەرگە تەشەككۇر...........

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

59

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
12
مۇنبەر پۇلى
41
ئىشەنىچ
12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 10:47:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قەشقەر مەدەنىيتى»نىڭ ئىسىمى-جىسمىغا لايىق  سۈپەتلىك چىقىرىلىپ، ياخشى  باشقۇرۇلۇپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىن ھەقىقىي ئورۇن ئالالايدىغان  كۇزۇر ژۇرنال بولالىىشىغا تىلەكداشمەن.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 10:47:44
      بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ھەر قانداق كشى سۈيۈنسە بولغۇدەك....ھەممەيلەننىڭ «قەشقەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ، ئەڭ ياخشى، ئەڭ سۈپەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلىشىگە تىلەكداشمەن.
      بۇ ژۇرنالنى چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا كۈچ چىقارغان كىشىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۇرىمەن.

18

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1214

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
244
مۇنبەر پۇلى
704
ئىشەنىچ
244
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 11:53:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر مەدىنيتى ،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر بوشىكىننىڭ مەدىنيتى ،ئۇيغۇر خەلىقننىڭ مەدىنيتى ،ئۇنىڭ ياخشى چىقىشى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىمىز،ۋە قوللايمىز

6

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2448

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
قەشقەر ئوغلى
تۆھپە
1196
مۇنبەر پۇلى
1034
ئىشەنىچ
1196
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:27:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى ئەبەيدۇللا يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 23:53
ئانا يۇرتۇم    ئەزىزانە قەشقەردە   « قەشقەر ئەدەبىياتى » ...

    شۇنداق، ياخشى باھا بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

6

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2448

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
قەشقەر ئوغلى
تۆھپە
1196
مۇنبەر پۇلى
1034
ئىشەنىچ
1196
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:28:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarbax يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 10:29
تەشەككۇر يۇرتىمىزنىڭ قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيە،شەھە ...

  ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈرۈش قىلايلى

6

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2448

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
قەشقەر ئوغلى
تۆھپە
1196
مۇنبەر پۇلى
1034
ئىشەنىچ
1196
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:28:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkzat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 10:47
«قەشقەر مەدەنىيتى»نىڭ ئىسىمى-جىسمىغا لايىق  سۈپەتلىك  ...

  چوقۇم شۇنداق بولۇشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز

6

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2448

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
قەشقەر ئوغلى
تۆھپە
1196
مۇنبەر پۇلى
1034
ئىشەنىچ
1196
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 12:29:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ_60F419 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 10:47
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ھەر قانداق كشى سۈيۈنسە بولغ ...

رەھمەت، بىز چوقۇم ئاۋامغا يېقىشلىق چىقىرىشقا تىرشىمىز.

باھا سۆز

ZUHAL سىلى مەسئۇلما بۇنىڭغا تەپسىلىي ئادرىسىنى يوللىۋېتىڭلارۇبائىي بارتى  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 18:43
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 10:35, Processed in 0.112497 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش