تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2292|ئىنكاس: 5

ئۆزىنىڭ مۇقىم تېلېفون نومۇرىنى خاتا بىلىۋالغاننىڭ ئاقىۋىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

2

ئەگەشكۈچى

291

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
81
مۇنبەر پۇلى
171
ئىشەنىچ
81
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 17:29:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ مۇقىم تېلېفۇن نومۇرىنى خاتا بىلىۋالغاننىڭ ئاقىۋىتى

2001-2003-يىللاردا بىزنىڭ ئۆيگە دائىم «مەلۇم بىر ئايال»نى ئىزدەپ، ياكى شۇ «مەلۇم بىر ئايال» ئۆزىنىڭ ئاپىسىنى ۋە ياكى بالىلىرىنى ئىزدەپ خاتا تېلېفۇن كىلەتتى، ھەتتا بۇ تېلېفۇن ھەر ئاخشىمى ياكى كېچىسى ھەپتىدە بىرنەچچە قېتىم، ھەر كۈنى كۈندۈزى بىرنەچچە قېتىم كىلەتتى. بۇ تېلېفۇن ئۇدا ئۈچ يىل كىلىپ بىزنى بەكمۇ بىئارام قىلدى، بولۇپمۇ كىچىك ئىككى بالامنى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلاتتى. نومۇرنى ئالماشتۇرىۋېتەيلىمۇ دىدۇق، بىراق ئۇ نومۇر چوڭ بالام تۇغۇلغان يىلى ئورناتقان ھەم چوڭ بالامنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنىگە دەلمۇ-دەل توغۇرلانغان رەقەم بولۇپ، بالامنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنىنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق رەقەم يوق ئىدى. شۇڭلاشقا بىز ھېلىقى خاتا كەلگەن تېلېفۇندىن بىزار بولساقمۇ، ئۆينىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئۆرگەرتمىگەن ئىدۇق.
    بىر كۈنى يولدۇشۇم تېلېفون ھەققىنى تۆلىگىلى بېرىپ «باشقىلار تۆلىۋېتىپتۇ» دەپ قايتىپ كەلدى، بىز ئاتا-ئانىمىز، سىڭىللىرىمىز. ئىنىلىرىم ۋە بارلىق يېقىن ئادەملىرىمىزدىن سورىساق ئۇلارمۇ بىزنىڭ تېلېفوننىڭ سۆزلىشىش ھەققىنى تۆلىۋەتمەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيگە ھېلىقى دائىم كېلىدىغان خاتا تېلېفۇنمۇ كەلمەيدىغان بولدى.
بىز شۇ ۋاقىتتا ھېس قىلدۇقكى، بىزنىڭ ئۆينىڭ تېلېفون ھەققىنى تۆلىۋەتكەن كىشى، ئەمەلىيەتتە دەل خاتا تېلېفون ئۇرۇدىغان، ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خاتا بىلىۋالغان ھېلىقى «مەلۇم بىر ئايال» بولسا كېرەك. چۈنكى، بىر كۈنى ئۇ «مەلۇم بىر ئايال» دىن بىزنىڭ ئۆيگە تېلېفون كەلدى، مەن تېلېفۇننى ئېلىپ «خاتا ئۇرۇپسىز» دىسەم، ئۇ ئايال ماڭا «خاتا ئۇرمۇدۇم، بۇ مىنىڭ ئۆيۈم، سىز كىم؟، ئۆيۈمدە نىمىش قىلىسىز؟، ئاپامنى چاقىرىپ قۇيۇڭ» دېدى، بەزىدە ئۇ ئايال يەنە «بالام پالانچىنى چاقىرىۋېتىڭ» دېگەن ۋاقتىمۇ بار، خاتا ئۇرۇپسىز دىسەم قەتئى ئىشەنمەيتى. ئاخشىمى ۋە كېچىسى خاتا كەلگەن تېلېفون دەل ھېلىقى «مەلۇم بىر ئايال»نى ئىزدەيتى، چۈنكى ئۇ ئايال سورۇنلاردا دۇتتار چالىدىكەن. بىز ئۈچۈن 40 نەچچە يۈەن ھەقنى خاتا تۆلىۋەتكەن ئايال دەل شۇ دۇتتارچى ئايال بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى ئەشۇ كۈندىن كېيىن بىزمۇ خاتا كېلىدىغان تېلېفۇندىن قۇتۇلدۇق، ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خاتا بىلىۋالغان ھېلىقى ئايالمۇ بىزنىڭ ئۆيگە تېلېفون قىلمايدىغان بولدى، ھەم ئۇ ئايالنى ئىزدەيدىغانلارمۇ يوقىدى. دىمەك بۇ ئەھۋال ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خاتا بىلىۋالغاننىڭ ئاقىۋىتى ئەمەسمۇ؟.

6

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1106

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
602
مۇنبەر پۇلى
524
ئىشەنىچ
602
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 14:09:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WAY ALLA KANDAK IX BOP KATTI AMDI
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 01:51:37
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 01:52:01
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 01:52:26

1

تېما

3

ئەگەشكۈچى

768

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
443
مۇنبەر پۇلى
336
ئىشەنىچ
443
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-15 16:13:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخەس بولۇڭلار جۇما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 11:36, Processed in 0.101899 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش