كۆڭۈل شەرھى 
  ئىشىق غەۋغاسىدىن بىسيار چېكىپ ئەفغان يۈرەر كۆڭلۈم، ھىلال ئۆچكەن شەبىستانغا مۆكۈپ پىنھان يۈرەر كۆڭلۈم.
  نگار سالغان پىراقلاردا كۈيۈپ تاڭلارغا يۈز ياقسام، سابانىڭ ئۆركىشى ئىچرە ئوقۇپ داستان يۈرەر كۆڭلۈم.
  ئازاب دەرياسىدا ئاقسام ۋىسال قىرغاقىنى ئىزدەپ، ئۇپۇق سۆيگەن باياۋاندا بولۇپ سەرسان يۈرەر كۆڭلۈم.
  قىيانلار تەكتىگە چۆكسەم مېنى قىينايدۇ مىڭ تەشۋىش،
  سۈكۈتلەرنىڭ بايانىدا كېچىپ ئوكيان يۈرەر كۆڭلۈم.
  ھىجىرنىڭ قەھرىدە تەننىڭ شېخىدا كۆكلىسە فۇرقەت، ئەقىدەمنىڭ گۈلى ئۆزرە ئۇرۇپ خەندان يۈرەر كۆڭلۈم.
  قېنى ئۆڭمەس ناۋا بىرلە قۇياشنىڭ كۆكسىدىن بالقىپ، زېمىستان باغرىغا ھەردەم چېچىپ گۇلخان يۈرۈر كۆڭلۈم.
  قارا تۈنلەردە باشىمغا لەپىلدەپ ياغسىمۇ ھىجران، مۇھەببەتنىڭ دالاسىدا چېچىپ ھەريان يۈرەر كۆڭلۈم. 
    
  يېلىنجاش 
 
 
  ياشاپ كەلدىم جانان ئىشقى پىراقىڭدا يېنىپ چوغدەك،  تالاي تاڭلارغا يۈز ياقتىم ۋىسالغا ئىنتىلىپ چوغدەك.
  زېمىستان كۆكسىدە سەنسىز ۋوجۇدۇم توڭلىغان دەملەر، ئۈمىدتىن پەرلىدىم جاننى ھارارەتلىك تىنىپ چوغدەك.
  جۇدالىق ئوتلىرى دەۋرەپ دىلىمنى ئۆرتىسە ھەسرەت، ئىچىمدە سويلىدى تەشۋىش، سۈكۈتلەرگە پېتىپ چوغدەك.
  ساداقەت باغلىرى ئىچرە پۆرەك ئاچسام ئەقىدەمدە، گۈلۈمنى ئەيلىدىڭ پايخان، يۈرەككە دەرت قېتىپ چوغدەك.
  مۇھەببەتنىڭ خازان پەسلى جېنىمغا سالسىمۇ خەنجەر، كۆيۈشنى ئىستىدىم ھەر چاغ ئازابلارغا قېنىپ چوغدەك. 
                 مىلادى 2014-يىلى 29-يانۋار، شەھىرى گۇما   |