ياش تۆكمىگىن
تۆكۈلگەندە كۆزلىرىڭدىن ياش، ئازاپلاندىم بېرىلمەي بەرداش . بىلسەڭ كۈلكەڭ قۇياشقا تەڭداش، ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي.
كۈلكەڭ ئۈچۈن يۈردۈم كويۇڭدا، كۈنلەر ئۆتەر سېنىڭ ئويۇڭدا . كۆيسەم مەيلى ئانا ئوتۇڭدا، ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي .
ھالىڭ قانداق بەرمەستىن دېرەك، ياش تۆكىسەن تۇنجۇقتى يۈرەك . ئىشەن ماڭا مەن بار يار -يۆلەك ، ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي. كۆزلۈگۈنۈم ئەمەسقۇ باشقا، ياش چۈشمىسۇن تۇپراققا تاشقا. كۈرمىڭ ئەلەم كەلسىمۇ باشقا ، ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي .
شىئىر ئۈچۈن ئاچتىم بىر بەتنى ، ئىيىتقىن ماڭا سەۋەپنى دەرتنى . ئازاپلىرىڭ يۈرەككە يەتتى ، ياش تۆكمىگىن ئانا ئۆتۈنەي .
يازغۇچى:ھاجىئەكبەر ئەزىز |