رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
كېلىۋاتىدۇ ئاتالمىش ئاشىق-مەشۇق بايرىمى، سۆيدۈم دەيدۇ شۇ كۈنى چىكىپ قىزنىڭ تارىنى. ئايرىمخانا قاۋاقلار ئالدىن زاكاس ياتاقلار، نادان قىزلار بايرام دەپ ئاتىۋىتەر بارىنى.
ئاتا-ئانا تۈن يېرىم بوپ كەتسىمۇ ئۇخلىماس، قىزى ئۈچۈن ئامانلىق تىلەشلىرى توختىماس. لىكىن قىزچاق ئىشرەتتە بايرام ئويناپ ئاۋارە، بۇلار ئىپپەت قۇربانلىق ئاقىۋەتنى ئويلىماس.
بەخىت دىگەن كۈلمەمدۇ ۋاقتى كەلسە گۈل كەبى، ئىشتان سالسا ئالدىراپ ھىچكىم دىمەس بىر سەبى. بوپتۇ نۇمۇس قىلمىسا ئەل-جامائەت ئالدىدا، ئېغىر گۇناھ ئەمەسمۇ زىنا دىگەن ئەڭ قەبى.
بىزنىڭ ئەمەس ئاتالمىش ئاشىق-مەشۇق بايرىمى، ئاغزىمىزغا ئالمايلى چىقمىسۇن ھەم داۋرىڭى. بايرام قىلماڭ شۇ كۈنى ئىلتىجاسى قاراسۇ، قەلەم ئاجىز بولسىمۇ شېئر يازدىم بىر يېڭى. ئېسىل خەلىق ئېسىل ياشايلى ناسارالاردىن بوپ قالمايلى بۇ بىزنىڭ بايرام ئەمەس.
|