تۈن لىرىكىسى
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
شام بولۇپ تۇردۇمغۇ تۈننىڭ ئالدىدا،
پەرلىگەيمۇ ئاي نۇرى دەردىم بىلىپ. شىۋىرغانلار دېرىزەمنى چاقماقتا، قار گۈلى،توسىغىن تېزراق كېلىپ.
ئېھ، ھايات! سېنى قىش تۇغقانمىدى، قولۇڭنى ئۇزاتقىنە ئىسسىققىنە. مەن-ھايات! باھارىم ئۇققانمىدى- مۇھەببەت كۆيمەكتە ئۈنسىزغىنە.
تۈنلەر گۈزەل،تۈندەك قارا كۆز بىلەن، بوستان چاچلار تۈن رەڭگىدە چىرايلىق. تۈندە شەبنەم،تۈندە ئارام،تۈن نىئمەت، تۈن مۇھەببەت،تۈندە ئەسلى مەنا جىق!
خىيال ھەمرا، سوغۇق تام يۆلەنگىنىم، يار تاللىدىم شۇڭا كۆكتىن قەمەرنى. ھەسرىتىنى كىم چۈشىنەر شەبنەمنىڭ، تاغنى قايرىپ تېپىپ كەلسەم سەھەرنى. |